- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-6
- UID
- 50453
- يازما
- 2
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-6
- توردا
- 0 سائەت
|
ھۆرمەتلىك تورداشلار،قانۇن ساۋادى بار دوستلار ۋە قانۇن كەسىپتىكى پېشۋالار،ياخشىمۇسىلەر!
بېشىمغا ئېغىر كۈن كەلدى،مەن نىكاھ توغرىسىدا كەڭ تور ئەھلىدىن ياردەم-مەسلىھەت سورىماقچى،بىلمەيدىغانلار،ياردەم قىلالمايدىغانلار ۋە مۇناسىۋىتى يوقلار خاپا بولماي قالايمىقان ئىنكاس يازمىغان بولساڭلار.ئىنسان دىگەن ياشىغىچە ھەرخىل قىسمەتلەر بېشىغا كېلىدىكەن.
ەئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،مەن بۇيىل 36ياش،ئىككى ئۆيلۇك بولغان ،ئىككى يىل ئىلگىرى يەنە ياتلىق بولغانىدىم،ھازىرقى يولدىشىممۇ ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئۆيلەنگەن ئىكەن. ئەلۋەتتە مەن بۇياشقا كىرىپ قايتا ياتلىق بولغاندىن كىيىن چوقۇم كىيىنكى ھاياتىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىم كېرەك،شۇڭلاشقا توي قىلىشتىن ئىلگىرى تولىمۇ ئويلاندىم،مەن ئىلگىرى مەكتەپتە ئوقىيالمىغان،خىزمىتىممۇ يوق،ئېرىمنىڭ مەن ياتلىق بولىشتىن ئىلگىرى 10مو چىلانىلق بېغى(ھەر مو يەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات سوممىسى 12مىڭ يۇەن ئەتىراپىدا) يېڭى سېلىنغان 120كوۋادىرات مىتىرلىق ئۆيى بار ئىكەنتۇق،توي قىلىشتىن ئىلگىرى مەن ئۇنىڭدىن سىز ياشىنىپ قاپسىز،كىيىنكى تۇرمۇشۇمنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىسىز دېدىم،يولدىشىم،مەن سىلى ياتلىق بولۇشقا قوشۇلسىلا مەن سىلىگە تۆتيېرىم مو چىلانلىق باغ،ئىككى ئېغىز ئۆي بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلدى ھەم تىلخەت يېزىپ بەردى. مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئۇنىڭ بالاغەتكە يەتكەن 4 بالىسى باركەن،يولدىشىم(ياشىنىپ قالغان ھەم سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس،ئەمما ئۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم يوقكەن) تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتسە،باللىرى مىنى تالاغا چىقىرىپ قويماسمۇ؟ شۇڭا مەن مۇشۇنداق كاپالەتكە مۇھتاج بولۇپ قالدىم.ئېرىممۇ ماڭا ئاۋال توي قىلىپ تۇرۇشنى ئاندىن كۈزلۈك يىغىمدىن كىيىن باياقى تىلخەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ۋاپات بولغاندىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغان قىلىپ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى،ھەم بۇنىمۇ تىلخەتكە يازغانئىدى.لىكىن ھازىرغىچە 2 يىل بولدى،مەن ئىككى يىل ئۇنىڭغا خوتۇن بولدۇم،ئىككى يىل ئۇدا ھوسۇل ئالدۇق،8ئىغىز ئۆي،ئىككى ئېغىز قوتان سالدۇق،بانكىغا 40مىڭ يۈەن پۇل قويدۇق،نەچچە كالا،نەچچە ئون قوي ئېلىپ تەڭ تېرىشىپ تەڭ بېقىۋاتىمىز،مەن كەلگەندىن كىيىن ئىككى ئۆغلىنى ئۆيلەپ،بىر قىزىنى ياتلىق قىلدۇق.ئۇ ئاشۇ ئىشلارنى دەپ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەتەي كەينىگە سۈرۈپ كەلدى،ئەمدى بولغاندا مەن قايتا تىلغا ئالدىم،ئەمما ئۇ يەنىلا قىلىپ بېرىشكە ئۇنىمايۋاتىدۇ،ئۇنىڭ نىمە مەقسىدى بارلىقىنى بىلمىدىم،كىيىنكى ھاياتىم كاپالەتكە ئىگە بولمىسا مىنىڭ ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ باشقىچە يول تۇتىشىم كېرەك،بولمىسا ھازىر يەتكۈچە جاپا تارتىپ كىيىن«قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ» بولۇپ قالىدىكەنمەن.ئەمدى ئاجىراشماقچى بولسام ئۇ ھېچنىمە بەرمەيمەن دەيدۇ.مىنىڭ مەخسىدىم ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشىش ئەمەس،پەقەت دىگىنى بويىچە ۋاپاتىدىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغان قىلىپ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرسىلا مەن داۋامىلىق ئۆي تۇتۇپ قالالايمەن.
خۇلاسە:مەن سورىماقچى بولغىنىم،مەن ئاجىراشماقچى بولسام ئارىمىزدىكى مۇلۇك (يەر ،ئۆي)قانداق بۆلىنىدۇ؟ نىكاھتىن ئىلگىرىكى ئۇنىڭ تىلختى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولامدۇ يوق ؟ مەن قانۇت كىتابلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،نىكاھ قانۇنىنىمۇ تەپسىلي كۆدۈم.قانۇندا ئورتاق مۈلۈكنىڭ بۆلىنىش ئەھۋالى بار ئىكەن،ئەمما كونكىرىت تەپسىلاتى يوق ئىكەن،شۇڭا قانۇن بىلگۈچى تەرەپلەرنىڭ ماڭا ياردەم بېرىشىنى ،يىتەرلىك ئورۇنلۇق قانۇنىي ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
ئالدىن رەخمەت ئېيتىمەن! |
|