ئىگىسى: umidwar

2012-يىللىق قۇربان ھېيت كېچىلىكى ئەلكۈيىدە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48166
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 14:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگىنىدىن خۇشالمەن، ئۇلارنىڭ  بۇ ئەھمىيەتلىك خىزمىتىگە تەشەككۇر. ئەلكۈيى تورىنىڭ تىلۋېزىيە ئىتانسىسىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى تەييەرلاش خىزمىتىنى زىيارەت قىلىپ نەق مەيدان خەۋىرى بىرىشىنى بۆسۈش خاراكتىرلىك غەلبە دىيىشكە بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى يېڭىلىقلاردىن ئالدىن ئۇچۇر بىرىشتە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سەپنىڭ ئالىدا تۇراتتى، ئەمدى  ئەلكۈيى تورى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن ئالدىن ئۇچۇر بىرىپ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى بەرپا قىپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش. ئاممىمىۋىي ئاخباارات ۋاستىسى بولغان تور بىلەن ھۆكىمەت ئاخبارات ۋاستىسى بولغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر بىرىنى قوللاپ ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېڭىچە ئىلگىرلەش يۈلنىشىنى نامايەن قىلغىنلىقىنى قۇتلۇقلايمىز. ئەلكۈيى تورىغا  تەشەككۇر، سىلەرگە ئايەملىك سالام! سىلەرگە ئىزدىنىشنىڭ باشلامچىسى! سىلەرگە غەلبە،ئۇتۇق، شان-شۆھرەت يار بولسۇن!1

UID
35662
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 17:11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەلدى ئايەم ،كۈلدى ئالەم» نەقەدەر ئوبرازلىق سۆزھە! يۇقارقى تەپسىلاتلارنى كۈرۈپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى،مۇشۇ سەنئەت كېچىلىكىنى پىلانلاش،ئۇرۇنلاشقا قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالېي ئېھتىرام!
   مۇشۇمۇناسىۋەت بىلەن ،بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئايەملىك سالام يوللايمەن،ئىشلىرىڭلار بەرىكەت تاپسۇن ، ئەزىز تىنىڭلار سالامەت بولسۇن ،مېھرى-مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرسۇن!

UID
24087
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 18:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېچىلىكنى كورۇشكە ئەجەپ تەقەززا بولدۇق.ئەلكۇيى تورىدىكى جاپاكەش مىھنەتكەش ئۇستاز شاگىرتلاغا رەھمەت ئېيتىمەن. قۇربان ھېيتىڭلاغا مۇبارەك بولسۇن.

UID
37876
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-10-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 19:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى ھەر يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى تېلىۋىزوردىن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە كۆرەتتىم ،ئەمما بۇ يىل ھېيتتا ئۆيگە قايتالمايدىغان بولۇپ قالدىم،بۇ كېچىلىكنى تېزراق تور ئارقىلىق كۆرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن!

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
969
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42692
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
310 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 22:40:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرنا ئۇكامغا ئۇزۇندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتاتتىم، ئىشقىلىپ بۇ ئۇكاممۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى 3-يۈرۈش قانىلىنىڭ كىچىك چولپىنى بوپ قالدى. «قارا-قارا قۇشلارىم» ھەققىدە نەتىجىگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىگەن بىر فىلىم باركەنتۇق، ئۇنى كۆرۈپ بۇ كونا بالىلار شېئىرىنىڭ ناخشا قىلىنىپ ئېيتىلغان نۇسخىسىغا كۆيۈپ قالغانتىم، ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكىسى تېخىمۇ نوچى چىققاندەك قىلىدۇ. ئارافاننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئوماقلىقىنى سېغىندىم، ھاززىر ئۇ ئوماقلىقى قالماپتۇ...

تۇنجى رەسىمدىكى رىياسەتچىلەرنىڭ كىيىمى نېمە دېگەن چىرايلىق، بەك ماسلاشتۇرۇپ لاھىيەلەپتۇ، بىرخىل مىللىيلىك، قەدىمىيلىك ھەم ئېسىلزادىلىك چىقىپ تۇرىدىكەن. رىياسەتچىلەر ھەققىدە ئازراق گەپ قىلغۇم بارتى، بىراق ئۆزۈمگە-ئۆزۈم سۆزلىگەندەكلا ئىش بوپ قالغۇدەك. ناۋادا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر راستىنلا ئاممىنىڭ پىكىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن بولسىدى مۇنىرە غوپۇر ئاللىقاچان بۇنداق كېچىلىكلەردە كۆرۈنۈپ بولغان بولاتتى. كەڭ ياشلارغا پۇرسەت بېرىش نەزىرىيىسىنى مەنمۇ قوللايمەن، بىراق مەھمۇد مەخسۇت چىققاندىكىن مۇنىرە غوپۇرمۇ بىللە چىقسا، قالغان تۆتى كەڭ ياش رىياسەتچىلەردىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ بولاتتى...ھىم، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار. نىجاد ۋەلى ياقۇپنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىدىكى ئادرىسىنى سوراپ يۈرەتتى بىزنىڭ مايەردىكى قىزلار ماھىرە ئابدۇغېنى نېمانداق گۈزەل-ھە!

ئادەتتە بىر كىچىككىنە پائالىيەتنى قىلىش ئۈچۈنمۇ جۇلىقىمىز چىقىپ كېتىدۇ. قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىدەك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى تەشكىللەپ، سۈرەتكە ئېلىپ، كىرىشتۈرۈشمۇ ئىنتايىن جاپالىق بىر جەريان. مۇشۇ جەريانغا قاتناشقان ھەربىر كىشى ئوخشاش قان-تەر تۆكىدۇ. لېكىن قانداقلا ئىش بولسۇن ئۇنداق-مۇنداق خاتالىق ياكى يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا مەيلى بۇ كېچىلىك قايسى دەرىجىدە چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىشىمىز، مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز كېرەك. بۇ كېچىلىك بىلەن تېخى يۈز كۆرۈشمىدۇق، بىراق مۇشۇنداق كېچىلىكلەرنىڭ قانداق قۇربان بېرىشلەر ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. قالدى پىكىرلەرنى كېچىلىكنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن دېيىشەرمىز. (ئىتوتلار قىززىقتەك قىلىدۇ ئادەمنى تەقەززا قىلىپ)

نەچچە يىللار بوپ كەتتى يۇرتتا ھېيىت ئۆتكۈزمىگىلى. ناۋادا تور بولمىغان بولسا مۇشۇ ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىنىمۇ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇققۇ دەيمەن. بۇرۇنلاردا ئۆيدە بار بولغان ھالەتتىمۇ، بۇ كېچىلىك ھەققىدە ھېچبىر تۈزۈك ئۇچۇرلارنى بىلەلمەي قالاتتۇق. بۇ قېتىم ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىدەك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئىشلىنىش جەريانى، پەردە ئارقىسىدىكى خىزمەتچىلەر، قاتناشقان ئارتىسلار...ھەققىدە تېز ھەم يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق، بۇرۇن بۇنداق بولمايتتى. دېمەك، تور ئۆزىنىڭ قولايلىق ھەم ئۇچۇرچانلىقى بىلەن بارا-بارا بىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىشقا باشلاۋاتىدۇ. ئەلكۈيى تورى ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن جەمىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان، بىراق بىز ئالدىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ھەرخىل مەنىلىك، جەلب قىلارلىق خەۋەر-ئۇچۇرلارنى بىزگە ئارقا-ئارقىدىن تەغدىم ئېتىۋاتىدۇ، يۇقىرىدىكى فىلىممۇ دەل بىر يېڭىچە يۈكسىلىش. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورىغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، كېيىنكى قەدىمىڭلار تېخىمۇ خەيرلىك بولسۇن.

قوشۇمچە: روشەن ئىسمايىل دېگەن رېژىسسورنىڭ ئىسمىنى تولا ئاڭلايتتىم. ئەمدى ئۆزىنى كۆرۈشۈم، بىرخىل جەزبىدارلىقى باركەن.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
17380
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 22:50:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ شۇ كىچىلىككە ئۈزۈم قاتناشقاندەك ھۇزۇر بىلەن سافادا ئولتۇرغاندەك ، ئۇچۇرلاردىن بىرەر قۇر ھۇزۇرلاندىم .....

ئەمدى ئەتىلەتتىن ھېيتتا تېلۋىزوردا قويغاندا ھەممىسىگە مەن كۆرۈپ بولغان دەپ تازا لاپ ئېتىۋالىدىغان بولدۇمدە ...
بارىكاللا بارىكاللا ،  ئەلكۈيى تورى شىنجاڭنىڭ سۇمرۇغ تورى بۇلۇشقا لايىق دىسە يەنىلا چوڭ كەتمەيدۇ !

UID
7928
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2010-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 01:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قىتىملىق ھېيتلىق كېچىلىكنى كۆرگەندە ئويلاپ قالىدىغىنىم بىزلەر ئۈچۈن ھەريىلى ئېتوت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ ھېتلىق سەنئەت كىچىلىكىدىن ئورۇن ئالالماسلىقىدۇر.

ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكىمىز نېمە ئۈچۈن ھېتلىق كېچىلىكلەردىن ئورۇن ئالالمايدۇ ياكى ئۇ كېچىلىكلەردە نۇمۇر ئورۇنلاشنى ياقتۇرمامدۇ ياكى تەكلىپ قىلىنمامدۇ؟مىنىڭچە ئۇنىڭ ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس بەلكىم تەكلىپ قىلىنمايدىغاندۇ؟ئەل سۆيگەن ئەلنى سۆيگەن بىر سەنئەتكارنىڭ بۇ سەھنىدىن ئورۇن ئالالماسلىقى(ئالماسلىقى)ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىشى كىرەك.
مەيلى كىم بولسۇن بۇرۇنقى شان-شۆھرەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ تۇخۇم بىسىپ ياتقاندىن ئابدۇكىرىمكامدەك ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان سەنئەتكارلىرىمىز ھەممىدىن مۇھىم ھەم ھەممىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كىرەك.بۇنىڭغا قانداقتۇر شەخسى ئاداەت،باشقا بىر نېمىلەرنى قىستۇرۋىلىش،ئارلاشتۇرۋىلىش تولىمۇ بىمەنە ۋە تېتىقسىزلىقتۇر.(شەخسى قاراش،بەلكىم كۆپ ئويلاپ قالغاندىمەن)

UID
14166
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-8-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-14
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 23:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلەن ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن ھەمدە سىلەرنىڭ قۇربان ھېيىت كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنىچ-خاتىرجەم ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.
جاپاكەش سەنەتكارلىرمىزغا  رەخمەت

UID
1396
يازما
10
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2009-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-7
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 04:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىللىق قۇربان ھېيت كىچىلىكىگە تەشنا بولمايدىغان.نىمە يېڭىلىقلار بار ئىكەنلىكىگە قىززىقمايدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كىرەك دەپ ئويلايمەن.نەزىرىمدىكى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇربان ھېيتلىق كېچىلىكى مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كىچىلىكىدىنمۇ كاتتا بىز ۈچۈن ھېيتنىڭ ھەقىقىي خۇشاللىقىنى داغدۇغىسى بىلەن ھىس قىلدۇرىدىغان بىر چوڭ سەھنە.ھەر قېتىم كىچىلىكنى كۆرسەم بۇ جەھەتتە ئىشلىنىدىغان ئارقان سەپ خىزمىتىنىڭ بۇنداق كۆپ ئىكەنلىكىنى يەنە كىلىپ ئارقا سەھنىدىكى پەزىلەت داۋۇت باشچىلىقىدىكى،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىكىدىكى ھەممە جاپاكەشلەرنىڭ كىچە كۈندۈز ئۇخلىماي ئىشلەش بەدىلىگە بۇ كىچىلىكنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقىنى ھسى قىلماپتىكەنمەن.بۇ فىلىمنى كۆرۈپ شىنقاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ھەممە جاپاكەشكە ھەم بىزگە مۇشۇنداق قىممەتلىك ۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن  ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھەقىقىي سەردارى ئەلكۈيى تورىغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمىدىم.كىچىلىكنى توردا قويساڭلار دېگەن ئارزۇيۇم بار ئىدى،چەتئەلدە تۇرۇپ كۆرۈش نىسىپ بولمايدۇ ماڭا.

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-2
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 20:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تورداشلارنىڭ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدە ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ  ھەمدە سەنئەتكارلارنىڭ قۇربان ھېتىنى مۇبارەكلەيمەن . بۇ قىسقىغىنە فىلىمنى كۆرۈپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر بىلەن سەنەتچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ،  مەن سەنئەتكە ئىنتايىن ئامراق. لېكىن بىر سەنئەتنىڭ بۇنچىلىك تەستە ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ قىسقىغىنە تارتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ، بىزلەرنى دەپ قانچىلىك چارچاپ، ئۇيقىسىراپ كەتكەن رىژىسورلىرىمىزغا، ئارقا سەپتە جاپا بىلەن ئىشلەۋاتقان ئاشۇ قەدىردان ئاكىلىرىمغا ھەمدە بارلىق سەنئەتكارلارغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى .  تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ  زور مەنبلەخ ۋە ئادەم كۈچى چىقىرىپ ئورۇنلىغان بۇ قېتىملىق سەنئەت كىچىلىكى ھەقىقەتەن ياخشى ئۇرۇندالغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ.  بىزنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتلىرىمىزگە توختىماي كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاكا-ئاچا، ئىنى-سىڭىللىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ، جاپا تارتتىڭلار !  بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق سەنئىتىمىزگە بولغان ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !
ئاخىرىدا مۇشۇنداق سەنئەتلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش