- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 71
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 71
- تىزىملاتقان
- 2013-8-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- UID
- 54849
- يازما
- 71
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 71
- تىزىملاتقان
- 2013-8-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- توردا
- 34 سائەت
|
arkzada يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 13:49 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەزكۇر تېما ت ...
ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل بوپتۇ، مەنمۇ ساقچى ئەمەس، ھەم ساقچى تۇغقىنىممۇ يوق، لېكىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ساقچىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىمىز. بىر قېتىم يېزىنەمنى ئۈچ كىزى بىرلىشىپ ئۇرۇۋالغاندا يېزىنەمنىڭ ئىنىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ تەڭ ئۇرۇشۇپتىكەن، تاياقنىمۇ يېزىنەملەر كۆپرەك يەپتىكەن، لېكىن ھېلىقى كۆكەمىلەر ئاۋال بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ‹بىزنى ئۇرۇپ كەتتى›دەپ بارغاچقا ساقچىلار يېزىنەم بىلەن ئىنىىسىنى ئەكىرىپ كېتىپ ھېلىقىلارنىمۇ ئەكىرىپ كېتىپ نەچچىنى ئۇرۇپ ‹ئەمدى جېدىلىڭنى قىلىشە،ماۋۇلارغا تۆلەم بېرىسەن500يۇەن، شۇنىڭغا رازى بولۇشساڭ بولۇش، بولمىسا ھەر ئىككى تەرەپنى 15كۈن سولايمىز›دەپ يېزىنەملەر 500يۇەن تۆلەپ يېنىپ چىققان، لېكىن ساقچىلارنىڭ قىلغىنى بەك ھار كەلگەن شۇ چاغدا، بىزنىڭ ئىدارە بىلەن خىزمەت ئالاقىسى قىلىدىغان تونۇش ساقچىنى ئىزدىسەممۇ مەن مەسئۇل ئەمەس دەپ يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىغان. خاتالىقى بولسا جازالىسمۇ لېكىن ئۇۋال قىلماسلىقى كېرەكتە.
كېيىن ئويلىسام بۇ ھەممىسى پەقەت ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسىي سەۋىيىسىگە باغلىق ئىش ئىكەن، ھۆرمەت سىپايىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىمۇ، ئاشۇنداق ئەكىرىپلا قاس-قۇس ئۇرۇۋېتىپ ئاندىن گەپ سوراپ ئىش بېجىرىدىغىنىمۇ بار ئىكەن، ئاشۇنداق سەۋىيىسى تۆۋەن، ئاتا-ئانىسى تەربىيلەشنى ئۇنتۇپ قالغان بىر نېمىلەر جاپالىق ئىشلەپ قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىۋاتقان باشقا ساقچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدىكەن.شۇڭا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى دوستلار.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-3 17:26):
ئىككىنچى قۇردا‹ئۈچ كىشى›دېگەننى ئۈچ كىزى دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن،كەچۈرۈڭلا |
|