- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-12-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-13
- UID
- 50337
- يازما
- 4
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-12-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-13
- توردا
- 5 سائەت
|
يىكەندازدىكى بۇرادەر ئاناتىل 8،پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت! مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بۇ ئۇسۇل ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن نام قازىنىپتۇ،بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبىنى مەن بۇ ئاددىي كاللام بىلەن چۈشىنەلمىگەندىمەن،شۇڭا بىر توپ ساراڭلاردەك بىلىنگەندۇ،ئەمما،بۇنداق ئۇسۇلنى بىزنىڭ نازىركوم،شىر ئۇسۇلى بىلەن سىلىشتۇرۇش بىمەنىلىك،ھەم ئەقىلسىزلىك.بىزنىڭ نازىركوم،شىر ئۇسۇللىرىنىڭ مۇئەييەن دەۋىر ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنغا ئىگە.مەن شۇلارغا تەقلىت قىلىپ دورايلى دىمەكچى ئەمەسمەن،گەرچە بۇ مەدەنىي مىراسلار بىزدە بولسىمۇ،تەتقىقى قىلىشىمىز يىتەرلىك ئەمەس،شۇنداقلا سېستىمىلاشمىغان،شۇڭا سېستىمىلىق،مەزمۇنلۇق،كىشىگە بەدىئي زوق بېرەلەيدىغان قىلىپ ياخشىلىساق ھەم مۇشۇنىمۇ بىر دەرۋىر مودا ئېقىمى بولالىغىدەك سەۋىيەگە كەلتۈرسەك دىمەكچىمەن.ھازىرمۇ ئاز ساندىكى جايلاردا نازىركوم،شىر ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئوينايدۇ،لىكىن ھېچكىم ئۇلارنى ساراڭدەك قىياس قىلمايدۇ.بۇ دەل بىزنىڭ ئۇسۇلىمىزنىڭ خاسلىقى.بەلكىم،بىز بۇنى قىلالىساق ،باشقا كوچا ئۇسۇللىرىدەك مودىدىن تېزلا قالماسلىقى مۇمكىن،چۈنكى شىر ئۇسۇلى قەدىمي يۇرت لوپنۇر دىيارىدا ئوينىلىپ كېلىۋاتقىلى 2000يىلدىن كۆپرەك بولدى.ئۇ بىر مەدەنىيەتنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولالايدۇ.نازىركومنىڭ تارىخى ھەققىدە ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.
يەنەبىر قېرىندىشىمىز دەپ ئۆتۈپتۇ«بىزنىڭ باشقا ئىشىمىز يوقمۇ؟ بۇ سەنەتچىلەرنىڭ ئىشى »دەپ يېزىپتۇ،قېرىندىشىم مەن شۇڭا ئۇسۇل ھەۋەسكارلىرىغا قارىتا ئېيتتىم،سىز قىززىقمىسىڭىز ماڭا دىمىدى دەپ بىلگەيسىز
.مىنىڭچە بۇيەردە ئۇنىڭ -بۇنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەت دەيدىغان ئۇقۇم بار ،ھەممىمىز بىر جوڭگۇ تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ئەقىللىق مىللەت بولغاندىن كىيىن،مىللەتنىڭ،دۆلەتنىڭ نام چىقىرىشى،تونىلىشى،مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىنىشىدا ھەممىمىزنىڭ تەپەككۈرى،تىرىشچانلىقى بار بولسا زىيانلىق ئەمەس،دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار قىلماسلىقتىن قالىدۇ.
يەنە بىر تورداش قېرىندىشىمىز «كۆرەلمەسلىك» توغرىسىدا گەپ ئېچىپتۇ،مەن بۇ يەردە قانداقتۇ بىر مىللەتنىڭ ياكى دۆلەتنىڭ ئۇسۇلىنى ئۇنداق ياكى بۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن.پەقەت ئۆز ئۇسۇلىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا ،مەدەنيىتىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ سۆزلەۋاتىمەن.«ئىسپاتلاش» مەسىلىسىگە كەلسەك،بىزدە ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ «سەكرەيدىغان»لار بولسا باركى كەم ئەمەس،مىنىڭچە بولسا خەقنىڭكىنى دوراپ قالساقمۇ كاللىنى سەگەك تۇتۇپ،ئاۋال قانداق نىمىنى دواريمەن دىگەننى ئۇيلاپراق دورايلى،ئۆزىمىزنىڭكىنى ياخشى قىلىپ بولۇپ ئاندىن خەقتىن ئاشۇرۇپ دورايلى.ئەگەر مۇشۇنداق ئۇسۇللارنى باشقىلار توردا كۆپ كۆرىدىكەن دەپلا ئالىتاغىل سەنەمگە دەسسەپ يۈرسەك ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيەتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى ياخشى ئوينىيالىساق باشقىلار چوقۇم كۆرىدۇ. |
|