- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 57
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 57
- تىزىملاتقان
- 2012-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-3
- UID
- 44964
- يازما
- 57
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 57
- تىزىملاتقان
- 2012-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-3
- توردا
- 66 سائەت
|
شامدەك يېنىپ ئەبەدىل ئەبەت ،
شۇمتەكلەرگە سۆزلەپ ھەقىقەت ،
ئايرىتقۇزۇپ مۇھەببەت - نەپرەت ،
جاھالەتكە ئوقۇتۇپ لەنەت ،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
ئايسىز ئايدىڭ بولمايتتى ئەسلى ،
مۇئەللىمسىز يوق باھار پەسلى .
يۈتەر ھەتتا نــــۇر - بەخىـــــت ۋەسلى ،
مەنمۇ ئاشۇ باغۋەننىڭ نەسلى ،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
نادانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ،
بالا يىغىپ ئۆتسىمۇ ھەر كۈن ،
جاپا چەكسەم مەيلىغۇ بۈگۈن ،
شۇ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈستۈن ،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
«ماركىس نۇر » دەپ ئاتالدىم بەزى ،
بۇنداق نامغا ئەمەسمەن رازى .
ئويلاپ باقسۇن ھەقىقى قازى .
ۋاي ھېشكىمدىن بولماي نارازى .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
بور توزانغا كۆمۈلۈپ قات - قات ،
غەم ئىچىدە ئۆتسىمۇ ھايات ،
سەبىلەر ئۇ چىقارسا قانات ،
شۇنىڭ ئۆزى ئېسىل مۇكاپات ،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
نىمە بولسا يوقتۇر پەرۋايىم ،
پەقەت شۇدۇر ئارزۇ - ئارمانىم .
سىنتەبىردە ئەمەس ھەر - دائىم ،
ئۆسسە ئىززەت - ھۆرمەت سەرمايىم،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
ئوقۇتقۇچى بولغان ئۈچۈنلا ،
ياراتمىسا يىگىت مەيلىلا ،
يىتىم قالدىم دىمەسمەن ئەسلا .
ماڭا سىرداش سەبىيلەر تولا .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
ئىزدىنىمەن ھەر بىر قەدەمدە ،
چۈنكى ئارزۇ - ئىستەك جىق مەندە ،
ئېغىر يۈك بار ئەمدى زىممەمدە ،
زارلانمايمەن قالسام ئەلەمدە ،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
دىسەڭ قۇدرەت تاپسۇن ئەل ۋەتەن ،
غەملەر بىزگە بولمىسۇن كىشەن ،
ھەي كەڭ ئاۋام سەن بىزنى چۈشەن ،
دەت تۆكسەممۇ راس گەپتۇر ئىشەن ،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت ،
تاتساممۇ گەر جاپا - مۇشەقەت ،
مىنى ئەخمەق دىگەنگە لەنەت ،
گۈللەنمەيدۇ ئۆزى تائەبەت ،
يەنە دىسەم يەنە شۇ بىر گەپ .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت
بۇ شېئىرنى مۇنبىرىمىزدىكى دوپپىچى يوللىغان |
|