- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1054
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 35016
- تىزىملاتقان
- 2009-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
 
- UID
- 1929
- يازما
- 1054
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 35016
- تىزىملاتقان
- 2009-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 166 سائەت
|
بەرنا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ مەستلىگىنى كەلتۈرگۈدەك،قايىللىقىنى قوزغىغۇدەك ئوماق بىر قىز ئىكەن.6 ياش بۇ ياشتا چوڭ-چوڭ سەھنىلەرگە دادىللىق بىلەن چىقىپ رىياسەتچىلەرنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا شۇنداق ئوماق ۋە مەردانىلىق بىلەن تەمتىرىمەي جاۋاب بېرىپ يۈزلەنمەكنىڭ ئۆزى كىچىك ئىش ئەمەس.بىزدە كامچىل بولۇۋاتقانلىقى دەل مۇشۇنداق دادىللىق. گەرچە ئىچىمىزدە نۇرغۇن نەرسىلەر يۇشۇرۇنۇپ تۇرسىمۇ دەل شۇ دادىللىق ،جۈرئەتنىڭ كام بولۇشى بىلەن ئۆزىمىزنى يۈزلەندۈرەلمەيۋاتىمىز. بىلىدىغانلىرىمىزنى ئاشكارىلىيالماسلىقتەك «تىلسىز»لىق بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى بۇغۇپ ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىكى پالەچلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.مېنىڭ ياقتۇرغۇنۇم قىزنىڭ شۇنداق دادىل-تېتىكلىكى.
ئەلۋەتتە بالىنىڭ يۇشۇرۇن تەپەككۈر ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغۇچى ئاتا-ئانىسىدۇر.قانچىلىغان ئاتا-ئانىلار بۇنداق بايقاشلاردىن مۇستەسنا ھالەتتە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى بۇغۇپ ئۇلار ئۆزلىرى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلاپ ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى لىققىدە قاچىلاپ ئىستىقبالسىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىمىز،بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا قىزىدىكى يۇشۇرۇن تالانىتنى ۋە قىزىقىشنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۆز ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ،نامايەن قىلدۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن،كۈچ قوشقان ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھنىتىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!
بەرنا ئېيتقان ناخشىلارغا ئىشلەنگەن سۈرەتلىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى شۇنداق سۈپەتلىك چىقىرىشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق مېھنەتكەشلەرگە ئالىي ئىھتىراملار بولسۇن! پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقىلىۋاتقان تور ئاتلىق قورال ئارقىلىق «ئۇيغۇر مىللىتى»نىڭ ھەر ساھە، ھەر تەرەپلەردىكى ئۇتۇقلىرىنى سۈپەت ئۆلچىمىگە توشقان ھالەتتە يوللاپ بارچە دۇنيا ئېڭىدىكى «ئۇيغۇر»يۈزىنىڭ جۇلالىق چاقنىشىغا كۈچ قوشۇۋاتقان مىھنەتكەشلەرنى ئۈنسىز قۇچاقلايمەن!
شۇنداقلا ئەلكۈيى تورىدىكى ئەجىركارلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ نۇرلۇق نامەيەندىلىرىنى يەنى «ھەر قايسى ساھەلەردىكى چاقناق يۇلتۇزلىرى»نى تولىمۇ تارتىملىق،جەلىپكار ھالەتتە زىيارەت ئوبىكتى قىلىپ تاللاپ تۇنۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا،«ئۇيغۇرۇم»نىڭ نامى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مىھنىتى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن.«ئەلكۈيى__ئەلنىڭ كۈيى» بولۇپ ياڭرىغاي! |
|