سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئاخىرىمۇ لاي بولىدۇ، دېگەن گەپ بار. جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلغۇچى مەھەللە ئاقساقىلى توغرا يولدا ماڭمىسا، جامائەتتىمۇ قايمۇقۇش بولۇشى مۇمكىن. سەركىسى ھوشار بولمىغان پادىنى كۈتىدىغىنى ئېچىنىشلىق قىسمەت! شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر رەھبەر ئىستىل ۋە نىيەتتە دۇرۇس بولمىسا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرمۇ بىپەرۋا ۋە لايغەزەل بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا قايسى ئىدارە - جەمئىيەتكە بولسۇن، ساغلام ئەخلاققا، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ۋە ئىنسانغا مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان رەھبەرنى ئىشقا قويۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھالقىسى. ئۇنداق بولماي، بىلىپ تۇرۇپ، ئىستىلى ۋە ئەخلاقى بۇزۇق ئادەمنى رەھبەرلىك ئورنىغا قويغانلىق بۆرىنى قويغا قاراتقانلىق ياكى ئىلمىي تەرەققىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن ئىبارەت. قوي تېرىسىگە ئۇرۇنۇۋالغان بەزى رەھبەرلەر ھوقۇق تۇتۇپ، ھېچ قانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۆزلىرىنىڭ زەرىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ. بۇنى بىز خىيانەتچىلىككە، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشلەردە قولغا چۈشكەن ئەمەلدارلاردىن بىلىۋاتىمىز. ئۇلار دۆلەتكە مەنپەئەت كەلتۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ھەممىمىز ئىشىنىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەلۋەتتە!
تور بەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ رەزىللىكى ۋە چاكىنىلىقىنى سوكۈپ يوللىغان نۇرغۇن تېمىلارنى ئۇچۇرتىمىز. نېمە ئۈچۈن تېما يوللىغۇچىلار ئاشۇ چاكىنا مۇدىرلارنى تەنقىدلەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، مىللەتكە كۆيۈنۈش، ھەقىقەتنى تېپىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىش بولسا كېرەك. مائارىپ ھەر كىمنىڭ كەلسە - كەلمەس ئوينىشىدىغان ۋە چاقچاق قىلىدىغان ئىشلىرىدىن ئەمەس. «ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت بىر كۈنى قەد كۆتۈرىدۇ، ئەمما مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ» دېگەن گەپ بار. مائارىپ ئەنە شۇنداق قۇدرەتكە ئىگە. يۇقىرى ئورگاندىكى رەھبەرلەرنىڭ بىر قىسىم مەكتەپلەرگە ھېچ نېمە بىلمەيدىغان، ھاڭۋاقتى، ئىشقۋاز نېمىلەرنى مۇدىر قىلىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى ھازىرغىچە بىلەلمەي يۈرۈۋاتىمەن. پارتىيە، ھۆكۈمەت مائارىپقا زور مەبلەغ سېلىۋاتسىمۇ، ئەمما شۇنداق مۇدىرلار دەستىدىن مائارىپىمىزدا تەرەققىيات بولمايۋاتىدۇ. بىر ئىزىغا سەكرەش ھامان داۋام قىلىۋاتىدۇ.
مەن ئۇزۇن يىل ئايرىلغان ئانا مەكتىپىمگە بۇ يىل مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن كىرىپ، بىر قىسىم ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مەكتەپنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ۋە بۇ مەكتەپكە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ تەقدىرىگە بەكمۇ قايغۇردۇم.
مەن ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ئېقتىدارلىق مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئەخمەت مۇئەللىم يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئوقۇتۇشقا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆيۈمچان مۇدىر ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر مۇدىر كېلىپ، ئاز ۋاقىت ئىشلەپ كېتىپ قاپتۇ. ئەمدىكىسىنىڭ نېمىسىنى ئېيتاي، بۇ مۇدىرنى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى بۇ شەھەردە بىلمەيدىغىنى بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ سېسىق نامى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتكەن. يەنى، بىر مۇئەللىم ئايال بىلەن بولغان «مۇناسىۋىتى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئادەم يىرگىنىدىغان، ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىغان يىرگىنىشلىق بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىم مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. ئۇ چاغدا مائارىپ سېپىدىكى بىر ئادەمنىڭ شۇنداق ئىش قىلغانلىقىغا قاتتىق نەپرەتلەنگەنىدىم. بەلكىم كۆپىنچىلەر مەندەك تۇيغۇدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن بىر ئائىلىنىڭ بۇزىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ 2000 مىڭدىن ئارتۇق مىللىي ئوقۇغۇچىسى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بار، ئانا تىلنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپكە مۇدىر بولۇپتۇ. شۇنداق بىر بۇزۇق ئادەم مۇدىر بولسا، بالىلارنىڭ تەقدىرى نېمە بولماقچى؟! چوكاننىڭ «تەمى» نى تېتىپ قالغان بۇ ناكەس مۇدىرنىڭ خىيالىغا ئوقۇغۇچىلار كىرىپ چىقسۇنمۇ؟ شۇڭا بۇ ئانا مەكتىپىمنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئاۋۋالقى يىللارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپتۇ. بالىلارنىڭ ئەخلاقىمۇ ناچارلاپ كېتىپتۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، بۇ ئىشقۋاز مۇدىر ھەر قايسى بۆلۈم – ئىشخانىلارغا خىيانەتچى، بۇزۇقلارنى مۇدىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئىلمىي مۇدىرلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تاپشۇرغان پۇلىغا خىيانەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن «شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى» تەرىپىدىن جازاغا ئۇچرىغان سابىق ئىلمىي مۇدىر بۇزۇق مۇدىرنىڭ «قوللىشى» بىلەن قايتا ھوقۇق تۇتۇپ، مانا ئەمدى ئۇ ئەخلاق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپتۇ.
يەنە بىر خىيانەتچى باشلانغۇچ يىللىقلارنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپتۇ. ئۇ ئەسلىدە چىندىل يېزا 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىدى. ئۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپنىڭ ئورمان ۋە باشقا مۈلۈكلىرىگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن «شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى» تەرىپىدىن چارە كۆرۈلۈپ، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە چەت يەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى قىلىپ يۆتكىۋېتىلگەن ئىدى. ئەمدى ئۇ تۇرلۇك يوللار بىلەن بۇ ئانا مەكتىپىمگە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇش ئۈچۈن كەپتۇ ۋە باشلانغۇچ يىللىقنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئەمەل تۇتۇپتۇ.
يەنە بىر خىيانەتچى مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان ھەققى ئۈچۈن تاپشۇرغان پۇلىغا خىيانەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مائارىپ ئىدارىسىدىكى خىزمىتى ئېلىپ تاشلانغان ۋە ئىشچىلىققا چۈشۈرۋېتىلگەن. ئەمما كېيىن بىر قىسىملارنىڭ يول قىلىشى بىلەن كەسپى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشقان. كەسپى ئوتتۇرا تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئانا مەكتىپىمگە يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئىت پوق يېيىشتىن قايتماس دېگەندەك كونا خۇيىنى تاشلىماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىغا خىيانەت قىلغان. سابىق مۇدىر ئۇنى ۋاقتىدا سىزىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن پۇلنى ناھايتى تەسلىكتە قايتۇرۇپ ئېلىۋالغان. ئۇ خىيانەتچى ئەمدى ئىشخانا مۇدىرى بولۇپتۇ.
يۇقىرىقىلارنى ئوقۇپ، بەزىلەر مېنى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ، نەدە شۇنداق ئىش بولسۇن؟ سېسىق نامى چىقىپ كەتكەن، ھۆكۈمەتتىن چارە كۆرۈلگەن ئادەملەرمۇ ھوقۇق تۇتامدۇ؟ ئەگەر ئەھۋال ئۇنداق بولسا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا دىققەت قىلماي قالارمىدى، دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە رېئال ئەھۋال شۇنداق! ئۇ سۆزلىرىمنى يالغان ياكى تۆھمەت دەپ قارىغۇچىلار بۇ ئانا مەكتىپىمگە كېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا ياكى ئۇلارنىڭ رەزىل تارىخىنى بىلىدىغانلاردىن سوراپ باقسا ۋە ياكى «شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى»، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار يولداشلاردىن ئىنىقلاپ كۆرسە ھەممە مەسىلە ئايان بولىدۇ. بەلكىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاندىكى رەھبىرى يولداشلار ئانا مەكتىپىمدىكى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىن. مەسئۇلىيەتچان بىرەر رەھبەر بۇ ئەھۋالنى بىلسە، دەرھال تەدبىر قوللىنىدۇ. چۈنكى، مائارىپقا شۇنداقلا ئەۋلادلارغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلەر تازا ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە مائارىپقا ھۆكۈمەت ۋە ھەر ساھەدىكى كىشلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. پارتىيە، ھۆكمەت چىرىكلىككە قارىشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى پاش قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسى ئۆز بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىستىلدا ۋە ئەخلاقتا چىرىكلەشكەن ۋە خىيانەتچى، بۇزۇقلار گۇرۇھ بولۇۋالغان قىلمىشلارنى ئاشكارىلاش كېرەك، بۇ ھەم پارتىيە، ھۆكمەتنىڭ بىزدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدى! شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئانا مەكتىپىمدە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان خىيانەتچى، بۇزۇقلار ھامان تارمار بولىدۇ. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بۇ ئىشتىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بەلكىم خەۋەر تاپمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمدى تور ئارقىلىق خەۋەر تاپىدۇ ھەم ئىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئاشۇنداق خىيانەتچى، بۇزۇقلار ھوقۇق تۇتقان مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھالى نېمە بولماقچى؟ ئاشۇ خىيانەتچى، بۇزۇقلارنىڭ گېپىنى ئوقۇتقۇچىلار ئىلىك ئالارمۇ؟ ھەيرانمەنكى، ئۇلار يەنە نۇمۇس قىلماي، سەھنىدە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە سۆز قىلىدۇ. «توشقاننى قۇمۇش ئۆلتۈرەر، ئادەمنى نومۇس» دېگەننى بىلمەمدىغاندۇ؟ بىراق ئۇنداق ھارامتاماق نۇمۇسسىزلارنىڭ يۈز تېرىسى قېرى كالىنىڭ بوينىدەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا يۈز ھەم نومۇس تۇيغۇسى بولمايدۇ. پاھىشە پاھىشەلەر بىلەن بىر گورۇھ بولۇۋالغاندەك بۇ ئىشقىۋاز مۇدىرمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھەر خىل تۈرلەر بۇيىچە بۇزۇلغانلارنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ھوقۇق بېرىشى ئۆزىنىڭ ئەيپىنى يېپىش بولسا كېرەك. توۋا دەيمەن، ئەنە شۇنداق سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەدەمنى نېمە ئۈچۈن مۇدىر قىلىدۇ؟ خىيانەتچى، بۇزۇقلار مەكتەپنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم – ئىشخانىلىرىغا مۇدىر بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ؟ ۋىجدانىمىزنى ئىت يەپ كەتكەنمىدۇ؟ ياكى شەخسىي مەنپەئەت تۇيغۇسى ھەممىنى بېسىپ چۈشكەنمىدۇ؟ بۇ بىز چوقۇم جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
مەن ئانا مەكتىپىم بولغان بورتالا شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا بەكمۇ ئېچىندىم. قولۇمدا ھېچقانداق ھوقۇق بولمىغاچقا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسكەنمەن. پەقەت ۋە پەقەتلا شۇلارنى پەدازلىماي، زاغرا تىلدىلا يازالايدىكەنمەن.
مەكتەپ ئىچىگە كىرسىڭىز ھەيۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنى ۋە ئاشخانا، ياتاق بىناسىنى كۆرۈپ، بۇ مەكتەپكە ھەۋەسلەنمەي تۇرالمايسىز، مەنمۇ ئانا مەكتىپىمگە كىرىپلا، پەخىرلىنىش ھېسسىياتىدا بولدۇم. بۇنى پارتىيە، ھۆكمەتنىڭ مىللىي مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، يۇقۇرىقى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپ، بەكمۇ ئازابلاندىم ھەم ئاشۇ خىيانەتچى، بۇزۇقلارغا قاتتىق نەپرەتلەندىم.
تېما ئاپتورى: مەزكۇر مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى: كامىلجان سابىر
مەنبە:
http://www.anwar.cn/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-12 19:05