نۇر تورىدىن مۇنداق بىر خەرۋەرنى ئوقۇدۇم؛
نومۇسسىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يالىڭاچ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 19 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى يېقىندا بەزى بىر تور مۇنبەرلىرىدە گۇاڭشى نەننىڭ شەھىرى بىڭياڭ ناھىيەلىك مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «يالىڭاچ سۈرەتلىرى» دىن نەچچە پارچە چىقىپ قالدى. بۇ سۈرەتلەردە، بىر ئوتتۇرا ياشلىق قىپيالىڭاچ ئەر بىلەن كەينى تەرەپتىن قارىغاندا خېلى ياش كۆرۈنىدىغان بىر ئايال چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇراتتى. 19 – ئۆكتەبىر، بىڭياڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىغا، ھازىر بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاللىقاچان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى دەپ بەردى.
بۇ تور مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلاردا مۇنداق دىيىلگەن، بۇ مەكتەپ مۇدىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئاياللارنى ئوينىغان. مۇخبىر 18 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بىڭياڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشسا، قارشى تەرەپتىكى خىزمەتچى رەھبەرلەردىن سوراپ باقاي دەپ جاۋاب بەرگەن.
19 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، بىڭياڭ ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى، 15 – ئۆكتەبىر ئالاقىدار تارماقلار توردا بۇ «يالىڭاچ سۈرەت» لەرنى بايقىغاندىنن كېيىن، تېزدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 16 – ئۆكتەبىر، بىڭياڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بۇ مۇدىرنى مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. ھازىر، بۇ ئىش يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
http://www.nur.cn/news/2012/10/87129.shtml