- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 178
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 538
- تىزىملاتقان
- 2011-10-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-16
- UID
- 16297
- يازما
- 178
- تېما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 538
- تىزىملاتقان
- 2011-10-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-16
- توردا
- 144 سائەت
|
يىقىندىن بىرى بۇ قاملاشمىغان مودا ئۇسۇلنىڭ ئۇيغۇرچە تورلاردا بەس - بەستە پەيدا بولىشى، كاللىسىنىڭ تۇرمۇزى يوق بەزى ياشلارنىڭ ئەخمەقلەرچە دوراپ بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرىشى مىنىمۇ ئىزچىل ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.توغرا بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەنمۇ تىز تارقالدى، شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەردە مودا ئېقىمنىڭ كاتتىسىغا ئايلاندى، بىراق پۈتۈن دۇنيادا دىيەلمەيمىز. چۈنكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ يىرىمى دېگۈدەك مۇسۇلمان خەلقى، نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە بۇ بىر نېمە تېخى مودا بولغىنى يوق. دېمەك بىز قانداقتۇر بىرقانچە دۆلەتتە مودا بولىشى ۋە توردا تىز تارقىلىشىغا قاراپ، «مودا قىلمىغان بىزلا قاپتىمىز» دەپ سەكپارە بولىشىمىزنىڭ قىلچىمۇ ئورنى يوق.
بۇ نەرسىنىڭ باشقا خەلىقلەردە شۇنچە تىز مودىغا ئايلىنىشى، ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى كامالىتى بولماستىن، شۇ خەلىقلەرنىڭ ئىتقادسىز، قۇرغاق روھىنىڭ شۇخىل مەنىسىز، قىلىقسىز نەسىلەرگە تەشنا بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن. ياتاقتىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇ ئۇسۇلنى دوراپ كۈندە قىلىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىپ يۈرۈشلىرى، sexy lady دېگەندەك تىلغا ئالغۇسىز تېكىسىتىنى نۇمۇسسىز توۋلاپ يۈرۈشلىرى يۇقارقى كۆز قارىشىمغا پاكىت بولالايدۇ.
ئەمدى تېما ئېگىسىنىڭ پىكىرىگە كەلسەم: دۇنيادا مودىغا ئايلىنىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ كورىيانلارغا ئوخشاش بىر نەرسىلەرنى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، يەنە كىلىپ شۇلارغا ئوخشاش، ھەتتا ئاشۇرۇپ قىلساقمۇ بىزنىڭ دۇنياغا ياخشى ئاتاق بىلەن تونۇلىشىمىز بىرگەپ. بۇ ھەقتە anatil8 ئەپەندىنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق. نەچچە كۈن بۇرۇن تېخى كورىيەنىڭ بۈيۈك ئارمانلىرىنىڭ ئىجراچىسى بولغان ئىككنچى قىتىملىق ئالەم كىيمىسى قويۇپ بېرىشى مەغلۇپ بولدى. بۇ مەسىلە توغرىسىدا تاراتقۇلاردا: «كورىيەنىڭ گاڭنام سىتايىل قاتارلىق مەدەنيىەت ئامىللىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان بولسىمۇ، تېخنىكا جەھەتتە يەنىلا قالاق، روسىيەنىڭ زور ياردىمى ئاسىتىدىمۇ ئالەم كىمىسىنى يەنە ئوڭۇشلۇق قويۇپ بىرەلمىدى، كورىيان مىللىتىنىڭ خەلقارادا يۈزى قاتتىق تۆكۈلدى....» دېگەندەك سۆزلەر بولدى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟!!
بىر مىللەتنى ھەخىل نام بىلەن دۇنياغا تونۇتۇش مومكىن، مەسىلە دەل قانداق ئۇسۇلدا، قانداق خارەكتېردە تونۇتۇش! بىز ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونىتىمىز دەپ داۋراڭ سېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىغا تونۇتالىغۇدەك بىر نەرسە قالدۇرۇشقا تىرىشىپ كۆرگىنىمىز ئەۋزەل! |
|