كۆرۈش: 68990|ئىنكاس: 292

خاتا تاللانغان مۇھەببەت     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 20:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خاتا تاللانغان مۇھەببەت


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى بارلىق ئاكا-ھەدىلەر،ئىنى-سىڭىللار،دوسلار، گۈزەل كورلىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئېلىپ ئەلكۈيى مۇنبىرىگە چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ كىرىگەن زىبا0996 دىن ھەرقايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
مۇنبەرگە بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كىردىم ،دوسلارنىڭ قارشى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنمەن. دەسلەپكى كۈرۈشۈشتە قۇرۇق قول كىرىشتىن ئۇيۇلۇپ يېقىندا  تۇتۇش قىلغان <خاتا تاللانغان مۇھەببەت> دىگەن ئەسىرىمنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئەسەر ۋەقەلىگى  پۈتۈنلەي تۇقۇلمىمۇ ئەمەس،پۈتۈنلەي راسمۇ ئەمەس.ياقتۇرشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.شۇنداقلا ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن


       ھەش- پەش دىگۈچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ بىرىپ بولدۇق. ئۇقۇتقۇچىمىز بىز ئۈچۈن ئالاھىتەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. گەرچە بىر ناھيىدىكى ساۋاقداشلار بولساقمۇ يەنىلا بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆيى يېزىدا بولغاچقا 3يىل بىللە ئۇقۇش جەريانىدا قېرىنداشلاردەكلا بۇلۇپ كەتكەن ئىدوق. شۇڭا ئايرىلىش بىزگە ئىغىر كىلىۋاتاتتى. ساۋاغداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتاتتى، بەزىلىرى بولسا قېيدىشىپ كۆڭۈل ئاغرىتىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈم  سورىشىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا رىياسەتچى بولغان ساۋاغدىشمىزنىڭ زىل جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان تىلەكلىرىمىزنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن، سورىنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يۇقرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدان شوخ ئۇسۇللۇق ناخشىغا ھەممىمىزنى تەكلىپ قىلىدى. ھەممىمىز گۈررىدە مەيدانغا چۈشتۇق. ھارغىنىمىزنى بىلمەي ئۈستى- بېشىمىزدىن قۇيۇلۋاتقان تەرلىرىمىزنى سۈرتۈشنىمۇ ئۇنتۇپ شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن بىر مەيدان مىللىيچە ئۇسۇل بىلەن سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كۈتۈردۇق. مەن ئۇقۇتقۇچىلىرمنىڭ، ساۋاغداشلىرمنىڭ تەلىۋى بۇيىچە كۇچا خەلىق ناخشىلىرىدن <مىراجىخان> نى ئېيتىپ بەردىم.
                  
                        ئۈزەڭ مۇندا بارامسەن ۋاي،مىنى بۇندا ئا ياندا قۇيامسەن ۋاي،
                        يۈرەگىم چاك چاك بولدى بالىخان، كىلەي دەپمۇ ئا يانا كەلمەيسەن.
................................
    تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ماڭا تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزلەر بىلەن ئۇچراشتى، پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە قىلىپ تارالغان بىرخىل سىزىم بىلەن بۇشىشىپ كەتتى، شۇ دەم شۇنچىلىك ھۇدۇقتۇمكى ھەتتا ئېيتىۋاتقان ناخشامدىنمۇ ئازدىم. تەمتىرەپ يۈگۈرگەن پېتىم ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇرۋالدىم.يۈرۈگۈم خۇددى قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىپچەكلەيتى. باشقىلار بولسا مىنى ئايرىلىشقا چىدىماي ناخشىسىنىڭ ئاخىرنى ئېيتمىدى دەپ ئويلاشتى........
    ئاسىي كۆزلىرىم ماڭا بوي سۇنمىغان ھالدا بايامقى ھۇشۇمنى يۇقاتقان بىرجۈپ كۆزنى ئىزدەۋاتاتتى.........تاپتىم!!!!......ئاھ، يەنە شۇنداق مەستانىلەرچە ئوتلۇق بېقىشلار  ،كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم.
- بۇ قانداق ھىسىيات؟؟؟؟  كۆزلىرىم ئۇنىڭدىن سوراۋاتاتتى.
-بۇ مۇھەببەت،بىر كۈرۈپ ئاشىق بۇلۇش،- دەيتى ئۇنىڭ كۆزلىرى.
-بۇ قاراشلىرىڭ نىمە سەۋەپتىن؟
-سىنى سۆيەتتىم.....بۇرۇندىن ،كىچىكىڭدىن........
تۇيۇقسىز دۇلامغا تەككەن قولدىن ئەندىكىپ كەتتىم.يېنىمدا يېقىن دوستۇم گۈلنۇر تۇراتتى،ئۇ چاڭىلداپ سۆزلەپلا كەتتى.:< نىمە بوۋايلارنىڭ سورىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ، بىرەر بوۋايغا كۈيۈپ قالمىغانسەن؟>دىدى ئۇ كۈزىنى ھەييارلارچە ئوينىتىپ.
-نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ساراڭ نەدە بوۋاي باركەن ؟
-ئاۋۇ سەن ئاشىقلارچە قاراپ ئولتۇرغان ئۈستەلدىكىلەرنى دەيمەن.دىدى ئۇ ،قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلىپ. شۇندىلا بۇرۇلۇپ قارىدىم.قارىدىميۇ ھەيرانلا قالدىم. چۈنكى مەن باياتىن غايىبانە سۆزلەشكەن بۇ بىرجۈپ كۆز 30-35 ياشلار ئەتراپىدىكى چاچلىرى رەتلىك تارالغان ساقال بۇرۇتلىرى پاكىز قىرىلغان پادىچىلار شىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالغان كۆينىكى ئۇنى خۇددى ئەمدىلا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلاردەك كۆرستىپ تۇراتتى .نەدە كۆرگەن بولغىيتىم ئۇنى؟......خۇددى خاتىرسىنى يۇقاتقان ئادەمدەك ئۇنى نەدە كۆرگىنىم توغۇرلۇق جىددى ئەسلىمىللىرمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.
-ھىي، ئالۋاستى، سىنىپىمزدا ساڭا كۈيۈپ يۈرگەنلەر ئاز ئەمەس جۇمۇ ،-دىگىنىچە قۇلۇمغا بىر تال قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى تۇتقۇزۇپ قۇيدى.
   ئختىيارسىز <ئۇ>نىڭغا قارىدىم. قارىدىميۇ پۈتۈن بەدىنىم <جىغ>قىلىپ كەتتى.ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى.يەنە شۇنداق ئوتلۇق قاراشلار ئەقلىم ھىسياتىمغا بوي سۇنمايۋاتاتتى......شۇنچە تىركەشسەممۇ ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قېلىۋاتاتتىم.
   - قوپە ھەي جىن سىرىتقا چىقىپ كىرىمىز،-دىدى گۈلنۇر مىنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن قۇلۇمدىن سۆرەپ.كىچىك بالىدەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.
ئىشىكتىن چىقىشىم بىلەن ساپ ھاۋا يۈزۈمگە گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ مىنى سەگىتتى. يەنە شۇ  بىرجۈپ كۆز............ئاھ، نەقەدەر ئوتلۇق بېقىشلارھە........
-ۋەي، نىمە بولدى؟بىكار تۇرماي تېلفۇن قىلىۋېردىغان نىمىكەنسەن.ئۇيقۇڭنى ئۇخلاۋەرمەمسەن،-بىرسى كەينىڭگە قارا دىگەندەك كەينىمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. يەنە شۇ كۆزلەر،ئەقلىمنى ئالغان شۇ كۆزلەر......ئۇمۇ مىنى كۆردى.تېلفۇن قۇلىدىن چۈشۈپ كەتتى.بىر-بىرمىزگە قارشىپ تۇرۇپلا قالدۇق.ئارلىقىمىز بارا-بارا يېقىنلاۋاتقاندەك  يۈرۈگۈم شىددەت بىلەن سوقماقتا.  
-ۋوي مۇراتكامغۇ بۇ؟ نىمىش قىلۋاتىسىز بۇ يەردە؟ -گۈلنۇرنىڭ ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز خىيالى چۈش مەيدانىمىزدىن قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق.
-ھە، دوسلار بىلەن تاماق يىگىلى كەلگەن.سىزچۇ؟- دىدى ئۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى لەرزان مۇزىكىدەك يېقىملىق چىقاتتى.
-بىز تۇلۇق ئوتتۇرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ خوشلىشىش زىياپىتى قىلۋاتىمىز.ھەراس تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي بۇمىنىڭ يېقىن دوستۇم رازىيە،بۇ مىنىڭ نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشى مۇراتكام بۇلىدۇ.
<يولدىشى!!!!!!!!> بېشىمدا چاقماق چېقىلغاندەك شۇنداق قاتتىق سىلكىندىمكى ناۋادا كۈندۈز بولغان بولسا مىنىڭ چىرايىمنى كۆرگەن كىشى مىنى بىرەر نىمىسى ئۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى مومكىن ئىدى.ئۇنىڭغا قارىدىم.چىرايمنىڭ قانداق ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيمەن.ئۇمۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىدىيۇ يەرگە قارىۋالدى. كۈزۈم غۇۋالىشىشقا باشلىدى.يېنىمدا بىرى مىنى توۋلاۋاتىدۇ،مەن نىمە بولغاندىمەن...........كۈزۈمنى ئېچىپ كۆرگىنىم ئاپپاق تام، ئاسما ئۇكۇلنىڭ پوتولكىسى،ئاڭلىغىنىم تۇنۇش ھەم ناتۇنۇش بولغان< رازىيە كۈزىڭىزنى ئېچىڭە> دىگەن ئاۋاز بولدى.كۈزۈمنىڭ قارچۇقلىرنى ئاستا ھەركەتكە كەلتۈردۈم. يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلەر جىددىيچىلىك بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە ئىرىپ كەتتى .<نىمىشقا ؟نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟> دەپ توختىماي ئۆز ئۈزۈمگە سۇئال قۇياتتىم. ئۇ بولسا خۇددى گۇناھكاردەك بېشىنى ئۈستۈن قىلماي يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.
- يەردىن ئالتۇن تېپىۋالىدىغاندەك قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز مۇراتكا؟- گۈلنۇرنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ مۇرات ئورنىدىن تۇرۇپ.
-ئۇنداق ئەمەسقۇ،-دىدى دۇدۇقلاپ ،-مەن دوختۇرنىڭ يېنىغا چىقىپ كىرەي.دەپ مېڭىشقا تەمشىلىشىگە گۈلنۇر:
- بولدى ،ئاۋارە بولماڭ مۇراتكا،مەن دوختۇر بىلەن كۈرۈشۈپ چىقتىم، دوختۇردىن چىقساق بۇلىدىكەن دىدى.
- نىمانچە تېز؟ بايا نىمىشقا.......
-كاللىسىغا بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ دەيدۇ، نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بۇلۇپ كىتىدىكەن،-دىدى گۈلنۇر ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.
-ھە، ئەمسە مەن ماشىنىنى ئەكىلەي،سىز رازىيەنى ئېلىپ چىقىڭ،-دەپ چىقىپ كەتتى.
گۈلنۇر توختىماي چۇڭۇلدايتى <نىمىش بولدى؟ ئىچىڭدە ماڭا دېمىگەن بىرەر مەخپىيەتلىك باركەن. ياكى بايىقى بوۋايلارنىڭ سورىنىدا بىرەرسىگە كۈيۈپ قالدىڭمۇ يا؟......> مەن پەقەت ئەلەم بىلەن كۈلۈپلا قۇياتتم خالاس!
    ماشىنىدا كىتىپ بارىمىز، ئالدى ئەينەكتىن ئۇ پات-پات قاراپ قۇياتتى، مەن بولسام دېرىزىدىن سىرىتقا قارىغىنىمچە ئاللىقانداقتۇر بىر خىياللارغا غەرىق بۇلغان ئىدىم. ماشىنىنىڭ تۇرمۇز قىسىشى بىلەن ئەسلىمگە قايىتتىم. ماشىنا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىغان ئىدى. گۈلنۇر ھەيران بولغاندەك بىر ماڭا بىر مۇراتقا قارىۋىتىپ :‹ مۇراتكا ،رازىيەنىڭ ئۈيىنى سىز قانداق بىلىسىز؟›دىدى ئۇ.مۇرات :
ـ شۇ رازىيەنىڭ ئاكىسى مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاغدىشىم.بۇرۇن بىر كەلگەن ،- دىدى ئۇ ھۈپپۈدە قىزارغىنىچە دۇدۇقلاپ.
ـ ھە،مۇنداق دەڭ….لىكىن سىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندۇ؟! ئەجەپ ئۇنتۇپ قالماپسىز ھە!؟ -گۈلنۇر بىرخىل گۇمان بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدى.
- شۇ ……………………………..مەن……….
ـ ئىككىڭلار ئۆيگە كىرڭلار ، بىرەر پىيالە چاي بولسىمۇ ئىچىپ چىقىڭلار ،-دىدىم مەن ئۇنى ئۇڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.ئاسىي كۆزلىرىم بولسا ئۇنىڭ شۇ سىھىرلىك كۆزلىرىنى ئىزدەيتى.ئۇ مىنىڭ كۆزلىرىمدىن كۈزىنى قاچۇرۇپ ،– بولدى ،سىزمۇ ئارام ئېلىڭ ،بىز قايتايلى ،- دەپ ماشىنىغا چىقىشقا تەمشەلدى.
-بولدى، ئارامنى ياخشى ئېلىپ ئەتە بالدۇرراق تەييار بۇلۇپ تۇر ياتاقداش قىزلار تاھىر-زۆھرە قەبرىسىگە بېرىپ ئويناپ كىلىمىز ،-دىدى ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
-ماقۇل، -دىدىم مەنمۇ رايىشلىق بىلەن.
    ئۇ كەتتى.ئەڭ مۇھىم نەرسەمنى ئېلىپ كەتكەندەك شۇنداق تولغۇنۇپ كەتتىم.
كۈنلىرىم شۇنچىلىك تەستە ئۈتىۋاتاتتى. ئاشۇ بىر جۈپ كۆز خىيالىمدىن چىقمايۋاتاتتى.ئۇمۇ شۇ كەتكىنىچە خۇددى بۇ دۇنيادىن يۇقالغاندەك غايىپ بولغان ئىدى.
    ئۇنى ئىزدىدىم، مەقسەتسىزلا كوچىلارنى ئايلىناتتىم. ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئوخشايدىغان ماشىنىلارنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ كىتەتتم.ھەتتا تاماق يىيىش ئۈچۈن ئالاھىتەن نەچچە كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ مىنى ئەسىر قىلغان ئاشۇ كۆزلەرنى ئۇچراتقان رېستۇرانغا باراتتىم. ھەممە يەرگە قارايتىم.ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتىم.بەزىدە ئۆز-ئۈزۈمگە :‹ھەي،رازىيە نىمىش قىلىۋاتىسەن، كاللاڭنى سىلكىۋەت ،ئۇ دىگەن ئائىلىسى بار ئادەم. سەن تېخى ئەمدىلا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈڭ.ئۇ سەندىن كەم دىگەندە 7-8ياش چوڭ…..›دەپ ئۈزەمنى بۇ تۇيۇق يولدىن قايتۇرۇشقا تېرىشاتتىم- يۇ،ھەممە ئۇرۇنىشلىرىم يەنىلا ئۇرۇنسىز بۇلۇپ چىقاتتى.
    شۇنداق قىلىپ نەتىجىمىزمۇ ئىلان قىلىندى.ئويلىغىنمىدىنمۇ يۇقرى نۇمۇر ئالغان ئىدىم.شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم.ئاتا-ئانام مەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىشتى. دادام پىشانەمدىن سۈيۈپ تۇرۇپ:‹جېنىم قىزىم.ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن.› دىدى.ئانام بىچارە بولسا مىنى باغرىغا باسقىنىچە ‹ئەمدى ئالىي مەكتەپكە كەتسىڭىز قانداق قىلارمەن›دەپ  باياتىن بىرى زورىغا بېسىپ تۇرغان كۆزياشلىرىنى قۇيۇۋەتتى. مەنمۇ قۇشۇلۇپ مىشىلداشقا باشلىدىم.ئاكام ئانامنى بەزلەپ:‹بولدى ،ئانا مەن مەكتەپكە ماڭغاندىمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغان ئىدىڭىز،بۇ جىن ماڭماي تۇرسا ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭىزا ئادەمنى ئىچىنى قاينىتىپ…›دىدى ئۇ ئانامغا ئەركىلەپ.
-يۇرۇڭلا، بۈگۈن مەن مىھمان قىلاي ھەممىمىز چۈشلۈك تاماقنى سىرىتقا چىقىپ يەپ كىرەيلى ،-دىدى دادام خۇشاللىقتىن.
    بىز كىيىملىرمىزنى ئالماشتۇرۇپ ماڭايلى دىيىشىمىزگە بىرى ئىشىكنى چەكتى.ئاكام ‹مەن قاراپ باقاي› دەپ چىقىپ كىتىپ بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مەن‹ ئادەمنى ئارامىدا بىر يەرگە ماڭغىلى قويماي كىمدۇ بۇ كەلگەن ›دەپ غودوڭشىغىنمچە ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بىرئازدىن كىيىن ئاكام:‹ رازىيە،چاي تەييارلىغىنە ئۇكام›دەپ توۋلىدى.مەن غودوڭشىغىنىمچە مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم.
چىقتىم يۇ يۈرۈگۈم ‹جىغ› قىلىپ كەتتى.كۆزئالدىمدا نەچچە ۋاقىتتىن بىر زارقىپ كۈتكەن ساراڭلاردەك ئىزدىگەن  ئادىمىم تۇراتتى. ئۇماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتتى.
جىددىيلەشكىنىمدىن پۇتلۇرۇمغا بىر نەرسە يۆگىشىۋالغاندەك كالامپايلىشىپ ئۈزەمنى يۇقۇتۇپ قۇيىۋاتاتتىم.نەپسىم سىقىلىپ ،يۈرۈگۈم تېز تېز سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى. چايخانا ئۆيگە كىرگىچە تاس قالدىم كىرىسلوغا پۇتلۇشۇپ يىقىلغىلى.چاينى دەملەپ ئۈستەل ئۈستىدىكى تەييار داستىخاننى ئېچىپلا چاينى قۇيدۇم. قوللىرىم بىلىنەرلىك تىترەۋاتاتتى. ئاكام؛‹ نىمە بولدۇڭ شۇمتىكىم،مىجەزىڭ يوقما؟ قوللۇرۇڭ تىترەۋاتىدىغۇ؟› دىدى ئاكام مىنى ئەركىلىتىپ.
-ياقەي ھېچنىمە بولمىدىم دىدىم مەن بېشىمنى يەردىن كۈتۈرمەي.
-ھەرقاچان نەتىجىسىنى بىلىپ ھاياجانلىنىۋاتقاندۇ.دىدى مۇرات ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ.
-ۋوي، ئاغىنە، بۇ شۇمتەكنىڭ نەتىجىسىنى سەن قانداق بىلدىڭ.دىدى ئاكام ھەيرانلىقتىن.
-شۇ.....ھۈپپىدە قىزاردى ئۇ –گۈلنۇردىن بىلدىم.
-ھە....مۇنداق دە. راس ئۆتكەندە سىنى  باللار مىھراي بىلەن ئاجرىشىپ كىتىدىغان بوپتۇ دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىۋاتاتتىغۇ.زادى ئاجراشمىساڭ بولمايدىغان يەرگە يەتتىڭمۇ ئاخىرى.
مۇرات يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن لەپپىدە ماڭا بىر قارىۋىتىپ: بىر-بىرمىزگە كۆڭلىمىز بولمىسا،بىر ئۆيدە ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىمىزدە باشقا- باشقا ئادەمنى ئويلاپ ئتكەن ئىدۇق .توي قىلىپ تاكى ھازىرغىچە ئىكىكىمىز ئىككى ئۆيدە تۇرۋاتىمىز. چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان توي ئىدى ئۈزۈڭمۇ بىلىسەن.ئەمدى داۋاملاشتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى. دەپ سۈزىنى ئاياغلاشتۇردى ئۇ.
-قۇپۇڭلار باللىرىم. مۇرات بالاممۇ كەپتۇ مانا. ھەممىمىز بىرلىكتە سىرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى دىدى دادام چاپىنىنى كىيگەچ.
مۇراتمۇ گەپ سۆز قىلماي بىز بىلەن ماڭدى. دادام ماشىنغا چىققاندىن كىيىن :
- قايسى رېستۇرانغا بارساق بۇلار دىدى.
-شاھدىيار رېستۇرانىغا بارايلى. مۇرات بىلەن ئىككىمىز تەڭلا دىگەن بۇ سۆزدىن يۈزلىرىم ئوت ئېلىپ كەتتى. خۇددى ئۇ مىنىڭ كۈندە دىگۈدەك ئۇ يەرگە بارغىنىمنى بىلۋالغاندەك.
  ماشىنا سىيلىق مېڭىپ رېستۇراننىڭ ئالدىدا توختىدى.  . بىز رېستۇرانغا كىرىشىمىزگە  مۇلازىم يىگىت بىزنى ئالدىن تەييارلانغان بىر ئۈستەلگە باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن تاماق بۇيرۇتايلى دەپ تۇرساق رېستۇراندىكى رىياسەتچىنىڭ زىل ئاۋازى دىققىتىمىزنى تارىتتى.
‹تۆۋەندە بىزنىڭ بۇيىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇقرى نەتىجە بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان سىڭلىمىز رازىيە ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان بۇ سورىنىمىزنى ھازىر باشلايمىز. ئالدى بىلەن تامىقىڭلارنىڭ سىڭىشلىك بۇلىشى ئۈچۈن مۇڭلۇق مۇزىكا ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ.› رىياسەتچىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدى.يەنە شۇ ئوتلۇق بېقىشلار.
-سىز ئۇرۇنلاشتۇردىڭىزمۇ؟كۆزلىرىم ئۇنىڭدىن سوراۋاتاتتى.
-شۇنداق .....مەن .دەيتى ئۇنىڭ كۆزلىرى.
-نىمىشقا؟
-سىزنى سۈيمەن.


-بۇ نىمە گەپ بۇلۇپ كەتتى. كىمنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇ .دىدى دادام ھەيرانلىق بىلەن ئاكامغا قاراپ.ئاكام مۈرىسىنى چىقىرىپ بىلمەيمەن دىدى.
-مەن .ئۇرۇنلاشتۇرغان تاغا دىدى مۇرات.سىلەر بىلەنمۇ سودا ئىشى دەپ ئىزدىشىپ بۇلالماي قالدىم.شۇڭا بۇگۈن گۈلنۇردىن رازىيەنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىۋىتىپ ئۇدۇل سىلەرنىڭ ئۆيگە بارغان ئىدىم.دىدى
-نىمانچە ئاۋارە بۇلاتتىڭ جېنىم بالام دىدى دادام مەمنۇنلۇق بىلەن.
بىردەمدىن كىيىن يىيىش-ئىچىشلەر ئاخىرلىشىپ ئاكام سەھنىگە چىقىپ كەتتى،
-تۈۋەندە ئەزىز مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە دوستۇم مۇراتنى بىر ناخشا ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. قېنى مۇرات سەھنىگە مەرھەمەت.
مۇرات يەڭگىل قەدەم تاشلاپ سەھنىگە چىقتى.
-تۈۋەندە  مەن سىلەرگە  ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن  ‹ كۈتۈش› تېمىسىدىكى ناخشامنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى لەرزان مۇزىكىدەك يېقىملىق ئىدى.

شۇنچە يىل كۈتتۈم سىنى
قاچان چوڭ بۇلاركىن دەپ.
ساڭا تالىق بۇ كۆڭلۈمنى
قاچان قۇبۇل قىلاركىن دەپ

سەن مىنىڭ باغرىم جانان.
سەن مىنىڭ بەختىم  جانان.
سەن ئاسمانمدا پارلىغان
ئۆچمەس يۇلتۇزۇم جانان.
ئۇنىڭ ناخشا ئېيىتقاندىكى شۇ مەستانىلارچە قاراشلىرى.......خۇددى  بۇيەردە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقتەك. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بالقىپ چىققان نۇر باغرىمنى تىشىپ ئۈتۈپ ۋۇجۇدۇمنى ئاجايىپ تاتلىق سىزىملەر بىلەن ئەللەيلىتەتتى.
-بالاموي، دىدى دادام ئاكامغا قاراپ. مۇرات بالام ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىدىكەن دىگەندەك گەپلەر بۇلۋاتاتتى.قاندىقى قانداق بۇلۇپ كەتتى ،ئۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرسى.   مۇراتنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن قۇلىقىمنى دىڭ قىلدىم. كۆزلىرىم مۇراتتا بولغىنى بىلەن قۇلاقلىرىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاكامنىڭ ئاغزىدا ئىدى.
-شۇ ئاجرىشىپ كىتىدىغان بۇلۇپتۇ. بۇ مۇراتنىڭ بەك ئىچى كۈچلۈك. بىز تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مەكتەپتە ‹ مۇرات بىر باشلانغۇچنىڭ ئۇقۇغۇچىسىغا كۈيۈپ قاپتۇ ›دەپ قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ كەتكەن .كىيىن ئۇ مەلۇم سەۋەپ بىلەن مەكتەپتىن چىكىندى، كىيىن ئانچە ئىزدىشىپ بۇلالمىدۇق. ئاڭلىسام دادىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلىۋېتىپتىكەن. بۇلتۇر بىز ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىلىغا چىققان يىلىمىز ئۇنىڭ تۇيى بولدى، ھەپتىگە قالماي دادىسى رەھمەتلىكمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.دىدى ئاكام مەيۈسلەنگىنىچە. كىيىن ئارلىقتا بىر ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ مىھراي بىلەن پەقەت دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈنلا توي قىلغانلىقى،مىھراينىڭمۇ بۇ تويغا مەجبۇرلانغانلىقىدەك ئاشۇنداق بىر گەپلەر بۇلۇنغانتى. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلار راسلا بۇ يالغان توينى ئاخىرلاشتۇرماقچى ئوخشايدۇ. دەپ گىپىنى ئاياغلاشتۇردى ئاكام. كۆڭلۈمدە ئىپادىلەپ بولمايدىغان بىرخىل خوشلۇق بار.نىمىشقا بۇنچە خۇشال بۇلىدىغنىنمنى نىمىشقا بۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيمەن. دەرۋەقە ئۇقۇرمەنلىرىمىز ھىس قىلىپ بولغىنىدەك كۆڭلۈمگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى چېچىلىشقا باشلىغان ئىدى.
مۇرات ناخشىسىنى تۈگۈتۈپ چۈشكەندە  ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. بىز بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن  قايتىش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلدۇق. نىمىشقىكىن پۇت قوللىرىم قولاشماي قېلىۋاتاتتى. ئورنۇمدىن تۇرغۇچە پىيالىنى ئۆرۈۋەتتىم. يۈزۈم بۇيۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتم.بىر قەدەم ئالا-ئالمايلا ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ تاس قالدىم بېشىمنى يەردە پۇتۇمنى ئاسماندا كۆرگىلى. ئاران تەستە پۇتلىشىپ  يۇرۇپ سىرىتقا چىققىنىمدا ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ھېچكىم تېيىلمىغان باناننىڭ شۈپىكىگە تېيىلدىم. ‹ئانام!!!› دىيىشىم بىلەن كاپپىدە ئۇنىڭ قۇچىقىغا چۈشتۈم. تىنىقلىرىمىز بىر- بىرمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. لەسسىدە بۇشىشىپ كەتتىم. كۆزلىرىمىزنى بىر- بىرمىزدىن ئۈزەلمىدۇق.ئاھ!.....نىمىدىگەن شىرىن مىنۇتلار ،ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسىچۇ كاشكى.
-ۋوي ،ماۋۇ بالىنى، نىمە بولدى بۈگۈن سىزگە ؟پۇتلىشىپلا يۈرسىزغۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ يە. ئانامنىڭ ئاۋازى بىلەن ھەرئىككىمىز چۈچۈپ شىرىن ھىسلار قاينىمىدىن قايتىپ چىقتۇق.
-رەھمەت.دىدىم مەن ئۈزۈم ئاران ئاڭلىغۇدەك قىلىپ .
-ھېچقىسى يوق ، دىدى ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋىتىپ . قېنى ماشىنىغا چىقايلى تاغا .دەپ ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئاچتى ئۇ دادامغا قاراپ. بىز ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن مۇرات كەينىگە قاراپ. :- تاغا ، ھامما بۇگۈن ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇشاللىق كۈن.شۇڭا خاتىرە بۇلۇپ قالسۇن ئۈچۈن خالىساڭلار چىمەنتاغقا يېڭى ئۇيۇنلار كەپتۇ ئاشۇ يەرگە بېرىپ ئوينىتىپ كىلەي.دىدى ئۇ ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا. مىنىڭ ئوتتەك بارغۇم بولسىمۇ لىكىن قىزلىق غۇرۇرۇم ئالدىمنى تۇسۇپ تۇراتتى.
- بولدى ،رەھمەت بالام ، ئەتتىگەندىن بىر كۆپ چىقىمدار قىلىۋەتتۇق. دىدى دادام تەكەللۇپ بىلەن.
-ياقەي تاغا ،نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز. مىنى ئۆز كۆرمەيدىكەنسىز دىدى ئۇ قېيدىغاندەك قىلىپ.
- ماقۇل دەڭلا دادىسى. باللار ئوينىۋالسۇن .نەدىكەن شۇنداق كۈندە بۇنداق جەم بۇلىدىغان پۇرسەت.دىدى ئانام گەپ قىستۇرۇپ. داداممۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىمەي قۇشۇلدى.  ماشىنا سىلىق رېتىمدا ئاستا –ئاستا ئىلگىرلىمەكتە. بىز چىمەنتاغقا كەلگەن چاغ تېخى يۇرۇق بولغاچقا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. دادام-ئاناملار  بىز قېرىدۇق سىلەرگە يىتىشەلمەيمىز دىگەننى باھانە قىلىپ  سوغوق ئىچىملىك ئىچىكەچ ئولتۇرۇپ قالدى. بىز ئۇيۇن  ئوينىغاچ مېڭىپ 恐怖世界 دىگەن يەرنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. مەن شۇنچىلىك ئامراق بۇنداق يەرگە كىرىشكە ئاكام بولسا قىز بالىدەكلا بەك قورقىدۇ كىرىشتىن. مەن ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن ئاكام ئالدىمغا ئۈتۈپ:
-كىرگۈڭ بولسا ئۈزۈڭ كىر .مىنى كىرىشىپ بىرەمدىكىن دىمە.
-خاتىرجەم بول. كىرىشىپ بەر دىمەيمەن. سەن كىرىشىپ بەرسەڭ سىنىڭ يېشىڭنى ئېيتىدىغانغا قەغەز ئالىدىغان پۇلۇم يوق دىدىم ئۇنىڭ بىلەن قېيىشىپ. مىنىڭ دىگەن گىپىمدىن مۇرات قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- قويە ئاداش سىنى مۇشۇ سىڭلىڭچىلىكمۇ بۇلالمامسەن؟
-ۋاي ئاداش سەن بى كىرىپ چىقە .ماۋۇ ئالۋاستى ئانىڭ ئىچىدىكى ئالۋاستىلاردىنمۇ ئەسكى. دىدى ئاكام بۇرنۇمنى چىمدىپ قۇيۇپ.
-قېنى مەن ئالۋاستىدىن قورقامدىم ياكى ئالۋاستى مەندىنمۇ. دىدى مۇرات ھەييارلىق بىلەن. يۈرۈڭە دىدى ئۇ  ئالدىمدا يول باشلاپ.
ئۇ ئالدىمدا كىرىپ كەتتى.
ئىچىنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغان ھەرخىل قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئالدىمغا قاراپ ماڭادىم. تۇيۇقسىز ئاخشام كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنۇدىكى مۇشۇنداق جايغا ئۇرۇنلىشۋالغان ئادەم پارچىلايدىغان ئالۋاستى يادىمغا يىتىپ بىرخىل تىترەك بېسىپ رەسمىي قورقۇشقا باشلىدىم. ئالدىمدىن ئۇدۇل كەلگەن ئاق چاچلىق ،ئاق كىيىم كىيدۈرۈلگەن قونچاقنى كۈرۈپ چىررىدە چىرقىراپ كەينىمگە قاچتىم .قاچانلاردا كەينمگە ئۈتۈپ قالدىكىن بېرىپ مۇراتقا ئۈسسۈپتىمەن.ئۇنى كۈرۈپ قورقىنىچتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىم. سوغوقتا تالادا قالغان ئادەمدەك دىر-دىر تىترەيتىم. ئۇ مىنى باغرىغا تېخىمۇ بەكرەك چىڭ باستى.ئۈگىللىرمنى ئۇگىۋىتىدىغاندەك. توۋا بۇنىڭدىن مەن ئاغرىش ئەمەس بەلكى ھۇزۇر ھىس قىلۋاتاتتىم. ‹رازىيە، ھايا قىل، سەن بىر نامەھرەمنىڭ قوينىدا،›دىدى ئەقلىم مىنى ئويغىتىپ .دەرھال ئۇنىڭدىن ئۈزۈمنى تارىتتىم.ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ باياقى ئاق چاچلىق ئالۋاستى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
-قورقىمامسىز؟ يەنە چىرقىراتمىسۇن ھېلقى ئالۋاستى دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ ئارىدىكى ئۇڭايسىزلىقنى تۈگەتمەكچى بولغىنىنى ھىس قىلىپ مەنمۇ دەرھال چ:
- قورقىمايمەن. ئەسلى بايا سىزنى قورقىتىۋېتەي دەپ ۋارقىراپ باققان .دىدىم مەن ھەييارلارچە كۈلۈپ.
-مەن قورقىمىدىم. ئەكسىچە بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتىم.دىدى ئۇ مىنى ئۈزىگە قارتىپ.ئۇنىڭ بىلىكىمدىن تارىتقان قوللىردىن تارىغان ھارارەت بىلەن پۈتۈن جىسمىم كۆيگەندەك ئىرىپ كىتىۋاتاتتىم.‹ياق ،رازىيە سەن بىر ھايالىق قىز. يەنە كىلىپ ئۇدىگەن بىر ئائىلىسى بار ئادەم ،دەرھال ئۇنىڭ قۇلىنى چۈشۈرۋەت›دەيتى.ھىسياتىم بولسا‹ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارا رازىيە، ئۈزۈڭمۇ ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالدىڭ.ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ يۈرەك سۇقىشىنى ئاڭلىۋال›دەيتى. ئەقلىم ھىسياتىمدىن ئۈستۈن كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى چۈشۈرۋەتتىم.
-رازىيە ،گىپىمنى ئاڭلاڭ دىدى ئۇ ئۇزۇن بىر ئوھسىنىۋېتىپ.
-مۇراتكا،دىدىم مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم ئىسمىغا ئاكا دىگەن سۆزنى قۇشۇپ، سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنىمەن. لىكىن سىز ئويلىدىڭىزمۇ سىز بىر ئائىلىسى بار ئادەم. مەن بولسام بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ماڭىمەن.سىزنىڭچە يەنە بىزنىڭ دىيىشكۈدەك نىمە گىپىمىز باردۇر؟!!.دىدىم مەن كۆڭلۈمدىكى ئەمدىلەتىن يىلتىز تارتىشقا باشلىغان تۇنجى مۇھەببىتىمنى رەھىمسىزلەرچە چەيلەپ.
-بۇ، مەن چۈشەندۈرەي رازىيە، ماڭا پۇرسەت بىرىڭ........
-بولدى قىلىڭ، دىدىم ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن بىلمىدىم كەينىمگە بۇرۇلۇپ يۈگۈرگىنىمچە چىقىپ كەتتىم.
-رازىيە....توختاڭ رازىيە.....ئۇنىڭ ئاۋازى ئالۋاستىلار ماكانىدىكى ۋەھىمىلىك ئاۋازلارغا قۇشۇلۇپ كەتتى. سىرىتقا چىقتىم.ئاكام يوق تۇراتتى. بىردەمدا نامازشامبۇلۇپ قاپتۇ. ئادەملەرمۇ خېلى كۈپىيىپ قاپتۇ. يۈرۈگۈم رېتىمسىز سوقماقتا،ئۇنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك ئۇدۇل دادام-ئاناملار ئولتۇرۇپ قالغان جايغا قاراپ ماڭدىم. ئاكاممۇ باركەن.
-ھوي،ئالۋاستى، مۇراتنى جىنلىرىڭغا يەم قىلۋەتمىگەنسەن دىدى ئاكام مەن بىلەن چېقىشىپ .
-مەن رازىيەنىڭ ئالدىنى توسقان جىنلارنى بىرتەرەپ قىلىۋىتىپ چىقتىم.دىدى مۇرات كۈلۈپ. ئۇ كەينىمدىنلا كەلگەن ئىدى.  
-ۋوي،ما گەپنى كۈرۈڭ. بۇنىڭدىن قورقىماي ئالدىنى تۇسىدىغان جىنلار بارمىكەن تېخى.دىدى ئاكام مەن بىلەن تېخىمۇ قېيىشىپ.تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقىۋاتقاندا بۇ جىن 6-سىنىپتا ئۇقۇيتى.بىر كۈنى دادام بىزنى ئويناتقىلى مۇشۇنداق بىر يەرگە ئاپارغان شۇ چاغدا تاس قالغان مىنى قورقىتىپ ساراڭ قىلىپ قويغىلى.
-چىقىپ بىر سوم زىيان تارىتتىم شۇ ساڭا يېشىڭنى ئېيىتقىلى قەغەز ئېلىپ بىرمەن دەپ. دىدىم مەنمۇ ھەييارلارچە كۈلۈپ.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى‹ سىر›يەنىلا‹ سىر› پېتى قالدى مەنمۇ ئۇمۇ بىر- بىرمىزنىڭ چىرايىغا قاراشمىدۇق.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ بىركۈنلۈك پائالىيتىمىز ئاخىرلىشىپ ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمەي قايتىپ كىرىپ ئۇدۇل ھۇجرامغا كىرىپ ئۈزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم. باياقى كۈرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى
تەرەپ تەرەپتىن كەلگەن يىغا لەشكەرلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرماقتا، ئۈزۈمنى شۇنچە زورىغا بېسىۋالساممۇ كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك دوملاپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئاۋازىمنىڭ سىرىتقا چىقىپ كىتىشىدن ئەنسىرگەندەك لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىگىنىمچە يوتقاننى بېشىمغا پۈركۈدۈم.....نىمىشقا ،نىمە ئۈچۈن بۇنچە يىغلايدىغىنىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيتىم.قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالدىمكىن،سەھەردە شۇنچىلىك روھسىز قۇپۇپتىمەن.ئىككى چىكەم لوقۇلداپ ئاغرىيتى،قاپاقلىرىم ئىششىپ كەتكەن بولسا كىرەك ئانام چىرايىمغا قاراپ،‹ نىمە بولدى سىزگە قاپاقلىرىڭىز ئىششىپ كىتىپتىغۇ،يىغلىدىڭىزمۇ نىمە؟›دىدى بىر ئىشتىن ئەنسىرگەندەك ئالدىمغا كىلىپ.
-ياقەي ئانا، زۇكامداپ قالغان ئوخشايمەن.كاللام ئېغىرلا تۇرىدۇ دىدىم مەن ئانامدىن كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ.
-ۋېيېي، مابالىنىڭ كالپۇكلىرىمۇ كۈكۈرۈپ كىتىپتىغۇ؟ قورقاق تەپكەن ئوخشايدۇ....چاپسان ناشتا قىلىپ تارتمىدا زۇكام دورىسى بار ئىچىۋېلىڭ.دىدى ئانام ئەنسىرگىنىدىن جىددىيلىشىپ.
-ماقۇل دىدىم رايىشلىق بىلەن. ئەينەككە قارىدىم .توۋا ئاخشام ما بىچارە كالپۇكۇمنى چىشلەپ قان ئۇيۇتۇپ قۇيۇپتىمەن دىسە، جېنىم ئاغرىمغانمۇدۇ دەپ كۈلگۈم كەلدى ئۈزۈمچە.
  
كۈنلەر بىرخىل رېتىمدا ئۆتمەكتە،ئۇمۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىن غايىپ بولدى.مەنمۇ چاقىرىق قايسى مەكتەپتىن كىلەر دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئۇنى بۇرۇنقىدەك سەۋدايىلارچە ئىزدەپمۇ يۈرمىدىم. شۇنداقتىمۇ ھۇجرامنىڭ ئىچىگە كىرىشىم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتىم.سىردىشاتتىم.  بۇ مۇھەببەتنىڭ ئۈزۈمگە نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ قەلبىمدە ھامان بىر ئۈمۈتنىڭ نۇرى يېلىنجايتى. ئارىدىن 15-20كۈنلەر ئۈتۈپ ماڭا شىنجاڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرسىتىتنىڭ چاقىرقى كەلدى. نىمىشقىكىن بۇ قېتىم چاقىرىقنى ئېلىپ نەتىجەمنى بىلگەندەك ئۇنچە خۇشال بۇلالمىدىم.سەۋەبىنى ئۈزۈممۇ دەپ بىرەلمەيتىم. ئۆيگە كەلسەم ئىشىك ئالدىدا بىرقەغەز قاپ تۇرىدۇ. بۇ نىمىدۇ دەپ ئېچپ قارىدىم.ئىچىدە سىپتا ئورالغان يەنە بىر قاپ....بۇنىڭ ئىچىدىكى قانداق نەرسىدۇ دىگەن قىزقىش بىلەن ئۆيگە كىرمەيلا بۇ قاپنىمۇ ئاچتىم.‹پاھ!......›دەۋەتتىم.نىمىدىگەن چىرايلىق ......بىر قىز بىلەن بىر ئۇغۇل بالىنىڭ سۈيۈشۈپ تۇرغان ھەيكىلى سېلىنغان ئەينەك شارچە ئىكەن. يەنە تېخى مۇزىكىسىمۇ باركەن دىسە....لىكىن بۇنى كىم بۇيەرگە قۇيۇپ قويغاندۇ دەپ ئەتراپقا قارىدىم.ئادەم يوق ،قاپنىڭ ئىچىدە قاتلاقلىق بىر ۋاراقچە تۇراتتى. ۋاراقچنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ئالدى بىلەن كۈزۈمگە چېلىققنى يوغان قىلپ يېزىلغان:       I LOVE YOU>› دىگەن خەت بولدى. يۈرۈگۈم ‹جىغ› قىلىپ قالدى.ئەجىبا مۇراتمىدۇ دىگەن خىيال چاقماق تىزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى.خەتنى ئۇقۇشقا ئالدىراپ خەتكە كۆز يۈگۈرۈتتۈم، خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى.
  ‹قەدىرلىك رازىيە، كەچۈر ‹قەدىرلىك ›دەپ ئاتىدىم چۈنكى بۇنۇڭدىن ياخشىراق سۆز تاپالمىدىم.سۈيۈملۈگۈم.جېنىم...دىگەن دەب دەبىلىك سۆزلەر بەزى ياشلىرمىز سەۋەبىدىن قەدىرنى يۇقىتىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەشنى خالغىنىم ئۈچۈن قەدىرلىك دەپ ئاتاۋەردىم.
سىنى ياخشى كۈرەتتىم. كىچىكىڭدىن تارتىپلا،شۇ سەۋەپتىن ساۋاغداشلىرىم ئارسىدا كۈلكىگە قالغىنىم ھازىرمۇ يادىمدا. قايسى كۈندىكى ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈر. مەن چۇقۇم سىنىڭ ئالدىڭغا سەن مۇھەببىتىمنى رەت قىلشقا باھانە تاپالمىغۇدەك ھالەتتە قايتىپ كىلىمەن.
مۇرات ›.
خەت قىسقىلا يېزىلغان ئىدى.لىكىن ماڭا نۇرغۇن بىر ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندەك   ھىسياتتا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۆيگە كىرىپ دادام –ئاناملارغا چاقىرىق قەغىزىمنى بىرىپ  ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئانام مىنىڭ تەييارلىقىمغا چۈشۈپ كەتتى. چۈنكى مەكتەپكە يەنە 4كۈندىن كىيىن ماڭاتتىم. نىمىشقىكىن شۇنچە روھسىز ئىدىم. چىن يۈرۈگۈمدىكى گەپنى قىلغىنىمدا بۇيەردىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى.چۈنكى بۇيەردە مىنىڭ ئىزلىرىم نۇرغۇن بالىلىق ئۆسمۈرلۈك ،ياشلىق ئەسلىمىللىرىم بار ئىدى. يەنە تېخى يۈرۈگۈمگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى مۇشۇ يەردە چېچىلغان ئىدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 4كۈنمۇ ئۈتۈپ كەتتى. ئاكاممۇ مەن ئۇقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپنى بۇيىل پۈتتۈرگەن بولغاچقا ئۇ مىنى ئاپىرىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيدىغان بولدى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان كۈنى بولغاچقىمۇ بىكەت ئىچى تىقما-تىقما ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم .يىراق شەھەرگە ئۇقۇشقا ماڭغىنىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن ئايىرىلىپ قالغىنىمدىن بەكرەك كۆڭلۈم يېرىم ئىدى. كۆزلىرىم ھەريان-ھەرياندىن تۇنۇش گەۋدىنى ئىزدەيتى.  بىلەت ئېلىش تۇلىمۇ تەس كەلدى ،نەچچە كۈن بۇرۇن ئاكامغا بىلەت ئېلىپ قۇيۇشنى دىسەم‹ بېرىپلا ئالىمىز› دەپ ئالغىلى ئۇنۇمىغىنىغا ئۈزىمۇ پۇشايمان قىلىۋاتاتتى.ئىككىمىز ئىككى رەتتە ئۆچرەتتە تۇرۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئاكامنىڭ تېلفۇنى سايرىدى.ئاكام تېلفۇننى قۇيۇپلا مىنى سىرىتقا چىقىشقا شەرەت قىلدى، زالنىڭ سىرتىغا چىقىپ نىمە بولغىنىنى سوراي دەپ بولغۇچە مۇرات قاياقتىن كەلدىكىن قۇلۇمدىكى سومكىغا ئېسىلدى.
-ئەكىلىڭ مەن ئالاي.دىدى ئۇ سومكىنى قۇلۇمدىن ئېلىپ.
-بولدى ئۈزۈم كۈتۈرەي.دىدىم تەكەللۇپ بىلەن. ئۇ چاققانلىق بىلەن قۇلۇمدىن سومكىنى ئېلىپ ئاكام بىلەن ئالدىمدا مېڭىپ كەتتى.دىمەك ئۇ بىزگە خالىس خىزمەت قىلماقچى بولغان ئىدى.ماشىنىغا چىقىپ جايلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ :  ئۈرۈمچىگە بىر سودا ئىشى بىلەن بارماقچىتىم. ئويلاپ باقسام بۈگۈن رازىيەنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭىدىكەنسەن شۇڭا ئالغاچ كىتەي دەپ تېلفۇن ئۇرغان ئىدىم.دىدى مۇرات ماشىنا ئالدى ئەينىكنى ماڭا توغۇرلاپ .
-بەك بەلەن ۋاقىتتا ئەسقاتتىڭ ئاغىنە. نەچچە كۈن بۇرۇن بىلەت ئېلىپ قويماپتىمەن.بۈگۈن يۇك-تاقىلار بەك ئېغىر بەك تەس كەلدى ئۆرە تۇرۇش.دىدى ئاكام .
-ئۇنداق دەپ كەتمىگىنە ئاغىنە ....قۇلۇمدىن كەلگىنى شۇنچلىككەن دىدى ئۇ كەمتەرلىك بىلەن.  مەن ھېچبىر گەپكە ئارلاشماي بېشىمنى ئارقىغا تاشلاپ ئولتۇردۇم.


ماشىنا بىرخىل رېتىمدا كىتىپ بارتتى،كۈزۈمدىن سىرغىپ چىققان ياش ئۇنىڭ دىققىتىنى تارىتتىمۇ مۇزىكا قويغۇچنىڭ ئاۋازىنى ئۈچۈرۋەتتى، ئاكام ھاردىمۇ قانداق يەڭگىل خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مۇزىكىنىڭ ئۈچۈرلىش بىلەن ھاپلا- شاپلا كۆزيېشىمنى سۈرۈتتۈم. ئۇ ماڭا يەنە شۇ ئوتلۇق نەزەر بىلەن ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن قاراۋاتاتتى. كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئادەمنى مەسىت قىلغۇچى كۆزلىرىدىن ئېلىپ قاپالمايۋاتاتتىم.<پاپ.....پاپ....>قىلىپ چېلىغان سىگىنال ئاۋازى بىلەن تەڭ دىققىتىمنى سىرىتقا ئاغدۇردۇم. ماشىنا يولدىن چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ ئالدى تەرەپتىن كەلگەن چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسغا سۇقۇلغىلى ئاز قالغان ئىدى. تەلىيمىزگە مۇرات ماشىنىنى تۇرمۇزلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.ئاكام بۇ جىددى قىسىلغان تۇرمۇزدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كۆزلىرىنى ئالاق –جالاق قىلىپ
-نىمە بولدى؟
-نىمە بۇلاتتى. سەن خورەك تارتىپ مىنىمۇ تاس قالدىڭ ئۇخلىتىپ قويغىلى دىدى ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ چاق-چاققا ئايلاندۇرۇپ.
-ماقۇل ئەمسە ئۇخلىماي. ئەمسە ئى تۇرمۇشۇڭ توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرمەمسەن؟  كىچىك قىزبالىغا كۈيۈپ قالغاننىڭ دەردىنى تارتىپ بۇلالماي مەكتەپتىن قاچقىنىڭدىن بىرى سەن بىلەن كۈرۈشكىلىمۇ بولمىدى.دىدى ئاكام ئۇ تەرەپكە بەدىنى بۇراپ ئولتۇرۇپ. چۇڭقۇربىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن مۇرات گىپىنى باشلىدى.
- نىمىسىنى دەي ئاداش. يادىڭدىمۇ بىز نەچچىمىزتۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تەتىلدە سۇغا چۈشكىلى بارغان كۈنى . شۇكۈنى مەن سىلەردىن ئايرىلىپ ئۆيگە ماڭدىم يولدا كىتىۋېتىپ ئالدىمدىن كىلىۋاتقان بىركىچىك قىزنى ئۇچراتتىم. ئۇ قىز شۇنچىلىك چىرايلىق شۇنچىلىك يېقىشلىق ئىكەن ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. بىرچاغدا ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىز 5-6 مىتىرچە قالغاندا يان تەرەپتىن بىر ئىت يۈگۈرۈپ چىقىچپ قىزغا قاراپ ئېتىلدى.قىز <ئاپا.....>دىگىنىچە قورقۇپ ئالدىغا يۈگۈردى . مەنمۇ ناھايتى چاققان كەلدىم. ئۇنى كەينىمگە ئۆتكۈزۈپ ئىتقا قاراپ يەرگە ئىڭىشتىم ئېتىلىپ كەلگەن ئىت دەررۇ ئارقىغا قاچتى. قىزنىڭ ماڭا چاپلىشىپ تۇرغان بەدىنى دىر-دىر تىترەپ تۇراتتى.ئۇنىڭ مىنىڭ بىلىمنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىردىن تارىغان بىرخىل ئىسسقلق ۋۇجۇدۇمنى ئاستا-ئاستا كۆيدۈرۋاتاتتى.............بۇ قانداق سىزىملىكىنى بىلمەيتىم.......قىز ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كىرىپ كەتتى. قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى . قۇشۇما قاشلىق .چوڭ قوي كۆزلىرىگە تال تال كىرپىكلىرى سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئويماقتەك ئاغزى بولسا ئەمدىلا قىزىرىشقا باشلىغان پەمىدۇرنى ئەسلىتەتتى. شۇ كۈندىن بىرى قىزنىڭ سىمايى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئۈزمنىڭ نىمە بۇلۇپ قالغىنىنى بىلمەيتىم. ئۆز-ئۈزۈمگە كۈلگۈم كىلەتتى. شۇنداق قىلىپ شۇ ئوتنىڭ دەردىدە شئېر يازىدىغان بۇلۇپ كەتتى. شۇ كىچىك قىز ئۈچۈن بىر خاتىرىنىمۇ توشقۇزۇپ ئۈلگۈردۈم. لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتىم شۇڭا ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان شئېرلارنى  شۇمتىكىم  ئۈچۈن دەپ يازاتتىم. تەتىلمۇ تۇشۇپ قالدى. كىيىن بىز ئىككىمىز يەنە بىر سىنىپقا بۈلۈندۇق.  بىر تەنتەربىيە دەرىس سائىتىدە سىنىپىمىزدىكى ھېلىقى پەرھات ئىسىڭدە بار شۇ مەن  ئۇ شۇمتىكىمگە ئاتاپ يازغان خاتىرىنى كۈرۈپ قاپتۇ.شۇنداق قىلىپ مىنىڭ مەكتەپتە  بىر كىچىك قىزغا كۈيۈپ قالغىنىم توغۇرلۇق گەپ سۆزلەر تارقىلىپ كەتتى.ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرىدىم. خۇددى مىنى بىرسى كۈزۈتىۋاتقاندەك .كۈندە ئۇنىڭ مەكتىۋىنىڭ ئالدىغا  ئۇنى كۈرۈش ئۈچۈن  بارىدىغىنىمنى  بىرەرسى كۈرۈپ قالغاندەك تىپىرلاپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ ئاز كۈن ئۆتمەي دادامنى خۇشال قىلىپ مەكتەپتىن چىكىندىم.  شۇندىمۇ ئۇنىڭ  مەكتىۋىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى كۈرۈشتىن توختاپ قالمىدىم.كۈنلەر ئۈتۈپ كەتتى. مەن ئالدىرغانچە ئۇ چوڭ بۇلاي دىمەيتى.سەن ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا تۇيۇقسىز دادام  قاتتىق ئاغرىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. دادامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇشلىرى بىلەن ئامالسىز مىھراي بىلەن كۈرۈشتۈم  .بىلدىمكى ئۇمۇ مەن بىلەن كۈرۈشۈشكە مەجبۇرلانغان ئىدى. ئۇنىڭمۇ كۆڭلىدە ئاللىقاچان باشقا بىرى ئۇرۇن تۇتۇپ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە مىھراي بىلەن داغدۇغسىز ئاددىيلا توي قىلدۇق.توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن دادام خاتىرجەم كۆز يۇمدى. يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ يىل نەزىرسىنى بىرىۋېتىپ مىھراي بىلەن ئاجراشماقچى بولغان ئىدۇق. لىكىن مىھراينىڭ دادىسنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا كەينىگە سوزىلىپ كەتتى. بىز رازىيەنىڭ نەتىجىسى چىققان كۈنى ئاجراشتۇق لىكىن ھازىرچە بۇ ئىشنى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.ئۆينى ئۇنىڭغا بىرىپ  قايتىپ چىقتىم ........شۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇم ھازىرچە.
-سىنىڭ ھېلقى شۇمتىكىڭچۇ؟دىدى ئاكام تېخىمۇ قىزىققان ھالدا ئىچكىرلەپ سوراپ.
مۇرات ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن< ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا ماڭدى.مەنمۇ ئۈرۈمچىدىكى سودىنى بىر تەرەپ قىلغاچ ئۇنىڭ ئەتراپىدا يىراقتىن كۈزۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزىمەن ئەمدى.>دىدى كۈلگىنىچە.
-ئۇنداق قىلساڭ قانداق بۇلار ؟ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ ئاندىن ئۇنى قوغدا ئاداش، ئالىيى مەكتەپ بەك مۇرەككەپ . ئاللاھ شۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.يامان يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىسۇن.
-مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئاداش. ئۇ بەك ئەقىللىق.دىدى مۇرات يەنە ماڭا مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن كۆڭلۈم يايراپ كىتىۋاتاتتى. بۇندىن 7يىل بۇرۇنقى ئىت قوغلاپ كىتىش ۋەقەسى خىيال ئىكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى.قورقۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئىسىمدىن كۈتۈرلۈپ كەتكەن ئىدى. لىكىن شۇندىن بىرى دائىملا بىر سايە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەن دەك ھىس قىلاتتىم يۇ بەك ئىچكىرلەپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم.مانا بۈگۈن ئۇ ھەممىنى ئاكامغا دىيىش ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرۋاتاتتى. گەپ بىلەن بۇلۇپ سەپەرمۇ سەپەردەك تۇيۇلمىدى. ئەتىگەن سائەت9لاردا مېڭىپ چۈشتىن كىيىن 3لەر بىلەن مەكتەپكە يىتىپ كەلدۇق. ئاكام مىنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ قۇيۇپ مۇرات بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇغىلى كىرىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇلار چىقىپ كەلدى.
-بولدى ،جىنتەك. ئىشىڭ پۈتتى.ئەتە ئەتتىگەن كىلىپ ياتىقىڭنى تاپساڭ بۇلىدۇ.دىدى ئاكام ماشىنىغا چىقىپ.
-ھازىرچۇ؟ ياتاقنىمۇ تىزىملىتىۋەتسەڭچۇ تايىنلىق دىدىم مەن دومسىيىپ.
-مانا بۇ ياتاقنىڭ ئاچقۇچى.222-ياتاق دىدى مۇرات بىر تال ئاچقۇچنى ماڭا سۇنۇپ. ئاچقۇچنى ئۇنىڭ قۇلىىدىن ئالغۇچە قوللىرىمىز تىگىشىپ كەتتى. بارمىقىمدىن تارالغان ئىللىق بىر سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى تىترىتپ ئۈتۈپ كەتتى.
-ھازىر ئەمدى مىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشۇمغا بوي سۇنىسىلەر دىدى مۇرات ماشىنى قوزغىتىپ.  ماشىنا يەڭگىل تەۋرىنىپ  بارا-بارا مەكتەپتىن يىراقلاشتى. ماشىنا يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن <زىبا يەل قازان شورپىخانىسى>نىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى. قىزلار ئاچچىق چۈچۈككە ئامراق دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىمغۇ دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ .ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا ئاشخانا ئىچىدىن قولتۇقلىشىپ  چىققان بىر قىز بىلەن بىر يىگىت بىزنى كۈرۈپ تۇرۇپلا قالدى.
-مىھراي؟؟؟؟؟؟ قاچان كەلگەنتىڭىز؟دىدى مۇرات ھەيرانلىق بىلەن.مۇراتنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ مۇراتنىڭ بۇرۇنقى ئايالى مىھراي ئىكەنلىكىنى بىلدىم
-ئەتتىگەن كەلگەن.سىزچۇ؟دىدى مىھراي ماڭا كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ تىنى شۈركۈنگىدەك سوغوق بىر نۇر چاچرىتىپ قاراپ قۇيۇپ.
-مەنمۇ بايا كەلگەن دوستۇمنىڭ سىڭلىسىنى مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كەلدۇق.
-ھە.....دىدى مىھراي چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ. بۇ سىزنىڭ ھېلىقى كۆيگىنىڭىز شۇ ئوخشىمامدۇ؟.........
-قالايمىقان گەپ قىلماڭ .دىدى  باياتىن بىرى مىھراينىڭ يېنىدا تۇرغان يىگىت گەپكە ئارلىشىپ.-خاپا بولماڭ ، ئۇنىڭ ئاغزى ئاشۇنداق ئىتتىك دىدى يىگىت ماڭا سەمىيمىيلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-يۈرۈڭە كىرىپ كىتەيلى ، دىگىنىچە قۇلۇمنى تارتىپ ماڭدى مۇرات.
-توختاڭ ئاكام كەلسۇن.دىدىم مەن ئۇنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ.كۆزلىرىم ماڭا  ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇران مىھراينىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن تەنلىرىم جىغىلداپ كەتتى. قانداق كەلگەن غەيرەتكىن مۇراتنى قولتۇقلىۋالدىم دە.-يۈرۈڭ بولمىسا بىز كىرىپ كىتىۋېرەيلى دىدىم دە مۇراتنى قولتۇقلاپ كىرىپ كەتتىم.مۇرات بولسا ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق بىلەن بىردە بىردە ماڭا قاراپ قۇياتتى.ئىككىنچى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپلا ئاستا قۇلۇمنى مۇراتنىڭ قولتۇقىدىن تارتىپ چىقاردىم


داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلدۇ

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 20:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- ۋوي بىردەمدە  چىقىپ بوپسىلەرغۇ؟دەپ يېنىمىزغا كەلدى ئاكام. ئۇنىڭ قۇلىدا بىر نەچچە پوتۇلكا ئىچىملىك سېلىنغان خالتا بار ئىدى.
ھە....چىققاچ تۇردۇق......سىنى ساقلاپ بۇلالماي......دىدى مۇرات دۇدۇقلاپ
بىز ئىككىنچى قەۋەتتىكە چىقىپ ئالاھىدە بىزەلگەن بىر ئايرىم خانىگە ئۇرۇنلاشتۇق. يىيىش ئىچىش ئاخىرلىشىپ ماشىنا مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە كىردى.ئۇ بىزنى يېڭى سېلىنغان بۇ بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئالاھىدە مىللىيچە نەقىشلەنگەن بىر ئۆيگە باشلىدى. ئۆينىڭ ئىچى لىققىدە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ خۇددى يېڭى توي قىلغانلار ئۈچۈن جابدۇلغاندەك ئىدى.
- قاچاندىن بىرى تەييار قىلىپ قويغان بۇ ئۆينى؟ مىھراي بىلەن ئۇياندىن ئاجرىشىپ بۇياندىنلا ھېلقى شۇمتىكىڭنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتمايلا تۇيۇڭنى قىلىۋالاي دەمسەن يا؟...دىدى ئاكام چاقچاق قىلىپ.
-ياقەي، ئەمدى مىنىڭ تىجارىتىم ئاساسەن مۇشۇ يەردە بۇلۇپ قالدى. خەۋىرىڭ بار ئاتا-ئاناممۇ  قازا قىلىپ كەتتى. مىنىڭ يا ئالدى كەينىمدە  قېرىنداشلىرىم يوق شۇڭا مۇشۇ يەرگە قايتىپ كىلىپ تۇرۇنى قارار قىلىپ بۇ ئۆينى ئېلىپ بىزەپ  قويدۇم، دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى مۇرات.ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرخىل بىلىپ بولمايدىغان ئازاپنىڭ شولىسى ئەكىس ئىتەتتى.
-بولدى ئاغىنە كۆڭلىڭنى بۇزما .مانا مەن سىنىڭ قېرىندىشىڭ ،.دىدى ئاكام مۇراتنى دۇلىسىدىن تۇتۇپ ئۈزىگە تارتىپ.
-رەھمەت ساڭا ئاغىنە ......دىدى مۇرات ئارىدىكى كۈڭۈلسىز كەيپىياتنى ئوڭشىماق بۇلۇپ-رازىيە ،ئاشخانا ئۆيدە توڭلاتقۇدا ئىچىملىك بار ئېچىقىڭە دىدى ماڭا قاراپ، ئاشخانا ئۆينى كۆرسىتىپ. مەن ئىچىملكنى ئېلىپ چىققاندا ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.....مەن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىق ئۈچۈن ئۇدۇلدىكى بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردىم. ئالدى بىلەن كۈزۈمگە كۈرۈنگىنى دېرىزە تەكچىسىگە قۇيۇلغان رەسىم جازىىدىكى بىز كىچىك قىز بىلەن ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىۋاتقان  بىركۈچۈك نىڭ  قولدا سىزىلغان رەسىمى ئىدى. رەسىمنىڭ ئاستىغا  چوڭ قىلىپ مىنىڭ ئىسمىمنىڭ باش ھەرپى يېزىلغان ئىدى.< بۇ ئىشلار ئىسىڭىزدە بارمۇ؟> قۇلىقىمنىڭ يېنىدىلا چىققان بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ كەينىمگە قارىدىم. ئۇنىڭ بۇرنلىرى بىلەن بۇرنۇمنىڭ ئۇچى تىگىشىپلا قالغان ئىدى. بۇرنىمدىن تارىغان ئىللىق سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بۇشاشتۇرماقتا ئىدى. ئۈزۈمنى ئاران ئارن تۇتۇپ تۇرۋاتاتتىم.
-مۇرات!!!! ئاكامنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز چۈچۈشتۇق، مومكىن بولسا ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسا...نىمىدىەەن شىرىن سىزىملار.......
ئۇ كۈزۈمگە قاراپ تاتلىققىنا بىرنى كۈلۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدا قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم ،باياتىن دەقىقە ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىشلارخىيالىممۇدۇ دەپ ھەم ئاستا يۈزۈمنى چىمىپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.

UID
15025
يازما
42
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 00:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېي ! داۋامىچۇ ؟ داۋامى ؟شۇنداق ياخشى يىزىپسىز ، ئاخىرنى قاچان يوللايسىز ! مەن بەك قىىزىقىپ قالدىم !
سۆيگۈ شۇنداق نەرسە ، بىزدە بىر گەپ بار .،« كۆڭلۈڭ ئىشەككە چۈشسسە ،قۇتاندا ياتماي نە چارە » !؟ قەلمىزڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ! باشقىلارنى ساقىلىتىشنى ياقتۇرمايمەن ،ھەم ساقلاشنىمۇ ..............

باھا سۆز

زىبا0996  ئۇكامۇي،سىز ئەلكىندىكى كۈيچىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 14:43:08

UID
43804
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2012-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 10:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇراتنى دەسلەپتەرىستۇراندا كۆرگەندە( 30-35)ياشلادا دەپسىز ،ئەگەر شۇنداق بولغاندا سىزدىن8-7 ياشلاچوڭ بولغىنى تازا مۇۋاپىق بولمايدىغۇ دەيمەن

باھا سۆز

زىبا0996  بۇ پەقەت تەخمىنەن ئېلىنغان سىفىرلار .شۇڭا بەك توغرا چىقىرشنىمۇ ئويلماپتمە  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 11:22:59

UID
48437
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 12:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك قىزىقىپ ئوقۇپ كىرىشىپ كېتىپتىمەن  داۋامى قاچانمۇ چىقار   بۇ ھېكايىغا شۇنچىلىك قىزىقتىم.......      بۇرۇنقى ئىشلار يادىمغا كېلىپ قالدى، مۇرات دېگەن ئىسىممۇ ئوخشايدىكەن    ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنا مەن

UID
48881
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2012-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 12:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بوپ كىتىپتۇ

UID
37509
يازما
216
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
216
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 14:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۈندەش بىلەن سوئال بەلگىسىنى زورلاپ ئۇنچىۋالا كۆپ قوللىنىۋېلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق! چۈنكى ئۇ سۆزلىرىڭىزمۇ ئۇنچە كۆپ ئۈندەش بەلگىسىگە مۇھتاج بولغۇدەك پاساھەتلىك ياكى چاقىرىق مەنىسىدە ئەمەسكەن. ئۈندەشتىن زۆرۈر بولسا بىرنى، بولمىسا ئىككىنىلا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھىسسىيات ئىپادىلەشنىڭ ۋاستىسى ئەمەسقۇ ئاخىر!؟

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 14:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-مۇرات!!!! ئاكامنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز چۈچۈشتۇق، مومكىن بولسا ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسا...نىمىدىەەن شىرىن سىزىملار.......
ئۇ كۈزۈمگە قاراپ تاتلىققىنا بىرنى كۈلۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدا قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم ،باياتىن دەقىقە ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىشلارخىيالىممۇدۇ دەپ ھەم ئاستا يۈزۈمنى چىمىپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
بۇلۇڭغا قۇيۇلغان كومپىيوتىرغا كۈزۈم چۈشتى.بېرىپ كومپىيوتىرنى قوزغىتىشىمغا ئاكام مىنى چاقىرىپ قالدى.
-ھە، دەپ چىقىتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا
- قارا سىڭلىم مۇرات ئىككىمىزنىڭ قىلىدىغان ئازراق ئىشىمىز بار ،سەن ئارىمىڭنى ئېلىپ تۇرغىن.سەل كەچرەك قايتىپ كىلىمىز.بۇلامدۇ؟
- ماقۇلە،سىلەر بالدۇرراق كىلىڭلار ئەمسە. دىدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ،
-زىرىككۈدەك بولسىڭىز باياقى ئۆيدە كومپىيوتىر بار. تورغا ئۇلاغلىق.دىدى ئۇ باياقى ئۆينى ئىشارەت قىلىپ . بېشىمنى يىنىككىنە لىڭشىتتىم. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كىرىپ بايا قوزغىتىپ قۇيۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇنىڭ چ چ سى ئاپتۇماتىك قوزغىلىشقا تەڭشەگلىك ئىكەن.ئۈچۈرۋېتىشنى ئويلىدىميۇلىكىن ئۇنىڭ چ چ رىغا قىزىقىپ ئاچتىم.<كوت-كوت-كوت>...ۋاي-ۋۇي نىمانچە كىلىدىغان خەتتۇ بۇ.ئۇنىڭ چ چ سىدا لىققىدە قىزلار قاچىلاغلىق ئىكەن. يېقىنلىرىم دىگەن كۆزنەكتە 3ئايال كىشى قاچىلاغلىق تۇراتتى. تۇساتتىن 3ئايالنىڭ بىرى بولغان شەھلا دىگەن ئايالدىن خىت كەلدى.ئۇنىڭ شەخسى سىرىغا ھۆرمەت قىلاي دىدىميۇ لىكىن قوللىرىم ئۈزۈمگە بويسۇنمىغان ئاساستا مائوس ئۈستىدە مىدىراشقا باشلىدى.
<جېنىم، سىزنى سېغىندىم، ئاشۇ كۈنى كىچە يۈز بەرگەن ئىشلار خىيالىمدىن كەتمىدى. سىز بىلەن كۈرۈشكۈم بار.> بىرى ئاسماندىن يەرگە تاشلىغاندەك شۇنچىلىك قاتتىق سىلكىندىمكى  كۆزلىرىم خىرەلىشىپ پۇتلىرىم ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. كاللام قۇپقۇرۇق، بىرەر ئىشنى خىيال قىلىشقىمۇ كۈچۈم يەتمەيۋاتاتتى.قاچانلاردا ئىسىمنى بىلدىمكى ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.بۇ ئۆينىڭ ھەممە يىرىدىن مەينەتچىلىك تۈكۈلۈپ تۇرغاندەك سەسكىنىپ كەتتىم. ئاستا تالاغا چىقتىم نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتىم. نىشانسىز كىتىۋاتىمەن.بىرچاغدا ئالدىمدىن كەلگەن بىر گەۋدىگە سۇقۇلۇپ يىقىلىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، ئىچ-ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يىغامنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يۈتىۋىتەلمىدىم. كۆزياشلىرىم ماڭا بوي سۇنماي ئېتىلىپ ئېتىلىپ چىقماقتا ئىدى،كىشىلەر ماڭا قاراپ بىر نىملەرنى دەپ ئۈتۈپ كىتىشۋاتاتتى.تۇساتتىن بىرى مىنى يۈلەپ تۇرغۇزدى.
-ۋوي،رازىيەكەنغۇ بۇ؟ نىمە قىلۋاتىسىز بۇيەردە؟ تۇنۇشلا بىر ئاۋاز.بېشىمنى كۈتۈرۈپ قارىدىم،مەن بىلەن 3يىل بىر سىنىپتا ئۇقۇغان قاچانلا قارىسا غەمكىن يۈرىدىغان ئەزىمەت ئىسىملىك بالا ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.نىمىدەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتىم.شۇڭا< ئاكاملارنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم>دىدىم يالغاندىن.
-مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلىغان بارمۇ ، ئۇششۇق قىز بالىكىنا ماۋۇ.دىدى ئەزمەتنىڭ يېنىدىكى ناتۇنۇش بىرى كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ھە راس تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي،بۇ مىنىڭ ياتاقدىشىم ئىسمى ئابلەت قەشقەردىن .دىدى ئەزمەت ئۇنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ،مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى يىنىككىنە لىڭشىتپ سالام قىلغان بولدۇم.ياز بولغاچقا ئالدىراپ قاراڭغۇ چۈشمەيتى.ئەزىمەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بلەن ئۇلارنىڭ مەكتىۋىگە كەتتىم. نىمىگە بۇنچىلىك ئۆز بېشىمچلىك قىلارمەن ئەمدى.ئۆز-ئۈزەمنى ئەيىپلەيتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆيگە پەقەتلا بارغۇم يوق ئىدى. ئەزىمەت مىنى قىزلارنىڭ ياتىقىغا ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى، ياتاقتا مەن بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپە پارالىل ئۇقىغان بىر قىز بار ئىدى. مەكتەپتە مۇنداقلا باش لىڭشىتىپ ئۈتۈپ كىتىدىغان بۇ قىز بىلەن ئەمدى ياقا يۇرۇتتا يېقىن سىرداشلاردەك قۇچاقلىشىپ مەڭزىمىزنى يېقىشىپ كۈرۈشۈپ كەتتۇق.ئۇنىڭ بىلەن ئۇيەر بۇيەرنىڭ گىپىنى قىلىشىپ بالدۇرلا يېتىپ قېلىشتۇق.كۈزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس،ھېلىقى ئىكراندا لىپىلداپ تۇرغان باش سۆرەت ھېلىقى خەت!!!!!!گېلىمغا قاپلىشىپ كىلىۋاتقان ئىسەدەش،كۈزۈمدىن چىقىۋاتقان ياش ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئەقلىم :بولدى بەس !رازىيە ،ئۇ سىنى ياخشى كۈرۈمەن دىدىمۇ؟ بولدى قىل رازىيە سەندىكى بۇ دىگەن پەقەت بىر ئۆتكۈنچى ھىسىيات.ئۈزۈڭنى قىينىما دەيتى.ھىسياتىم بولسا ئەقلىمگە بوي سۇنمىغان ھالدا :ئۇسىنى ياخشى كۈرىدۇ،يۇشۇرۇن بولسۇمۇ ساڭا ئاڭلىتىپ دىدى. بياقى ئىشلار چۇقۇم بىرەر ئۇقۇشماسلىق،ئالدىرىما دەيتى. خىياللار بىلەن يېتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن كۈزۈمنى ئاچسام بامداتنىڭ ۋاختى ئاللىقاچان ئۈتۈپ كىتىپتۇ.باشلىرىم شۇنچىلىك لوقۇلداپ ئاغريتى.شۇنداقتىمۇ دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ نامىزىمنى ئۇقۇدۇم .جاينامازدا دۇئاغا قول كۈتۈرگىنىمدە  شۇنچىلىك ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتىم. ئىسىمنى بىلىپ دادام ناماز ئۇقۇشنى ئۈگەتكەندىن بىرى دائىم شۇنداق ئىدىم خاپا بولساممۇ خوش بولساممۇ جايناماز تۈپىدە دۇئاغا قول كۈتۈرۈپ يىغلىۋالاتتىم. بۇگۈنمۇ شۇنداق بولدى.ئۇنىڭغىچە زوھرە<ئاخشامقى قىز> ئويغىنىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئورنىدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن بىر كىرىلىۋىتىپ تۇرۇپ كەتتى،
-قانداقراق تۇرۇپسىز ؟دىدى ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە.
-ياخشى ئۈزىڭىزچۇ؟دىدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ جاۋاپ قايتۇرۇپ،راس سائەت نەچچە بولغاندۇ؟
-تېخى بالدۇر ،يەنە بىرەر سائەتتىن كىيىن تاماق ۋاختى بۇلىدۇ بىردەم يېتىڭە
-مەن ماڭايمىكىن بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن ئارلىقى ئۇنچە يېقىنمۇ ئەمەسكەن.
-ئۇنچە ئالدىراپ نىمە قىلىسىز ؟ سەل تۇرۇپ ماڭسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ؟
-رەھمەت ھېلىمۇ سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم.دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپ،ئۇ مەن بىلەن ياتاقنىڭ ئالدىغا چىقىپ خوشلاشتى.مەن سىرىتقا چىقىپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ئەزىمەت بىلەن ئابلەت قاياقتىن پەيدا بولدىكى:
-ھېي،قاچقۇن ئەتتىگەندە  بىزگىمۇ خوش دىمەي نەگە ماڭدۇق دىدى ئابلەت شوخلۇق بىلەن.
-شۇ، مەكتەپكە ماڭدىم ،دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ[.
- يۈرۈڭ،ئاۋال تائام ئاندىن كالام دەپتىكەن ئاۋال ناشتا قىلايلى ئاندىن يولغا سېلىپ قۇيلى بۇلامدۇ دىدى ئەزمەت مىنى ئاشخانا تەرەپكە تارتىپ، راستىمنى دىگەندە مەنمۇ يولغا چىققىنىم بىلەن مەكتەپكە قانچىنچى يولنىڭ ماشىنىسى بىلەن بارىدغىنىمنى بىلمەيتىم.شۇڭا ئۇلار بىلەن گەپ سۆزسىز ماڭدىم. ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى بىئارام بۇلاتتى. تۇرۇپ تۇرۇپ چۇڭقۇر ئۇھ تارتاتتىم.

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 14:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yvsvpjan يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 14:02
ئۈندەش بىلەن سوئال بەلگىسىنى زورلاپ ئۇنچىۋالا كۆپ قو ...

ماقۇل.تۇنجى قېتىم يېزىشىم بولغاچقا خاتالىقلاردىن ساقلىنالماي قاپتىمەن. پىكىر بەرگىنىڭزگە رەھمەت.

UID
48437
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 16:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر شۇنداق ياخشى چىقىۋاتقان  لېكىن بۇ كەينىدە سىز  مۇراتنىڭ چ چ سىدىكى خەتنى كۆرۈپ قېلىپ يۇرتداشلىرىڭىزنىڭ يېنىغا كەتسىڭىز ئاكىڭىز بىلەن مۇرات ئىزدەپمۇ قويمىدىغۇ؟؟؟  يا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەنسىرگەن يەرلىرى ئەمدى چىقامدۇيا؟؟؟  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش