خوتۇنى بىر كېچە ئۇخلىمىدى، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئېرى پەيدا بولدى، ئەزەلدىن قاتتىق قۇرۇق گەپ قىلىپ سوقۇشۇپ باقمىغان خوتۇن يامانلاپ ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ يېتىۋالدى، ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگىمۇ كەلمەي ئىشخانسىدا كۆز يېشى قېلىپ بىئارام ئۆتتى، كەچتە ئەر ئەپۇ سوراپ ئايالىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى، نەچچە كۈن باتناشتىن كېيىن ئايال ئېرى بىلەن يارىشىپ قالدى،ئەرمۇ ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايدىغانغا ۋەدە بەردى،
بىرقانچە يىللاردىن كېيىن خوتۇنى يەنە كېچىچە ئۇخلىيالمىدى، تاڭ ئاتاي دىگەن بولسىمۇ ئەر ئۆيگە كەلمىدى، بىرقانچە قېتىم تېلفۇن قىلغاندىن كېين ئايال، قايتىلاپ تېلفۇن قىلىشتىن ئۆزىمۇ بىزار بولدى، ئىلگىرىكى ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرىنى، ئەردىكى ھازىرقى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلدى، تاڭ ئېتىشى بىلەن يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ، يانفۇننى ئېتىپ ئىشىغا كەتتى، ئەر ئولتۇرۇشتىن قايتىپ ئۆيگە كېلىپ، دائىم رەتلىك پاكىز تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ تازىلانمىغانلىقنى كۆرۈپ ھەيران ھەم خاپا بولدى، تېلفۇن قىلىۋىدى ، ئايالىنىڭ يانفونى ئېتىك چىقتى، ئىشخانىغا تېلفۇن قىلىپمۇ ئالالمىغاندىن كېيىن تېرىككەن ھالدا كەچ بولۇشنى كۈتتى،كەچتە ۋاقىت خېلى يەرگە بارغان بولسىمۇ ئايال كەلمىدى، ئەر ئاخىرى يەنە ئايالىنى ئىزدەپ ئىشخانىغا باردى، ئايالىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ، چىرايلىرى ساغىرىپ كەتكەن بولۇپ نەچچە يىل ئاغرىق ئازابى تارتقان كېسەلدەك بولۇپ قالغان ئىدى، ئەرنى كۆرۈپ ھىچقانداق زۇۋان سۈرمىدى، چىرايىغا قاراپمۇ قويمىدى، بىر كۈندىن بېرى ئايالى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان ئەرنىڭ تاقىتى تۈگەپ ئايالغا قاتتىق تېگىپ ئۇرۇشتى،ئايالنىڭ بىر كۈن تېلفۇننى ئالمىغىنىنى باھانە قىلىپ بىر كېچە كىرمىگەنگە ئۇنچە قىلىپ كېتش ھاجەتمىدى دەپ ئايالنى ئەيىپلىدى، ئايال ئەردىن سورىدى: بىر كېچە كىرمىگەنگە راسلا ھىچنىمە بولمامدۇ؟
بۇ سۇئالدىن ئەرنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى،دەسلەپ ئۆزىنى ئاقلىدى،ئارقىدىن گەپ تەگەپ ئۇرۇشتى، يەنىلا ئايالىنىڭ سارغايغان چىرايىغا قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ سەل خىجىل بولدى ، سۆزلەپ يۈرۈپ ئايالىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
كېيىنكى يىللاردا بۇنداق ‹‹خوتۇنى بىر كېچە ئۇخلىيالمايدىغان كېچىلەر››دىن نەچچىسى ئۆتتى، ئۇلار ئىككى بالىلىق بولۇشتى، ئايالنىڭ يۈركىدە ھازىرغىچە سىرى ئېچىلمىغان تۈن كېچىلەردىن بىرنەچچىسىنىڭ گۇمان شولىلىرى ساقلىنىپ قالدى، ئەرنىڭ گېپى بويىچە ئۇ ئەمدى ئەر ئۆيگە قايتمىسىمۇ تېلفۇن قىلىپ ئەرنى دوستلىرى ئالدىدا‹.يەرگە قاراتمايدىغان››، كەلسىمۇ كەلمىسىمۇ بالكۇندىن سىرتقا قاراپ يولغا تەلمۈرمەيدىغان، ئۇزۇن كېچىلەردە ئەر بولسىمۇ بولمىسىمۇ ئوخشاشلا ئۇخلاۋېرىدىغان بولدى .ئەر دەسلەپ بۇلاردىن خوش بولۇپ ئايالىنىڭ ئۆزىگە ‹‹ئىشەنگىنىدىن›› پەخىرلىنىپ يۈردى،كېيىن ئاستا-ئاستا ئايالىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدى، ئەپسۇس ئەر ئەمدى ئايالىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كۈندە ئۆيگە قەستەن قايتمىسىمۇ ئايال بىرەر قېتىممۇ سوراپمۇ قويمىدى، ئەر گۇمانسىراپ خوتۇنى ئۇخلاپ قالغاندا ئايالىنىڭ يانفۇنىدىن گۇمانلىق نومۇرلارنى تېپىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئوغرىدەك تىپىرلايدىغان قىلىقنى چىقىرىۋالدى
