ئىگىسى: jahanbiwapa

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31165
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-4
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 14:04:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-23 11:06
ماۋزۇسىنى كۆرۇپلا  ئوقۇغۇم كەلگەن ،ياخشى چىقىپتۇ ،بىر ...

مەنمۇ  شۇنداق  ئويدا      

UID
45847
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 15:34:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىليەتنى يېزىپسىز

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇيغۇربىز،بەخىت

UID
5848
يازما
65
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2016
تىزىملاتقان
2010-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 15:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈچەك ئىنكاس يازىدىغانلار نىمانچە كۆپىيىپ كەتتى......

بۇ ماقالىنى ئۈندىداردا ئوقۇغانتىم، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، بەزىدە ئوقۇغۇچىللىرىمغا قولۇم تېگىپمۇ كېتىدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىللىرىم مەندىن قورقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، كۈلۈپ مېنى بەك جېلە قىلىۋىتىدۇ.
ئوقۇغۇچىللىرىمنى قاپاقباش دەپ تىللاپ قويساممۇ كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بوپ قالىدۇ.....

باھا سۆز

مالىك  شۇنداق شۇنداق قول تەككۇزگەچكە ئوقۇغۇچىلار شۇنداق بىزەڭ بولۇپ قالغان !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 17:01:15
مالىك  ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قاپاقباش دەپ تىللامدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 17:00:31
مالىك  گەپلىرىڭىزدىنلا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى ئەمەسلىكىڭز چىقىپ تۇرىدۇ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 16:59:27

UID
51605
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 17:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەزىلەتنېڭ سۈيىدە  ئاقالمىغان  ئەر ئەمەس
نادانلېقنىڭ تەختېنى چاقالمىغان ئەر ئەمەس
مۈشكۈللەرنى ئازاد قېپ ئەل كۆڭلىنى ئەيلەپ شاد
بېزەك قېلىپ ئالتۇننى تاقىيالمىغان ئەر ئەمەس


بولۇپ بوشاڭ ھەم ھەييار،نەخكەقىلىپ گال تەييار
ئۆز ھەققىگە ئادىل چوت ، سوقالمىغان ئەر ئەمەس
پاك مەردانە يول بىسىپ،  ئەل كۆڭلىنى ئىللىتىپ
مەشئەل قېلىپ  يۈرەكنى، ياقالمىغان ئەر ئەمەس


يىتىپ ئارزۇ تېلەككە ، مادار توپلاپ بېلەككە
بۈركۈت كەبى قوش قانات قاقالمىغان ئەر ئەمەس
ھەر بىر باسقان قەدەمدە ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرۇپ

UID
39860
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-3
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 17:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇسىنى كۆرۈپ بۇ نىمە ئىش دەپ قۇرقۇپ كەتكەنتىم، ئوقۇپ ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم.........
بەزى دوسلىرىمنىڭ ھەرگىز ئوقۇتقۇچى بولمايمەن دىگەن گىپىنى بىر ئاز چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەقىقەتەن ئەمىليەتنى، ھازىرقى  جەمىيتىمىزدىكى رەھىمسىز رئاللىقنى  كۆرستىپ بىرىپتۇ،كۆپ تەسەننا....................

UID
51625
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 17:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟

ئۈزۈممۇ بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن   يۇقۇرقى سۇئاللار ئۈستىدە ئويلنىپ قالدىم .شۇنداقلا بۇ سۇئال خۇددى مىنىڭ يۈركىمدىن ئېتىلىپ چىقۋاتقاندەك كەيپىياتقا كەپ قالدىم .

باھا سۆز

yarun  كىيىن پالانى دوكتۇر مىنىڭ ئوقۇغۇچۇم دىيىش ئۈچۈن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 18:07:28
yarun  ئازبىر قىسىملىرى شۇنداقمىكى يوق دىگىلى بولمايدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 18:06:35

UID
3596
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
188
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-27
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 18:05:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىمەسى نىمە ئۈچۈن ۋاختىدا ئۆيگە قايتمىدىڭلار دەپ بىر نەچچە بالىغا تەنبىھ بىرىپ بىر بالىنى ئۇرۇپ قويغانغا شۇ مۇئەللىمەنى بىر ئاي ھاجەتخانا تازلىتىپتۇ!!!(شۇ مەكتەپتە)  ئۇ مۇئەللىمەنىڭ غۇرۇرى ئابرويى ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن سەلبى تەسىرى دىگەنلەنى ئويلاشمايدۇ مائارىپ ئىدارىسىدىكى پوق قوساقلا

UID
51628
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 18:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز !!  بۇ خىل ناچار خايىش ھازىر ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن بەك ئەۋىج ئالماقتا .
      كىچىكىدىن ئاشۇنداق ئارزۇلىنىپ چوڭ قىلىنغان بۇ بىرتۈركۈم ماڭقۇرۇتلار جەمىيىئەتكە چىققاندىمۇ شۇ خىل
         ناچار ئادىتى تۈپەيلى ئاسانلام شاللىنىپ   ھاياتتىن زېرىكىىپ  .  ‹ئارانلام قالىدۇ ئۆلىۋالغىلى› تەمتىرەپ يۈرۈششمەكتە............

UID
46971
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 22:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن بىز ئىككى سائەت مۇدۇرلاردىن تەنبىھ ئاڭلىدۇق .ھازىر« ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇم»نى دىگەندەك ئىش بولىۋاتىدۇ .مەكتەپتە خام كاللا رەھپەرلەرنىڭ بېسىمى ،كوچىدا ھېلىقى «دانا '» ئاتا -ئانىلارنىڭ سېسىق گېپى ،ئۆيدە ئەتىكى ئۆتىدىغان دەرىسنىڭ تەيارلىقى ۋە ئائىلىنىڭ بېسىمى ،شۇنداق قىلىپ بۇ «ئۈچ چوڭ تاغ» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىمىسىنى ھارغىچە بېسىۋاتىدۇ .مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە بىر كۈنلەر كەلگەندە بىنادىن سەكرىمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىنى بىر چەتكە تارتىپ قويۇپ ئۆزىمىز بىنادىن سەكرەيدىغاندەك تۇرمىز .

UID
29637
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 00:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئوقۇتقۇچىدا گۇناھ يوقتى. لېكىن ھازىرقى ئوقۇتقۇچىدا ئازىراق، ئوقۇتۇش تۇزۇلمىسىدە ئېغىر مەسىلە بار دەپ قارايمەن. چۇنكى ئىلگرى چىققان ياراملىق كىشىلەر مىللىتىمىزدە بارغانچە ئازلاۋاتىدۇ؟يا بىزنىڭ ئانىلىرىمىز بارغانچە دۆتلەرنى تۇغىۋاتامدۇ؟ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۇندىلىك مەشغۇلات ۋاقتىنى ھىساپلاپ  كۆرۈپ باقايلى، مەسئۇليەتتىن بۇنداق قېچىپ يۈرمەي. بۇندا مەسئۇليەت ئوقۇتقۇچىلادىدۇر. لېكىن بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى جىنايەتچىمۇ قاچانلا قارىسا سىياسى ئۆگۈنۈش قىلىدىغانغا؟يا كۈتكۈچىمۇ داۋاملىق باشلىق ، رەھبەرلەر ئۈچۈن سورۇن تۈزىدىغانغا؟ۋەياكى ئۆيمۇ-ئۆي قاتىراپ نۇپۇس.......ۋە باشقىلارنى تەكشۇرىدىغان خادىممۇ؟ ئۇلانىڭ ۋەزىپىسى زادى نېمە؟ ئۇلارنىڭ يۇقارقىدەك نۇرغۇن ۋەزىپىسى بار تۇرسا ،ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن باشقاتۇرىدىغانغا نەدىكى ۋاقىت. بۇنداق دەرىسكە چالا تەييارلىق بىلەن كىرگەن ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىلارغا نەپ تېگەرمۇ؟ بىر نەرسە يۇقمىغان مۇئەللىمنى باشقىلار ھۆرمەتلەرمۇ؟ ئويلاپ باقايلى ئەمدى گەپ كىمدە؟
بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىمىز بىرخىل تەجىربە ئوبۇكتى بوپ قالدىمۇ قانداق؟ بىردەم ساپا مائارىپى دەۋاتقان،بىردەم دەرس ئىسلاھاتى. ئەمدىلىكتە قوش تىل ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرىگە ماسلىشالمايۋاتسا يەنە بىر خىل تۇزۇم كۆپۇيۋاتسا، كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دەپ.  باشتا بىردوستىمىز دەپتۇ:ئىلگىرى ئالىم چىققان ھازىر قۇرۇق گەپچى سۆلەتۋازلە چىقىۋاتىدۇ،دەپ. بىزنىڭ مائارىپىمىز مۇشۇنداق خىيالى سوتسىيالىزىمدەك خىيالىغا كەلگەنچە كېتىۋەرسە،ئالىم ئەمەس مالىممۇ چىقمايدۇ، قۇرۇق گەپچى سۆلەتۋازلانىڭمۇ ئاخىرى مالاي بولىدۇ،ماشىنا ئادەمگە ئوىشاش نېمىگە بۇرىسا توغرا-خاتاسىنى ئايرىماي بىجىرىدىغان. بۇنداق بولغاندا ياڭ زىشىنىڭ ساۋاتسىز قالدۇرۇش سىياسىتى قايتا مەيدانغا كېلىدىغۇ دەيمەن. پەرىقلىق يىرى خەت تۇنىيدۇ،كاللا ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا قاچانلا قارىسا مەسئۇليەتنى بىر-بىرىمىزگە ئىتتىرىپ ئولتاماي،ئويقۇمىزنى ئاچساقكەن دەيمەن. قالغىنى ئۇلۇغ ئاللا ئاسانلىق بەرگۈسى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش