- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-12-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-13
- UID
- 50337
- يازما
- 4
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-12-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-13
- توردا
- 5 سائەت
|
ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!
مەن مەزكۇر تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرگەن،زامانىۋىي، ھەجىۋىي ئۇسۇلنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان گامنام ئۇسۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن كاللامغا ئاجايىپ بىر ئوي كېلىپ قالدى،ھازىرغا قەدەر بۇ ئۇسۇلنى ئوينىمىغان مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپتىكىلەر ئاز قالدى،مەن باشتىن -ئاخىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ بېقىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى،بۇ ئۇسۇلنىڭ ھېچقانچە داغدۇغا قوزغىغىدەك يېرى يوقكەن،مەن دەسلەپ كۆرگەندە ،بىر توپ ساراڭلارنى قىياس قىلغان ئىدىم،لېكىن ماھىىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر چولپاننى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن بىر مىللەتنى دۇنياغا نامايەندە قىلدى،بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى بەدىئىي قىممىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا راسىتنى ئېيتسام تىلغا ئالغۇدەك يېرى يوقكەن،ئوبدان ئىككىلا قېتىم ئاڭلىسىڭىز ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن بېشىڭىز ئاغرىيدۇ،بۇنى مىللىتىمىزنىڭ مەنا بىلەن گۈزەللىك مۇجەسسەملەنگەن ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا راستىنلا بىر قالايمىقانچىلىقتىن باشقىسى ئەمەس،لېكىن بۇ بىر ئىشەنگۈسىز مەدەنىيەت ئىقىمنى ۋە مودا ئېقىمنى شەكىللەندۈردى.بىزنىڭ ياشلىرىمىزدىن بۇ ئۇسۇلنى ئۆز پېتى ئويناپ باققانلار بار،ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتىپ باققانلار بار ،بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئەھۋال،مەزكۈر ئۇسۇلنى دېيىش توغرا كەلسە بەلكىم ھەجىۋىي ئۇسۇل دېسەك بولار،(مەن بۇ كەسىپتە ئەمەس ،ئەمما قىزىقىمەن،بەلكىم خاتا سۆزلىگەن بولىشمىمۇ مۇمكىن )ھەجىۋىي ۋە ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن ئۇسۇللاردىن مىللىتىمىز ئۇسۇللىرى ئىچىدىمۇ يىتەرلىك ئۈلگىلەر بار ،مەسىلەن: لوپنۇر خەلقىنىڭ شىر ئۇسۇلى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نازىركوم ئۇسۇلى قاتارلىقلار،مەن شۇنى ئويلايمەنكى،كورىيەلىك ياش ئۆزىنىڭ تاققا-تۇققا ئۇسۇلى بىلەن بىر مودا ئېقىمنى يارىتىپ كورىيە خەلقىنى،مەدىنيىتىنى دۇنياغا تونۇتتى،بۇ ئۇسۇلنى دوراپ ئوينىمىغان ئافرىقىلىقلاردىن تارتىپ جەنۇبىي مۇز ئوكياندىكى پىنگىۋىنلارمۇ قالمىدى،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى گامنام ئۇسۇلىنى ئوينىغىلى بولىدىغان ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى بىلمىسىمۇ،كورىيە تىلىدا ئىكەنلكىنى بىلىدۇ،شۇڭا ،مەن ئويلايمەنكى زامانىمىز ياشلىرى،بولۇپمۇ ئۇسۇل ھەۋەسكارلىرى،ھەرقايسى ئۇسۇل ئۇيۇشمىلىرى بىزنىڭ ھەجىۋىي ئۇسۇللىرىدىن نازىركوم،شىر ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ يۇقارقىدە مودا ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن بولسا،مىللەتنى ،مەدەنىيەتنى دۇنياغا تونىتىشقا پايدىسى بولاتتى،باشقا مىللەتلەر دوراپ ئوينىمىدى دېگەن تەغدىردىمۇ،بىز باشقا مىللەتلەرنىڭكىنى دوراپ ئويناپ يۈرگەندىن جىق ياخشى ئەمەسمۇ؟!!
ھەر ئۇسۇلخۇمار قېرىندىشىمنىڭ مەزكۈر پىكرىمنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەدەنىيەتنى ،مىللەتنى يۈكسەلدۇرۇشتە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار،مىللەتنى،مەدەنىيەتنى بۇنداق توغرا ئۇسۇلدا تەشۋىق قىلىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 21:33
|
|