- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 39
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 390
- تىزىملاتقان
- 2010-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-11-29
- UID
- 5980
- يازما
- 39
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 390
- تىزىملاتقان
- 2010-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-11-29
- توردا
- 0 سائەت
|
ئۆگەي ئانام !
.......................
قېنى مىنىڭ ئۆز ئانام ؟!
................................
قاناتلىرىم بوغۇلغان قۇشتەك ،ئۇچالمايمەن زادى يىراققا ،
دىلىرىمدا مۇقەددەس ئارمان ...
يەتمەك ئۈچۈن شۇنچە تىپچەكلەپ ،
قاناتلىرىم سۇنۇپ ،قايرىلدى ،
ئۆگەيلىكنىڭ دەردى يەتكەندە ،
زامان ،
ماكان،
مېنى ياتلىدى خۇددى ئۆگەي ئانام ئاش-نان بەرمىگىنىدەك .
ئۆگەي دەردى جاندىن ئۆتىدۇ ،
بەزى جاندىن تويۇپ كىتىدۇ ئىنسان .
ئىچ ئاغرىتىدۇ يات كىشىلەر ،مېنى __ئۆز ھىمايىسىگە ئالماق بولۇپ ،
ئامما نە ئىلاچ بۇ مىنىڭ ئۆيۈم ،
تاشلاپ كىتىشكە قىيمايدۇ كۆزۇم .
بالىلىقىم ،سەبىلىكىم ئىزناسى قالغان .
ئاجىز دادامنىڭ كۆزلىرى مەندە ،
ئۆگەي ئانىغا ئېيتالمايدۇ سۆز ،ئۇنى قوغلىسا ئورنىغا باشقا بىرى كىلىدىغاندەك .
ھەممە ئوخشاش ئۆگەيكەن بىزگە ،
شۇڭا شۇكرىگە مايىلكەن يۈرەك ... |
|