توغراق كۈيچىسى،تەكلىماكان ئوغلى ئابلەت ئابلىكىم بىلەن ئەلكۈيى تورىدا سۆھبەت  ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى ۋە بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن چوڭقۇر سالام يوللايمىز،ئەجىر ۋە مىھنەت يولىدا باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن تۈمەنلىگەن گۈللەر ئۈنگەي،ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى تېخىمۇ ئاسان قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئەجىر ۋە مىھنەت ، جاپالىق تىرىشچانلىق،قەتئىي تەۋرەنمەي يۈكسەك ئىرادە بىلەن تىرىشىش،ئۆز ئەمگىكىنى خەلقىنىڭ بۈگۈنىگە،ئەتىسىگە ، كىلەچىگە ئاتاپ،قەلبىگە يۈكسەك ئارمانلارنى پۈككەن ئوغلانلارغا خەلقىمىز ئەزەلدىن ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن بەرگەن.مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزغا ئۆزىنىڭ كەسىپكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىزگە شىرىن بال -ھەسەللەرنى ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان،خەلقىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى،قايغۇسىنى،ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ قەلبىمىزنى لەززىگە كەلتۈرىۋاتقان شىنجاڭ سىرك ئۆمىكىنىڭ كومپىزوتورى،توغراق كۈيچىسى،تەكلىماكان ئوغلى ئابلەت ئابلىكىم تىلغا ئېلىنغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئوغلانىمىزنىڭ خەلقىمىزگە ئاتا قىلغان تۆھپىسىدىن سۆيۈنمەي ئۇنىڭغا ھۆرمەت ئىھتىرامىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.بىز بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئېكرانىنىڭ يېڭى سانىغا داڭلىق كومپىزوتور،تونۇلغان ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىمنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق <<ئابلەت ئابلىكىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت>>نامىدىكى يېڭى سان زىيارىتىمىزنى تورداشلارغا تەييارلىدۇق.
 بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەققىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى : خەلقىمىزگە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلەت ئابلىكىم،مۆمىنجان ئابلىكىمگە ئوخشاش مۇشۇنداق ياراملىق ئوغلانلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن ئابدۇرېھىم ئابدۇللا جەمەتى شۇنداقلا ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ..قاتارلىقلار بىلەن بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئېگە بولۇش شۇنداقلا تورداشلار بىلەن بۇ پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرنى ئۇچراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مارالبېشى دىيارىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىگە بېرىپ ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە چوڭ ئۆيىدىكى تاغىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ،بۇ ئائىلىنىڭ سەنئەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا بولغان باھاىسى ۋە ئۈمىدىنى سۆھبەت شەكلىدە سىنغا ئېلىپ مەزكۇر زىيارەت بىلەن بىرگە ئېلان قىلدۇق.
زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر 
 زىيارەت جەريانىدا توغراق كۈيچىسى،تەكلىماكان ئوغلى ئابلەت ئابلىكىم ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىدىكى ئىش-ئىزلىرى،مۇزىكا ۋە سەنئەتكە كىرىشىش جەريانىدىكى قەدەملىرى،بىر ناخشىچىنىڭ قانداق قىلغاندا خەلق ئېتىراپ قىلغۇدەك،باشقىلارغا يارىغۇدەك ناخشىچى بۇلالايدىغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىش-ئىزلىرى،يېقىندا بېيجىڭ مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرى،ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە تورداشلارغا بولغان قاراشلىرىنى مول مەزمۇنلۇق پىكىرلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابلەت ئابلىكىمنىڭ دادىسى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم(ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى) ۋە ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئانىسى بۇ ئايشەم ئابلا تۇمشۇقتىكى ئۆيىدە ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا 
ئابلەت ئابلىكىمنىڭ دادىسى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئەلكۈيى تورى زىيارىتى جەريانىدا تەلەپ بويىچە ئازراق ساز چېلىپ بەردى 
ئابلەت ئابلىكىمنىڭ چوڭ تاغىسى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مارالبېشى تۇمشۇقتىكى ئۆيىدە ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا 
ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئىككىنچى تاغىسى شىرئەلى ئابدۇرېھىم تۇمشۇقتىكى ئۆيىدە ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىدە

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەمەتجان ئۈمىدۋار ئابلەت ئابلىكىم بىلەن بىرگە ئەلكۈيى شىركىتىدىكى زىيارەتتىن كىيىن خاتىرە سۈرەت قالدۇدى 
ئەلكۈيى شىركىتىدىكى مەمەتجان ئۈمىدۋار،مەۋلان قاتارلىق بىرقىسىم خىزمەتچىلەر ئابلەت ئابلىكىم بىلەن بىرگە 
ئابلەت ئابلىكىم بىلەن ئەلكۈيى تورىدا سۆھبەت

ئابلەت ئابلىكىم بىلەن ئەلكۈيى تورىدا سۆھبەت بۇقېتىملىق سۆھبەت قانداقتۇر بىر سەنئەتكار،مۇزىكانت بىلەن سەنئەت ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت بولماستىن، بىلىم ئىگىلىكى،ئۇچۇر ئىگىلىكى دەۋرىدە سەنئەت كەسپىدىكى كىشىلەر نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىملىقى ، مىللىتىمىز زىيالىيلاردىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ھەرقايسى كەسىپتىكى ئۇستازلىرىمىز دەۋرىمىزدە باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولىشى كېرەك دىگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر كەسىپ،ئائىلە،مىھىر-مۇھاببەت ۋە ئىنسانىي بۇرچ تۇيغۇسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى دەپ قارايمىز،گەرچە ئابلەت ئابلىكىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت بىر قانچە سۇئاللارنى چۆرىدىگەن ،ئۇنىڭ ھاياتى ،ئىش-ئىزلىرىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، سۆھبەت توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەر بىر تورداشنىڭ كاللىسىدا ئەكىس ئەتكەن پىكىرلەر ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن،تورداشلىرىمىز زىيارەت فىلىمنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ھىس قىلغانلىرىنى ،ئابلەت ئابلىكىمگە بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى قالدۇرسا ئىنكاسلاردىن تامغان بال ھەسەللەردىنمۇ نۇرغۇن تورداشلار ھۇزۇر ئېلىپ قېلىشى ئېنىق گەپ.
ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى تورى ۋە تورداشلار نامىدىن بېيجىڭدا مۇزىكا كەسپى بويىچە داۋاملىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلانىمىز ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئوقۇشىغا زور نەتىجە ، تېنىگە ساق-سالامەتلىك ۋە كەسىپ يولىدا باسقان ھەر بىر قەدىمىگە ئالەمچە مۇۋەپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىگە بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ گۈل - دەستىلەرنى سونىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تورى ئەلكۈيى ئېكرانى كوللىگىيەسى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2012-يىلى كۆنەك ئېيىنىڭ 5-كۈنى |