ئۇيغۇر مائارىپى ئىگىسىز مائارىپمۇ؟
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى قايسىدۇر بىر تور بېكەتتىن «گېتلىر مۇدىر» دېگەن ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇنىڭدا ناھايتى قاتتىق قول بىر پاسىق مۇدىرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تىللاپ ھاقارەتلەيدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ناھايتى شەپقەتسىزىلىك قىلىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھاماقەت، ساپاسىز، كالۋا مۇدىرلار ھەققىدە يېزىلغان تېمىلارنى ھەر قايسى تور بېكەتلەردىن ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. سەركە مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولغان «باغداش» تورىدا ئېلان قىلنغان «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ – زارى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىلەر بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. «ئاقىللار» مۇنبىرىدىكى بىر شېئىرىنى بۇنىڭغا مىسال ئالايلى:
شوجاڭلار مارشى
بىز شوجاڭ كۈندە يىغىن ئاچىمىز،
يىغىن ئەمەس غەيۋەت قىلىپ ئەيىپ ئاچىمىز.
گەپ ئاڭلىمىغاننى تۈزەشكە ئېلىپ قالىمىز،
ئەرز قىلغان كاتتا نوچىلارنى سىيلاپ باقىمىز.
شوجاڭ بىز ساماۋى بىز، ئەزىم ئوكيان كەبى،
ئىچىمىز بوشار ئوقۇتقۇچىنى تىللىساق قەبىھ.
نەدە بار ئوقۇتقۇچىدەك يۇمشاباش سەبى،
كايىپ سۆزلىۋالىمىز تۆتنىڭ ئالدىدا تەبىي.
شوجاڭ قىل، مۇنداق قىل، ئانى ئايدا قىل،
شوجاڭ بىز گاھىدا تاپىمىز تۇخۇمدىن قىل.
ئوقۇغۇچى بىلەن كارىمىز يوق ئوبدان بىل،
ئوقۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇش بىزدىكى ئەقىل.
شوجاڭلار كېلىڭلار يىغىلىپ دەپتەر كۆرەيلى،
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلىقلىرىدىن ھوزۇر ئالايلى.
مىنۇت كېچىكسە تىللىپ بەرمەيلى ئارام،
پەرۋانىمىز تەخسىكەشنى دائىم قوللايلى.
گەرچە بۇ شېئىرىنىڭ بەدئىيلىكى ۋە بەزى سۆزلەرنى يات تىلدا ئىشلىتىشى جەھەتتىكى سەۋەنلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەزمۇنىغا قارىساق، بۇ شېئىردىكى ساپاسىز مۇدىرلاردىن قاخشاشنى كۆرۈۋالىمىز. بۇندىن باشقا، بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىملىرىنى تاملاردىن يۇلۇپ تاشلاشتەك قىلمىشلىرىنىمۇ ئوقۇپ غەزىپىم تاشتى. «باغداش» تورىدا ئېلان قىلنغان بىر ماقالىدا قومۇلدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە، بىر ئەمەلدارنىڭ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ «ئانا تىل» دېگەن شېئىرىنى كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى سوراق قىلغانلىقى ۋە ئۇ ھەقتىكى بەزى بايانلار كىشىنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. توردا ئېلان قىلىنغان بۇ خىلدىكى ماقالىلەر بەكمۇ كۆپ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مائارىپى ئىگىسىز قالغان مائارىپمۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق مۇدىرلارنى، ئەمەلدارلارنى بىر تەرپ قىلمايدۇ؟! تېخى يېقىندا نادىر مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولغان «ئەلكۈيى» تورىدىن «خىيانەتچى، بۇزۇقلار ھوقۇق تۇتۇپتۇ» دېگەن بىر ماقالىنى ئوقۇدۇم. (
/thread-35267-1-3.html) بۇ ماقالىدا، بىر ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىشقىۋاز بىر مۇدىرنىڭ ئۆز ئەتىراپىغا ئۆزىگە ئوخشاش ئىستىل ۋە ئەخلاقتا چىرىگەنلەرنى يىغىپ، ئۇلارنى ئىلمىي مۇدىر، ئىشخانا مۇدىرى ۋە ئەخلاق مۇدىرى قىلغانلىقىدىن ئىبارەت رەزىل قىلمىشى سۆزلىنىپتۇ. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى، ئۇ ئىشقىۋاز مۇدىر ۋەزىپىگە قويغانلار بولسا، ھۆكمەت تەرىپىدىن چارە كۆرۈلگەنلەر ئىكەن. بۇنىڭغا قاراپ «توۋا» دېمەي تۇرالمىدىم ھەم «ئۇيغۇر مائارىپى ئىگىسىز مائارىپمۇ» دېگەننىمۇ ئويلاپ قالدىم. ئۇ مەكتەپتە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. خىيانەتچى، بۇزۇقلار ھوقۇق تۇتسا، ماقالىدە دېيىلگەندەك مەكتەپنىڭ ھالى نېمە بولماقچى؟! كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيدىغىنى، نېمە ئۈچۈن ئەشۇنداق ساپاسىز، ھاڭۋاقتى، بۇزۇق، خىيانەتچىلەرگە قارىتا يۇقىرى ئورگاندىكى رەھبەرلەر تەدبىر قوللانمايدۇ؟ «ئادىلجان ئابلىز بلوگ»ىدىكى «مەكتەپ مۇدىرى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا مۇنداق مەزمۇنلار باركەن؛ «ئەسلىنى ئۇنۇتقان، ھوقۇقنى كىم ئۈچۈن ئىشلىتىش، كىمگە خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن كوللىكتىپنى جازالايدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىپ ئۇلانى ئوقۇتۇشتىن زىرىكتۈرۈپ، مائاش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قىلىپ قويىۋاتقان، بئوگىرات ئىدىيىدىكى بۇنداق مۇدىرلارنىڭ ساپاسى قاچانمۇ ئۆسەر؟ ئىدىيە قاچانمۇ ئازاد بۇلار؟!» «سۈبھى» تورىدىكى «شوجاڭ دېگەن كاتتا زات» دېگەن شېئىرىدىكى مۇنداق مىسرالار كىشىنى ئويغا سالىدۇ:
ئۆيىڭىزگە ئاخشىمى پاقلان سويۇپ باشلاپ تۇرۇڭ،
(شوجىڭىم ) دەپ (باشلىقىم) دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ،
دۈمبىسىنى ئوۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ،
تال چىۋىقتەك تولغىشىپ قاش كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ،
ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
نىمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دىگەن؟
نىمە ئۇ ھوقۇق ئەمەلنىڭ ئالدىدا مىھنەت دىگەن؟
نىمە ئۇ دىجدان- غورۇر، بىلىم دىگەن، خىسلەت دىگەن؟
نىمە ئۇ ۋەتەن دىگەن، ئەۋلات دىگەن،مىللەت دىگەن؟
تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
كۈندۈزى ئادەم سىياقتا كېچىشى شەيتان بولۇڭ،
رېستۇرانلاردا- قاۋاقتا ئادىمى ھايۋان بولۇڭ،
قىز تېپىپ -چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز (مىھمان ) بولۇڭ،
مەيلى خەق دەللال دىسە شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بولۇڭ،
ئار نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
ھەر قايسى تور بېكەتلىرىدىن «ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپى» «ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر» ... دېگەندەك كۆپلىگەن تېمىلارنى ئۇچۇرتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر مائارىپىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىل مائارىپى»، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە مىللىي ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىكلەر ئەسلى دانا رەھبەرلەرنىڭ جىددىي قارىشىغا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىدى، ئەپسۇس، ھەر قايسى تور بېكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى تېمىلار بىر مەھەل غۇلغۇلا پەيدا قىلىپلا، يەنە جىمىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەسلى مەكتەپلەردىكى ساپاسىز، ئىشقىۋاز، گالۋاڭ مۇدىرلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە مىللىي مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى، ساقلانغان مەسىلىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي قانداقمۇ مائارىپنىڭ تەرققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئەگەر ئۇيغۇر مائارىپىدا مەسىلىلەر ساقلانمىغان بولسا، تور بېكەتلەردە ئۇنچىۋالا غۇلغۇلا بولۇپ كەتمەيتتى. ھەر قايسى تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، شۇنى بايقىدىمكى، كۆپلىگەن تورداشلار يەنىلا پارتىيە ھۆكىمەتكە ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن، بۇنى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئۇيغۇر مائارىپى ئىگىسىز قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىشتىن ئىبارەت! ئىگىسىز قالغان مائارىپ، يېتىم مائارىپتۇر. ھەمىمىز بەلكىم ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئىگىسىز قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلساق كېرەك... ئىشەنچەم شۇنىڭغا كامىلكى، ئۇيغۇر مائارىپى ئىگىسىز قالمايدۇ، ھامان ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغانلار چىقىدۇ!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 23:14