- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 123
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-13
- UID
- 25197
- يازما
- 123
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-13
- توردا
- 67 سائەت
|
تېركىك دەپ بىر چىرايلىق تۈرك نامى بىلەن كىرگەن قازاق مۇنبەرداش:بىزنىڭ پاسىقلىقىمىزغا ياكى دۇرۇس نىيەتتە ئىكەنلىكىمىزگە ئۇيغۇرچە خەت چۈشەنسىڭىز توغرا پىكىردە بولاتتڭىز.پاسىق دەپ كىمنى دەيمىز،پاسىق دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نېمە،ئاۋۋال بۇنى چۈشىنىۋىلىپ ئاندىن باشقىلارغا پىكىر بېرىڭ.بۇ ئىنكاسنى پۈتۈن قازاق دوستلارغا يازغىنىم يوق.دەيدىغىنىم يەنە شۇ،رادىكال قازاقلار!ئۇيغۇر دېگەن گەپنى ئاڭلىسا ئاغزىدا ئوت پۈركۈيدىغان بەزى رادىكال قازاقلار!ئۇنتۇپ قالماڭ بۇ جۈملىدە بەزى دېگەن سۆز بار،ھەرگىزمۇ بارلىق سۆزى ئىشلىتىلمىدى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تولىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆزى بىلەن تىلغا ئېلىپسىز،بىز ئەزەلدىن بۇ زېمىننى ۋەتەن دەپ كەلدۇق،ھەرگىزمۇ قازاقىستاننى،ياكى ئۆزبېكىستاننى ۋە ياكى قىرغىزىستاننى ئەمەس.قازاقىستاندا نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇر ياشايدۇ،ئۆزبېكىستاندىكى 22مىليون ئۆزبېكىنىڭمۇ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر،لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھېچبىر ئۇيغۇر ئۆزبېكىستاننى مېنىڭ ۋەتىنىم دېمەيدۇ.باشقا يۇرتتا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ياشىسا ئۇ بىزنىڭ ۋەتەن بولۇپ قالمايدۇ،بىز بۇ دىيارنىڭ سۈيىدە چوڭ بولدۇق،شاخلاندۇق.قازاقلارمۇ ئوخشاش.قازاقىستاننىڭ بولىشى ھەرگىزمۇ دىيارىمىزدىكى قازاقلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ قازاقىستان ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،قازاقىستانلىقلارمۇ شۇ جايغا،بىزمۇ مۇشۇ ۋەتەنگە تەۋە خەلق،شۇنداق بولغانكەن سېنىڭ ۋەتىنىڭ يوق،بىزنىڭ ۋەتىنىمىز قازاقىستان دېگەن بۇ دىيارغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولماي نېمە؟سېنىڭ قازاقىستانىڭ بولسا نىمىشقا شۇ قازاقىستاندا تۇغۇلمىدىڭ،نىمىشقا قازاقىستاندا يايلاق قۇرمىدىڭ؟دېگەن سوئاللار ئىنسان ئەقلىگە كەلمەي قالمايدۇ.بىز تۈركلەردە:بۆرە ئىنىگە ئۈرسە قوتۇر بولۇر دېگەن گەپ بار.قازاقىستان پەقەت بىر ئىسىم خالاس،ئەمما قازاقىستان پۈتۈن دۇنيا قازاقلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئەمەس،ئالتايدا مىڭلارچە يىل ياشىغان قازاقنىڭ ئانا ماكانى ھەرگىزمۇ قازاقىستان بولۇشقا لايىق كەلمەيدۇ،ھەم ئۇ تۇپرىقىنى قازاقىستانغا يۆتكىگەن تەقدىردىمۇ قازاقىستان نامىغا كەلگەن شۇ تۇپراق ئالتايدا كۆكلىگەن قازاقنى يەكلىمەي قالمايدۇ.شۇڭا بىزنىڭ ۋەتىنىمىز،پەقەت بىرلا!دىيارىمىز قازاقلىرى،سىلەرنى قازاقىستان چوڭ قىلمىدى،سىلەر قازاقىستاندا چوڭ بولمىدىڭلار،سىلەرنىڭ يىلتىزىڭلار ئالماتىدىن،ئاستانىدىن ئەمەس بەلكى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى ئالتۇن دىياردىن!ئەگەر بىزنىڭ قازاقىستانىمىز بار دېگەن گەپ يەنە بۇلۇنسا:ئەي خائىن،ئەي مۇناپىق،ئەي سېنى بۈيۈتكەن تۇپراقنىڭ ئاسىي ساتقۇنى!يوقال،كۆزۈڭ كور،قەلبىڭ قاراڭغۇ بولغان ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ماڭقۇرت،بۇ تۇپراق بىز ئۈچۈن ئالتۇندىنمۇ بىباھا،بۇ زېمىن،بۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان خەلق،مەيلى ئۇ قايسى مىللەت،قايسى ئىرقتىن بولسۇن ئۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن سۆيۈملۈك!سەن سۆيمىگەن ۋەتەن ۋە ۋەتەندىشىڭ سېنىڭ ئاسىيلىقىڭ سەۋەپلىك ھەرگىزمۇ قىممەتسىز بولۇپ قالمايدۇ.سېنىڭ پەسلىكىڭدىن باشقا قېنى ساپ،ئەقلى ساق قېرىنداشلار ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ قالمايدۇ! |
|