- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-18
- UID
- 31019
- يازما
- 3
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-18
- توردا
- 2 سائەت
|
ياخشىمۇ سىز تورداش!
سىز سورىغان سۇئالغا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بىرىمەن پايدىلىنارسىز:
1.دۆلىتىمىز نىكاھ قانۇنىنىڭ 5-ماددىسىدا نىكاھلىنىش ئەر - ئايالنىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن بولۇشى شەرت، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى زورلىشىغا ياكى ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دەپ بەلگىلەنگەن.
سىز قانۇن بويىچە يۇقارقى ئەركىنلىك پىرىسىپى ئاساسىدا نىكاھلانغان ئىكەنسىز يەنى قانۇن بويىچە ئەركىنلىك ئاساسىدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ھوقوقلۇق.يەنى :
دۆلىتىمىز نىكاھ قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدا ئەر ياكى ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار تارماق مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ ياكى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلىشتا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك؛ ئەر - خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك: (1) قوش نىكاھلانغان ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتقان؛ (2) ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغان ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلىغان، تاشلىۋەتكەن؛ (3) قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق ناچار ئىللەتنى قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن؛ (4) چىقىشالمىغانلىقتىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان؛ (5) ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان باشقا ئەھۋال. بىر تەرەپ يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.
دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن.
2.ئورتاق مال -مۈلۈك توغۇرسىدا دۆلىتىمىز نىكاھ قانۇنىنىڭ 17-ماددىسىدا ئەر - خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى مال - مۈلكى ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلكى بولىدۇ: (1) مائاش، مۇكاپات پۇلى؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى؛ (3) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى؛ (4) ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئېرىشكەن مال - مۈلكى، لېكىن بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسىنىڭ ئۈچىنچى تارماقچىسىدا بەلگىلەنگىنى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (5) ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان باشقا مال - مۈلۈك. ئەر - خوتۇن ئورگاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
18-ماددىسىدا ئەرياكى خوتۇننىڭ شەخشى مۈلۈكى بەلگىلىنگەن:تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، مال - مۈلۈك ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ بولىدۇ: (1) بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلكى؛ (2) بىر تەرەپ جىسمانىي زەخمىگە ئۇچراپ ئېرىشكەن داۋالىنىش پۇلى، مېيىپلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلار؛ (3) ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە توختامدا ئەر ياكى خوتۇنغا تەۋە دەپ بېكىتىلگەن مال - مۈلۈك؛ (4) بىر تەرەپكە خاس تۇرمۇش بۇيۇملىرى؛ (5) بىر تەرەپكە تەۋە باشقا مال - مۈلۈك.
3.مۇشۇ قانۇننىڭ 24-ماددىسىدا ئەر - خوتۇننىڭ مىراسقا ئۆز ئارا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار.
4.يولدىشىڭىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا يىزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسى يولدىشىڭىز ھايات ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.لىكىن ھازىر يولدىشىڭىز بىلەن ئىككىڭلار ئىچكى جەھەتتىن مال-مۈلۈك توغۇرسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلساڭلار بۇ كىلىشىم كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
قالغىنى مۇمكىن بولسا سىز ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرىغا بىرىپ سوراق بىقىڭ !؟
18399349815 |
|