ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق چولپانلار قاتناشقان <ئوتتۇرا ئاسىيا دوستلۇق كېچىلىكى>>ئەلكۈيى تورى مەخسۇس زىيارەت فىلىمى
ئەسسالامۇئەلەيكوم قەدىرلىك تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا تورىمىز ۋە تورىمىزدىكى ھەر بىر خىزمەتچى خادىم نامىدىن چوڭقۇر سالام يوللايمىز،ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي،تېنىڭلار سالامەت، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلسۇن !
ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز...قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر ئوزاق زامانلاردىن بويان بىرگە ياشاش جەريانىدا بىر - بىرىدىن ئايرىلماي ياشاپ كەلگەن،ئۆز-ئارا ئىناقلىق، دوستلۇقنى ئەلا بىلىپ كىلىۋاتقان خەلق بولۇپ مەدەنىيەت ، ئۆرپ ئادەت،تىل جەھەتتىكى كۆپ ئوخشاشلىققا تايىنىپ بىر-بىرى بىلەن تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئەلۋەتتە.بۈگۈن بىز ئەلكۈيى تورى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇر،قازاق قىرغىز ۋە باشقا قېرىنداشلارغا ‹‹ئوتتۇا ئاسىيا دوستلۇق كېچىلىكى››ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەرمەكچى.
ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ
2013-يىلى ئۈمىد ئېيىنىڭ 13-كۈنى دىيارىمىزغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق تارىخى شانلىق تۆھپە خاراكتىرىدىكى خەلقئارالىق كاتتا سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىملىق كېچىلىك ئۇيغۇر ،قازاق ،قىرغىز قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر بىرلىشىپ نومۇر ئورۇنلايدىغان،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق ناخشىچىلار ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ دىيارىمىز خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرى بىلەن سالام يوللايدىغان چوڭ تىپتىكى دوستلۇق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كېچىلىكى بولۇپ،كۆلەم جەھەتتىن چوڭ،مەزمۇنى مول،ئىتتىپاقلىق ،دوستلۇق ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان، ئۇيغۇر ،قازاق ،قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان سەنئەتكارلىرى ناخشا ئورۇنلايدىغان كاتتا يىغىلىش بولۇپ،بۇ قېتىملىق كېچىلىك ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كاتتا كېچىلىك ھېسابلىنىدۇ.
كېچىلىككە پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا نام قازانغان قازاقىستان دەرۋىشلەر ئۇيغۇر ئانسامبىلى،دىيارىمىزدىلا ئەمەس،ئوتتۇرا ئاسىيا سەھنىلىرىدىمۇ زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن مەرىپەتپەرۋەر ياش،سۆيۈملۈك ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم،مودا ناخشىلىرى بىلەن ئامېرىكا ياشلار ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنجىلىككە ئېرىشكەن <<ئوردا ئەترىتى>>،قازاقىستاندا ياشلار ناخشا چولپىنى دەپ نام ئالغان قازاق ئوغلانى خايرات نۇرتاس،ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرگە ئىگە ئىلياس ئابدۇرازاق قاتارلىق چولپانلار قازاقىستان،قىرغىزىستان ۋە دىيارىمىزدىن جەم بولۇپ بىر قېتىملىق خەلقئارالىق چوڭ سەھنىنى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھوزورىغا سۇندى.كېچىلىك نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ يېقىندا دىيارىمىزدا تولۇق نۇسخىسى نەشىر قىلىپ پىلاستىنكىسى تارقىتىلىدۇ.



ئۈمىد ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى يېرىم كىچە سائەت 1دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كىلىپ دىيارىمىزدىكى بۇ كاتتا يىغىلىشقا قاتناشماقچى بولغان داڭلىق چولپانلاردىن قازاقىستان دەرۋىشلەر ئۇيغۇر ئانسامبىلى،قازاق ئوغلانى خايرات نۇرتاس،قىرغىز ئوغلانى ئىلياس ئابدۇرازاق قاتارلىق چولپانلار ئۈرۈمچى ئايرودورومىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا قەدەم باستى،ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق كاتتا يىغىلىشنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگە نەق مەيداندىن خەۋەر بىرىش شۇنداقلا دىيارىمىز خەلقىگە بۇ قېتىملىق دوستلۇق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالدىن كەڭ-كۇششادە ھوزۇرلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى ئايرۇدورىمىغا چىقىپ چەتئەللەردىن كەلگەن سەنئەتكارلارنى كۈتىۋالدى ۋە ئايروردۇرۇمدا ئۇلار بىلەن نەق مەيداندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئەلكۈيى تورى مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى 13-چىسلا ئەتتىگەن سائەت 1يېرىم بىلەن ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە چەتئەلدىن كەلگەن چولپانلارنى كۈتىۋېلىپ نەق مەيدان زىيارىتى ئىشلىگەن جەرياندىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر 









قىسغىنا 10 سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خەلق سارىيدا كېچىلىك رەسمىي باشلاندى،ئۇيغۇر،قازاق قىرغىز قاتارلىق ھەرمىللەت خەلقىدىن تەشكىل تاپقان 3000مىڭدىن ئوشۇق دىيارىمىز خەلقى شىنجاڭ خەلق سارىيىغا جەم بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا دوستلۇق كېچىلىكىنى نەق مەيداندىن كۆردى،ئالقىش سادالار،دوستلۇق رىشتىدىن باغلانغان قەلبلەر ھەرقايسى مىللەت چولپانلىرى سەھنىگە چىققاندا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قېتىملىق خەلقئارالىق كاتتا سەنئەت كېچىلىكىنىڭ خۇشاللىقىنى قايتا قايتا نامايەن قىلدى.ئەلكۈيى تورى كېچىلىك نەق مەيدانىدا كېچىلىك ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە فىلىم ئىشلەشتىن سىرت ھەرقايسى دۆلەت چولپانلىرى،ھەرقايسى مىللەتلەردىن ئويۇن كۆرۈشكە كەلگەن تاماششىبىنلار بىلەن نەق مەيدان زىيارىتى ئۆتكۈزۈپ بۇ قېتىملىق كاتتا يىغىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
كېچىلىك نەق مەيدانى ئەلكۈيى زىيارىتى جەريانىدىكى رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ...(رەسىملەر تولۇق يوللىنىپ بولغاندىن كىيى ئاستىغا چۈشەندۈرۈش يېزىلىدۇ)








































بۇ قېتىملىق كېچىلىك ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەردىن كەلگەن داڭلىق چولپانلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ نادىر ناخشىلىرىنى تاماششىبىنلارغا سونۇشى بىلەن كېچىلىك نەق مەيدانىدا ئالقىش سادالار بىردەممۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى،مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن،مەيلى قازاق ياكى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان تاماششىبىن ، ناخشىچىلار بولسۇن سەھنىدە ھەر قايسى مىللەت تاماششىبىنلىرىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرتكىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەردىن يىتىشىپ چىققان داڭلىق چولپانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ دىيارىمىز خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ، قەلبىگە ئۇنتۇلماس بىر ئەسلىمىنى قالدۇردى.ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق كېچىلىك ئۈچۈن كۈچ چىقارغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە كىشىلەرگە شۇنداقلا كېچىلىكتە ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەر بىر سەنئەتكارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە ئولىشىشىغا،ئۆز-ئارا دوستلۇق ئالماشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېخىمۇ تىزلىشىشىگە چىن دىلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى ئۈمىد ئېينىڭ 18-كۈنى
|