بۇ 11قەۋەتتىكىparixta555 يوللىغان 2010-07-19 23:00 غا قارتىلغان :
ياخشى نەسىھەتلەركەن. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
ئەمما يۇقارىقى تورداشنىڭ sgt /fdgm kfltf /hxtfn khydu چدقالچىقى ئارقىلىق جەلىپ قىلماقچى .. دەپتۇ. بەزىلەر بەلكىم شۇنداقتۇ. مىنىڭچە كاللىسى بار ساپالىق . ئۇقۇغان قىزلارمۇ بەزىدە بەك قىسقا بولمىسىمۇ ئۇزۇن ئىشتاندىن سەل قىسقاراق ئىشتاننى كىيىپ سالىمىز.
كىيىم بىلەن باھا بەرگىلى بولدىغان بولسا بەزى دۇرەك تورداشلار ياقتۇردىغان ئايال زورو دەك كىيىم كىيىپ جىنايەت ئۆتكۇزگەنلەر كۆپ. مەن قانۇن ئىجراچىسى كۇرۇپ تۇرۋاتىمەن . ئالدىقى يېرىم يىلدا ئىچكىرگە بالا ساتقان. ئاق ساتقان ئايال جىنايەتچىلەرنىڭ% 98 ئۇزۇن چۇمپەردىلىك ئالتان جاندۇقنى بېشىدەك سالغان ئاياللار. ....................................
............................................
....... 
مۇشۇ ئىنكاس ئىگىسىنىڭ نەچچە قېتىملىق يازغان ئىنكاسلىرىدىن، سۆزلىرىدىن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى دەپ سالدىغان بولدۇم..تېما ئىگىسىنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىسىغا ئارتۇقچە ئىنكاس يېزىلىپ، تېمىنىڭ ئۆچۈرلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەسلى يازماي دېگەنتىم...ئەپسۇس........
پەرىشتە555، سىزنىڭ ئىنكاس يېزىشىتىكى قىزغىنلىقىڭىز ياخشىكەن ھەم سۆز -ئىبارىلەرنى بايان قىلىشتا جۈرئەتلىك ئىكەنسىز. گەپ-سۆزلىرىڭىزدىن سىزنىڭ قانۇن ساھەسىدىن ئىكەنلىكىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ تورىدۇ. قانۇنىي مىساللار بىلەن ئەمىلىي پاكىتلىق قىلىپ سۆزلەپ تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن ئونتىماڭكى، گەپ-سۆزلىرىڭىزدىن سىزنىڭ خىزمەتكە قاتناشقانلىقىڭىزغا ئۇزۇن بولمىغاندەك ھىس قىلدىم. چۇنكى شۇ ساھەدىكى پىشقەدەملەرگە شۇ نەرسە ئايانكى، خىزمەت جەريانىدىكى بەزىبىر سان-سىفىر ياكى كۆز قاراشلارنى قارىغۇلارچە باشقىلارغا دىيىش ياكى ئۆز مەيلىچە مۇلاھىزە قىلىش ئۇ كەسىپكە ماس كەلمەيدۇ، خىزمەت بىخەتەرلىكى ۋە خىزمەتنىڭ قىسمەن مەخپىيەتلىكىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ خىزمەت ۋاقتى بىلەن خىزمەتتىن سىرتقى ئەركىن پائالىيەت ۋاقتىدىكى سۆز-پائالىيەتلىرىگە ئېغىر بىسىقلىق بىلەن نەزەر تاشلاڭ، قىزىققانلىق بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىر پۈتۈن كەسىپنى بايانى سۈپىتىدە ئالدىراپ دىيىش كەسپى ئەخلاق، كەسپى ئىنتىزامغا توغرا كەلمەيدۇ. بۇ يەردە بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گەپ سېتىشىڭىز ھاجەتسىز....چۇنكى بۇ مۇنبەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى، ھەتتا سىز ۋە مەندىن كۆپ سەۋىيەلىك كىشىلىرىمىزنىڭ سورۇنى. شۇڭا گەپ-سۆزدە ئىھتىياتچان بولۇڭ ھەم ئويلاپ سۆزلەڭ...
ئەمدى تېمىغا كەلسەك، ئىنكاسلىرىڭىزدىن شۇ خىل كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ مانچە پرسەنتى ئۇنداق كىشى ياكى مۇنداق كىشى دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلىشىڭىز ئۇ پەقەت سىزنىڭ تويغۇڭىز...ھەقىقى ئىخلاسى بىلەن كىيىندىغانلار ئىچىدىمۇ ئۆزىگە ياخشىراق لايىق تىپىشنى ئويلاپ كىيىندىغانلارمۇ بار دېگەن قانداق گەپ ئەمدى؟ بۇمۇ سىلەرنىڭ خىزمەتتىكى تەكشۈرۈش ئوبېيكىتىڭلارما؟....
ئونتىماڭكى، چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاغا سىغىنىپ كىيدىغانلارمۇ بار، ئاللانى شىپى كەلتۈرۈپ سىز دېگەندەك ناتۇغرا يوللاردا يۈرۋاتقان، جان بىقىشنى مەقسەت قىلىپ كىيىنىپ، ساختا سىرتقى كۆرۈنۈش بىلەن ئالدامچىلىق يولىنى توتقانلارمۇ يوق ئەمەس. لېكىن بۇنى <بىر تاياقتا ھەممىسىنى ھەيدەش>ئۇسۇلىدا بايان قىلسىڭىز بولمايدۇ...بەزى ئەمىلى مىساللارنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتەي دېگەنتىم، گىپىم ئۇزىراپ كەتكىدەك...
گىپىم ئېغىر كەتسىمۇ، <دوست يىغىلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ> دەپ توغرا چۈشىنىپ، ياخشىراق ئۇيلىنىپ باقارسىز....مۇنبەردە ياكى چ چ دا ئېنىق سان-سىفىر بىلەن تەمىنلەپ، سۆزىڭىزنى دەلىللىمەكچى بولغانلىقىڭىز ياخشى ئەھۋاليۇ، ئۇنداق قىلىشنىڭ بەزىبىر تورداشلارغا ئاۋارچىلىق تېپىپ بېرىش بولۇپ قالمىسۇن، چۇنكى بۇنى دىمىسەممۇ، سىز قانۇن ساھەسىدىن بولغاندىكىن، ياخشى چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن..