ئىگىسى: parlak

خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى(ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6284
يازما
265
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7667
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 10:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلاردىن قارىغاندا  ئازاپ چىكىۋاتقان ئاياللار ئاز ئەمەس ئىكەن، كۆرۈپ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.
ھەي ئەرلەر، ھەي ئەرلەر.... ئاياللىرىنىڭ غۇرىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، ساداقىتىنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، نۇرغۇن سەبىيلەر يېتىم بولدى.
نۇرغۇن كىشى بەزى ئىللەتلەرنى يەنىلا ئاياللاردىن كۆرىدىكەن، ئايال ھەر قانچە ئەسكى بولسىمۇ ئانا بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بالىسى ئۈچۈن ياشاشنى بىلىدۇ. لېكىن بەزى ئەرلەر دادا بولغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۆزى ئۈچۈن ياشاۋىرىدۇ.
بىر دوستۇمنىڭ 20يىللىق ئۆيىمۇ مۇشۇنداق ئىش سەۋەپلىك بۇزۇلدى، ئەر ھەر كۈنى كەچتە ئۆيىگە ۋاقتىدا قايتمايتتى. ئايالى جىق بەرداشلىق بەردى لېكىن بۇ ئەر ئاخىرى ئايالىغا:
مېنى ئۆيگە ۋاقتىدا كەلسۇن دېسەڭ بۇ شەرتلىرىمگە قوشۇلىشىڭ كېرەك دەپ شەرت قويدى،1) ئۆي ئىچىدىمۇ ھەر ۋاقت ياسىنىپ، چاچلىرىڭنى رەتلىك تاراپ كېلەڭسىز كىيىملەرنى كىيمەي يۈرۈشىڭ كېرەك. 2) ئۆيلەرنى چاڭ قوندۇرماي پاكىزە تۇتىسەن ئەگەر بىرەر تال چاڭ توزاننى كۆرسەم يەنە ئۆيگە كەلمەيمەن 3) مېنى ئۆي ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرمايسەن، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزۈڭ قىلىسەن 4) مېنىڭ بىلەن سىرتقا چىقساڭ چوقۇم مودا كىيىنىپ يۈرۈشۈڭ كېرەك، ئەگەر  يەنىلا كېلەڭسىز كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىكەنسەن يەنە ئۆيگە كەلمەيمەن....ئىش قىلىپ بۇ شەرت 10تۈرلۈكقۇ دەيمەن، بىچارە خوشنام بۇ شەرتلەرگە بوي سۇنۇپ بولالماي ئاخىرى ئاجرىشىپ ئىككى بالىنى يېتىم قىلدى.  
ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئائىلىسى  ئەرنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا كەلمەسلىك سەۋەبىدىن ۋەيران بولدى.
ھىلىمۇ  ۇ ئايال جىق بەرداشلىق بەردى،  جىق ئازاپ چەكتى. بەزىدە مۇشۇنداق كۈن مېنىڭ بىشىمغا كەلسە مەنمۇ قانداق بولۇپ كىتەر ئىدىم دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئۇنىڭغا جىق ياردەم قىلغۇم كىلىدۇ لېكىن ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بىردىن ئائىلە بار ئىكەن، ۋاقتىمىز ئۆزىمىزدىن ئاشمايدىكەن .
ئائىلىسى، بالىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ  ئائىلىسىنى قوغداۋاتقان  شۇ ئاياللىرىمىزغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

UID
6692
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2665
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 18:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر نىمىشقا بىرگە شۈكرى قىلمايدىغاندۇ؟

بەخىت بىلەن ئازاپ قوشكىزەك

UID
12746
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 18:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدى دىسە، دىمىسىۇ بىز ئاياللار بالىلىرىمىز ئۈچۈن ھەممىگە چىدىغان بىلەن بۇ ئەرلەر چىدىمايدۇ، مىنىڭ ئېرىممۇ تولاراق ئىدارىسىداياتىدۇ،(ئۇ ساقچى) ئۇ مېنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدارىدا ياتامدۇ؟نەدە ياتىدۇ بۇنى خۇدا بىلىدۇ دەپ ماڭا چاقچاق قىلىدىغانلارمۇ كۆپ بىراق مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئۇ ھەرگىز باشقا قالايمىقان يەرلەيدە ياتمايدۇ، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان كەسىپچان ئەر. مەن ئۇنىڭغا (سىز مېنىڭ ئۈلگەم، مېنىڭ قانداق بولىشىمنى ئۈمۇد قىلسىڭىز سىز ماڭا ئالدى بىلەن ئۈلگە بولمىسىڭىز بولمايدۇ )دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، بۇ قانداق ئىش قىلسا مەن ئۇنىىڭدىن ئاشۇرۋېتىشىمنى ئۇ بەش قولدەك بىلىدۇ، بىراق ئېغىزدا دەپ قويغان بىلەن پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولمايدۇدە.
بارلىق ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ئۇلۇغ ئاللاھ.

تىرىشچان ئەزا

nima ixlarni kiliwatimiz......

UID
2329
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
805
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 20:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى،بۇنداق بىر كىچە ئۇخلىماسلىقلار تالاي تالاي تەكرارلاندى،بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى،ئايال ھىچ ئىش بولمىغاندەك "ئىچىدە روزا تۇتۇپ،تېشىدا ھېىيت ئويناپ....."بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى،بۇ كۈنلەردە مۇنبەرلەر،مۇنبەردىكى ئاچا يوللۇق ھەمشىرىلەر روھىي تۈۋرۈك بولدى،بۇ كۈنلەرمۇ ۆتتى،ئېرىگىمۇ ئاتتى ئاشۇ تاڭلار،ئايالغىمۇ ئاتتى شۇ تاڭلار،بىر كىچە ھېلىمۇ بىر يىلدەك ئاستا ئۆتتى،ھەر قېتىم كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقاندا،مۇشۇ ئىشلارغا ئاھ ئۇرغاندا،پەقەت ۋە پەقەت "بىر اللاھقىلا قۇيدۇم،اللاھ ئادىلدۇر.........."دەپ تەسەللىي ئېيتتى،كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىدى،ئۇ ئايالدىمۇ يوق ئەمەس غورۇر ،ھەتتا ئەردىن ئېشىپ چۈشكىدەك بار،ئەمما شۇ نارسىدە يۇرەك پارىسىدا نىمە گۇناھ  ؟ دەپ چىدىدى.ئاخىرى ئەر يامان كىشىلەرنىڭ باشلىغان يولىدىن قايتتى،ئەمما ئايال ئېغىر كىسەل بىلەن دوختۇرخانىدا ياتتى.............مانا بۇ ئايال مەن...............

ياشاش ئۈچۈن ياشاش....

كۆيۈمچان ئەزا

شەرمى - ھايا ___ قى

UID
8974
يازما
99
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3429
تىزىملاتقان
2011-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 23:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق ھەرخىل خارەكتىرىدىكى خوتۇنلار ---بۇ!!
خوتۇنى بىر كىچە ئوخلىمىدى ،بارلىق ئازاپلىرىنى كۆز يىشىدىن چىقىرىدىغاندەك تۇراتتى !!
ئۇ ناماز ئوقۇۋىتىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھدىن ئىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ،ئىمان تىلىدى ،مانا بۇ ھەققى مۇسۇلمان ئاياللار !!!
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ،ئىمان ئاتا قىلغاي ،بەختىمىزنى بەرسۇن ،شۇكۇرى ئاللاھ !

بەختىمنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ،،،،شۇكۇرى ئاللاھ !!!

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 23:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر كىچە ئۇخلىمىدىم ، باشقا ئاياللارغا ئۇخشاش ئۇنىڭغا كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىدىم . ئۇ تاڭ ئىتىشقا ئاز قالغاندا كەلدى . بىرمۇنچە تاپا -تانا ، تالاش -تارتىشتىن كىيىن ئۇ يىتىپ ئۇيقۇغا يۇل ئالدى ،مەن تاھارەت ئىلىش ئۆچۈن ماڭدىم .
بۇنداق كىچىلەر ساناقسىز ،شۇنداق بۇلغاچقىمۇ مەن پەقەت سەمىرەلمەي ئاۋارە.

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 00:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە يۇلدىشىمغا :ئەگەر ئىمكان بۇلغان بۇلسا بىز ئالمىشىپ باققان بۇلساق سىزمۇ مىنىڭ ئۇرنۇمدا بىر ھەپتە خۇتۇن بۇلۇپ باققان بۇلسىڭىز دىسەم ، ئۇ كۇلۇپ تۇرۇپ سىز خانىش كۇنىنى كۇرىۋىتىپمۇ يەنە ۋايسايسىز  دەيدۇ.
مەن سىرتلاردا سىزگە ،قىزىمغا يۇز كىلەلمىگۈدەك ھىچ قانداق بىر ئىش قىلمىدىم ھەم مەڭگۈ قىلمايمەن .سىزنىڭ ئەنسىرمەڭ ......... دەپ ماڭا تەسەللى بىرىدۇ .
مەن يەنىلا ئۇلۇغ ،ياراتقۇچى ئاالادىن ئۇنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيمەن !

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.

UID
5782
يازما
115
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2486
تىزىملاتقان
2010-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 00:36:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇنى بىر كىچە ئەمەس تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۇتكۇزدى . يىغلىدى قاخشىدى ، ئاللادىن ئۇنىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ تىلىدى ، لىكىن يەنىلا ئۇزگەرمىدى ، شۇنداقتىمۇ خۇتۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ  بەكرەك مىھرىبانلىق كۇرسەتتى ، كوڭلىدە ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرسىمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۇزگۇرىشىنى كۇتتى . ۋە يۇزىگە سالمىدى ، مانا بۇ بالىسىنىڭ يىتىم بۇلۇپ قىلىشىنى خالىماي ھەممە دەرتنى ئۇزى  ئچىگە يۇتۇپ يۇرگەن دەرتمەن بىر دۇستۇم ، مەن بۇ ئىنكاسنى يوللاش بىلەن بىرگە ئۇلۇغ ئاللادىن  ،ئەرلەرنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ ،دىلى نازۇك خانىم قىزلىرىمىزغا چەكسىز سەۋرى تاقەت تىلەيمەن .

UID
11422
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھكامۇل قۇرئان ( قۇرئاندىكى ھۆكۈم ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى) دەيدىغان بىر كىتاپ بار. ئۇيغۇرچە، 2 قىسىملىق. شۇنىڭدىكى مەخسۇس زىنايى - ھارام توغىرىسىدا چۈشكەن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى -- رەڭلىك سورۇن سەۋەبىدىن ئۆيىگە ۋاقتىدا قايتمايدىغان ئەرلەرنىڭ  ئەڭ ياخشى دورىسى.

UID
12534
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 12:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى ، كىچىچە زادى نىمىشقا بۇنداق بولغانلىقىنى ئويلىدى ۋە ئاخىر جاۋابىنى تاپتى ~! ئەتىسى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى . ئەمدى كىچىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىمىدى ، تاماقنى سىرتتا يىمىدى ، ئىشتىن روھسىز ، ھارغىن  ھالەتتە قايىتمىدى ... بىر-يىرىم ياشقا كىرگەن ئوغلىنى بالا باققۇچى قىزغا تاشلاپ قويمىدى  ، ئاتا - ئانالىرىنى ۋاقتىدا يوقلاپ تۇردى ، ئىرىمۇ ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدىغان بولدى ، كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئۇلارنى سىرتقا ئاچىقىپ ئايلاندۇرۇپ كىلىدىغان بولدى ...... شۇنداق قىلىپ ئەقىللىق خوتۇن ، بالىسىنى يىتىملىكتىن ، ئائىلىسىنى ۋەيرانلىقتىن ساقلاپ قالدى ~!

ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم ~!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش