- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 82
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 736
- تىزىملاتقان
- 2009-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-1
- UID
- 1782
- يازما
- 82
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 736
- تىزىملاتقان
- 2009-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-1
- توردا
- 13 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەزكۇر تېما توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆزلەشتىن بۇرۇن ، ئۆزۈمنىڭ سالاھىيتىنى ئاشكارىلايمەن. مەن گۇما ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىدا خىزمەت قىلىمەن. دۆلەتنىڭ رەسمىي شىتاتلىق كادىرى. مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ساقچى ئۇنداق ئەسكى مۇنداق ئەسكى دەپ باھا بېرىشىگە تۈپتىن قارشى قوپمايمەن. چۈنكى، مەيلى ساقچى بولۇڭ ياكى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىڭ، خىزمەت جەريانىدا ھەممە ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئادىل، قانۇن بويچە قىلىمەن دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. مەلۇم جەھەتلەردە ئادالەتسىزلىك، ناھەقچىلىق بولۇپ تۇرىدۇ. ھەم يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ تىنىچلىقىنى يەنمۇ قوغداش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئوخشىمىغان شىتاتتىىكى ساقچىلارنى قوبۇل قىلدى. ھەممەيلەننىڭ ئوقۇش تارىخى، سەۋىيسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئارىدا قالغان بىر قىسىم بولۇمسىز ساقچىلىرىمىز، بۇ خىزمەتنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي كۆپ جەھەتلەردە خەلىقنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ كەتتى. ھەم كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ساقچى دېگەن نامغا ئېغىر داغ تەكگۈزگىنى راست. مەن پېداگوگىكا ئېنىستىتوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى ساقچىلىققا ئىمتىھان بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ھەقىقەتەن مەنمۇ بۇ خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ساقچىلارغا بىر خىل يامان نەزەردە قارايتتىم. مەن بۇ ئىككى يىللىق خىزمەت تارىخىمدا ئەڭ يۇقىرىسى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىدىن باشلاپ تۆۋىنى ئەڭ نامرات يېزىلاردىكى كەنىتلەردە خىزمەت قىلىپ باقتىم. نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم نۇرغۇنلىرىنى ئۆزۈم ھەل قىلدىم. شۇ جەرياندا ھېس قىلدىمكى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكلىرى ئىكەن. مەسىلەن، ئۆزۈمنى ئالسام، يېزىلىق ساقچىخانىلاردا تۇرغان ۋاقتىمدا قولۇمدىن كېلىشچە باشقىلارغا ياردەم قىلدىم، ئۆزۈمدىن چوڭلارنى ئاكا ئاچامنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمدىن كىچىكلەرنى ئىنى- سېڭىللىرىمنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلدىم. باشقىلارنىڭ ئىككى كويلۇق چۈجىسىگە چاغلىق نەرسىسى يوقاپ كەتسە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ھېرىپ- چارچىغانغا قارىماي ئىزدىدۇق. يېرىم كېچىلەردە دېلۇ مەلۇم قىلسا ھەتتا ئائىلە ماجراسى بولغان تەقدىردىمۇ بىز ئارىغا چۈشۈپ زىددىيەتنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ ھەل قىلدۇق. ھەددىدىن ئاشقان قىمارخانا، دىسكوخانا، پاھىشىخانىلارنى چەكلىدۇق. قاتناش ۋەقەلىرىنى قاتناش نىزامى بويچە ھەل قىلدۇق. ...
ئەمدىكى مەسىلە باشقىلار، ساقچىغا نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟
1. رايۇنىمىزدا ئىزچىل ھالدا سىياسەت قانۇننىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالغان، يەرلىك ئەمەلدارلاردا بۇيرۇقۋازلىق خاھىشى بەك ئېغىر.
2. ساقچىلارنى سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئارىلاشتۇرالدى.( چۈنكى ساقچىدىن ھەممەيلەن قورقىدۇ).
3. دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا، يېزىلىق ھۆكۈمەت، سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى،.. باشقا ئۇرۇنلارنىڭ ھېچبىر ئالاقىسى يوقتەك ھەممىگە ساقچىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويدى.
4. ئائىلە تەكشۈرۈش ئاساسەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ساقچىنىڭ پەقەت شۇ جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ماسلىشىش مەجبۇرىيتى بار. ئەمما، ئەمەلىيەتتىچۇ، سىياسىي قانۇن شۇجىسىنىڭ گېپى بەك ئۆتكەچكە، ماۋۇ تامدىن ئارتىلىپ چۈش ياكى ئىشىكنىڭ كاللىسىدىن سەكرە دەيدىغانغا يەنىلا ساقچىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويغاچقا ھەممەيلەن ساقچىنىلا بىلىدۇ.
5. ئەمەلىيەتتە خەلقىنىڭ غەزەپ- نەپىرىتىنى قوزغايدىغان ئىشلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ساقچى ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا خەلق ساقچى ئەسكى يېزىلق ھۆكۈمەتتىكىلەر ياخشى دەپ تونۇيدۇ. چۈنكى يېزىلىق ھۆمەتتىن پۇل بېرىدۇ شۇڭا يېزىلىق ھۆكۈمەت ياخشى. ساقچى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقاتمايدۇ، بەلكى ياخشى ئادەملەرنىڭ يامان ئىش قىلغان ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى جازالىغانلىقى ئۈچۈن بەرىبرى ساقچى ئەسكى دەپ تونۇيدۇ.
6..............................................
بۈگۈن بۇ تېما توغىرىسدا گېپىم بەك ئۇزۇراپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ئالدى بىلەن ساقچى بىر ئادەم ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر ساقچى. كۆپ قىسىم ساقچىلىرىمىز ناھايتى غۇرۇرلۇق، بارلىق ئۇيغۇرلانى ئۆز قېرىنىدىشىم دەپ تونۇيدۇ. كۆپ قىسىم ساقچىلىرىمىزغا ياخشى نەزەردە بىر سەپسىلىپ باقساڭلا،،،
بەزى قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئۇلارمۇ مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. |
|