مەن توي قىلغىلى ئەمدى تېخى 33 كۈن بولدى، مېنىڭ يولدىشىممۇ نەچچە يىلدىن كېيىن مېنى ئۇخلاتمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ قالارمۇ؟

ئۇ ھازىر بىر قىسىم ئۆي ئىشلىرىنىمۇ ماڭا قىلىشىپ بېرىدۇ، بىر ئاز ئېغىرراق جىسماني ھەرىكەت قىلىشقىمۇ يول قويمايدۇ. مېنى خۇددىي كىچىك بالىنى قوغدىغاندەك قوغدايدۇ ھەم كۆيۈنىدۇ. كېچىدە ئۇسساپ كەەتكەندە مېنى پەقەت ئويغاتماي ئۆزى قوپۇپ چاي ئىچىپ كىرىدۇ. ماڭا دېسەڭلار ئەكىرىپ بېرەتتىم دېسەم، بىر ئوبدان ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى ئويغىتىپ ئاتايىن ماڭا چاي ئەكىرىپ بەر دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ دەيدۇ. ئۇ (ساقچى)تولا ئىدارىسىدا دىجۇرنى تۇرىدۇ، شۇنداق كۈنلەردە تولا تېلېفون قىلىپ، نېمە تاماق يېگىنىمنى، كېچىچە مۇنبەر كۆرمەسلىكىمنى، دورا يېيىشىمنى...تاپىلايدۇ. لېكىن ئۇمۇ كېيىن ئۆزگىرىپ كېتەرمۇ؟؟؟ مەنمۇ ھازىردىن باشلاپ ئاللادىن ئۇنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ تۇراي. ئۇ ناۋادا ئۆزگىرىپ كېتىپ قالسا شاڭخەيلىك خوتۇندەك قىلالامەنمۇ؟ ھەممە ئادەم ئەر خەقلەرنى ئۆمرىدە بىر قېتىم تالاغا قارايدۇ دېيىشىكەن، ئىنكاسلاردىن قارىسام مۇنبەردە يەتكۈچە دەرت تاتقان ھەمشىرىلىرىم بەك كۆپكەن، بۇلارنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەك بۇزۇلدى. قانداق قىلسام يولدىشىمنىڭ تالاغا قارىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولار؟ بۇ تېمىنى ھەم ئىنكاسلارنى ئوقۇپ مەنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم. "داڭلىغان قىز تويىدا..." دېگەندەك ئىش بولۇپ قالماس ھە؟! ئىنسان ئاجىز كېلىدىكەن، ئادەم ئاتىمىزمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ جەننەتتىن ھەيدەلدىغۇ ئەنە. شۇڭا پەقەت بىر ئاللاھتىنلا ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيلى. ئەمدى بۈگۈن كېچە ئۇخلىيالمايدىغان بولدۇم.