كۆرۈش: 5395|ئىنكاس: 48

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 16:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!



( فېليەتون )



    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:
كەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.  
    ئويۇنغا بېرىلسە سېسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى – ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دېگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
    كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا!
ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟
    18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟
    ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.
    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.
    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.
قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟
    سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟
-       تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟
-       مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم....
-       تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟
-       مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.
-       .....
    شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟
    پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟
يەنە يازىدىغانلىرىم كۆپ ئىدى، قالغىنىنى ئىنكاسلارغا قاراپ بېقىپ ئاندىن يازاي.

  ئەسكەرتىش: مەن بۇ تېمىنى تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن ئالدىم.
تەييارلىغۇچى: جاھان بىۋاپا

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51508
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 19:23:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇف ئەجەپ قوقاپ كەتتما .تېمېڭېزنېڭ ماۋزۇسېنې كۇرەپ .  راسدەيسېز  بېز ئوقۇيدېغان چاغلادېغۇ مەلېم-خانېملادېن قوقاپ  تېترەپلا ئولتۇرتۇق.  ھازېر ھەممەيلەننېڭ  باللېللېرې بەك ئازۇلۇق چوڭ بولاۋاتامدۇ قانداق بەك قاقۋاش .لېكېن ئۇلامۇ چوڭ بولغاندا ھەي   دەيدۇ.

UID
51508
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 19:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ بېرقېپتېكەنمە دەيدۇ دېمەكچې

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 19:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلاردا گۇناھ يوق...  كونىلار ئېيتقانغۇ سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن دەپ.
مائارىپ ساھاسىدە جان پىدالىق بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەپ كېلىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلارغا سالام بولسۇن...  ھارمىغايسىلەر.....

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 21:45:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست گەپنى قىلسام تېمىسنى كۆرۇپلا« قايسى ئالا-جوقا يازغاندۇ بۇنى ئەمدى؟»دەپ ئويلىغان ئىدىم ،بىراق ژانىرىنى كۆرۇپ كۆڭلۇم سەل جايىغا چۇشتى.ئوقۇپ قارىسام شۇنداق  ياخشى يىزىپسىز ،داۋامىنى تىزراق يىزىڭ.تەربىيەۋى ئەھمىتى چوڭكەن،چوقۇم بىر نادېر تېما بولۇپ قالغۇسى.

UID
19619
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 21:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمنى بىر قانچە ئاي بۇرۇن كۆرگىنىم ئېسىمدە

UID
19619
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 21:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمنى بىر قانچە ئاي بۇرۇن كۆرگىنىم ئېسىمدە

UID
3401
يازما
217
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2047
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 21:59:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنىڭ بىشىنى كۆرەپلە ئەرۋايىم ئۇچقانتى

UID
34178
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 22:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشدىلا بۇ تېمىنىڭ ماۋزوسنى كۈرۈپلا جۇدۇنۇم ئۆرلەپ كەتكەنتى، ئەمدى خېلى خاتىرجەم بولدۇم.  ئۇھ......
خېلى ياخىشى يېزىلغان ساتىرا ئىكەن. رەخىمەت يوللاپ قويغىنڭىزغا!

UID
51582
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 22:46:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش