- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 123
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-13
- UID
- 25197
- يازما
- 123
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-13
- توردا
- 67 سائەت
|
hazah2 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 01:20 
你们不应该怎么说,是你们自己看不起自己,
دوستۇم.ئەڭ ئاۋۋال بۇ مۇنبەر تۈركىي تىللىق مۇنبەر.ئۇيغۇرچە بىلمىسەڭمۇ قازاقچىدە يازغىن،باشقا يېزىقلارنى بۇيەرگە ئېلىپ كىرمە.ئىككىنچىدىن سەن بىزنى ئۆزئۆزىنى كۆزگە ئىلمايدىغان مىللەت دەپسەن.بىز ئۆزئۆزىمىزنى سۆيىمىز،ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن باشقىلارنىمۇ سۆيەلەيمىز ھەم مېھىر شەپقەت كۆرسىتىمىز.ھەرگىزمۇ مىللەت نۇقتىسىدىن ئايرىمچىلىق قىلىپ كۆلتىگىن،سەن قازاق دېگەندەك مۇنبەرلەرگە ئوخشاش قانخورلۇق،ئېتنىك قىرغىنچىلىقى،رادىكال مىللەتچىلىك ئىدىيىسى تەرغىپ قىلىنغان ۋەھشىي ئىنكاسلارنى يېزىشمايمىز.بەزى قازاقلار تاغدىن چۈشۈپتۇ يۇ،لېكىن يايلاقتىكى ياۋايى مىجەزىنىمۇ بىللە شەھەرگە ئېلىپ كىرىپتۇ.نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا شەھەرلەشكەن مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ،ئەلۋەتتە.ئاۋۋال تۈرك خاقانىمىزنىڭ نامىنى سېسىتقان شۇ كۆلتىگىن مۇنبىرىگە ۋە سەن قازاق دېگەندەك مۇنبەرلەرگە كىمنىڭ ئىنسانلىق كىملىكىدىن ئۇزاقلاپ كېىتۋاتقانلىقىنى ئوبدان ئەسكەرتكىن،قازاقلار بىزنى دۈشمەن سانىمىسىلا بىزمۇ ئۇلارنى دۈشمەن سانىمايمىز،ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر نەچچە ئەسىردىن بېرى قېرىندىشىم دەپ كېلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ،لېكىن تارمىللەتچىلىك قىلىۋەرسەڭلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى غول ساھەلىرىدە ئاكتىپ ھالدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تور دۇنياسى سىلەرنىڭ مىللەتچلىك،رادىكاللىق تەرغىپ قىلىنىدىغان شۇ سالونىڭلارنى نەچچە سېكونت ئىچىدىلا ئېنتىرنىتتا پالەچ ھالەتكە كەلتۈرىۋىتەلەيدۇ.
لېكىن بىز بەزى رادىكال قازاقلارغا ئوخشاش ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلمايمىز،مىللەتچلىك قىلغانغا بىر ساپاسىز قازاق ئىلغار قازاققا ئايلىنىپ قالمايدۇ،ئەلۋەتتە مەن ئۇيغۇر دېگەن بىر ئوغرىمۇ ھەققانىيەتچى بولالمايدۇ.ئىنساننىڭ ساپاسى شەخسىي كىملىكى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.بىلىشىڭلار كېرەككى،سىلەر مەن قازاق،مەن ئانداق دېگەنسېرى رايونىمىزدىلا ئەمەس باشقا جايلاردىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززىتىدىن مەھرۇم بولىۋاتىسىلەر.ئادەم تىللاش سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭلاردىن دېرەك بەرمەيدۇ.چاۋشىيەنمۇ كۈندە تېلىۋىزىيە خەۋىرىدە ياۋۇزلارچە ئامېرىكىنى ھارغۇچە تىللايدۇ،لېكىن ھەممە ئادەم بىچارە چاۋشىيەننىڭ ھالىدىن خەۋەردار.مەن پەقەت مۇشۇنچىلىكلا چۈشەندۈرەي.بەزى رادىكال قازاقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش،مائارىپ ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىش،ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىش دېگەنگە راست شۇ ئىشلار بوپ قالمايدۇ.ئاللاھنىڭ ئىرادىسىز ھېچقانداق ئىش يۈزبەرمەيدۇ ،ئاللاھ يەريۈزىدىكى توغرا نىيەتلىك بەندىلەرنى قوغدىسۇن!بىزمۇ ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىمىزنى قوغدايمىز! |
|