- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 301
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5911
- تىزىملاتقان
- 2010-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- UID
- 4121
- يازما
- 301
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5911
- تىزىملاتقان
- 2010-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- توردا
- 27 سائەت
|
نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ. لىكىن بىرەرسىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ يوقكەن.
ماڭا قاراڭ. سىزنىڭ بايانىڭىزدا قانۇندىكى بىرنەچچە نۇقتىلارغا چىتىلىدىكەن.
يەنى توي قىلىش ئالدىدا يىزىپ بەرگەن تىلخەت. نىكاھ كىلىشىمىنىڭ خارەكتىنى ئىلىپ قاپتۇ. لىكىن بۇنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ باقساق مال مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش مەسىلىسىگە بىرىپ تاقىلىدىكەن. ھەر قانداق بىر پۇقرا ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى مال- مۈلكىنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلسا، مىراس قالدۇرسا بولىدۇ. لىكىن قاراپ باقسام ئۇ سىزگە بەرمەكچى بولغان يەر كوللىكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ھۆددىگەرلىك يېرى ئىكەن. بۇ كىلىشىمنىڭ ياكى بولسا ھەدىيەنامىنىڭ بۇ قىسمى كۈچكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال- مۈلۈكنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بۇ ئادەمدە يوق.
ئەمدى ئاۋۇ ئۆي مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇمۇ بۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىگىدارلىق قىلىشىدا ئىمەسكەن. سىلەر توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى سىلىنغان ئۆيلەر ئېرىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئورتاق بەرپا قىلغان مال -مۈلۈك بولۇپ ئۇنىڭ دەل يىرىمىغا ئىرىڭىز ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ. يېرىمى ۋاپات بولغان ئايالىنىڭ بولۇپ ، ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يىرىم قىسىم مال- مۈلۈك مىراسقا ئايلىنىپ ، 4 بالىسى بىلەن ئىرىڭىزنىڭ تەڭ بەھرىمان بولۇشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇ بەرمەكچى بولغان ئىككى ئىغىز ئۆي ئاۋۇ توت بالىنىڭ ئانىسىنىڭ مىراسىىنڭ سىرتىدا بولسا بۇ قىسمى قانۇنى كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۈمكىن.
ئەمدى توي قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكەن مال- مۈلۈكلەر ئەر- خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ ئورتاق مال مغلكى بولىدۇ. ئەگەر ئاۋۇ توت بالىنىڭمۇ ئەمگەك ئەجرى سىڭگەن بولسا ئۇلارنىڭمۇ ئۈلۈشى بار دىگەن گەپ. |
|