ئىگىسى: 222

مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرەتتىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13089
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
314
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 18:12:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئەڭ ياخشىسى ‹‹ماڭلاي سۇرۇخ›› دېگەن كىنونى تېپىپ تەپسىلى كۈرۈپ چىقىڭ .

باھا سۆز

towa0322  قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ھەركىمنىڭ ئىمانىغا باغلىق.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 19:44:25

UID
44425
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 19:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئەمدى يولدىشىڭىزنىڭ سىزنى داۋاملىق ئالدىشىغا يول قويماڭ ، ياپسام پىشامۇ كۆمسەممۇ دىيىش ياخشى ئەمەس ، ئاياللارغا نىسبەتەن خورلۇق بولا مۇشۇنچىلىك بولا ، بەزىلەر دەيدىكەن ، تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئىرىڭىزنى تەسىرلەندۈرۈڭ ، ھەرگىز كوچىدىكى ھېلىقىغا تاشلاپ بەمەڭ دەپ ، ئەمما بۇنداق دەرتنى بېشىغا كەلگەن ئاياللا بىلىدۇ ، ئاياللاردىمۇ غۇرۇر بار ، ئىرى ئۆلۈپ قالغانلارمۇ چىدايدۇ ھەر - ھەر قىسمەتكە ، شۇڭا 4 بالىنىڭ ھەممىنى ئۆزىڭىز بېقىپ قاتارغا قوشىدىغىنىڭىزنى ، شۇڭا بارلىق مۈلۈكنى (پۇل - پۈچەكمۇ بار) ئۆزىڭىز ئالىدىغانلىقىنى (ئاۋۇ چىرايلىقى ئولتۇرۇۋاتقان زىمىنمۇ بار جۇمۇ )، ئىرىڭىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت چاپىنىنى دولىسىغا سېلىپلا ئۆيۈڭلاردىن چىقىپ كىتىشىنى ، يەنە ھەر ئايدا بالىلارغا بېقىش ھەققى بىرىشنى ، يەنە بالىلارنىڭ مائارىپ راسخوتىنى كۆتىرىشنى شەرت قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئېيتىڭ .  ئاندىن لاقا - لۇقىسىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي تەقلەپ كۆتەرتىپ قۇيۇڭ ، ھىچقانداق مۇرەسسەلەشمەڭ ، شۇ مىنۇتتىن تارتىپ ئۆيۈڭلاردا تۇرۇشىغىمۇ قەتئىي يول قويماڭ ، چۈشەنمىسە قىلىۋاتقانلىرىغا ئەمدى تەخىر قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىڭىزنى ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ، سەۋىر - تاقىتىڭىزنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى ، شۇڭا ئەمدى بۇرۇنقىدەك رايىش ئايال بوپ ، نىمە دىسە خوپ دەپ ئۇنى كۈتۈپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭىزنى دەڭ ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىمەن ، سەن بىلەنلا ئۆتىمەن ، گىپىم گەپ دەپ گىپىنى يورغىلاتسا ، بۇ ھەقتە ئېنىق تىلخەت بىرىپ ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا سىزگە ۋەدە بىرىپ ، ئۇ ئايالنى ئىككىنچى ئىزلىمەسلىككە لەۋزە قىلىشىنى تەلەپ قىلىڭ ، سىز تەرەپ ۋە ئىرىڭىز تەرەپ چوڭلار ۋە قېرىنداشلار ئالدىدا بولسا تېخى ياخشى . ئەگەر يەنە بانا كۆرسىتىپ تىلىنى چاينىسا يولغا سېپ قۇيۇڭ ، 4 بالاڭلار باركەن ، ئاجرىشىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس ، قانۇننىڭ ئالدىغا بارسىمۇ مۇرەسسە قىلىپ نەچچە ئاينى ئۆتكۈزىدۇ ، بەزىدە يىلمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ ، شۇ مەزگىلدە ئايرىلىپ تۇرۇڭلا ، ئىرىڭىز ئاشۇ گۈزەل جانانى بىلەنمۇ ياشاپ باقىدۇ بىر مەزگىل ، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئۇ ئايال ھەرگىزمۇ سىزدەك قىلالمايدۇ ئىرىڭىزگە ، ئۇ ئايالمۇ 4 بالاڭلار بارلىقىنى ، ئاجرىشىشىڭلارنىڭ تەسلىكىنى ، سىزنىڭمۇ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، ئىرىڭىز سىزدىن قىيالمايدىكەن ، باللىرىغىمۇ ئوخشاشلا قىيالمايدۇ ، يەنە بىر ئۆيىدە ئازادە ياشىسىمۇ يەنىلا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مەنىسىز تۇيۇلىدۇ سىلەربولمىغانكىن ، ئاخىرقى ھېساپتا سىز نىمە دىسىڭىز شۇ ھېساپ بولىدىغان بوپ قايتىپ كېلىدۇ ، شۇ چاغدا ئاندىن قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ تۇرمۇشۇڭلارنى قايتا باشلاڭلار ، ئەگەر شۇنداق قەتئىي بولمىسىڭىز ئىرىڭىز سىزنى يەنە ئالدايدۇ ئېشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى نەزىر قىپ ، شۇڭا ئەمدى سىزنى ئالدىشىغا قەتئىي يول قويماڭ ، بولمىسا ئىرىڭىز سىزنى بىر ئۆمۈر ئالداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئانداق بەزىلەر دىگەندەك تېخىمۇ ياخشى مۇئەمىلە قىلىپ تەسىرلەندۈرىمەن دىسىڭىز ، ئىرىڭىز كۆڭلىدە بۇ مەندىن كېچەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 4 بالىمىز بار ، مەڭڭۈ يېنىمدىن كېتەلمەي ، دىگىنىمگە كۆنۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ دەپ ئۆزىچە كېرىلىپ قوڭىنى يۈزىگە چاپلاپ ياشاۋېرىدۇ .

باھا سۆز

etikad  قوللايمەن، ھەقىقىي گەپنى قىپسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 13:17:55
nazi  نادىر،ئېسىل گەپ،،،  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 03:01:48

UID
44425
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 19:49:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
towa0322 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 22:50
سىزنىڭچە كوچىدىكى بۇزۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۈزى خالاپ تېن ...

جاھاندا شۇنداق يولدىكى ۋە دۇرۇس يولدىكى قىز - ئاياللار كۈرمىڭ بولغاندەك ، شۇنداق بويتاق ئەرلەرمۇ كۇرمىڭ ، نىمىشقا شۇنداق بويتاقلار ئۆز - ئارا تېپىشىپ تۇرمۇش قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماي ، ئەكسىچە 2 - خوتۇنى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ، بۇنى ئىسلامدىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ، توي قىلغان ئەرلەر بۇلارنى 2 - خوتۇن قىپ ئالسا ساۋاپ بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىسىز ، ئاللاھ ئېگەم ھەممە نىمىنى جۇپتى بىلەن ياراتقان ، بىر قوتاندا بىر قوشقار بىلەن 4 - 5 قوي بىرگە تۇرالىغىنى بىلەن بىر ئۆيدە ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋەت بوپ ئىككى ئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ نىكاھ چەمبىرىكى ئىچىدە ياشىمىقى تەس ، چۈنكى بىز ھايۋان ئەمەس ، شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھازىر چوڭ سۆزلەۋاتىسىز ئىرىم 2 - چىسىنى ئالىمەن دىسە قوشۇلىمەن دەپ ، ئېغىزدا دىمەك ئوڭاي ، ئادەم ئېغىزىدا ھەتتا زۇڭتۇڭمۇ بولالايدۇ ، ئەمما بېشىغا كەلگەي ، ئاندىن قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىدۇ ، شۇڭا ئىرىڭىزگە 2 - خوتۇننى ئېپ بىرىپ ئاندىن بۇ يەردە بۇ تەشۋىقاتنى قورقماي قىلىڭ قانچىلىك ساۋاپ ۋە قانچىلىك ياخشى ئىش قىلغىنىڭىزنى . گىپىم ئېغىر كەتتى ، سەۋەبى مەنمۇ بىر ئايال ، يېشىم 40 قا بادى ، 3 بالام بار ، مەنمۇ بېشىغا دەرت كىلىپ ، ھەممە تارتقۇلۇقلارنى تارتىپ بوغان . شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئۇنداق ئىسلامنى ، شەرىئەتنى بانىداپ تۇرۇپ 2 - خوتۇن ئېلىشىغا قەتئىي قارشى ، ئەرلەرنىڭ 2 - خوتۇن ئالىمەن دىيىشى ھەرگىزمۇ شەرىئەت يولىنى تۇتۇپ ساۋاپلىق ئىش قىلىشنى كۆزلىشى ئەمەس ، بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغىنى خالاس ، پۇلى بەك كۆپ بولسا ، ئاشۇنداق غېرىپ - غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىلىسۇن ، ئىقتىساد تۈپەيلىدىن توي قىلالمايۋاتقان بويتاقلارنى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىپ قويسۇن ، پۇل يوقلۇقتىن ئوقۇيالمايۋاتقان بالىلارنى ئوقۇتسۇن ، كېسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتقانلارنى داۋالىتىپ ئۇلارغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلسۇن ، يېقىندىكى سىتاتىستىكىدا بويتاق ئاياللار بىلەن بويتاق ئەرلەرنىڭ ئوخشاش نىسبەتنى ئېگىلەيدىغانلىقى سۆزلىنىپتۇ ، بوسا ئاندا خوتۇن - بالىلىرى بار ، پۇللۇق ئەرلەرنى ئوۋلاش ئوبىكتى قىلىپ ، ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغىتى ، مەنپەئەتى ئۈچۈن ، ئۆزىدەك يەنە بىر مەزلۇمنىڭ يۈرىكىنى خۇن ، كۆزىنى قان قىلىدىغان ھاياسىز ، ئېشەك مىجەز خوتۇن - قىزلارغا ، شۇنىڭدەك ئەرلەرگە يول ئېچىپ بەمەيلى چاپان يېپىپ .

باھا سۆز

begana  ئوخشاش قاراشتىكەنمىز ...  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 23:09:02

UID
43988
يازما
40
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 20:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئەمدى يولدىشىڭىزنىڭ سىزنى داۋاملىق ئالدىشىغا يول قويماڭ ، ياپسام پىشامۇ كۆمسەممۇ دىيىش ياخشى ئەمەس ، ئاياللارغا نىسبەتەن خورلۇق بولا مۇشۇنچىلىك بولا ، بەزىلەر دەيدىكەن ، تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئىرىڭىزنى تەسىرلەندۈرۈڭ ، ھەرگىز كوچىدىكى ھېلىقىغا تاشلاپ بەمەڭ دەپ ، ئەمما بۇنداق دەرتنى بېشىغا كەلگەن ئاياللا بىلىدۇ ، ئاياللاردىمۇ غۇرۇر بار ، ئىرى ئۆلۈپ قالغانلارمۇ چىدايدۇ ھەر - ھەر قىسمەتكە ، شۇڭا 4 بالىنىڭ ھەممىنى ئۆزىڭىز بېقىپ قاتارغا قوشىدىغىنىڭىزنى ، شۇڭا بارلىق مۈلۈكنى (پۇل - پۈچەكمۇ بار) ئۆزىڭىز ئالىدىغانلىقىنى (ئاۋۇ چىرايلىقى ئولتۇرۇۋاتقان زىمىنمۇ بار جۇمۇ )، ئىرىڭىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت چاپىنىنى دولىسىغا سېلىپلا ئۆيۈڭلاردىن چىقىپ كىتىشىنى ، يەنە ھەر ئايدا بالىلارغا بېقىش ھەققى بىرىشنى ، يەنە بالىلارنىڭ مائارىپ راسخوتىنى كۆتىرىشنى شەرت قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئېيتىڭ .  ئاندىن لاقا - لۇقىسىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي تەقلەپ كۆتەرتىپ قۇيۇڭ ، ھىچقانداق مۇرەسسەلەشمەڭ ، شۇ مىنۇتتىن تارتىپ ئۆيۈڭلاردا تۇرۇشىغىمۇ قەتئىي يول قويماڭ ، چۈشەنمىسە قىلىۋاتقانلىرىغا ئەمدى تەخىر قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىڭىزنى ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ، سەۋىر - تاقىتىڭىزنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى ، شۇڭا ئەمدى بۇرۇنقىدەك رايىش ئايال بوپ ، نىمە دىسە خوپ دەپ ئۇنى كۈتۈپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭىزنى دەڭ ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىمەن ، سەن بىلەنلا ئۆتىمەن ، گىپىم گەپ دەپ گىپىنى يورغىلاتسا ، بۇ ھەقتە ئېنىق تىلخەت بىرىپ ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا سىزگە ۋەدە بىرىپ ، ئۇ ئايالنى ئىككىنچى ئىزلىمەسلىككە لەۋزە قىلىشىنى تەلەپ قىلىڭ ، سىز تەرەپ ۋە ئىرىڭىز تەرەپ چوڭلار ۋە قېرىنداشلار ئالدىدا بولسا تېخى ياخشى . ئەگەر يەنە بانا كۆرسىتىپ تىلىنى چاينىسا يولغا سېپ قۇيۇڭ ، 4 بالاڭلار باركەن ، ئاجرىشىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس ، قانۇننىڭ ئالدىغا بارسىمۇ مۇرەسسە قىلىپ نەچچە ئاينى ئۆتكۈزىدۇ ، بەزىدە يىلمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ ، شۇ مەزگىلدە ئايرىلىپ تۇرۇڭلا ، ئىرىڭىز ئاشۇ گۈزەل جانانى بىلەنمۇ ياشاپ باقىدۇ بىر مەزگىل ، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئۇ ئايال ھەرگىزمۇ سىزدەك قىلالمايدۇ ئىرىڭىزگە ، ئۇ ئايالمۇ 4 بالاڭلار بارلىقىنى ، ئاجرىشىشىڭلارنىڭ تەسلىكىنى ، سىزنىڭمۇ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، ئىرىڭىز سىزدىن قىيالمايدىكەن ، باللىرىغىمۇ ئوخشاشلا قىيالمايدۇ ، يەنە بىر ئۆيىدە ئازادە ياشىسىمۇ يەنىلا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مەنىسىز تۇيۇلىدۇ سىلەربولمىغانكىن ، ئاخىرقى ھېساپتا سىز نىمە دىسىڭىز شۇ ھېساپ بولىدىغان بوپ قايتىپ كېلىدۇ ، شۇ چاغدا ئاندىن قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ تۇرمۇشۇڭلارنى قايتا باشلاڭلار ، ئەگەر شۇنداق قەتئىي بولمىسىڭىز ئىرىڭىز سىزنى يەنە ئالدايدۇ ئېشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى نەزىر قىپ ، شۇڭا ئەمدى سىزنى ئالدىشىغا قەتئىي يول قويماڭ ، بولمىسا ئىرىڭىز سىزنى بىر ئۆمۈر ئالداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئانداق بەزىلەر دىگەندەك تېخىمۇ ياخشى مۇئەمىلە قىلىپ تەسىرلەندۈرىمەن دىسىڭىز ، ئىرىڭىز كۆڭلىدە بۇ مەندىن كېچەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 4 بالىمىز بار ، مەڭڭۈ يېنىمدىن كېتەلمەي ، دىگىنىمگە كۆنۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ دەپ ئۆزىچە كېرىلىپ قوڭىنى يۈزىگە چاپلاپ ياشاۋېرىدۇ .





نادىر ئىنكاس !!!

UID
43988
يازما
40
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 20:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھاندا شۇنداق يولدىكى ۋە دۇرۇس يولدىكى قىز - ئاياللار كۈرمىڭ بولغاندەك ، شۇنداق بويتاق ئەرلەرمۇ كۇرمىڭ ، نىمىشقا شۇنداق بويتاقلار ئۆز - ئارا تېپىشىپ تۇرمۇش قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماي ، ئەكسىچە 2 - خوتۇنى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ، بۇنى ئىسلامدىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ، توي قىلغان ئەرلەر بۇلارنى 2 - خوتۇن قىپ ئالسا ساۋاپ بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىسىز ، ئاللاھ ئېگەم ھەممە نىمىنى جۇپتى بىلەن ياراتقان ، بىر قوتاندا بىر قوشقار بىلەن 4 - 5 قوي بىرگە تۇرالىغىنى بىلەن بىر ئۆيدە ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋەت بوپ ئىككى ئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ نىكاھ چەمبىرىكى ئىچىدە ياشىمىقى تەس ، چۈنكى بىز ھايۋان ئەمەس ، شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھازىر چوڭ سۆزلەۋاتىسىز ئىرىم 2 - چىسىنى ئالىمەن دىسە قوشۇلىمەن دەپ ، ئېغىزدا دىمەك ئوڭاي ، ئادەم ئېغىزىدا ھەتتا زۇڭتۇڭمۇ بولالايدۇ ، ئەمما بېشىغا كەلگەي ، ئاندىن قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىدۇ ، شۇڭا ئىرىڭىزگە 2 - خوتۇننى ئېپ بىرىپ ئاندىن بۇ يەردە بۇ تەشۋىقاتنى قورقماي قىلىڭ قانچىلىك ساۋاپ ۋە قانچىلىك ياخشى ئىش قىلغىنىڭىزنى . گىپىم ئېغىر كەتتى ، سەۋەبى مەنمۇ بىر ئايال ، يېشىم 40 قا بادى ، 3 بالام بار ، مەنمۇ بېشىغا دەرت كىلىپ ، ھەممە تارتقۇلۇقلارنى تارتىپ بوغان . شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئۇنداق ئىسلامنى ، شەرىئەتنى بانىداپ تۇرۇپ 2 - خوتۇن ئېلىشىغا قەتئىي قارشى ، ئەرلەرنىڭ 2 - خوتۇن ئالىمەن دىيىشى ھەرگىزمۇ شەرىئەت يولىنى تۇتۇپ ساۋاپلىق ئىش قىلىشنى كۆزلىشى ئەمەس ، بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغىنى خالاس ، پۇلى بەك كۆپ بولسا ، ئاشۇنداق غېرىپ - غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىلىسۇن ، ئىقتىساد تۈپەيلىدىن توي قىلالمايۋاتقان بويتاقلارنى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىپ قويسۇن ، پۇل يوقلۇقتىن ئوقۇيالمايۋاتقان بالىلارنى ئوقۇتسۇن ، كېسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتقانلارنى داۋالىتىپ ئۇلارغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلسۇن ، يېقىندىكى سىتاتىستىكىدا بويتاق ئاياللار بىلەن بويتاق ئەرلەرنىڭ ئوخشاش نىسبەتنى ئېگىلەيدىغانلىقى سۆزلىنىپتۇ ، بوسا ئاندا خوتۇن - بالىلىرى بار ، پۇللۇق ئەرلەرنى ئوۋلاش ئوبىكتى قىلىپ ، ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغىتى ، مەنپەئەتى ئۈچۈن ، ئۆزىدەك يەنە بىر مەزلۇمنىڭ يۈرىكىنى خۇن ، كۆزىنى قان قىلىدىغان ھاياسىز ، ئېشەك مىجەز خوتۇن - قىزلارغا ، شۇنىڭدەك ئەرلەرگە يول ئېچىپ بەمەيلى چاپان يېپىپ .




كەرەپشە ھەدەمنىڭ گىپى بەكمۇ  ئورۇنلۇق ،قوللايمەن !

UID
28859
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 20:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەرەپشىنڭ دىگنى نايتى توغرا ھەرگىز بوش قويماڭ

UID
28859
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 21:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىنىڭ بىشمدىن سېزنېڭكىدىنمۇ ۋەھشى ئوتكەن يولدۇشۇم ھەتتا قۇرئانمۇ تۇتقان ئدى مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئىلاھ بىلەتتىم  سىز قانچىكى ياخشى مۇئاملە قىلگانچە سىزنىڭ ئاجىزلىقڭىزدىن شۇنچە پايدىلىندۇ شۇڭا كەرەپشە ئىتقاندەك پەقەت كىمى بىلەنلا چىقىرۋىتىڭ     مومكىنما بىر يۈرەككە 2 يۈرەكنى  سىغدۇرالشى ئوزڭىزئويلاپ بىقڭە سىز سىغدۇرالامسىز  بىرسىنى ياخشى كورۇپ قاسڭىز  بىرسى تەبىلا يۇركىڭىزدىن چىقىپ كىتىدۇ   ھەي......................       بۇ توغۇرلۇق  گەپ قىپقاساق بەك جىق ئىشقىلىپ ئوز ئىشڭىزگا پۇختا بولۇڭ

UID
38858
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 22:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراپ ئاجراشماڭ، ئاجراشسىڭىز كەينىڭىزگە قارىماڭ. گەپ تامام !

UID
47148
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-24
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 00:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرئايال  ئۇچۇن   ئۇزى سويىگەن  ئادەمىدىن ئايىرىلىپ قىلشىتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كىرەك،ئەرلىرمىزنىڭمۇ
ئاياللارنىڭ ھسياتىغا چاقچاق قىلماسلقىنى ،ئۇز ىنى  ھەم شۇ ھسياتىنى ئاياللارنىڭ ئورنىدا قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلىنپ بېقىشنى ، ئۆز پۇشتىدىن  ئاپىردەبولغان پەرزەنتللىرنى  ئويلاپ قۇيىشىنى ،2. خۇتۇن بولماقچى بولغان خېنىملارنىڭمۇ   ‹ قاپاق ›كاللىسىنى  ..سىلكىۋىتىشىنى  ئۇمۇد قلمەن.





   

UID
47986
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 04:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
towa0322
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم توۋا ئاتلىق قېرىنداش، مەن سىزنى مەرىپەت يولى مۇنبىرىگە يوللىغان تەۋسىيەلىك تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ‹‹خوتۇن بولۇپ نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن›› دېگەن تېمىڭىزدىن تونۇغان سىزگە ھەم  ھىسداشلىق قىلىپ  غايىبانە قولىڭىزنى سىققان بېشىڭىزغا كەلگەن ئۆزىڭىزلا ئوبدان بىلىدىغان دەرت- ئەلەملىرىڭىز ئۈچۈن كۆزلىرىم نەملەنگەن ، يۈرۈكۈم ئۆرتەنگەن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە ھەم ئاشۇ تېمىڭىزغا ئىنكاس يېزىشنى ئەقەللىي بۇرچۇم-دەپ قارىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىز تەبىيلا كۆزۈمگە چېلىقىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما مەنمۇ توۋا-دەپ قالدىمكى... ئەجەبا سىز ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزلا بىلىدىغان تۇرمۇش رېئاللىقىڭىزغا سەمىمىلىك بىلەن سىلىشتۇرغىنىڭىزدا  تەقۋالىق تونى ، ئىمان دەۋاسى بىلەن شۇنچىلىك گۈزەل مۇبارەك دىنىمىزنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئىسلامنى قوغداش نامىدا ئۆزىڭىز ئاجىز كەلگەن ئارزۇ-ھەۋىسىڭىزنى، نەپسىڭىزنى قوغداۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلالمىدىڭىڭزمۇ؟! ياكى ھېس قىلغان بولسىڭىزمۇ ئىتراپ قىلالماسلىقتىن كىلىپ چىققان گۇناھ تۇيغۇسى ئۆزىڭىزنى ئاقلايدىغانلا يەر بولسا بىر ئۇسسۇپ كۆرۈپ بېقىشتەك سەۋدايىلىققا باشلاپ قويدىمۇ؟

قېرىندىشىم، تورغا ئۆزىڭىز ئاشكارە يازغان تېما - ئىنكاسلىرىڭىزدىن سىز توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلار كاللامدا شەكىللىنىپ قالمىغان بولسا بۇنچىلىك كۇچەپ كىتىشىڭىزدىن تەسىرلەنگەنمۇ بولار ئىدىم ،بەلكىم ئاجايىپ ئالىيجاناپ قالتىس قارنى كەڭ ئىمانى كامىل قېرىنداش ئىكەن-دەپ ھەۋەسلىنىپ سىزگە زۇقلانغىنىمىنى موۋاپىق بىلدۈرۈپمۇ قويار ئىدىم. ئەپسۇس...
تۇنجى ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيلىنىشىگە قۇشۇلماسلىقنى ئۇ ئايالنىڭ ئىمانىغا ئاپىرىپ تاقاپسىز. بۇنىڭ ئەكسى بۆيچە پىكىر قىلغاندا سىزنىڭ ئىمانىڭىزدا مەسىلە يوق ئىكەن، ھەم ھەر قانداق  قوشۇلمىغان بىر ئايالنىڭ ئىمانىدا مەسىلە بولدىكەن. بۇ ئىشقا قوشۇلغان ئايالنىڭ ئىمانى كامىل بولدىكەن. يەنە تېخى بىر تورداش يولدىشىغا ئىككىنىجى خوتۇن ئىلىپ بەرگەن ئايال شېھىتلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، جەننەتنىڭ نىڭ ئىشىكلىرى ئۇنىڭغا ئوچۇق جەننەتكە كىرەمسىز ياكى... دەپ پەتىۋا پېچىپ دوزاخنى ئىچىپ جەننەتنى يىپىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. سىز ‹‹دىننىي قانۇننىي قوغداشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭىز›› بۇ يەردە ئىشلىمەي قاپتۇ.  ماۋۇ  شېھىتلىك دەرىجىسىدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇلغان ‹‹پەتىۋا››نىڭ ئاساسى بارمۇ-يوقمۇ-دەپ ئىزدەنمەستىن نەپسىڭىزگە يىقىپ كەتكەچكە قوللاپمۇ ئۈلگۈرۈپسىز. يەنە شۇ مۇنبەرگە چۈشكەن نۇرغۇن ئىنكاسلار ئارىسىدىن ئۇزىڭىزنىڭ مەۋقەسىنى قوللايدىغان بىر ئىنكاسنى كۆچۈرۈپمۇ چاپلاپسىز. يە نە قايسىدۇ بىر تېمىغا ئۆزىڭىزنىڭ  مەرىپەت يولى مۇنبىرىدە يوللىغان كەچۈرمىشىنى ئۈچىنجى شەخس شەكىلدە بىر دوستىڭىز ئوبرازىدا بايان قىلىپسىز، ھەر قانچە بۇ دوستىڭىز سىز ئەمەس -دەپ ئويلاي دېسەممۇ ، ئوپمۇ -ئوخشاش كەچمىش. پەقەت بىر يېرى ئوخشىمايدۇ. سىز ئىككىنجى ئېرىڭىزدە ئاجراشقانمۇ ئەمەس، ئاجراشمىغانمۇ ئەمەس  بىر يېرىدە توختاپ قالىسىز. ماۋۇ كەچۈرمىشى سىز بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش دوستىڭىز بولسا  ئاۋۇ ئىككىنجى ئېرىدىن چېقىپ ئايالى بار ئەرگە ئىككىنجىلىككە تېگىدۇ. بەك خاتىرجەم ئىسلامىي تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.سىز يەنە مەن ئىسلام ھۆكىمىنى قوغداۋاتىمەن-دەپ كۆرەڭلىمەڭ. ھەقىقىي شۇنداق بولۇشنى پىنھانلاردا رىياسىز ھالدا ئاللادىن تىلەڭ. يەنى، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئاللا بىلىدۇ.( شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللا تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ)سۈرە نەجم:32-ئايەتلەردىن.


ئىسلام شۇنچىلىك گۈزەل بىر دىنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە نۇرغۇن مۇ ئەممالار - ھېكمەتلەر يۇشۇرۇنغان،  ئەقىدىمىز بارىسىدىكى  ئىچىنىشلىق دەرىجىدە ساۋاتسىزلىق ، نەپسگە بولغان زىيادە ھېرىسمەنلىك ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشلەردىن قورۇقماسلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئىسلام نامىدا، مۇسۇلمانلىق تونىدا، سۇننەت بايرىقى ئاستىدا  ئىلىپ بېرىلغان ھەر قانداق زۇلۇم -سىتەملەردىن مۇبارەك دىنىمىز شەكسىز ئادا جۇدادۇر!
بۇ ماۋزۇ چىتىشلىق دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ زىل نازۈك بىر مەسىلىنى چېقىش قىلغان بولۇپ ھەتتا بۇ ئەللامە - ئالىملار فىقھىيشۇناسلار ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى بارلىققا كەلۈرگەن ، ئۇنى مۇتلەق ھالدا سۇننەت ۋاجىب ،دەيدىغان بىر ھۆكۈم يوق، كىشلەرنىڭ ئەمەلى شارائىتىگە ئاساسەن رۇخسەت بولدىغان ئەھۋاللارمۇ ، چەكلىندىغان ھالەتلەرمۇ، ھەتتا ۋاجىب بوپ قالدىغان نادىر شارائىتلارمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى شەرتلەرمۇ ئۇنچىلىك سەل قارالسا بولدىغا شەرتلەر  ئەمەس بەلكى ۋىجدانلىق- ئىمان ئىگىسىنى تەرلىىدىغان ۋەزنى ئېغىر شەرتلەردۇر- ئەلۋەتتە. بىزدىكى بىلىم-سەۋىيە مۇنبەر موھىتى  بۇ مۇنازىرگە ماس كەلمەيدۇ.  بىزدە ئەقىدە ساۋاتسزلىقى ئىنتايىن ئېغىر، شۇڭا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغداشقا بولغان ئاڭ زىيادا تۆۋەنلەپ كەتكەن .ھەممەيلەن ئۆز كەچمىشىمىزنى ، ھېسسياتىمىزنى ئارزۇ- ھەۋىسىمىزنى ئاساس قىلىپلا كاللىمىزدا نېمە بولسا توكىمىز ئېچىمىزنى بوشىتىۋىلىشتىن باشقا نەتىجىسى بولمايدۇ.

  ئەڭ موھىمنى ئەڭ ئالدىغا قويۇش پېرىنسىپى بويچە  ئىش ئىلىپ بارغىنىمىزدا دىيارىمىزدا بىز كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنى تەقەززا قىلىۋاتقان تەخىرسىز  نۇرغۇن مەسىللەر باركىن كۆزىمىزنى ئۆز نەپس-دائىرىمىزگىلا ئىچىپ باشقا تەرەپلەركە مۈشۈكتەك كۆزىمىزنى چىمچىقلىتىپ تۇرىۋالماسلقىمىز كېرەك.

تېما ئېگىسىغىمۇ دەيدىغا نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىم تەسەللىرىم بارئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھدىن  سەبىر ئەڭ توغرا تاللاش يولى تىلەپ ھەممىڭلارنى ئاللاغا ئامانەت قىلدىم



باھا سۆز

medine  بۇ ئىنكاسنى مەن يازدىممىكىن دەپ قالدىم. ئەجەپمۇ ئوخشاش پىكىر.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 09:27:20
begana  رەھمەت سىزگە .راستنىلا ھەقىقى تەسەللى بوپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 23:07:49
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش