- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 110
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1010
- تىزىملاتقان
- 2011-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-23
- UID
- 12034
- يازما
- 110
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1010
- تىزىملاتقان
- 2011-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-23
- توردا
- 21 سائەت
|
كىچىك بالىلار ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ناخشا، تەنتەربىيە دىگەندەك دەرىسلەرگە قارىغاندا ماتىماتىكا، فىزكا دىگەندەك تەبى پەن دەرىسلىرى مۇشكۈل كېلىدۇ، ھەم بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزىقىپ كەتمەيدۇ. - يىللىققا كىرگەندىن باشلاپلا ئاساسى ئاخىز ، يۇقۇرى يىلللىقا چىقانسېرى، ئۇلارنىڭ ئاجىز ئاساسى تېخىمۇ ئۆزىنى كۆرىتىدۇ. ھازىر قوش تىل مائارىپى دەپ، خەنزۇ تىلىدىن ھېچنىمە بىلمەيىدغان بالىلارنىڭ دەرسلىكلىرى خەنچە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بىرنەرسە بىلدۈرىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرلاپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق بالىلارغا ماتىماتىكا نەتىجىسىنى مۇنچە پىرسەتكە يەتكۈزمىسەڭ لاياقەتسىز بولىسەن دىگىنى، خۇۇدى قۇناق ئۇنى ئەكىلىپ بېرىپ، مۇشۇنىڭدا تازا ئوخشىتىپ تاراسلىتىپ سوزۇپ، چۆپلىرىنى يىپتەك ئىنچىكە سوزۇپ ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتەلمىسەڭ سەن لاياقەتسىز ئاشپەز دىەندەكلا گەپ. قۇناق ئۇنىدا قانداقمۇ ئۇنداق لەغمەن ئەتكىلى بولسۇن؟!
شۇڭا، بالىلارنىڭ مەۋسۈم بېشىدىكى نەتىجىسىگە قاراپ، كېيىنكى مەۋسۇمدە شۇنىڭ ئاساسىغا قانچىلىك يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى، ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ ۋەزىپە يۈكلىسە بولىدۇ. 3-سىنىپقا چىققان بىلەن 2-سىنىپقا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ لاياقەتسىز بولىدىغان ئوقۇغۇچىنى، سىنىپتى چۈشۈرۈشنى قانۇنسىز دەپ، مەجبۇرىي يۇقۇرى سىنىپقا چىقىرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا شۇنداق ماتىماتىكا ئۆگىتىسەن، ھەم نەتىجىسىنى مۇنچە پىرسەنت قىلىسەن دەپ ئۆلچەم قىلىپ، بۇ ئوقۇتقۇچىنى باھالاش، باشقۇرۇشتىكى ئىلميسىزلىك!
نەدىكى يوق بىر دەرىسلەنى تۇتقان مۇئەللىملەر، يەنە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىدىن كېىرىپ ئېغىزىدىن چىقىپ يۈرىدىغان، ئەملىي خىزمەتنى بولسا ئانچە ئىشلەپ كەتمەيدىغان مۇئەللىملەر ئىلغار بېكىتىلىپ، مائاشى ئۆستۈرۈلۈپ، ماتىماتىكىغا ئوخشاش دەرىسلەرنى تۇتۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىلەر ئاساسىنى ياخشى تىكلەپ بەرمىگەن، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىپ يۇقۇى نۇمۇر ئالدۇرۇپ، نەتىجىسى ياخشى دەپ باھالانغان، مۇشۇنداق بالىلارنى بۇ مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ، شۇنچە كۆڭۈل قۇيۇپ ئوقۇتسىمۇ، مەكتەپ بېكىتىپ قويغان «بۇغداي ئۇنىدا ئەتسە بولىدىغان لەغمەن ئۆلچىمىدە، قۇناق ئۇنىنىڭ لەغمىنىنى ئۆلچەپ» بۇ ئوقۇتقۇچىنى لاھايقەتسىز قىلىپ، مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا زەربە بېرىش، مۇشۇ بىر مەكتەپتىلا بولمىسا كېرەك.
شۇنداق قىلىپ، ھازىر بارلىلارنىڭ تەبىي پەن دەرىسلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ؟
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە، خەنزۇ بالىلارنىڭ ماتىماتىكا دەرسلىرىدىن 50-60 ئېلىشى دىگەن ئادەتتىكى ئىشكەن. بىراق ئۇيغۇر بالىلار، بولۇپمۇ ئىجتىمائى پەنگە بۆلۈنگەن بالىلار ماتىماتىكىدىن 20 نومۇر ئالالمايدىغانلار توپىدەك كۆپ بولىدكەن.
مانا مۇشۇنداق، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تەبىي پەن ئۆگىنىش ئاساسى تۆۋەنكەن. ئاس ساندىكى بالىلار ئۈزۈپ چىقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بالىلارنىڭ تەبىي-پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يوق. ھە دىسە سەنئەت، ئەرتىس، ناخشىچى، ئۇسۇلچى دىگەندەك نەرسىلەرگە قىزىقىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەبىي پەن بىلەن شۇغۇللىدىغان سالمىقى شۇنچە تۆۋەن بولىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولشىىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا، مەكتەپتىكى مۇشۇنداق باشقۇرۇشى، ھەم جەمىيەتنىڭ تەبى پەندىن باشقىسىغا بەكرەك قىزىقتۇرۇپ كېتىشى دىگەندەك ھەممە جەھەتنىڭ يىغىندىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبى پەن ئاساسى تۆۋەن بولىۋاتىدۇ.
خىزمەتنىڭ ئېغىرلىقى، چارچاش ئادەمگە ئېغىر بىلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما تەڭسىزلىك، ئادىلسىزلىق، كۆڭۈلگە زەربە بېرىشلەر ئادەمنى چارچىتىدۇ.
مەن باش تىما يازغۇچىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن.
|
|