ئىگىسى: umidwar

2012-يىللىق قۇربان ھېيت كېچىلىكى ئەلكۈيىدە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48118
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 12:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيىتلىق ، روزا ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى يىلدىن-يىلغا مەيلى سەھنە لايىھەلىنىشى جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى تەييارلانغان نومۇرلىرى جەھەتتىن كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ ،بۇنىڭ ئىپادىسى: بۇرۇنلاردا پەقەت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا قۇربان ھېيىت ، روزا ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىنى كۆرەتتۇق ، مانا ئەمدى كېڭىيىپ قازاق ، قىرغىز ، مۇڭغۇل ، خەنزۇ ،تۇڭگان قاتارلىق شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى ئىسلامىي بايرام دىنىي ئۇلۇغ كۈن ئەمەس بەلكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر نامايەندىسىگە ئايلاندى.
مەنمۇ ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنداق ھاياجانلىناتتىم ، مەكتەپتىن مىڭ تەستە ھېيىتلىق كېچىلىك فىلىملىرىنى تېپىپ ئەتىسى يېغىن زالىغا يېغىپ قويۇپ بېرەتتى. شۇنداق ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كېتەتتۇق شۇ چاغلاردا. ئەمما يېقىندىن بېرى ھېيىتلىق كېچىلىكنىڭ ئارىسىغا باشقا مىللەتلەرنىڭ چاڭچىلىسى ئارلىشىپ تازا قىزىقماس بولۇپ قالدىم ، بۇ ھەرگىز مېنىڭ مىللەت ئايرىمچىلىق قىلغىنىم ئەمەس ، پەقەت ئىلگىركىدىن ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنى تازا قوبۇل قىلىپ بولالمىغان يېرىم بار. فىلىمدە شىنجاڭ تېلۋىزىيەسىنىڭ خادىمى دىگەندەك مەن يا توغرا ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ئارتىسلىرىلا چىقىدىغان بۆلەكلىرىنى كۆرەلمەي قالدىممۇ ، ئىشقىلىپ بۇ يىللىق قۇربان ھېيىت سەنئەت كېچىلىكنىڭ ئالدىنقى يىللارنىڭكىدىن ياخشى چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاندىن بىر تەلىۋىم ، ئەلكۈيى تورى يەنە بىر تېرىشىپ ھېيىتلىق كېچىلىكنى توردا تارقاتقان بولساڭلار ، نەق مەيداندا بىۋاستە تەڭ تارقىتالمىساڭلارمۇ ئەتىسى ئەتىگەنگىچە چىقرىىپ بېرەلىسەڭلار بەك رازى بولار ئىدۇق سىلەردىن. بولسا مۇشۇ تەكلىۋىمنى بىر ئورۇنداشقا تېرىشقان بولساڭلار.
ئۇنى دېدىم ، بۇنى دېدىم ، كېچىلىكدە نومۇر ئورۇنلىغان ھەربىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ، مۇشۇ فىلىمنى تەييارلىغان ھەربىر ئارقا سەپتىكى دوستلىرىمىزغا رەھمەت بىلدۈرىمەن.
ئۈستىدىكى يازمامدا دىگەن مەسلىلەرنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
33550
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-1
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 14:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەلكۈيى تورىنىڭ بىزنى بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن . قارغاندا بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىگى بەك كاتتا ئۆتكۈزۈلىپتۇ . چوقۇم ۋاختىدا كۆرمەن . سەنئەتكارلارمىزغا كۆپ رەخمەت ، ھارمىغايسىلەر .

UID
30608
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 16:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 2012-يىللىق ‹‹كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم ›› قۇربان ھېيىتلىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكنىڭ تەپىلاتىنى ئەلكۈيى تورى ئارقلىق خەۋەردار بولغىنىمدىن  خوشال بولدۇم . بۇيىلقى 2012-يىللىق قۇربان ھېيىت كېچىلىكى بۇرۇنقى كېچىلىككە قارىغاندا نۇمۇرلارمۇ بىر-بىرسىدىن پەرقلىق ھالدا ئېسىل چىقىپتۇ .بولۇپمۇ مەيدان ۋە مەيدان كۆرۈنۈشى  پۈتۈنلەي LED  ئىكران ئىشلىتىپتۇ .ئەل ئىچىگە تۇنۇلغان  ياخشى ئارتىسلىرىمىزمۇ بۇ كېچىلكتە ئۆزىنىڭ يېڭى نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىپتۇ .

UID
29371
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 16:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرمۇ ئوخشاشلا جاپا تارتىپسىلەر يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت

كۆيۈمچان ئەزا

. ئىشەنچ+ئۈمۈتۋا

UID
6545
يازما
118
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3631
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 17:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىچىلىكنىڭ ماڭا يارىغان بىر تەرىپى مىللى ئەنئەنىمىز،،مىللى كىيىم- كىچەكلىرىمىزبۇ كىچىلىككە تېخىمۇ ھۈسۈن قۇشقان ،
چولپانلىرىمىزدىن . مەھمۇت سۇلايمان .ئەسقەر رىىقىپ ،................لەر يوقمۇ نىمە.
مىنىڭچە يەنە بۇ كىچىلىكتە،ھەرقايسى يورتلارنىڭ ئېيتىلمىغان خەلق ناخشىلىرىمىز (بۇرۇن ئېيتىلىپ ھازىر ئېيتلمايۋاتقان)1كوپلىتتىن ناخشا ئۇقۇپ چىققان بولسا،  مەسلەن : قەشقەر خەلق ناخشىسى .تۇرپان خەلق ناخشىسى.قۇمۇل خەلق ناخشىسى ..............دىگەندەك .بولسا مىنىڭچە بەك ياخشى بۇلامدىكىن دەپ قارايمەن ،،،
ئارتسىلىرىمىز جاپا چىكىپسلەر،،ھارمىغايسىلار،بىز سىلەرنىڭ مەڭگۈ قوللىغۇچىڭلار.
ھەممىڭلارنىڭ قوربان ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن ،،
تىنىڭلارغا سالامەتلىك ،كۈنلىرىڭلەرگە خوشاللىق .ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

UID
2430
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-22
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 20:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورى ئېكرانى ئارقىلىق بۇ يىللىق قۇربان ھېيىت سەنئەت كېچىلىكى ئۇچۇرلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغان ئەلكۈيى تورىغا رەھمەت.
ئۇيغۇر تورچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەقىقىي بىر ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نامايەندىسى شۇنداقلا ئاددىي بىر مىسالىي سۈپىتىدە ئەلكۈيى تورىدا كېلەر ھەپتىلەردىكى تېلۋىزىيە سەنئەت نومۇرلىرى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مەن بۇنى ئۇيغۇر مىللىىتىنىڭ قالاق ئەمەسلىكىنى ، ئېنتىرنېت ، ئۇچۇر دەۋرىدە ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ ماڭالايدىغان سەۋىيە ھازىرلىدى دەپ چۈشەندىم. قايسى بىر نوپۇزلۇق مەتبىۇئەدىن ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىكى خەنزۇ مىللىتىدىن قالسىلا ئېنتىرنېت ۋە تور تەرەققىياتىدا ئىككىنجى تەرەققىي تاپقان مىللەت دىگەن قۇرلارنى كۆرگىنىمدە خۇشاللانغان ئىدىم. ئارىمىزدىن بىرقىسىملىرىمىز تورنى،ئېنتىرنېتنى تىللاپ باققانلارمۇ چىقتى، ئەمما شەخسەن ئۆزۈم تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ئىزچىل پايدىلىنىپ كەلدىم ، مانا بۈگۈنكى كۈندە تور ئارقىلىق خىزمىتىمنى ئىلىپ بارىمەن شۇنداقلا تور ئارقىلىق ھالال پۇل تېپىپ ئائىلەمنى قامداپ ياخشى كۈن كەچۈرمەكتىمەن.
ئىلگىرلەردە ھېيىتلىق كېچىلىكلەرنىڭ ئالدىن ئۇچۇرلىرىنى پەقەت يازما شەكىلدىلا گېزىتلەردىن خەۋەر تاپاتتۇق ، بۈگۈن تور ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق ، بۇ ئۇيغۇر تورچىلىىقىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى خالاس. ئەمما يۇقارقىي فىلىمنىڭ تاماملىشىغا ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنىڭ ئىجازىتى ، تەستىقى شۇنداقلا قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلكۈيى تورىنىڭ كۆپ ئىزدىنىشى ، يول مېڭىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگىنىنى ھەرقانداق بىر يۈرىكى بار ئىنسان ھىس قىلالايدۇ.  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە دىيارىمىزدا 50مىڭ تاماشىبىن قاتناشقان توپ مۇسابىقىلىرىنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تارقىتىشىنى ئىلتىماس قىلىپ قانچىلىغان ئۇيغۇر ئاممىسى چۇقان كۆتۈردى ، ئەمما يەنىلا ۋۇجۇدقا كەلمىدى ، چۈنكى نەق مەيدان  تارقىتىش دىگەن ھازرقىي ۋەزىيەتتە گەرچە تېخنىكا يار بەرسىمۇ ئەمما ۋەزىيەت ماس كەلمەيدۇ ، چۈنكى نەق مەيدان تارقىتىش جەريانىدا ھەرخىل ئىھتىماللىقلارنى ئالدىن پەرەز قىلماق ئاسان ئەمەس. دىمەك ، ئەلكۈيى تورىنىڭ شىنجاڭ تېلۋىزىيەسىنىڭ تۈرلۈك ئىجازەتلىرىگە ئېرىششىگە ئاز يول كەتمىگەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم ، 2009 -يىللىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزۈلمىدى ، شۇندىن كىيىن قۇربان ھېيىت ئاساس قىلىنىپ تۇرۇپ روزا ھېيىتلىق  كېچىلىكلەر كىمەيتىلدى ، ھېيىت ھارپىلىرىدا شۇ كېچىلىكلەر قويۇلماپتى ھەربىرىمىزنىڭ كۆڭلى شۇنداق بىئارام بولدى ، خۇددى بىرنەرسىدىن ئايرىلغاندەكلا ، ھەرقانداق بىر ئىش نۇرۇغنلىغان تېرىشچانلىقلار بەدىلىگە مەيدانغا كىلىدۇ ، تېلۋىزىيە ئىستانسى خادىملىرىدىمۇ ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان يۈرەك بولمىسا كېچىلىكلەرنڭ ھازىرقىدەك چىقالىشىمۇ تەس ئىدى.
خۇلاسە كالام ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ھەربىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ، قۇربان ھېيىتتا ھەربىرىڭلارنىڭ تىنىچ -ئامان ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
140
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3074
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
112 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 21:37:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ بىزنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قۇربان ھېيتلىق كېچىلىكككە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانىسى بۇ يىل بۇ كېچىلىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملار ۋە ھەرقايسى سەنئاتكارلارنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ئاۋۇ فىلىمدىن كۆرۋالدۇق.(ئاۋۇ ھەر دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن بارلىق ئىستانىسا خادىملىرىغا يىغىن ئېچىلدىغان زال ،ئىچى بەك سوغوق ئىدى.جاپاكەش خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام!)
تەتىلىدىكى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا قىلغان ئىككى ئايلىق پىراكتىكام مېنى نۇرغۇنلىغان تەسراتلارغا ئىگە قىلىدى..ئادەتتە تېلۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ تېلىزىيە ئىستانىسىدىن قاقشايدىغانلارغا شۇنداق دېگۈم كەلدى،قېرىندىشىم،سىز شۇ نارازى بولغان بەش مىنۇتلۇق فىلىمنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن سىزگە ئوخشايدىغان ئەزىزلەرنىڭ قانچىلىك ئەجىرىنىڭ كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بىر فىلىم ئاۋال تېما تاللاش،دەسلەپكى لاھىيە،فىلىمنىڭ يازما ئورگىنالى (ئاساسىي ماقالە)،فىلىم ئىشلىگۈچى تەھرىر،كىرشتۈرگۈچى،مۇخبىر،ئوپىراتور،رىياسەتچى،باش نازارەتچى ،تارقىتىش ئۆيى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاندىن كۆرۈرمەننىڭ ئالدىغان سۇنۇلىدۇ.مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تېلۋىزىيە خادىملىرىنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈردىغانلىقىنى باشقىلار ئانچە ھېس قىلىپ يەتمىسە كېرەك.
تېلۋىزىيە ئىستانىسدىكى پىراكتىكا مېنى نۇرغۇنلىغان بۇرۇن ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن بىلملەرگە ئىگە قىلىدى،شۇ جەرياندا تەجىرىبە توپلىدىم،ئۆگەندىم..مەكتەپتە بەزى زىيارەت ياكى خەۋەرنى ياخشى قىلالمىسام  ‹ۋاي،مۇشۇنچلىك بولسا بولدىغۇ›دەيدىغان ھورۇنلىقمنى پىراكتىكا جەرياندىكى خىزمەت تۈپتىدىن ئۆزگەرتتى..سىز خەلىق ئۈچۈن ئىشلەۋاتىسىز،تېلۋىزور ئالدىدىكى نەچچە مىڭلىغان كىشى ئەڭ ياخشىنى كۆرۈشى كېرەك...مۇشۇنداق  روھ بىلەن خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدىم..
ئەڭ ئارزۇ قىلغان ئشىڭىز رېئاللىققا ئايلانغاندا بەزىدە راستىنلا قاتتىق ھودۇقۇپ قالدىكەنسىز..
ھېلىمۇ ئېسمىدە، تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن مىكرافوننى تۇتۇپ زىيارەتنى باشلىغان ۋاقتىمدا قولۇمىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىدىن ،ئوپىراتور ئاكاش كۈلۈپ  تۇرۇپ:‹قولۇمدىكى بىر تال تەرخەمەك دەپ ئويلىسىڭىز بۇنچە جىددىيلەشمەيسىز›دېگەندە ،زىيارەت قىلىنغۇچى(بىر شىركەتنىڭ دېرىركتورى ئىدى) كۈلۈپ كېتىپ،دەيدىغان گېپىنىمۇ تاپالمىغان ئىدى...كېيىن مۇستەقىل زىيارەت ۋە فىلىمنىڭ ماقالىسىنى يېزىپ مېنى يېتەكلىگەن ...ھەدەمىنىڭ ۋە تەھرىرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ،ماختىشىغا ئېرىشكەندىكى،ئاپامىنىڭ تېلۋىزور ئالدىدا قولىغا تېلىفوننى ئېلىپ ھاياجان ئىلكىدە سۆزلەپ كەتكەنلىكىنى ئۇنۇتمايمەن.
نۇرغۇن ئارزۇ ئىستەكلەرنى بېغىشلىغان شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسى ۋە مېنى ئەزىزلىگەن ۋە ئەستايىدىل ھەم تەلەپچان پوزىتسىيدە بولغان ،تەربىيلىگەن ‹خۇدايىم بۇيرۇسا مۇشۇ قانالدا خىزمەت قىلارسىز›دەپ ئەڭ سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلىگەن .....قانالدىكى بارلىق ئۇستاز ۋە تەھرىر،خىزمەتچى ئەزىزلەرگە رەھمەت..
يەنە ئەلكۈيى تورىغىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن..(پىراكتىكا توغرىسىدىكى ياردەم تېمامنى تەستىقلاپ بەرگەن ھەم ياردەم قىلغان بارلىق ئەزىزلەرگىمۇ رەھمەت)...

مۇنىرە غوپۇر ھەدىمىزنى قايتا رىياسەتچىلىك سەھنىسىدە كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم..

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-22 21:39):
ئىملا خاتالىقمنى كەچۈرۈڭلار..بەك دىققەت قىلغان ئىدىم بولمىسا

UID
45847
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-14
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 22:00:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەلكۇيى تورىدىكىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن كىچىلىكنىڭ بۇكۇرۇنۇشلىرىنى كۇرۇپ بەك ھاياجانلاندىم  بىز ئۇيغۇر لار مۇشۇنداق  كىچىلىكلەرنى ئۇتكۇزسە ك مەن بىز ئۇيغۇرلار بارغانسىرى ئۇيۇشۇۋاتقاندىك ھىس قىلىمەن

UID
15294
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-13
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 10:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىلىگى بەك كاتتا ئۆتكۈزىلگۈدەك ، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ، ۋە بارلىق ئارتىسلارنىڭمۇ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
882
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34839
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-11
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 10:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئارقىلىق مەنىۋى ھاياتىنى بېيتىۋاتقان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار،ئالدى بىلەن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىڭلارنى  تەبرىكلەيمەن،قۇربان ھېيت ھارپىسىدىكى كۈنلىرىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكەي!
ئەلكۈيى تورىدىن قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئىشلىنىش جەريانى شۇنداقلا فىلىم مەزمۇنى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ شۇ قەدەر ھاياجانلانغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن.مەيلى ھېيت -بايراملىق سەنئەت كېچىلىكلىرى بولسۇن مەيلى دائىملىق سەنئەت كېچىلىكلىرى بولسۇن ئۆزىمىزگە ياققان سەنئەت نومۇرلىرىغا چاۋاك چېلىپ، ياقمىغان تەرەپلىرىگە قاپاق تۈرۈپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇ سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ، كېچىلىكلەردىكى ھەر بىر نومۇرلارنىڭ قايتا-قايتا ئوينىلىپ سەنئەتكارلارنىڭ ۋاقتى-زىھنى، قايتا-قايتا قىلغان مەشىقى ۋە ئوپىراتۇر-رىژىسۇرلارنىڭ قايتا-قايتا تۈزىتىشى،ھارغىنلىق ۋە ئۇيقىسىزلىق دىگەندەك تۈرلۈك جاپالار بەدىلىگە بىزنىڭ ئىسسىق ئۆيلەردە، راھەتبەخىش ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىشىمىزغا سۇنۇلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ  كەتمەپتىكەنمەن. مانا بۇ خىل ئىنتىرنىت تورىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىرگە پۇرسەت ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھاياجانلىق دەقىقىلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرىنى بىزگە سۇنۇش ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ئەلكۈيى تورىدىن شۇنداقلا باشقا تورلارنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تەرەققى تاپقۇزۇش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىۋاتقان جاپا چېكىۋاتقان ئەلكۈيى تورىنىڭ باشلامچىسى ئۈمىدۋاردىن پەخىرلەندىم.
ئەلۋەتتە كېچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى بىزگە سۇنۇش ئارقىلىق تېلېۋۇزىيە ئىستانسىسى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىش شۇنداقلا ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزنىڭ تەنتەنە جۇلاسى بولغان بۇ چوڭ تىپتىكى سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق بىزنىڭ قۇربان ھېيتىمىزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن  تېلېۋۇزىيە ئىستانسىسىدىكى خادىملارغا ئوخشاشلا بۇ كۆرۈنۈش بۇ ئۇچۇر تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن ۋە بۇنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ بىزگە سۇنۇش ئۈچۈن ئەلكۈيى تورىنىڭ قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقىنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس. سۈرەت ۋە فىلىم  رەتلىنىش ئىشلىنىش ئۈچۈنمۇ زىھىن، ۋاقىت كېتىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلكۈيى تورىدىكى خادىملارنىڭ قانچىلىك كۈچ سەرىپ قىلغانلىقىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەس.
ئوخشاشلا تېلېۋۇزىيە ئىستانسىدىكىلەر ۋە ئەلكۈيى تورىدىكىلەر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار. بۇلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
سەنئەت نومۇرلىنىڭ ئالدىنئالا بېرىلگەن ئۇچۇرى يۈرەكلەرگە ئوت يېقىۋەتتى.....خۇدا بۇيرىسا ئۇلۇغ قۇربان ھېيت ئايەم كۈنلىرىڭلاردا خۇشاللىق ۋە دىل ئازادىلىك ئىچىدە بۇ سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىشقا، ھېيت كۈنلىرىڭلارنىڭ ئالەمچەشاتلىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش