شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2012-يىللىق ‹كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم›قۇربان ھېيتلىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس زىيارىتى ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى شۇنداقلا تور ئارقىلىق مەنىۋى ئوزۇق ئېلىۋاتقان بارچە تورداشلار ھەممىڭىزلارنىڭ كىلىش ئالدىدىكى ئولۇغ قۇربان ھېيت بايرىىمىنى ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى شىركىتى نامىدىن چىن دىلىمىزدىن قۇتلۇقلايمىز!
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەلكۈيى تورى خىزمەتچىلىرى قۇربان ھېيت كېچىلىكى نەق مەيدانىدا ئەلكۈيىدىكى تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى2012-يىللىق قۇربان ھېيت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرى سەھنىدە ئايەم ھارپىلىرىدا سىلەر بىلەن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ھەققىدە ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكى ئاستىدا كاتتا كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ،ئايەم تەنتەنىمىز نىتېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ كىلىۋاتقان ئىدى.ئەلۋەتتە بۇيىلمۇ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كىلىۋاتقان شىنجاڭ رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە 2012- يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىگى گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى- خادىملار، مەخسۇس فىلىم ئىشلەش گۇررۇپپىسى قۇرۇپ، كۈچلۈك رىژىسسورلار قوشۇنى،تەجرىبىگە مول بولغان فىلىم ئىشلەش خادىملىرىنى تەشكىللەپ ھەرقايسى يىللارغا قارىغاندا ھەجمى چوڭ،مەبلەغ كۆپ كەتكەن،سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان<< كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم››تېمىسىدىكى كېچىلىكنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى شۇنداقلا 2012-يىلى ئوغۇز ئېيىنىڭ 18-،19-،كۈنلىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ تەييارلانغان،مەخسۇس چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەرنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە ئېلىندى. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلقىمىزگە تەييارلىغان بۇ كاتتا سوۋغىسىنى كەڭ تورداشلارغا ئالدىن خەۋەردار قىلىش شۇنداقلا ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ئايەملىك سالام يوللاش مەقسىتىدە بىز شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا <<2012-يىللىق قۇربان ھېيت > سەنئەت كېچىكىلىكى ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى 2012-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ... 
 ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى نومۇرلار ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا سان جەھەتتىنلا كۆپ بولۇپ قالماي،سۈپەت جەھەتتىنمۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان.ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم داڭلىق سەنئەتكارلار،ھەرقايسى جايلاردىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ ، خەلقىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش،ئورۇغ- تۇققان،ئەل –ئاغىنە،قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدىكى مىھىر – مۇھاببەتنى قەدىرلەش مۇھىم تېما قىلىنغان.كېچىلىك شەكىل جەھەتتەن تېخىمۇ سەرخىللىققا يۈزلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇب يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان.كېچىلىكتە مۇقام،ئۇسۇل،ناخشا،ئىتوت، سىرىك نومۇرلىرى،بالىلارغا ئاتالغان مەخسۇس نومۇرلار بىلەن قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكىنى رەڭگارەڭ تۈسلەرگە كىرگۈزگەن.



شىنجاڭ رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئەپەندىم(سولدا) ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىككىنجى قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ئەنۋەر قۇربان ئوڭدا رەپىتىس ئەھۋالىنى كۆرمەكتە










شىنجاڭ رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئەپەندىم،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ئەنۋەر قۇربان ،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار كېچىلىك نەق مەيدانىدا رەپىتىس جەريانىنى كۆرىۋاتىدۇ ،




ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن بىرگە رەپىتىس جەريانىنى كۆرىۋاتىدۇ 



















بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بىر قېتىملىق كېچىلىكنىڭ يەنى دىيارىمىزغا نىسبەتەن ئەڭ كاتتا ھېسابلىنىدىغان سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈچە بولغان جەريانلاردىكى ئارقا سەپ خىزمىتى ھەققىدە ئۇنچە كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن.ئەمما ‹ئۈزۈمىنى يەپ،ساپىقىنى سورىماسلىق›خاھىشىدەك جاپالىق ئەمگەك بىلەن ئارقا سەپ خىزمىتى ئىشلەۋاتقان تۆھپىكارلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە.


ئەنۋەر قۇربان،پەزىلەت داۋۇت ..قاتارلىق قۇربان ھېيت فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر كېچىلىك سۈرەتكە ئېلىشقا رەپىتىس مەشىقى قىلدۇرماقتا

2012 - يىللىق قۇربان ھېيتلىق كېچىلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر باش رىژىسسور پەزىلەت داۋۇت بىلەن بىرگە سەلىمجان،خاسىيەت قۇربان،پەزىلەت داۋۇت،روشەن ئىسمايىل 
قۇربان ھېيتلىق كېچىلىك فىلىم ئىشلەش جەريانى(كەچ سائەت 12دىن ئاشقان ۋاقىت خىزمەتچىلەر ئالدىراش ئىشلىمەكتە)

كېچىلىك نەق مەيدان ئەھۋالىنى تارقىتىش ماشىنىسىدا كىرىشتۈرۈش خىزمىتى ئىشلەۋاتقان پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچىلەر 




2012-يىللىق قۇربان ھېيت كېچىلىكى شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپىسىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر ئۇدا بىر قانچە كۈن ئۇخلىماي كېچىلىك ئۈچۈن ئىشلەپ چارچاپ كەتكەن نەق مەيدان كۆرۈنۈش 
2012-يىللىق قۇربان ھېيت كېچىلىكى شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپىسىدىكى پەزىلەت داۋۇت (ئوتتۇرىدا) خاسىيەت قۇربان(سول تەرەپتە)روشەن ئىسمايىل (ئوڭ تەرەپتە)  تورىمىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېچىلىك ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە خەلقىمىزنى بىرىنچى قول ماتىريال بىلەن تەمىن ئىتىشنى كۆڭلىمىزگە خوپ كۆردۇق.بىز ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا،بۇ كېچىلىكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىش ۋە خەلقىمىزگە سونۇش ئۈچۈن كىچىنى- كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى پروگرامما ئىشلەش گۇررۇپپىسىدىكى جاپاكەش خادىملارغا ئەلكۈيى تورى نامىدىن چىن دىلىمىزدىن ئېھتىرام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.ھەممەيلەننىڭ ئايەم ھارپا كۈنى كەچتىن باشلاپ قويۇلىدىغان ‹‹قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى›نىڭ تەنتەنىسگە جۆر بولۇپ،ھېيت خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
|