- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1000
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
 
- UID
- 2533
- يازما
- 1000
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
- توردا
- 426 سائەت
|
بەرنا ئۇكامغا جىق گەپلىرىم بار مېنىڭ. تاكى بۇ ئۇكامنىڭ ئېنگىلىزچە ئېيتقان ناخشىسى توردا تارقالغاندىن باشلاپ ھاززىرغىچە دىققەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. شىنلاڭ مىكرو بىلوگىنىمۇ يوقلاپ تۇرىمەن دائىم.
ھەرقېتىم سەھنىدە ناخشا ئېيتسۇن ياكى رىياسەتچى بىلەن پاراڭ سېلىشسۇن مەن بەكلا خۇش بوپ كېتىمەن. چۈنكى بۇ ئۇكام ناخشىنى ئۆزى دېمەتلىك بالىلار ئىچىدە نوچى ئېيتىپلا قالماي، قىلغان گەپلىرىمۇ بەكلا ئوماق ھەم بەكلا ئورۇنلۇق. خۇدايىم، ئىشقىلىپ كۆز تەگمىسۇن!
ئەلكۈينىڭ بۇ زىيارىتىدە، بەرنا ئۇكام بەك ئوبدان سۆزلەپتۇ، مەن ئەڭ قىزىقىپ كۆرگەن بىر سان بولدى-دە بۇ! ھەم قىزىقىپ ھەم ئامراقلىقىم كېلىپ، كۈلۈپ...دېگەندەك ھەرخىل ھېسىياتلار ئىچىدە كۆرۈپ بولدۇم. باشتىن-ئاخىرى چىرايلىق ئانا تىلىمىزدا مەنىلىك سۆزلەپتۇ، مەن بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدۇ دەپ ئويلىمىغانىدىم. مۇشۇنداق ئەقىللىق، ئوماق، تاتلىق، ئاۋازى يېقىملىق بىر قىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان، تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
بەرنا ئۇكامنىڭ بۇندىن كېينكى ئۈگۈنۈش ھەم دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى، كەلگۈسىدە ئۆزى ئويلىغاندەك بارلىق گۈزەل، تاتلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن بەك، بەك، بەك... ئۈمىد قىلىمەن.
قوشۇمچە: بەرنا ئېيتقان ناخشىلارغا ئىشلەنگەن سۈرەتلىك فىلىملەرنىڭ كىرىشتۈرىلىشى، سۈزۈكلىكى، ناخشىنىڭ ئاكوردلاشتۇرىلىشى، مۇزىكىسى، تېكىستى(ھەتتاكى تەرجىمىلىرىگىچە)، كەيگەن كىيىمى... ھەممىسى شۇنداق سۈپەتلىك چىققان. بۇ جەريانلارغا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق مېھنەتكەشلەرگە ئالاھىدە رەھمەت. سۈپەتسىز ھەم ساپاسىزلىقىنى ئېچىپ بېرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى تورغا يوللاۋاتقان ئەخلەت ئادەملىرىمىزنىڭ سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلارنى كۆرۈپ نومۇس قىلىشىنى تىلەيمەن.
|
|