پۈتۈن مەملىكەتتە زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ئوماق ئۇيغۇر قىزى بەرنا ئەنۋەر بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت
 ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى بۈگۈنكىدەك ھەممە بالىلار بايرىمىلىق خوشاللىقىغا چۆمىۋاتقان كۈندە ھەرقايسىڭلار بىلەن يەنە بىر خۇشاللىق ئىش ھەققىدە بىرگە ئورتاقلاشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز ۋە بارلىق بالىلارنىڭ ۋە ئۆزىنى بالا چاغلايدىغان ھەممەيلەننىڭ بايرىمىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمىز،بالىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى،بالىلارنىڭ ئەقىللىق،ساغلام،تىرىشچان ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىق چوڭ بولىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ تەربىيلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.مىللىتىمىز بالا تەربىيلەشتىكى ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن تارىختىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردە مەدھىيلەشلەرگە ئېرىشىپ كەلگەن.بىز بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئەدەپ - ئەخلاقىغا،ئېسىل پەزىلىتىگە شۇنداقلا ئەقىللىق ۋە چىچەنلىكىگە تايىنىپ ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ مىللىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭگونى قايىل قىلىۋاتقان بىر ئۇماق پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزىمىز بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بارلىق ئۆز پەرزەنتلىرىنى خەلقىمىزگە ياراملىق ئىزباسارلاردىن يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز شۇنداقلا ئۇماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىپ خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەۋلاتلاردىن بولۇپ چىقىشىغا ئىزگۈ تىلەكلىرىمىز بىلەن تىلەكداشلىق بىلدۈرمەكچىمىز. بەرنا ئەنۋەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەلكۈيى تورى زىيارىتى تولۇق فىلىمى
ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ http://v.youku.com/v_show/id_XNTY1MDUwMjg0.html
زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر 
زىيارەت نەق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش 
بەرنا ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى گۈلنىگار سۈبھى 

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت ۋە ئوماق ئۇيغۇر قىزى بەرنا 
ئەلكۈيى تورى زىيارەت جەريانىدا بەرناغا سوۋغا قىلغان چىمەن دوپپا



بەرنا ناھايتى ئەقىللىق بولۇپ،تويۇقسىز سوۋغا قىلىنغان چىمەن دوپپا ئۇنىڭ بېشىغا كەيدۈرۈلگەن ھامان ئىختىيارسىز ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ چىمەن دوپپام بار دىگەن ناخشىنى ئورۇنلاپ كەتتى 
ئوماق ئۇيغۇر قىزى بەرنا ئەنۋەر ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار 
بەرنانىڭ ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى پەرىدە مۇئەللىم،بەرنانىڭ ئاپىسى گۈلنىگار سۈبھى خانىم ،بەرنا ئەنۋەر ۋە ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت
بەرنا ئەنۋەر سىڭلىمىز گەرچە ئەمدى ئالتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ،ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزلىرىغا لايىق ھالدا ئىنتايىن ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىگە ماس ھالدا چوڭ بولىۋاتقان بولۇپ،بىز زىيارەت ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ سۆزلەش ماھارىتىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىلىقىنى ،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،تىرىشچانلىق ۋە ئەدەپ - ئەخلاققا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان ،تازىلىقنى ئىنتايىن سۆيىدىغان،سەنئەتتىلا ئەمەس،ئۈگىنىشتىمۇ ئىنتايىن تىرىشچان قىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق،تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بەرنا ھازىر ئۆيىدە ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىۋاتقان بولۇپ ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا بىلگەندىن سىرت يەنە خەنزۇتىلى ۋە ئېنگلىزتىلىنىمۇ ياخشى بىلىدىكەن.تىل ئۈگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان بەرنا يەنە گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىشنى،چوڭ ئۆيدىكىلىرىگە ياردەملىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن.ئالدىمىزدىكى تېخى ئەمدى 6ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ كىچىك ئۇيغۇر قىزىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلرىغا،دىگەن ھەر بىر گەپلىرىگە قاراپ چوڭ ئادەملەردىنمۇ بەكرەك ئەقىللىق ھىس قىلىدىكەن.ئاتا-ئانىسى بەرناغا كىچىدىن باشلاپ سەنئەتتىلا ئەمەس ئۇنىۋېرسال بىلىم ۋە ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتتىمۇ تۇلىمۇ ياخشى تەربىيە بىرىپ كەلگەن بولۇپ كىچىك بەرنا بىلەن بىردەم سۆزلەشكەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالىدىكەن.

كونىلار <<ئەقىل ياشتا ئەمەس،باشتا>>دەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتقان،ئالتە ياشلىق ئۇيغۇر قىزى بەرنانىڭ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان تەبىئىي تالانتى ،ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەرنا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭگودا زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن بىر يۇرۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى.بەرنانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەربىي بولۇپ، دادىسىنىڭ خىزمىتى ئۇنىڭ ئېكرانلاردا ئوچۇق ئاشكارا سۆزلىشىگە يول قويمىغاچقا كۆپ ھاللاردا بەرنا يالغۇز ياكى ئانىسى بىلەن بىرگە ئېكرانلاردا بىزگە كۆرۈنىۋاتىدۇ.ئەسلىدە بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بەرنانى بېقىپ چوڭ قىلغان كۈيۈمچان دادىسىنى تورداشلار بىلەن بىرگە يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان بولساقمۇ شارائىت ئۇنىڭغا يار بەرمىدى،شۇنداقتىمۇ بەرنانىڭ كۆيۈمچان ئاتىسىغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىمىز.تېخى ئالدىنقى ئايدا جۇڭگودا نۆۋەتتە زور ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان <<جۇڭگودىكى يېڭى ئاۋاز>>تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئىككى قېتىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان بەرنا ئۇيغۇرچە ناخشىسى بىلەن كۆرۈرمەنلەر بولسۇن ۋە ياكى نەق مەيداندىكى رىياسەتچى باھالىغۇچىلار بولسۇن تاڭ قالدۇرۋەتكەن ئىدى،تۈنۈگۈن كەچتە پۈتۈن مەملىكەتتە ئىزچىل كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان خۇنەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەش>>پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە مېھمانى سۈپىتىدە قاتناشقان بەرنا شۇ پروگراممىدىكى ئەڭ گەپكە ئۇستا شۇنداقلا داڭلىق رىياسەتچى سانىلىدىغان ۋاڭ يەن بىلەن ئېلىپ بارغان نەق مەيدان ماھارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى ھەممەيلەننى قايىل قىلماي قالمايدۇ.بىز كەڭ تورداشلارنى بەرنانىڭ تۇرمۇشى،ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە مىجەز خۇلقى بىلەن تېخىمۇ پىششىق تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بەرنا ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى گۈلنىگار سۈبھى ،ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى پەرىدە مۇئەللىم قاتارلىقلارنى تۈنۈگۈن ئەلكۈيى شىركىتىگە تەكلىپ قىلىپ ئۈشبۇ زىيارەت فىلىمىنى ئىشلەپ بارلىق تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
 ئەمدىلا ئالتەياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر كىچىك سىڭلىمىزغا نىسبەتەن مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس،ئويلاپ باقىدىغان بولسا ئالتە ياش دىگەن ئەمدى ئەقىل يېشى باشلانغان بىر سەبى ۋاقىتلاردا بۇ ئۇماق سىڭلىمىز جاپا مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىق بەدىلىگە خەلقىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىۋاتىدۇ،ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىلا تالانتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال بىلىملەرنىمۇ تېخى مەكتەپ يېشىغا توشماي تۇرۇپ ئۆگىنىشنى باشلاۋاتىدۇ.بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز بەرناغا ئولۇغ ئاللاھتىن ساق -سالامەتلىك ۋە نەتىجە تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تېخىمۇ مەدەت بىرىشتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن بەرنا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت-سائادەت ،سالامەتلىك ۋە زور نەتىجىلەرنى تىلەيمىز.ئېشىنىمىزكى كەڭ تورداشلار تور ئارقىلىق بەرناغا بولغان ئوتلۇق يۈرەك سۆزلىرىنى قالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سىردىشىشى ۋە نەتىجىلىرىگە ئورتاقلىشىشى مۇقەررەر ئەلۋەتتە.

بەرنا ئەنۋەر ھەققىدە ئەلكۈيى تورى تەييارلىغان قىسقىچە ئارخىپى
ئىسمى : بەرنا
جىنسى : قىز
تۇغۇلغان ۋاقتى : 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
مىللىتى : ئۇيغۇر
تۇرۇشلۇق جايى : ئۈرۈمچى
ئويۇن قويۇش تارىخى :
2012-يىلى 6-ئايدىكى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 《非常6+1》 پروگىراممىسىغا قاتنىشىپ ، كىچىك چولپان نامىغا ئېرىشكەن .
2012-يىلى 9-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقىمەن » 《我要上春晚》 پروگىراممىسىغا قاتنىشىپ ، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپانغا ئايلانغان .
2012-يىلى 10-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەن چاغانلىق سەنئەت كىچىكلىكىگە چىقىمەن » 《我要上春晚》 پىروگىراممىسىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان سۈپىتىدە يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن .
2012-يىلى 12-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بالىلار قانىلىنىڭ بالىلار چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە 《雪绒花》 دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان ، بۇ ناخشا «2013-يىللىق چاغانلىق بالىلار بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى » پىروگىراممىسىدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان .
2013-يىلى 1-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقىمەن» پىروگىراممىسىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان .
2013-يىلى 1-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېھقانلار تور سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ ، ئىككى ناخشا ئىيىتقان .
تور پائالىيەتلىرى :
2012-يىلى 12-ئايدا يوۋكۇ تورىنىڭ 《我是传奇2》 نى سۈرەتكە ئېلىشىغا قاتناشقان ، يوۋكۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن بەرنانىڭ 《LAZY SONG》 ناخشىسىنى ئىشلىگەن ، 2012-يىلى شىنجاڭ ياشىن تورى (خەنزۇچە تور بېكەت) تور چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە 《我来自新疆》 «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم » ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان .
2012-يىلى 6-ئايدا 《Rolling in the deep》 ناملىق ناخشىنى ئىيتىپ ، توردا تارقىتىلغان شۇ كۈنىلا 20 مىڭ قېتىم چىكىلىپ ، يوۋكۇ ، 56 قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ باش بېتىگە تىزىلغان .
2012-يىلى 8-ئايدا ئىيىتقان 2- ناخشىسى 《Lazy song》 ، توۋكۇ تور مۇزىكىسىنىڭ باش بېتىگە ، 56 تورىنىڭ باش بېتىگە تىزىلغان بولۇپ ، ھازىرمۇ يوۋكۇ ئەڭ قالتىسلار تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ .
2012-يىلى 9-ئايدا ئىيىتقان ئۈچىنچى MV « بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز» 《这是我们的家》 ،كەڭ تورداشلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارىتقان .
2012-يىلى 12-ئايدا 4-ناخشىسى 《namengan nigalmisi》 ، يوۋكۇ ، 56 ، كۇلىيۇۋ قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكا باش بېتىگە تىزىلغان .
2012-يىلى 12- ئايدىكى 5-ناخشىسى 《雪绒花》 يوۋكۇنىڭ باش بېتىگە ، 56 تور مۇزىكا قانىلىنىڭ باش بېتىگە ، كۇلىيۇۋ تور مۇزىكىسىنىڭ باش بېتىگە تىزىلغان .
2013-يىلى 3-ئايدىكى 6-ناخشىسى 《Yo Barna》 ،يوۋكۇنىڭ باش بېتىگە ، 56 تور مۇزىكا قانىلىنىڭ باش بېتىگە ، كۇلىيۇۋ تور مۇزىكىسىنىڭ باش بېتىگە تىزىلغان .
بەرنا ئىيىتقان ناخشا mv لار ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلەر ، سىنا مىكرو بلوگى،ئەلكۈيى مىكرو بلوگى قاتارلىقلاردا تارقىتىلىپ ئومۇمىي چېكىلىش قېتىم سانى 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن .
2012-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ياشىن تورى(خەنزۇچە) « ياشىن زىيارەت خاتىرىسى » گە ، 2012-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ « تەڭرىتاغ زىيارەت خاتىرىسى » گە ، 2013-يىلى 1-ئايدا ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ تور چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ، 2013-يىلى 1-ئايدا 《爱是你我》 شىنجاڭ تور چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ، 2013-يىلى 2-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بالىلار قانىلىنىڭ 《快乐大巴》 پروگىراممىسىغا قاتناشقان . 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سەركىسى ئەلكۈيى تورى<<ئەلكۈيى ئېكرانى>>پروگراممىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.
2013-يىلى 3-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بالىلار قانىلىنىڭ 《音乐快递》 پروگىراممىسىغا قاتنىشىپ ، نەخ مەيداندا 《水果岛》 ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ ئوماق زىرەكلىك ئارقىلىق ، ئاي ھەدىسى بىلەن رەسىم سىزىپ 99 نومۇرغا ئېرىشكەن ، ئۇنىڭدىن كىين يەنە 《春天的芭蕾》 قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىل ئاخىرىدا ۋېنادا نومۇر ئورۇنلاشقا تاللانغان .
2013-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچى كىچىك چولپانلار سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ، 2013-يىلى 4-ئايدا مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەت بالىلار سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ ، ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن .
2013-يىلى 4-ئايدا خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 《中国新声代》 پروگىراممىسىغا قاتنىشىپ ، تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچى مۇئەللىملەرنىڭ ئىنتاين ياخشى كۆرۈشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن .
2013-يىلى 5-ئايدا خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 《天天向上》 پىروگىراممىسىنى سۈرئەتكە ئىلىشقا قاتنىشىپ ، رىياسەتچى ۋاڭخەننىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ۋە نەخ مەيداندا تۆت نومۇر ئورۇنلىغان .
ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى :
2012-يىلى 12-ئايدا سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى 《中国达人秀》 پىروگىراممسىدا تولۇق بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن .
2012-يىلى 12-ئايدا شىنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 《年代秀》 چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ ، رىياسەتچى شىينەن بىلەن بىرلىكتە 《说唱脸谱》 نى ئورۇنلىغان .
2012-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرئەتكە ئېلىشقا قاتناشقان .
2012-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى» پىروگىراممىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىنغان .
2012-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدا زىيارەت قىلىنغان .
2013-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچى تېلېۋىزيە ئىستانسىسىنىڭ «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر » پىروگىراممىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىنغان .
2012-يىللىق ئۈرۈمچى تىلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق » ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان .
2012-يىللىق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە 《Inggimama》 ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان .
2011-يىللىق ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە « كىچىك قوزىچاق » ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان .
2010-يىلى جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ باھالانغان .
2012-يىلى 4-ئايدا 《哥德堡号带我导中国,中瑞两国文化交流会》 پائالىيىتىدە جۇڭگو تەرەپ مۇنەۋۋەر ۋەكىل سۈپىتىدە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەملىكەت خەۋەرلىرى پىروگىراممىسىغا چىققان .
2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە كۆپ قىتىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « قار لەيلىسى » بالىلار پىروگىراممىسىغا قاتناشقان . بەرنا قاتناشقان خۇنەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى <<جۇڭگودىكى يېڭى ئاۋاز >>پروگراممىسىنى بۇيەرنى بېسىپ كۆرۈڭ بەرنا خونەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى <<كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەش >>پروگراممىسنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 1-كۈنى (6-ئاينىڭ 1-كۈنى شەنبە) |