«ساقچىلار،سىلەر بولمىساڭلار بولمايدۇ!»
(بىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس قىزنىڭ ساقچىلارغا يازغان سالام خېتى)
بۇ يىلقى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيىتى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا شايار ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسىغا «شايار ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىسى ت x كە تېگىدۇ»دېگەن بىر پارچە خەت كەلدى.ساقچىلار خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ ئىنتايى خۇشال بولدى ۋە چۇڭقۇر تەسىرلەندى.خەت مۇشۇ ئەتىرەتتىكى ت x قاتارلىق ساقچىلار 2010-يىلى پاش قىلغان زەھەر يۆتكەش-سېتىش دىلوسىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر قىز جىنايەتچىنىڭ جازا ئۆتەۋاتقان تۈرمىدە تۇرۇپ يېزىپ يوللىغان دوستلۇق سالام خېتى بولۇپ،سالام خەتنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق ئىدى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت x ساقچى ئاكا.تېنىڭىز سالامەت،تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم ،خىزمىتىڭىز نەتىجىلىك،ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارامدۇ؟خوتۇن-بالىلىرىڭىز ياخشى تۇرىۋاتامدۇ؟ئى x چوڭ ئەتىرەت باشلىقى ۋە ل x...قاتارلىق كەسپداشلىرىڭىزچۇ؟مەندىن سىز ئارقىلىق ھەممەيلەنگە سالام.ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك: ھۆرمەتلىك ت x ساقچى ئاكا ،بۆگۈن سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا،يەنى مەھبۇسلۇق ھاياتىمنى باشلىغىنىمغا توپ-توغرا ئۈچ يىل تۆت ئاي بولۇپتۇ.شۇ تاپتا چۇڭقۇر سېغىنىش،قاتتىق پۇشايمان،ئۆكۈنۈش ئىچىدە سىزگە خەت يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.سىزگە تۈرمىگە بېرىپلا خەت يېزىشنى ئويلىغان ئىدىم.بىراق يازالمىدىم.قىسقىسى ئاتا-ئانامدىن ئېشىنالمىدىم.بورۇن بىرىنچى دەرىجىلىك قاتتىق باشقۇرۇشتا بولۇپ،ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە،بىر قېتىم خەت يېزىشقا يول قويۇلاتتى.ھازىر ئىككىنچى دەرىجىلىك باشقۇرۇشقا ئۆزگەردىم.ئايدا بىر قېتىم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلەيمەن ۋە بىر قېتىم خەت يازالايمەن.تۈرمىگە كەلگەن بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئىككى قېتىم«ئاكتىپ ئۆزگەرگۈچى»بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەندىم.مۇشۇ نەتىجىلىرىم بىلەن ئەگەر يىلغا چۈشكەن بولسام،بىر يىل كەچۈرۈم ئالغان بولاتتىم.بۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ.بۇ، ياخشى تەربىيە ئېلىپ ئۆزگۈرۈشۈمگە باغلىق.بۇ يىل 30-سېنتەبىر ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ،مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا چۈشىدىكەنمەن.ئىشىنىمەنكى،تېنىم ساغلاملا بولسا تۈرمە ساقچىللىرىنىڭ غەمخورلىقى،ياردىمىدە تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئۆزگۈرۈپ،يەنە بىر-ئىككى يىلدا مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىمەن.گەرچە تېنىمدە ئەيدىز ۋىروسى بولسىمۇ،ئىرادەمنى چىڭىتىپ،ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارايمەن. ت x ئاكا سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ناھىيىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر ياخشى ئادەم.مەن ئۆزەمنى سىزگە ئادەمگەرچىلىكتە قەرىز دەپ ئويلايمەن.بۇنداق دېسەم«ماۋۇ قىزنىڭ ياغلىما گەپلىرىنى كۆرۈڭ،ئىچىڭدە‹ مېنى تۇتۇپ سولاپ،جىنايەتچى قىلىپ قويغان سەن› دەپ تىللاۋاتىسەن»دەپ ئويلاپ قالماڭ.باشقىلارنى شۇنداق ئويلىسىڭىزمۇ،مېنى ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.چۈنكى؛ئىككىمىزنىڭ ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق.سىز قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى ساقچى.پەقەت مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلدىڭىز.مېنى سىز تۇتمىسىڭىز،ھامان بىر كۈنى باشقا ساقچىلار تۇتاتتى. ت x ئاكا مەن قاماقخانىدا بىر يىل 10ئاي يېتىپتىمەن.مۇشۇ جەرياندا ئىدىيەمدە خىلمۇ-خىل ئۆزەۈرۈش بولدى.دەسلەپ تۇتۇلغاندا ھاياتتىن ۋاز كەچتىم.ئۆلۈمنىلا ئويلىدىم.ئايرىدۇرۇم ساقچىخانىسىدا سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن خىروئىننى تاپشۇردۇم ھەمدە ئىلگىركى جىنايى قىلمىشلىرىمنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن تولۇق ئىقرار قىلدىم.ئويلاپ باقسام،مەن قولغا چۈشكەندىن كېيىن بىر قېتىممۇ سىلەرنىڭ قوپال مۇئامىلەڭلارغا،تىل-ھاقارىتىڭلارغا ئۇچۇرماپتىمەن.ھازىرقىدەك ئېسىمدە،مەن ساقچى ماشىنىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن شايارغا ئېلىپ كېلىنگىچە،ماشىنىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان سىز نەچچە ۋاقىتتىن ئاياغ يالاپ جاراھەتلىنىپ،قان-يىرىڭ ئېقىپ كەتكەن پۇتۇمنى كۆرۈپ ھېچقانداق سەسكەنمەستىن،ئىنتايىن كۆيۈمچانلىق بىلەن«ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىپ،ماۋۇ قەغەزنى قاتالاپ قويىۋېلىڭ»دەپ،يانچۇقىڭىزدىن ئاپئاق يۇمشاق قەغەزنى ئېلىپ بەردىڭىز.كورلىغا كەلگەندە سىز قولۇمدىكى كويزىنى ئېلىۋېتىپ،«چاچلىرىڭىزنى تۈزەشتۈرىۋېلىڭ،ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيمىز»دېدىڭىز.ئاشخانىغا كىرگەندە سىز ماڭا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،يېنىڭىزدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسەتتىڭىز.يەنە سىز ماڭا قىززىق چايلارنى قۇيۇپ،زورلاپ تۇرۇپ،«ئېلىڭە ئۇكام،بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تاماقلارنى كۆرەلمەيسىز»دەپ،نەچچە زىق كاۋاپنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئېلىپ بەردىڭىز.شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ساقچىنىڭ ئالدىدىكى تورغا چۈشكەن جىنايەتچى ئەمەس،بەلكى قان-قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.كېيىن مەن قاماقخانىدا تۇرغاندىمۇ ھەر قېتىم كەلسىڭىز خۇددىي ئاكامنى كۆرگەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.سىزمۇ مېنى كۆرسىڭىزلا ئەھۋالىمنى سوراپ تۇردىڭىز.قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدىڭىز.ت x ئاكا رەھمەت سىزگە،مەن سىزگە ۋە قاماقخانىدىكى ساقچىلارغا ئۆزۈمنى ئادەمگەرچىلىكتە قەرىزدار دەپ ئويلايمەن.سىلەر بولغاچقا،سىلەردەك ياخشى كىشىلەرنىڭ سەمىيمى مېھرى-مۇھەببىتى ،تەلىم-تەربىيەسى ماڭا سىڭگەچكە،كېيىن ئۆلۈمنى ئويلىمايدىغان،ھاياتقا كۈلۈپ باقىدىغان بولدۇم.ت x ئاكا ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ،دۆلەت،جەمئىيەت،شۇنداقلا ئائىلىڭىز سىزگە مۇھتاج.مەن جازا ئۆتەپ تۇرىۋاتقان ئەتىرەتتىكى 100 نەچچە قىز ھەممىمىز ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى.كۆپىنچىسى زەھەر(ئاساسلىقى خىروئىن)دىن يۇقۇملانغان.ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زەھەرنى چەكلەش كېرەك.زەھەرنى تېزگىنلەشكە سىزدەك مەسئۇلىيەتچان ساقچىلار كېرەك.شۇڭا سالامەت ياشاڭ.ئالدىڭىزدا بىلىپ-بىلمەي ھۆرمەتسىزلىك قىلغان يەرلىرىم بولسا كەچۈرۋېتىڭ.ھاياتلا چىقسام سىزگە ،جەمئىيەتكە ياخشى جاۋاپ قايتۇرىمەن.سىزگە قېرىنداشلىق سالىمى يوللاپ: ن...گۈل x .
2013-يىلى 27-ئىيۇل
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
سالام خەت گاڭبى بىلەن يېزىلغان بولۇپ،پۇچۇركىسى شۇنداق چىرايلىق،ئىملاسى توغرا،تېنىش بەلگىلەرمۇ توغرا قويۇلغان ئىدى. مەن بۇ خەتنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئۆز پۇچۇركىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ،مۇناسىۋەتلىك ساقچىلاردىن سورىسام،ئۇ قىزنىڭ پۇچۇركىسىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق،يېزىقچىلىق ماھارىتى بارلىقىنى،قاماقخانىدىكى ۋاقتىدىمۇ خەت يازىدىغان ئىشلارغا سالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.مەن بۇ سالام خەتنى ئاساسەن ئۆزگەرتمەيلا ئۇردۇم.دەرھال ج.خ ئىدارىسى چىقارغان ئەيىپلەش پىكىرنامىسىنى كۆردۈم.بۇ مەھبۇس قىز 1980-يىلى15-ئاپرىل توغۇلغان بولۇپ،ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەن.2009-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ،باشقىلار بىلەن كۇنمىڭغا بېرىپ خىروئىن يۆتكەپ كېلىپ سېتىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان.ئۇ 2010-يىلى 27-مارت شايار ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسىنىڭ رازۋېتكىچىللىرى ئئۈرۈمچى ئايرىدۇرىمىدا ن...گۈل x نى 343.9گىرام خىروئىن بىلەن قولغا چۈشۈرگەن.2011-يىلى زەھەر توشۇش ۋە ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بۇيىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس قىزدا نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتقان ساقچىلارغا ئۆچمەنلىك قىلماستىن،ھۆرمەت بىلدۈرۈش،رەھمەت ئېيتىش،ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراپ،تۈرمىدە ياخشى تەربىيە ئېلىپ ئۆزگىرىش ھېسىياتى پەيدا بولدى؟بۇنىڭ جاۋابىنى تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلىشىغا قويدۇم.
مەنبە:ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 14:45
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-14 10:26):
ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ،ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. |