لەزىينەھ يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 13:05 
دوستلار «قۇربانلىق ئايال »دىگەن ئەسەرنى تاپالمىدىمغۇ
گۈلنۇر ساپما كەش بىلەنلا يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى. ئۇ بىردەمدىلا قايتىپ كىرىپ :رازىيە تېز بول! مۇراتكام بىلەن تاماققا چىقىمىز.دىدى مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ.
-بايا يىگەن تاماق نەگە كەتتى. مىنىڭ قورسۇقۇم توق.ئۈزەڭ چىق دىدىم مەن باھانە كۆرسىتىپ.
-ۋېيەي خېنىم بىرچوكا لەغمەن مىنىڭ بۇ قورسۇمنىڭ بۇرجىكىگىمۇ بارمىدى. دىدى ئۇ قورسۇقىنى سىيلاپ.
-ئۇرۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان دەپ يىسەڭ يىسەڭ تويمايدىغان نىمىكەنسەن. دىدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ.
-بولە بولە. سىمىز كالا. مۇراتكام سىنى چۇقۇم چىقسۇن دەيدۇ.دەپ كىيىملىرنى ئالماشتۇرۇشقا تۇتۇشتى گۈلنۇر.يەنە چىقمايمەن تارتىشىپ ئولتۇرسام گۈلنۇرنىڭ گۇمان قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بېشىمنى سۆرىگەندەك گۈلنۇرنىڭ كەينىدىن چىقتىم. بىز مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ شۇ يەردىلا تاماق يىمەكچى بولدۇق.مۇراتقا ئىمكان بار قارماسلىققا تىرىشاتتىم. .گۈلنۇر مۇراتكا دىسە مۇراتكا دەپ ئۇنىڭدىن بۇ شەھەر توغۇرلۇق ئۇنى بۇنى سورايتى. تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى. ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە مۇرات گۈلنۇر ئىككىمىزگە بىردىن ئىسىم كارتىسى ئۇزۇتۇپ: بۇ مىنىڭ ئىسىم كارتام بىرەر ئىش بولسا بىرەر نەرسە لازىم بولسا تارتىنماي تېلفۇن قىلىڭلار .دەپ كارتىنى بىزگە بىرىپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كەتتى. ياتاققا كىرىشىمىزگە تېلفۇن جىرىڭلاپ كەتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.دەپ تېلفۇننى ئالدى گۈلنۇر.-ھە رازىيە بار توختاڭ. گۈلنۇر ماڭا قاراپ تېلفۇن دەپ ماڭا تېلفۇننى بىرىپ دېرىزە تەرەپكە كەتتى.
-رازىيە ،مىنىڭ چۈشەندۈرشۈمنى بىر قېتىم ئاڭلاڭ. بولىمىسا مەن كۈندە ياتىقىڭىز ئالدىغا كىلىۋېرمەن.
-نىمىنى چۈشەندۈرسىز؟ چۈشەندۈرگۈدەك نىمىش بار؟
- سىزنىڭ مىنىڭ ھېلىقى چ چ رىمغا كەلگەن خەتنى كۈرۈپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭىز شۇنداققۇ؟ھەممىسى ئۇقۇشماسلىق.مەن سىزگە چۈشەندۈرەي.
- ھەممىسى ئۇچۇق ئاشكارە تۇرمامدۇ؟ يەنە نىمىنى چۈشەندۈرسىز؟بولدى قىلىڭ.دەپ زەردە بىلەن تېلفۇننى قۇيۋەتتىم.كەينىمگە ئۆرۈلۈپ گۈلنۇرنىڭ ماڭا نەپرەتلىك تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۈرۈپ شۈركىنىپ كەتتىم.
-مۇراتكام نىمنى چۈشەندۈرمەكچىكەن ساڭا؟ئەسلى ھەدەمنىڭ ئۈينى بۇزغان سەنكەنسەندە؟ توۋا، سىنى بۇنداق يولدىن چىققان ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن.
-ئۇنداق ئەمەس!........ماڭا نەپرەت بىلەن تىكىلگەن جۈپ-جۈپ كۆزلەر..... شۇ تاپتا ئاسمان ئىگىز يەر قاتتىق بىلىنىۋاتاتتى. ياتاقتىن قانداقلارچە سىرىتقا چىققىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. ئېنىقلا بۇ ئىش مەكتەپكە پۇر كىتەىتتى.تۇيۇقسىز كاللامغا كىتىش تىن ئىبارەت بىر خىيال كەلدى.ياتاققا قايتىپ كىردىم دە. ياتاقداشلارغىمۇ قارماستىن نەرسىللىرىمنى رەتلەشكە باشلىدىم. تېلفۇن سايرىدى. خوتەنلىك قىز تېلفۇنغا چاقىردى. يەنە شۇ مۇراتمىكىن دىگەن خىيال بىلەن تېلفۇننى ئالدىم.
-كىمو ؟ دىدىم شۇنچىلىك توڭلۇق بىلەن.
-رازىيەما؟ مەن ئەزمەتنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئابلەت.دىدى قارشى تەرەپ، بىركۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار مىنى خېلىلا ھالسىراتقان ئىدى. شۇڭا دەماللىققا ئۇنى يادىمغا ئالالماي قالدىم. ئۇ يەنىمۇ بەكرەك ئۈزىنى چۈشەندۈرۈپ: ۋاي تېخى چۈشتە بىللە تاماق يىمىدىقمۇ؟ دىدى.
-ھە، سىزمىدىڭىز؟ ئەمسە 6-ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ساخلاپ تۇرامسىز؟مەنمۇ ھازىرلا چۈشىمەن . د ەپ تېلفۇننى قويدۇم مەن ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلماي
. جايلاشتۇرالىغانلىرىمنى ئالدىم.جايلاشتۇرالمىغانلىرمنى قويدۇم دە. ئېغىر يۈك تاقامنى ئېلىپ بىر كۈنمۇ يېتىشقا ئۈلگۈرمىگەن ياتىقىمدىن چىقىپ ئابلەت بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللا بىكەتكە يول ئالدىم.ئابلەتتىنمۇ نىمىشقا كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم .ئۇمۇ مىنىڭ نىمىشقا كىتىدىغىنىمنى سورىمىدى. شۇنداق قىلىپ بىكەتكە كىلىپ ئەڭ ئاخىرقى ماڭىدىغان ئاپتۇبۇسقا بىلەت ئېلىپ تاماق يىيىش ئۇچۇن ئابلەت بىلەن سىرىتتىكى ئاشخانىغا چىقتىم. تاماقنىمۇ ئۈن-تۈنسىز يىيىشتۇق. تاماق يەپ بۇلۇپ ئۇ ئېغىز ئېچىپ : رازىيە كەتمىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇغۇڭىز كەلمىگەن بولسا مۇشۇ يەردە بىرەر كەسپىي مەكتەپتە ئۇقۇسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟دىدى ئۇ قىيماسلىق نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ.
-ياق، ئابلەت . بۇيەردە قالغۇم يوق.دىدىم مەن باياتىن ياتاقتا يۈزبەرگەن ئىشلارنى مۇرات بىلەن ئارىمىزدىكى ھىسياتىنى يۇشۇرغان ئاساستا ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.
-سىزنىڭچە يۇرتىڭىزغا كەتسىڭىزلا ھەممە ئىش ياخشى بۇلۇپ كىتەرمۇ؟ بۇ پىتنە-پاسات سىزدىن بۇرۇن يورتىڭىزغا بېرىپ بۇلىدۇ.راس دەپتىكەن دەيسىز.
-ياق، ئۇنداق بولسا بولمايدۇ. ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس.ئۇ بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز كۈتۈرەلمەيدۇ.
-دىدىمغۇ .سىز بۇيەردىن كەتسىڭىز ئۇ يالغانچىلىقلار راسقا ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇڭا،سىز ياخشىسى ئالدى بىلەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كەسپىي مەكتەپكە تىزىملىتىڭ قالدى ئىشلارنى كىيىن بىر تەرەپ قىلىمىز.دىدى ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىپ.مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۇرۇنلۇق بىلىپ بىلەتنى قايتۇرۋىتىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇ دىگەن كەسپىي مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم. مەكتەپكە بارساق دىجورنى ئۇقۇتقۇچى باركەن. ئۇ ئەتە تىزىملايدىغانلىقىنى بۈگۈن ياتاققا ئۇرۇنلىشىشمنى ئېيتىپ مىنى قىزلار ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتۇردى. ياتاقتا مەندىن باشقا ئۈچ قىز بار ئىدى. ئابلەت نەرسە كىرەكلىرىمنى ئەكىرىپ بىرىپ.ياتاقنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. مەن پەسكە چۈشۈپ ئاكامغا تېلفۇن قىلىپ بولغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي دىدىم. ھەم مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلىقىمنى قارار قىلغانلىقىمنى ئېيىتتىم. ئاكام بىردەم ئاچچىقلاپ سۆزلىگەندىن كىيىن ھازىرچە ئۆيدىكىلەرگە دىمەسلىكىمنى ئۈزىنىڭ نەچچە كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مىنى خاتىرجەم قىلدى.
ھەش-پەش دىگۈچە مەن بۇ مەكتەپكە ئۇرۇنلاشقىلىمۇ بىر ھەپتە بۇلۇپ قالدى.ياتىقىمدىكى ئىككى قىز كورلىنىڭ بۈگۈردىن يەنە بىر قىز غۇلجىدىن ئىكەن.ئۇلار بىلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتىم. يەنە كىلىپ تۆتلىمىزلا كومپىيوتىرتەربىيلەش سىنىپىدا ئىدۇق. دەرىستىن چۈشسەكمۇ بىللە دەرىستىمۇ بىلە ئىدۇق. باشقا قىز ئوغۇللار بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزغا ھەۋىسى كىلەتتى.بىزنى مەكتەپنىڭ< تۆت گۈللىرى> دەپ ئاتاشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئاكام كىلىپ مەكتەپنى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرۋەتكەندىن كىيىن مىنىڭ ئىشىمنى ئۆيدىكىلەرگە دىگەنلىكىنى ئەنسىرمەسلىكىمنى ياخشى ئۇقۇشىمنى دىگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى تاپلاپ كەچلىك ماشىنىدا قايتىمەن دەپ ماڭا بىر ۋاخ تاماقمۇ ئېلىپ بەرمەي قايتىپ كەتتى. ئىش قىلىپ مۇرات ئىسىملىك بۇ ئادەم ئاستا-ئاستا خاتىرەمدىن يۇقۇلۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئورنىغا ئابلەت ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرۋاتاتتى.ئۇ كۈندە تېلفۇن قىلاتتى. كۈندە بىرۋاخ تامىقىمدا ئۇ كەم بولمايتى.ئۇنىڭغا ئاستا- ئاستا كۈنۈپ قېلىۋاتاتتىم.ھەش-پەش دىگۈچەئۇنىڭ ئۇقۇشى پۈتتى. مەنمۇ بىر يىللىق كۇرۇسنى تاماملاپ قايتىش ئالدىدا تۇراتتىم . ئۇ مىنى يولغا سېلىش ئۈچۈن چىققان كۈنى: رازىيە، سىز بارغاچ تۇرۇڭ. مەن ساق بىر ئاي بولغان كۈنى ئالدىڭىزدا پەيدا بۇلىمەن. دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قەتتئىيلىك بىلەن، مەن كۈلۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا قىيمايۋاتاتتىم. ئارقىمغا قارىدىم. ئۇ شۇ جايىدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. بۇرنۇمنىڭ كۈمۈرچۈكى تارتىشىپ كۆزلىرىمدىن ئىككى تامچە ياش سرغىپ چۈشتى.