- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 57
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 57
- تىزىملاتقان
- 2012-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 46524
- يازما
- 57
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 57
- تىزىملاتقان
- 2012-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 23 سائەت
|
ئابلەت ئابلىكىم ئاكىمىز ئىشتىراك قىلغان 2010-يىللىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ئۆتكۈزگەن نورۇز پائالىيىتىگە ئاتايىن شاڭخەيدىن بېرىپ قاتناشقان ئىدىم ، ئابلەت ئاكام شۇ ۋاقىتتا مەيداندىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ، ئۇنىڭ ناخشا ئورۇنلىغاندىكى ھالىتىنى مەن ئۇيغۇر ناخشىچىلاردىن تاغىسى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىمىزدىن باشقا ناخشىچىلاردا كۆرۈپ باقمىدىم ، بىرخىل پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن چىقىدۇ ئاۋاز.
شۇ نورۇزدىن يىنىپ كىلىپ شاڭخەيدە بىر چەتئەلدىن ئوقۇشتىن دەم ئىلىشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقوغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالغان ئىدى ، ئۇنىڭغا بېيجىڭدىكى مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىشىمگىلا شۇنچىلىك ھاياجاندا ئۆزىنىڭ ئابلەت ئابلىكىم ئاكىمىزغا بولغان ھۆرمىتىنى سۆزلەپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەركۈنى ئابلەت ئابلىكىم ئاكىمىزنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ، شۇنچىلىك ئاتىلىق بۇرچنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇندايدىغانلىقىنى ، يولدىكى كىشلەرگە تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىشلىرىنى ئۆزىنىڭ بۇ سەنئەتكارىمىزغا شۇنچىلىك ھۆرمىتى بارلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
بۈگۈن ئەلكۈيى تورى باش بېتىنى ئېچىپلا بۇ سۆھبەتنى كۆرۈپ شۇ دوستىمىز ۋە بېيجىڭدىكى مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئابلەت ئابلىكىم بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىپ باقمىغان بولساممۇ مانا بۈگۈن ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلانماقتىمەن.
قالغان كۆز-قاراشلىرىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئوتتۇرىغا قوياي. |
|