- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 35
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 35
- تىزىملاتقان
- 2012-9-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-25
- UID
- 46473
- يازما
- 35
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 35
- تىزىملاتقان
- 2012-9-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-25
- توردا
- 10 سائەت
|
يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى تورلاردىكى زىيارەتلەر ئاۋۇشقا باشلىدى ، ئابلەت ئابلىكىمنىڭ بۇ زىيارەت فىلىمى ماڭا شۇنداق يارىدى ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆز ئاتا-ئانامنى ئېسىمگە سالدى . ئابلەت ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە بولغان بۇرچ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۇنىڭ سۆھبەتتىكى سۆزلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچكىردىكى باشقا مىللەتلەر كىنوسىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغىنىدا بىر ئۇيغۇر كومپوزىتورنىڭمۇ خەلقئاراۋى مۇزىكىلارنى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى پەقەت ئابلەت ئابلىكىم ئورنىدا ئەمەس بەلكى بىر ئۇيغۇر ئورنىدا تۇرۇپ قوبۇل كۆرگىنىدىن ھەربىرىمىز پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئابلەتكامنىڭ بېيجىڭدىكى كونسىرتى ئۆتكۈزۈلۈپ بولدىمۇ يوق بىلمىدىم ، ئەمما تېخى ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، ئۇنىڭ پىراففىسورىنىڭ ئۇنى كونسىرىت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغىنىدىن ئابلەت ئاكىمىزنىڭ بېيجىڭدا ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ قارايمەن.
مېنىڭ سۆزلىرىم يازغانسىرى كۆپىيىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ ، ئابلەت ئاكىمىز ئۇشبۇ ئىنكاسلىرىمىزنى كۆرۈپ خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلالىسا مەن شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئاخىرىدا ئابلەت ئاكىمىزنىڭ كەسپتە تېخىمۇ ئۇتۇقلارغا نائىل بولۇشىنى ، ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ، ئوغلى جەسۇرنىڭ تېخىمۇ ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
(ئەلكۈيى تورىغا سۆزۈم، بۇ سۆھبەتكە ئابلەت ئاكىمىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ، بوپمۇ ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىق ئوغلى جەسۇرنىمۇ ئازتولا سۆزلەتمىگىنىڭلار تازا مۇۋاپىق بولماپدۇ ، مەن فىلىم ئاخىرىغىچە شۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۈتسەم ھىچ تېپىلمىدى.) |
|