- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 353
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11414
- تىزىملاتقان
- 2010-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- UID
- 2749
- يازما
- 353
- تېما
- 19
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11414
- تىزىملاتقان
- 2010-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- توردا
- 10 سائەت
|
( <ئۆگەي> <ئانام>غا بېغىشلاپ)
تەۋرەتمەستىن بۆشۈكلىرىمنى،
تاپالمايسەن يۆگەكلىرىمنى.
<خەق> ئالدىدا <جېنىم بالام!> دەپ
سۇغۇرماقچى بولسەن تېخى،
ئاشۇ <ئاجىز> يۈرەكلىرىمنى...
<ئانام!> دەيمەن شۇندىمۇ سېنى،
ئىلاجىم يوق <ئالدىڭ>دا پەقەت.
لەغمەن يىسەڭ، ئۇماچنى ئىچىپ...
گاھىدا بۇ جاندىنمۇ كېچىپ
<پەرزەنىت>لىكتىن قالمىدى تەلەت.
سېغىنىمەن ئۆگەيلىكىڭدە،
<ئۆز ئانام>نىڭ <ئىللىق باغرى>نى.
قالسا ئانام قايتا <تىرىلىپ>...
يىسەم مەيلى كۈندە زاغرىنى.
سەن توۋلىساڭ ئەبجەش مۇقامغا،
مەنمۇ چېلىپ تۆشۈك ناغرىنى..
گاھى تىلەپ قالىمەن ، توۋا
ئورۇن تۇتۇپ قالسىدى ۋاي، دەپ.
<رىيا >بىلەن ئۆتەمدۇق ئانا؟
خەق ئالدىدا <بالام ئاي!> دىسەڭ،
مەنمۇ سېنى <ناۋات چاي>غۇ ...دەپ.
<ئۆلۈپ كەتكىن > ئەي ئۆگەي ئانا!
ئەركىنلىككە موھتاجدۇر پارەڭ..
ئۆرۈكجان. |
|