ئىگىسى: زىبا0996

خاتا تاللانغان مۇھەببەت     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49344
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 13:23:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى باللار بەك بالدۇر يېتىلدۇ ھە....كىچىك تۇرۇپ پەيدا بولغان ھەجەپ چوڭقۇر مۇھەببەتكىنا ئۇ،ۋەقەلىكنىڭ بەزى يەرلىرى سەل رئاللىقتىن چەتنەپ كەتتىمۇ نىمە؟ۋەقەلىك گەرچە ئويدۇرما بولسىمۇ ئەمەليەتكە تۇرمۇشقا يېقىن يېزىلسا ئوقورمەنلەرنى تېىخمۇ قايىىل قىلامدىكىن دەيمەن.

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 18:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hirostal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-15 13:23
ھازىرقى باللار بەك بالدۇر يېتىلدۇ ھە....كىچىك تۇرۇپ پەي ...

تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ۋاختىمىزدا سىنىپىمىزدا ئەڭ كىچىكىنىڭ يېشى 18-19ياش ئىدى.

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 19:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناشتىنىمۇ شۇنچىلك ئىشتىھاسىز قىلدىم. ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن  ئۇلار مىنى بىكەتكە ئېچىقىپ يولغا سېلىپ قۇيۇشتى. مەن ئەزمەت دەپ بەرمىسە نەدە چۈشۈشنىمۇ بىلمىگەن بۇلاتتىم. مەكتەپتىن 50مىتىرچە مېڭىپ ئاپتۇۋۇزدىن چۈشتۈم. ئاللىقاچان كۈن چىقىپ ھاۋامۇ ئىسىسشقا باشلىغان ئىدى. مەكتەپنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قۇيۇلغان تۇنۇش بولغان ماشىشنىنى كۈرۈپ ئۈزۈمنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئاكام بىلەن مۇرات ماشىنىدىن چۈشتى. ئاكامنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ مەندىن قانچىلىك ئەنسىرگەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى، ئىختىيارسىز مۇراتقا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ چۆرىسى قارداپ بىر كىچىدىلا ئۇرۇقلاپ كەتكەندەك كۈرۈنۈپ كەتتى.
-نەگە باردىڭ؟ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتقاننىڭ سازايىسىنى تولىتامسەن نىمە كىلە كەلمەيلا ؟دىدى ئاكام ماڭا ئاچچىقلاپ.
-شۇ ...... ئاخشا پەسكە چۈشكەن ئىدىم، ئۇنى بۇنى كۈرۈپ يولدىن ئادىشىپ قالدىم. كىيىن ئىككى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ئۆينىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ دەپ بىرەلمىگەندىن كىيىن ئۇلار مىنى مەكتىۋىدىكى قىزلار ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى  دىدىم مەن باياتىن يولدا كىلىۋاتقاچ تەييارلىۋالغان يالغان گەپلىرىمنى . ئاكام مىنى باغرىغا بېسىپ :خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ. ئاشۇ ساۋاغداشلىرىڭ بىلەن چۈشتە كۈرۈشتۈر بىللە  تاماق يىگەچ ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇياي .دىدى.
-ماقۇل دىدىم مەن. مۇرات بىر چەتتە ماڭا ئەلەم بىلەن بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭغا شۇنداق نەپرەت بىلەن بىر ئالايدىمكى ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.  بىز كىرىپ ياتاققا ئۇرۇنلىشىپ بولدۇق مەكتەپ سىرتىدىكى دۇكاندىن لازىملىق نەرسىللىرىمنى تۇلۇقلاپ جايلىشىپ بولغىچىمۇ چۈش بۇلاي دىگەن ئىدى. ئاكاملار بىلەن ئەزىمەتنىڭ مەكتىۋى ئادىغا كىلىپ ئۇنىڭ ماڭا يېزىپ بەرگەن تېلفۇن نۇمۇرىغا تېلفۇن قىلدۇق. ئۇ ياتاقتا بار ئىكەن . 5-10 مىنۇتتىن كىيىن ئەزمەت بىلەن ئابلەت بىللە چىقتى. ئۇلار ئاكام بىلەن قىزغىن كۈرۈشكەندىن كىيىن  بىز مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىدۇق.
سىز قەشقەردىن ئوخشايسىز ھە؟ دەپ سورىدى ئاكام ئابلەتتىن
-شۇنداق مەن قەشقەردىن. ئۈرۈمچىدە ئۇقۇۋاتقىلىمۇ 4يىل بۇلۇپ قالدى.كىلەر يىلى پۈتىدىۇ ئۇقۇشۇم .دىدى ئابلەت تەمكىنلىك بىلەن.
-ئەزمەت، ئاخشام ياتاقدىشىم دەۋاتمامتىڭىز؟.دىدىم مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا ئەزمەتكە قاراپ.
-ئاخشام ھالىتىڭىزگە قاراپ باشقا گەپ ئېغىزىمغا كەلمەپتۇ، بۇ مىنىڭ قەشقەردىكى تاغامنىڭ ئوغلى مىنىڭ نەۋرە ئاكام. ئەمدى تۇنۇشتۇرساممۇ بۇلار دىدى ئەزىمەت كۈلۈپ.
-ھە، ئىككىڭلار بولمىغان بولساڭلار قانداقمۇ قىلاتتىكى بۇ جىن. ئۆينى تاپالمايدىغان ھالىغا تالاغا چىقىپ.دىد ئاكام مىنىڭ بۇرنۇمنى چىمدىپ. ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۆزلىرىم ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان مۇراتقا چۈشتى .ئۇنىڭ چىرايى نەچچە ئاي كىسەل تارىتقان ئادەمدەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. دىمەك ئۇ ئاخشام مىنىڭ نىمىشقا چىقىپ كەتكىنىمنى بىلگەن ئىدى. تاماقنىمۇ كۈلكە چاقچاقلار بىلەن بىردەمدىلا يەپ بولغان ئىدۇق. ئەزمەت بىلەن ئابلەت مەكتىپىگە كىرىپ كىتىشتى. مىنىمۇ ئاكام مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇلار مىنى مەكتەپكە ئىەكىلىپ قۇيۇپ ئاكام قايتىدىغىنىنى دەپ  مەن بىلەن خوشلاشتى.مۇراتقىمۇ ئامالسىز خوش دەپ قويدۇم .ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇ ھەتتا ئاۋازىنى ئاڭلىغۇممۇ يوق ئىدى. ئۇلار كەتتى. مەنمۇ ياتىقىمغا كىردىم.ياتاقتا سەككىزىمىز بىللە ياتاتتۇق. ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. ئۇلاردىن بىرى غۇلجىدىن يەنە ئىككىسى كۇچادىن يەنە بىرى خوتەندىن يەنە بىرى قەشقەردىن قالغان ئىككىمىز كورلىدىن<باشقا  ناھيىدىن> بۇلۇپ يەنە بىر بوش ئۇرۇنغا تېخىچە ئادەم كىرمىگەن ئىدى. بىردەمدىن كىيىن ئىشىك تاراقشىپ ئېچىلىپ يۈك تاقلىرنى كۈتۈرەلمەي قالغان گۇلنۇر كىردى .يۈگۈۈپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى نەرسىللىرنى ئالدىم ،ئۇ ماڭىمۇ قارىمايلا <رەھمەت سىزگە >دىدى.
-ئەرزىيدۇ خېنىم.دىدىم مەن ئاۋازىمنى ئۆزگەرتىپ ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ ماڭا قاراپ
-ۋاي ئالۋاستى مەن تېخى سىنى ئەرگە تىگىۋالدىمىكىن دەپتىمەن دىگىنىچە ماڭا قوللىرنى كەڭ ئاچتى.ئۇنىڭ بىلەن قۇچاغلىشىپ قىزغىن كۈرۈشۈپ كەتتۇق.ئۇنىڭ كەينىدىن ھەسىرەپ-ھۆمۈدىگىنىچە كىرگەن ئانىسى ئازراق دىمىنى ئېلىۋالغاننىڭزى ھەممىمىز بىلەن كۈرۈشتى،مىنى كۈرۈپ ۋوي ازىيە قىزىمكەنغۇ بۇ دىگىنىچە مىنى باغرىغا بېسىپ پىشانەمگە سۈيۈپ: جىنىم بالام ،گۈلنۇر بىلەن ياخشى ئۈتۈڭلار ،تاماققا چىقساڭلارمۇ بىللە چىقىڭلار .دەپ بىرمۇنچە تاپىلاپ يەنە كەچنىڭ ماشىنىسدا قايتىمەن دەپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.گۈلنۇر ئىككىمىز ئانىسىنى ماشىنىغا سېلىپ قۇيۇپ ياتاققا كىرسەك .خوتەنلىك قىز: رازىيە ،سىزگە بىر ئوغۇل بالىدىن تىپۇن كەپتى،ھېلى كىرىتتۇ دىدىم.دەپ مىنى ھەيران قالدۇردى. تېلفۇن يەنە جىرىڭلىدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-ۋەئەلەيكۇم ئەسالام ،رازىيەمۇ سىز؟ تۇنۇش بىر ئاۋاز قۇلۇقۇم يېنىدا
-ھە،مەن .دىدىم كىملىكىنى ھىس قىلىپ قىلالماي.
-مەن مەكتەپ ئالدىدا ،چىقىقپ مىنىڭ چۈشەندۈرشۈمنى ئاڭلاڭ بۇلامدۇ؟
-ئارىمىزدا چۈشەندۈرگۈدەك نىمە ئىش بار؟ سىز مىنىڭ نىمەم ؟مەن سىزنىڭ نىمىڭىز؟دىدىم مەن ئۈزەمنى بېسىۋېلىپ.
-سىزنى ياخشى كۈرمەن رازىيە.ئەجىبا سىز مىنى ياخشى كۆرمەمسىز؟ تېلفۇننى تۇتۇپ تۇرۇشقا ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى.تېلفۇننى قۇيۋېتىپ كارۋىتىمغا چىقىۋالدىم.خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ نىمىنى خىيال قىلۋاتقىنىمننمۇ بىلمەيتىم.بىر چاغدا گۇلنۇر: ۋوي مۇراتكامغۇ بۇ؟ نىمىش قىلۋاتقاندۇ بۇ يەردە ؟ دەپ دېرىزىدىن پەسكە قاراپ ۋرقىردى. :مۇراتكا!!!.......
ئۇنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىم سەزگۈرلىشىپ كۆزلىرىم يۇغىنىدى.

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 19:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدىكى  ئىشلار بىلەن  مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇردۇم .ئەتە ئەتتىگەندىن باشلاپ چۈشكىچە يېزىپ جىق يوللايمەن.

UID
25168
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-7
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 11:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىسە ساقلاپ قالدۇق،زىبا قىز!

UID
45026
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 11:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنۇر دىگەن مېھراينىڭ نەۋرە تۇققىنىغۇ؟ ۋاي بۇ رازىيەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاققا كىرىپ قالغىنى نىمىسى ئەمدى؟ مېھراي قارىغاندا رازىيەگە بىر ئىش تاپىدىغاندەك قىلىدۇ؟ توغرا تاپتىممۇ؟

UID
47394
يازما
127
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
127
تىزىملاتقان
2012-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-15
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 11:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 0996دىن .ئاخىرىغا تەشنامەن

UID
30393
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-8
توردا
102 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 12:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hirostal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-15 13:23
ھازىرقى باللار بەك بالدۇر يېتىلدۇ ھە....كىچىك تۇرۇپ پەي ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم، مېنىڭ بۇلتۇر تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتكەن سىڭلىم بار. ئۈرۈمچىگە بارغىلى بىريىل بولغان بولسىمۇ شۇنچىلىك سەبى.
بۇ تېمىدا گەرچە يېڭى تۇتاشقان ئىشقى مۇھەببەت شۇنچىلىك جانلىق ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن قىزنىڭ يېشىغا بۇ ئىشلار ماس كەلمىگەندەك. ئەلۋەتتە مۇھەببەتلىشىشنى ئۇ قىزدىنمۇ بالدۇر باشلايدىغانلار بار. لېكىن ئەر باش قەھرىمان يېشى چوڭ ھەم توي قىلغان. ئۇ قىزدا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۇنجى قاراپلا ئىشىق ئوتى باشلىنىپتۇ. مۇشۇ يېرى سەل.....

UID
47394
يازما
127
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
127
تىزىملاتقان
2012-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-15
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 13:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار «قۇربانلىق ئايال »دىگەن ئەسەرنى تاپالمىدىمغۇ

UID
49511
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 16:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەزىينەھ يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 13:05
دوستلار «قۇربانلىق ئايال »دىگەن ئەسەرنى تاپالمىدىمغۇ

مەنمۇ «قۇربانلىق ئايال »دىگەن ئەسەرنى تاپالمىدىم  ياردەم قىلىپ تىپىشىپ بەرسەڭلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش