مىھرى ئوتلۇق ئۆگەي ئانام
(چاچما شئىر )
ئانام ،ئانام
مېنىڭ تاتلىق ئانام !
مېھرى ئوتلۇق ئۆگەي ئانام .
پەپىلەيدۇ ئۆز باللىرىدەك
ھەتتا
بىر تال كەمپۇت تاپسىمۇ
ساقلاپ بېرەر،
تىلى يۇمشاق، شىرىن شىكەر
ئۆگەي ئانام .
چۇنكى
ئۇ سۆيۈنۈپ مەندىن:
<< تاتلىق بالام،
ئوماق بالام
ۋاي ئۆگەي بالام >> دەپ كېتەر .
بەزەن تىخى چاخچاقلىرىدىن،
يۈرىكىنى ئېلىپ قولىغا
جىسمىنى
روھىنى
پەقەت مەنچۇنلا تەقدىم ئېتەر .
ئەپسۇس،
<< ئۆگەي ئانام،
ئۆگەي بالام >>
چۇشمەس ئىنسان تىلىدىن .
ئۆمۈر بويى.
نە سەۋەپ كۆتۈرۈلمەيدۇ ،
<< ئۆگەي >> سۆزى
ئۇنىڭ دىلىدىن ! |