بۇ 11قەۋەتتىكىparixta555 يوللىغان 2010-07-19 23:00 غا قارتىلغان :
ياخشى نەسىھەتلەركەن. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
ئەمما يۇقارىقى تورداشنىڭ sgt /fdgm kfltf /hxtfn khydu چدقالچىقى ئارقىلىق جەلىپ قىلماقچى .. دەپتۇ. بەزىلەر بەلكىم شۇنداقتۇ. مىنىڭچە كاللىسى بار ساپالىق . ئۇقۇغان قىزلارمۇ بەزىدە بەك قىسقا بولمىسىمۇ ئۇزۇن ئىشتاندىن سەل قىسقاراق ئىشتاننى كىيىپ سالىمىز.
كىيىم بىلەن باھا بەرگىلى بولدىغان بولسا بەزى دۇرەك تورداشلار ياقتۇردىغان ئايال زورو دەك كىيىم كىيىپ جىنايەت ئۆتكۇزگەنلەر كۆپ. مەن قانۇن ئىجراچىسى كۇرۇپ تۇرۋاتىمەن . ئالدىقى يېرىم يىلدا ئىچكىرگە بالا ساتقان. ئاق ساتقان ئايال جىنايەتچىلەرنىڭ% 98 ئۇزۇن چۇمپەردىلىك ئالتان جاندۇقنى بېشىدەك سالغان ئاياللار. كېچىسى كۇڭۇل ئېچىش ئورنىدا ئىشلەپ كۇندۇزى كىشلەر ئالدىدا ئورۇنۇپ يۇرگنلەرمۇ شۇنداق چۇمپەردىلىك ئاياللار. پەقەت2% ئاق چەككۇچىلەر بولسا سېرىق چاچ ئۇرۇق يالاڭباشتاق قىزلار بولدى.
مەن يۇزىنى ئورىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما كۇچى شۇنداق شەكلىۋاز.
ئۇلارنىڭ ھىچقانچە قابىليىتى يوق ئىقتىدرىمۇ يوق بولغاشقا شۇنداق ياسىنىپ ياخشىراق ئەرگە تىگىۋالماقچى.< ھەممىسىلا ئەمەس ئاز ساندىكى قابىل يەتلىك قىزلارمۇ بار>.
بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى . ئەخلقى پەزىلىتىنى كىيىم بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ. ئورنىپ يۇرگەن ھاجى خېنىملارنى جىق كۆرگەن بىز ئۇلاردا قېرىنداشلارچە مىھىر مۇھاببەت دىگەن يۇق. يالاڭ باشتاق مەدەنىي خانىملارنىمۇ كۆرگەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى خانىملار مەرىپەتپەرۋەر ئاق كۆڭۇل. قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىدۇ. يىتىملارغا ياردەم قىلدۇ. ئۇللللللللللارنىڭ يىغىسىنى يىغلايدۇ.
ئوڭلاپ ئويغۇرچە ئەتلەش كۆينەك بىلەن دوپپىنى سەنئەت كىيمى دەپ ئەرەپلارنىڭ ئابىيىنى ئۆزىچە ئابرويغا شەكىلگە كەيگەن.
....... 
كالتە ئىشتان كىيسىىڭىزمۇ، ئوقۇغان، "ساپالىق"، "مەدەنىي"، "بىلىملىك" ئىكەنلىكىڭىزدىن گۇمانلانمايمەن. سىزدىن سورايدىغىنىم:
(1) ئايال جىنايەتچىلەر ئىچىدە %98ى چۈمپەردىلىك ئاياللار دەپسىز. بۇ سانلىق مەلۇمات ئىشەنچىلىكمۇ؟ قاچان، نەدە، قانداق سىتاتىستېكا قىلىنغان؟ (قانۇن ئىجراچىسى دېگەن پاكىتلىق گەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!)
(2) يۈزىنى ئورىۋالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېچقانچە قابىلىيىتى، ئىقتىدارى يوقلۇقىنى، ياخشىراق ئەرگە تېگىش ئۈچۈنلا شۇنداق يۈرىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟ قارىغاندا، ئەنكىت تۇرغۇزۇپ، راي سىناش يولى بىلەن "بىلگەن" ئوخشىمامسىز؟ ئۇ ئاياللارنىڭ كاللىسىدىكى ئوي-پىكىرىنى "ئېنىق كۆرۈپ" بىلىۋالغانلىقىڭىزغا قارىغاندا، ھەقىقەتەن "قالتىس" ئىكەنسىز.
(3) يالاڭ باشتاق مەدەنىي خانىملارنىڭ "ياخشىلىقى"نى سىز كۆپ كۆرۈپسىز. بۇنىڭغا پىكرىم يوق. بەلكىم راست شۇنداقتۇ. ئەمما ئورىنىپ يۈرۈيدىغان ھاجى خېنىملارنىڭ ياخشىلىقىنىمۇ مەن كۆپ كۆرگەن. ئۇلار مەرىپەتپەرۋەر، ئاقكۆڭۈل، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىدۇ، زاكات بېرىشنى قەتئى ئونتۇپ قالمايدۇ. ئۇلار قىلغان ياخشىلىقىنى مەخپى قىلىدۇ، "ئوڭ قولىدا بەرگەن سەدىقىسىنى سول قولىغا كۆرسەتمەسلىكنى" بىلىدۇ. بەزى يالاڭباشتاق خانىملار خەير-ساخاۋەت قىلىپ، تېلېۋىزوردا شۆھرەت، ئابروي قازانغان بىلەن، ئورىنىپ يۈرۈيدىغان ھاجى خېنىملار قىلغان خەير-ساخاۋىتىنىڭ ساۋابىنى پەقەت ياراتقۇچىسىدىن تەمە قىلغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا كۆرسىتىپ يۈرمەيدۇ. شۇڭا سىزدەك باشقىلارنىڭ كاللىسىدىكى ئوي-پىكرىنىمۇ "بىلەلەيدىغان قالتىس" قانۇن ئىجراچىسى بەزى ھاجى خېنىملارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى بەزىدە بايقىيالماي قالسىڭىز، ھەيران قالمايمەن.
(4) "ئەرەپلەرنىڭ ئابايىسىنى ئۆزىچە ئابروي ئۈچۈن كىيگەن" دېگەن سۆزىڭىز ئېغىر ھاقارەت گەپ بولدى. سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.

مەنمۇ شۇنداق ئابايى كىيىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلاردىن. لېكىن ئابرۇي ئۈچۈن دېگەننى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان......
(5) "بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى، ئەخلاقى پەزىلىتىنى كىيىم بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ" دەپسىز. بۇ گەپ 50% توغرا. لېكىن بىلىپ قويۇڭ، شەكىل بەزىدە ماھىيەتنى ئازىراق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. كىيىمنى ئاز كىيىش مەدىنىيلىك ھېساپلىنىدىغان ئىش بولسا، ھايۋانلار ئەڭ مەدەنىي بولغان بولىدۇ.
(6) ئۆزىڭىز بىلىملىك، ساپالىق بولغاندىكىن، خەت يازغاندا ئانچە-مۇنچە ئىملاغا دىققەت قىلىپ قويارسىز.