ئىگىسى: 222

مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرەتتىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېڭى يۇلتۇز

نادانغا قىلغان ئەقىدە ئىشەككە

UID
39299
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 22:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurgul1 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 18:16
توۋۋا 0322.سىزنىڭ پىكىرڭىز توغرا دەيلى لېكىن .شۇ ئەر ئككى ...

توي قىلغان 2-بالامغا ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن ئاللاھ خالىسا.
بۇ يەردە ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق.كەچۈرۈڭ.

يېڭى يۇلتۇز

نادانغا قىلغان ئەقىدە ئىشەككە

UID
39299
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 22:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-11 10:23
توۋا بەزىلەر قىززىق گەپ قىلىدىكەنغۇ ؟ ئەرلىرىمىز ساۋا ...

سىزنىڭچە كوچىدىكى بۇزۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۈزى خالاپ تېنىنى ساتامدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟

UID
43988
يازما
40
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 23:29:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلارنى كورۇپ يولدىشىڭىزغا غەزىپىم تاشتى ،بەكلا غەزەپلىنىپ كەتتم ،مېنىڭ كوڭلۇمگە ئايان سىز ھەرگىزمۇ ئاجراشمايسىز، كىلىن مېنىڭ تەكلىۋىم ئاجرىشىپ كتىڭ .بىر ئادمنىڭ ئىككى ئايالىنى تەڭلا كۆڭلىگە سىغدۇرۇپ ياخشى كۆرۇشى مۇمكىن ئەمەس . لىكىن ئازمايدىغان ئادەم يوق ،چنىنى دەز كەتتۇرمىسە بوپتىكەن ،سىز بىلەن قايتا ياخشى ئوتكەن تەغدىردىمۇ بۇرۇنقىدەك بۇلىشى ئىتايىن تەس .ئېزىپتۇ، جازاغالايىق .سىزگە ھەرگىز مۇ ماس كەلمەيدىكەن .ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاجرىشىپ كتىڭ .18يىل بوپتۇ ،بۇ ئنتايىن تەس .ھەي ،بەكلا ئەپسۇسلاندىم ، ئسلامنىڭ بىر .ئەر كوپ خۇتۇنلۇق بولسا بولدۇ دىگەن يەلىرگە قەتتى قۇشۇلمايمەن .خۇدا بىر گە بىر ياراتقان .يە بىز ھايۋان بولمىساق .ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ ئوبدان ئارام ئېلۋىلىنىڭ مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتتى نەزەر ئوزىنىڭ ئاجرىشىدىغانلقىنى ئپادىلەپ تۇرۇڭ ھەرگىزمۇ ئىرادىسىز بولماڭ بولمىسا راسلا ئايرىلىپ قالسىز .ئايرىلغىڭىز بولمىسا ئاجرىشىشتا قەتئى چىڭ تۇرۇڭ بۇ بىردىن بىر يول . ئادەملەر ئوزگىرىدۇ ،سىز بۇرۇنىقى ئىرىڭىزنى كوڭلىگىزگە قۇيۇپ قۇيۇڭ ،ھازىرقى ئۇ ،ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى ئەمسەس .


پىكىرىڭىزنى  قوللايمەن ......

UID
43988
يازما
40
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-29
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 23:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا تىلىكىگەيەتكۈزسۇن بەزى تورداشلارنى .....

باھا سۆز

towa0322  دىگىنىڭىز كەلسۇن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 08:43:02

يېڭى يۇلتۇز

نادانغا قىلغان ئەقىدە ئىشەككە

UID
39299
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 08:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەگەك

بۇ پەقەت .قۇش نىكاھلىق بۇلۇش بۇلماسلىق مەسلىسى ئەمەس ،بۇيەردىكى مەسلە [مەنچە]ئىسلام ئېلىپ كەلگەن يوللارغا قانچىلىك ھۆرمەت  قىلىش،گەرچە ئۇزى قىينالغان تەقدىردە ھەم.[ئىسلامنىڭ ھەرقانداق بۇيرۇقلىرغا ئەرگەشكەن كىشىغۇ ئەسلىدە قىينالماسلىقى ھەم قىينالمىدىم دەپ ئويلىشى كىرەك.]ئىسلام كۆرسەتمىللىرنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىشى كىرەك.ئۇزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئىسلام تەلىماترىرغا كۇڭلىدە غۇم بۇلۇپ يۇرگەن كىشلەر ئەلۋەتتە ئىمانى كامىل ھىساپلانمايدۇ دە.
چۇنكى ئاللاھ .ئوزى بىلەن قەسەم قىلپ دىدىكى .[رەببىڭىز بىلەن قەسەم ئى مۇھەەمەد ئەلەيھىسسالام ،ئۇلار ھەرقانداق ئىشلىرغا سىزنى ھۇكۇم قىلىشقا تەكلىپ قىلمۇغۇچە،ۋە شۇ ھۇكۇمگە تۇلۇق بۇي سۇنمىغىچە،ھەتتاكى،قەلبىدە قىلچە غۇم قالماستىن پۇتۇنلەي قۇبۇل قىلمۇغۇچە ئۇلار مۇئمىن بۇلالمايدۇ]ئىسمدە قېلىشچە سۇرە ئال ئىمران غۇ دەيمەن .


ناۋال
بىز ئۇنتۇغان ۋە ئىنكار قىلغان بىر ھەقىقەت بار،كۆز يۇمساقمۇ،يۇممىساقمۇ ھەقىقەت شۇ.چۈنكى ئۇ ئاللاھ  ۋە رەسۇلى رۇخسەت قىلغان ئىش بولۇپ،بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۇلار گەرچە شۇلارنى دەستەك قىپ تۇرۇپ ھەمشىرىلەرگە ،خوتۇنلىرىغا زۇلۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ،ئۇ،بۇ دەيدىغان باشقا سالاھىيىتىمىز يوق ھەم بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن،مىڭ قاقشىغان،زارلىغان بىلەن بىكار،ئىچىمىز ئاچچىق بولغىنى بولغان پېتى قېلىيۋېرىدۇ.چۈنكى ئاللاھ نىسا سۈرىسىدە ئەرلەرگە رۇخسەت قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:
نىسا سۈرىسى 3 - ئايەت
وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَڭْنَىٰ وَڭُلَاڭَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَەً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا.
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر.
يەنى بۇ يەردە ئاللاھ بىز شۇنداق قىلسا ئاندىن بولىدۇ دەپ قارىغىنىمىزدەك  ئاجىز-يورۇق،مېيىپ قىزلارنى،تۇل خوتۇنلارنى تاللاپ ئىككىنى،ئۈچنى،تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ دېمەپتۇ،بەلكى «ئۆزۇڭلار ياقتۇرىدىغان» لاردىن ئالساڭلار بولىدۇ،دەپتۇ.يەنى ئەرلەر ئەگەر ئالغۇسى كەلسە ئۇ ياقتۇرسىلا،ياشنى،چىرايلىقنى،مېيىپ ياكى تۇل خوتۇننى...قاندىقىنى ئالغۇسى كەلسە ئالسا بولىدۇ.شۇڭا بۇ يەردە ئەگەر ئاشۇ ئەرلەر قاندىقىنى ئالسا ئاللاھ رۇخسەت قىلغىنى ئۈچۈن بىزنىڭ بىرنەرسە دېيىشكە قىلچە ھەققىمىز يوق.ھەم رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇبارەك ھەدىس شەرىفلىرىنىڭ نىكاھ ھەققىدىكى بابلىرىدا «نىكاھلىنىشتا قىزلارنى لازىم تۇتۇڭلار،تۇغۇش ئىقتىدارى بار،كۆپ تۇغالايدىغان ئاياللارنى ئېلىڭلار...»دېگەندەك ياخشىسىنى تاللاشقا تەۋسىيە قىپتۇ.بۇ ھالدا بىز نېمە دېيەلەيمىز قېرىنداشلىرىم؟ ھەق شۇنداق ئىكەن بىز بىر قىسىم نائەھلى،دىننى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقان ئىنساپسىز ئەرلەرگە نارازى بولساقمۇ،قارشى تۇرساقمۇ بەرىبىر،سۆزلىسەك غەيۋەت،سۆزلىمىسەك دەرت!
ئەرلەر ئادەتتە خوتۇننى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئالمايدۇ،بەلكى نەپسى ئۈچۈن ئالىدۇ.ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى،دۇنيادا نىكاھسىز ئولتۇرغان بىرمۇ ئاجىز-مېيىپ قىزلار،تۇل خوتۇنلار قالمىغان بولۇر ئىدى.بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزدەك ئاشۇنداق قىيىنچىلىقتا قالغان،جان بېقىش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ تۇرمۇش غەملىرىگە چۈشكەن ھەمىشىرىلەرگە،ئەرلىرىدىن ئايرىلغان تۇل ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلغان بولسا ھەقىقەتەن دۇنيا-ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىرلەرگە ئېرىشەر ئىدى.ئاشۇ ھەمشىرىلىرىمىز دىن يولىدا،جان بېقىش كويىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتمايدۇ؟

بىر قىزنى تونۇيمەن،ئۆزى جەنۇپتىن.ئۇ بۇرۇن 16 ياش ۋاقىتلىرىدىلا بىرى بىلەن يۈرۈپ،ئۆيىدىكىلەر ئۇنىمىسا قېچىپ يۈرۈپ دېگەندەك توي قىلىپتۇ،كېيىن تۇرمۇش غېمىدە بۇ تەرەپكە چىقىپ قاپتۇ.ئەمما يولدىشى ھېچئىشنى قاملاشتۇرالمىغانىڭ ئۈستىگە ئۇنى پۇل تاپ دەپ مەجبۇرلاپ،قانداقلارچە پۇل تاپقىنى بىلەن كارى بولماي،ئۆزى يېتىپ يەپ دېگەندەك ئۆتۈپتۇ،ئاخىر ئۇ قىز چىدىماي سەن بولساڭ،بولمىساڭ بەرىبىركەنغۇ دېگەن يەرگە كېلىپ،ئاجرىشىپ كېتىپ،ناتوغرا يوللاردا جان بېقىپ يۈرۈپتۇ.شۇنداق سورۇنلارنىڭ بىرىدە ئايالى،ئىككى بالىسى بار بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپتۇ،تىببىي خادىمكەن.ئەمما ھال-ئوقىتى ياخشى.ئۇ ئەر مەن بۇ بۇزىلىۋاتقان جەمىيەت ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن،مۇشۇ قىزنى بولسىمۇ بىر يامان يوللاردىن قايتۇرۇپ،ئائىلىگە ئىگە قىلاي دەپ،ئۇنىڭ ۋە ئاتا-ئانسىىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ،يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپ چوڭ توي قىلىپ،بۇ شەھەردە بىر ئۆي ئېلىپ بېرىپ،شۇنچە يىلدىن بېرى شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ،بىر بالىسىمۇ بار.ھازىرقى ئۆيىنى كىچىك دەپ يەنە بىر ئۆي ئەپ بېرىپتۇ.بۇ ئايالنىڭ يېنىدا خىزمەت كۈنلىرىدە تۇرىدۇ،تۇنجىسىنىڭ يېنىغا دەم ئېلىشتا كېتىدۇ...دىننى چۈشىنىدىغان ئادەملەر ئەمەس.دىننىڭ ھۆكۈملىرىنى چۈشەنگەنلەردىن بەكرەك ئادىللىق بىلەن ئىككى ئايالىغا قاراپ كەۋاتىدۇ.ئەمما  ئەتراپىمىزدىكى بەزىلەرچۇ؟ دىننى چۈشىنىپ تۇرغان،ئۆگەنگەن موللا،ئىلىم ئەھلىلىرى تۇرۇپ ئاشۇ ئەرچىلىك ئىككىنچى قىپ ئالغان ئاياللىرىغا ياخشىلىق قىلمايۋاتىدۇ ياكى ئىككىنچىسىنى ئېلىۋاپلا تۇنجىسىغا يۈزسىزلىك قىلىۋاتىدۇ.پىتنە ،زۇلۇم ھەرگىز ئىككىنى،ئۈچنى ،ياشنى،چىرايلىقنى ئالغانلىقتىن ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئەمەلسىز ۋە ئىنساپسىزلىقىدىن چىقىۋاتىدۇ.ئۆزىچە تەقۋالىقى تۇتۇپ كېتىپ،«ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن»دەپ ئالىدۇ،ئاندىن «خوتۇن رازىلىقى ئۈچۈن»بەش كۈن ئۆتمەي ئىككىنچى ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىدۇ.كۆردۈق،ئاڭلىدۇق ئاللاھ يولىدا ساۋاپ بولار دەپ تۇل خوتۇن،مېيىپ قىزلارنى ئالغانلارنىمۇ،شۇ قىزلارمۇ بىر خاتىرجەم ئائىلىگە ئېرىشسەك،تۇرمۇشنىڭ ياخشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولساق ياكى ھاياتنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئېغىرچىلىقلىرى،قاتتىقچىلىقلىرىدىن قۇتۇلساق دەپ توي قىلىدۇ.ئەمما ئاقىۋەتتىچۇ؟توۋۋا دېمەي ئامال يوق،شۇ مېيىپ،تۇل خوتۇنلاردىن ئېرىنى كۈنلەپ،ئۇلارغا زۇلۇم سېلىپ ئۇلارنىڭ تالىقىنى بەرگۈزگەن ئاياللارغا  ئاللاھ ئىنساب بەرسۇن ! مەستۇرەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يۇلغۇن مۇنبىرىدە ئاۋۇ ھېكايىگە يازغان ئىنكاسىنى ھېچ ئۇنۇتمايمەن :
مۇشۇنداق چاغلاردا مېنىڭ ئامىنەدەك ئاياللارغا تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. خۇددى ئۇلارنىڭ شۇنداق ئازابلىنىشى دۇرۇستەك، ئۇلار ئىككىنچى ئايال بولغىنى ئۈچۈنلا مەڭگۈ بىرىنچى ئايال ئالدىدا باش كۆتۈرەلمەسلىكى كېرەكتەك....
ئىشقىلىپ ھەممىسىگە تەس. ھەمشىرىسىنىڭ قاچىسىنى تارتىۋالماي ئۆتكەن ئىككىنچى ئايالغا ھەم ئېرىنى ھارامدىن ساقلاپ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغان بىرىنچى ئايالغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئامىن....

بۇنداق مەسلىلەردە مۇشۇنداق پىكىر قىلىش كېرەك.راست،ئىككىنچى ئايالمۇ ئايال،ئۇنىڭ ھېچبىر زامان بىرىنچى ئايالدىن ھېچبىر ھوقۇقتا تۆۋەن تۇرىدىغان يېرى يوق،ئەگەر ئۇلار سۈلھى قىلسا باشقا.ئەمما ئاشۇ زۇلۇم پەيدا قىلىۋاتقان ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئىسلامنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇشقا رۇخسەت قىلىشتىكى«ئادىللىق»دېگەن ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلالماسلىقى،دۇنيانىلا ،ئۆزلىرىنىلا ئويلىشى مۇشۇنداق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.ئەجىبا ئۇلار ئۆلمەمدۇ،ئاللاھ ئالدىدا ھېساب بەرمەمدۇ؟«ھەمشىرىلەر»دىكى مەن ئەڭ ئېچىنىدىغان پىرسوناژنىڭ بىرىمۇ شۇ «ئامىنە».ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر ئىمانلىق،ياخشى قىزنىڭ دىنى ئۈچۈن رىيازەت چىكىۋاتقان ،تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا قالغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ  نېمىلەنى قىلمىدى ئۇ ناكەس؟ ئاشۇ قىزلار ھىجابىم،ئاللاھىم دېمىسە كاتتا يەرلەردە ئىشلەپ،خىزمەت قىلىپ ،باي ئەرلەرنى قوغلىشىپ ئۆزىگە تەۋە ئۆيلۈك بولار ئىدى .ئەمما دىنىم دەپ ،دىننىي قېرىندىشىم دەپ ئىشەنسە ئاقىۋىتى شۇ.تەقدىر،دېمەڭلار ئەزىزلىرىم ! زامان شۇنداق،جەمىيەت شۇنداق ھەم دېمەڭلار !جەمىيەتنى بەرپا قىلىۋاتقانلارمۇ شەخىسقۇ،زاماننى ئاللاھ ياراتقان،تىللاشقا ھەقلىق ئەمەسمىز.يۈرىكىمىز ئاغرىسىمۇ شۇ.
يەنە بىر ھەمشىرىمىز بار ئىدى،ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە كىرگىنىدە كەينى-كەينىدىن ئاتا-ئانسى ھادىسە ۋە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەن ئۇكىسى بىلەن يېتىم قالدى.ئوقۇشتىن چېكىندى،ئۈرۈمچىدەك بىر شەھەردە  ئۇ يېشىدا ئىشلەپ،جېنىنى قانچىلىك جان ئېتەلەيتتى،يىراق جەنۇپلاردىمۇ ئىشلەپتۇ ئۇكىسىنى ئېلىپ يۈرۈپ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئۇنچىلىك قاراپ بولالمايدۇ،ھەممىسى ئاۋال ئۆزىنىڭ غېمىدە...ئۇنى تۇنجى ئۇچراتقىنىمدا چاچلىنى سېرىق بويىغان،قويىۋەتكەن،قىسقا گاچا ئىشتان،غەلىتە كوپتا كىيگەن...بىر ھالدا ئىدى.ئەمما كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە ھىجاب ۋە ئىمانلىق بولۇشقا تەلپۈنگىنى سەزدىم.شۇچاغدا ئۇقىزنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى بەك ئۈمۈد قىلغان ئىدىم....ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە ئۇ قىز ئارىدىن بىرەر ئايلار ئۆتەر ئۆتمەي ھىجاپلاندى،ئوقىدى.ئەمما ياشاش ئۈچۈن پۇل كېرەك،جان بېقىشى كېرەك،يۈرىكى ئوقۇشقا شۇنچە تەلپۈنىدۇ،ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىبادىتىنى قىپ،ئوقۇشىنى ئوقۇپ،ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ياشىغۇسى كېلىدۇ،ئەمما ئامال يوق،يا بىرىگە مېنى ئال دەپ ئېسىلغىلى،ھالىمغا يەت دەپ يا خالىغانلار بىرسىدىن ياردەم تىلىگىلى بولمىسا.ئاخىر يەنە ئىشلەشكە چۈشۈپ كەتتى.نامازلىرىمۇ تەرتىپسىزلىشىپ،كىيىملىرى قىسقىراپ...دېگەندەك.شۇ ھالدا ئىشلەپ باقىدۇ،يەنە توختاپ باقىدۇ،ھىجابى بىلەن قانچىلىك ئىشلىيەلەيدۇ؟تۇرىۋاتقان ئۆيىمۇ تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆي،پۇلىنى تۆلىمىسە ئۆينى ئېتىۋېتىدۇ،قىشتا پار يوق،ئۇكىسى بىلەن ئۇ يەر بۇ يەردە تۇرىۋاتقان...بەلكىم شۇن ئېغىرچىلىقلاردا بولسا كېرەك،دەرس بەرگەن ئۇستازلىرىدىن بىرىگە ئىككىنچى ئايال بولۇش نىيىتىگە كەپتۇ،ئەمما ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇنچىلىك قارشى،ئاخىرغۇ ئالىمەن دېگەن كىشى ئۆيمۇ تەييارلاپ بەرمەيدىغانلىقى،ئاددىيلا نىكاھ قىلدۇرىدىغانلىقى،خەقكە ئاشكارىلىسا بولمايدىغانلىقى....دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن كېلىشىپ بولالماي توي قىلمىدى............ناۋادا ئىسلامدىكى كۆپ نىكاھلىقنىڭ  ئادالىتى بويىچە قولىدىن كەلگەن ھالدا تۇرالغۇ ۋە باشقا جەھەتتىن تەمىنلەپ،ئۇنىمۇ بىر ئايالىدەك كۆرسە ئۇ قىلار ئىدى،باشقىلارمۇ،مەنمۇ خاپا بولغان،قوللىمىغان ئەينى چاغدا،ئۇنىڭ نەرى كەمكەن ،خەقكە ئۇنداق تەڭسىز شەرتلەر بىلەن بار –يوقنىڭ ئورنىدىكى خوتۇن بوپ دەپ...ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ-جەبىر-جاپالىرىنى ئويلىغاندا ئۇنىڭمۇ پەقەت ئامالسىزلىقتىن شۇ قارارغا كەلگەنلىرى ئېنىق.ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەقنى چۈشىنىپ ئۇلارغا ھەقىقىي ئاتىدارچىلىق قىلالىغان بولسا،كىشىلەر ئۇلاردەكلەرنىڭ ھەققى بولغان زاكات بىلەن بولسىمۇ ياردەم قىلالىغان بولسا،ئەرلەر ئىسلامدىكى نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئىش كۆرەلىگەن بولسا،ئەگەر بۇ جەمىيەت بىر ئىسلامىي جەمىيەت بولغان بولسا........ئەگەر..........شۇنداق،نۇرغۇن ئەگەرلەرنى ئويلاپ كېتىمەن،يۈرىكىمىز ئاغرىسىمۇ شۇ !

ھەي قېرىنداشلىرىم ! ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭلار ئاللاھ ۋە رەسۇلى كۆرسەتكەن بويىچە ئادالەتنى بەرپا قىلالىغان بولسا ئىككىنى ئالامدۇ،ئۈچنى،تۆتنى ئالامدۇ،ياشنى،چىرايلىقنى،تۇلنى ،مېيىپنى،قېرىنى ئالامدۇ......ئۇلار كەينىدىن پىتنە قىلماڭلار،بىر ھەمشىرە بولسىمۇ تۇرمۇش ئېغىرچىلىقلىرىدىن قۇتۇلسۇن ! ئەگەر ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى ئايال بولغىنىنى كۆرسەڭلار ئەيىپلەپ،ئازار قىلماڭلار،ئۇلارنىڭ دەردىنى،قىيىنچىلىقنى ئاللاھ ۋە ئۆزى بىلىدۇ.بەزىلەر ئىككىنچىسى بولۇپ ئالدانغىنغىنى ئۆزىدىن كۆرسۈن،دەپتۇ،سۇبھاناللاھ،ئۇلارمۇ خەقنىڭ ئاشۇ ئېغىزلىرىدىكى «ئىمان»لىرىغا ئىشەنگەندۇ،ئۇلار غەيىبنى بىلەمدۇ؟خوپ بوپتۇ...دېمەڭلار،ئاخىر ئاشۇ زۇلۇم قىلغانلارمۇ،زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارمۇ،ئۆزۈمنىڭ ئايالىمغا،قىزىمغا،سىڭلىمغا،ھەدەمگە ...ئىگە بولساملا بولدى،بىرنى ئېلىپ ياشاش ئادىللىقا ئەڭ يېقىن دەپ شۇ ناتىۋان ھەمشىرىلىرىنىڭ تاغدەك قىيىنچىلىقلىرى،قان-ياشلىق نادامەتلىرىگە كۆزىنى يۇمىۋېلىپ قاراپ تۇرغانلارمۇ ئاللاھ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ.ئاشۇ قىزلار ئۈچۈن ئىچىم ئېچىشىدۇ،شۇ تاپتا ھىجابى تۈپەيلى بارغانسېرى قىيىن كۈنلەرگە قېلىۋاتىدۇ،زالىمنىڭ زۇلمى ئېشىۋاتىدۇ،ئالتۇندەك نىيەتلىرى بار يىگىتلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇدەك ھالى يوق،ئۇلارمۇ تۇرمۇش غېمىدە ئىچىدە ھەسرەت،يىغلىسىمۇ ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ،10 كوينى كۆتۈرۈپ چىقسا بىر قېتىم قورساق تويمىسا.پۇل تاپماقنىڭ،جان باقماقنىڭ شۇنچىلىك تەسلىكى،مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كەتكىنى...مۇسۇلمان بولۇپ،ئىمان ۋە ئىپپەتلىرىنى ساقلاپ ياشىماق شۇنچىلىك تەسلىشىپ كەتتى،سىلەر بۇنى چۈشىنىپ تۇرىسىلەر ئاخىر...مەيلىكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىپ،ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇپ،ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇپ ...ئالسا ئالسۇن،تەگسە تەگسۇن،ئادەملەر بۇزۇلمىسۇن،ھەمشىرىلەر ئاجىزلىق ئىچىدە ياردەمچىسىز،ھامىيسىز قېلىپ ياش تۆكمىسۇن،دۇنيا غەملىرى،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى،دىنى يولىدا چەككەن ئەرزىيەتلىرى تۈپەيلى سۇلۇپ كەتمىسۇن.......ئاللاھ شۇ ئاجىز ھەمشىرىلەرنى ۋە ھەممىمىزنى ئىمانىمىزدىن ،ھىجابىمىزدىن،ئىپپىتىمىزدىن  ئايرىمىسۇن ۋە ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن !


يېڭى يۇلتۇز

نادانغا قىلغان ئەقىدە ئىشەككە

UID
39299
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 08:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەلۇم ئىسلام مۇنبىردىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇنداق خاراكتىردىكى بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسى.
پايدىلىنالىساڭلار پايدىلىنارسىلە بولمىسا كۆرمىسەڭلەرمۇ مەيلى.خاپا بولمايمەن.


ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزگە سەۋېر بەرسۇن.

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 09:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزەنلەر باشقىلارغا سۇڭدۇشۇپ يۇرۇپ  ئۆز پىكرىنى تاڭغىلى تۇرۇپتۇغۇ  
بىڭسىسى بولسا ھەممە ئەرلەرنى كۆپ خوتۇنلۇق قىلىپ  قويۇشقا خىزمەت ئىشلەشكە ئەڭ لايىق نامزاتكەن. ئاياللى خلىسا   ئېلىۋەرسۇن  ھېچكىم  توسۇپ قالمايدۇ خوتۇنلىرى خالىماي ئاجراشسا  ئوغۇللىرى ھاراقكەش قىزلىرى بۇزۇلۇپ كوچىغا چىقىپ كەتسە   ئاللاھ  رازى بولارمۇ؟بەزەنلەر خوش بولارمۇ؟بۇدىگەن مۇنبەر. ھەممە كىشىنىڭ ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىگى بار  .

باھا سۆز

towa0322  تاڭغاندەك تۇرامدا.....  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 14:08:53

UID
34005
يازما
60
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 10:12:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەپ بىرەي . ئۇلۇغ ئىسلامدا ئەرلەر كۇپ خۇتۇنلۇق بۇلۇش سۇننەت بۇلسىمۇ ئەمما ئىلگىركى ئايالى رازى بۇلمىسا ئۇ تۇينى قىلىشقا بۇلمايدۇ. يەنە  كىلىپ ئۇ تۇي جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۇتمىسە يەنى بىرىنجى ئايالىنىڭ تۇيى  بىلەن ئۇخشاش بۇلمىسا بۇ تۇي ئىسلامدا ئىتراپ قىلىنمايدۇ. ئىسلامدا ئىتراپ  قىلىنمىغان تۇي زىنا بۇلدۇ. ئەگەر قۇشۇلىشنى ئۇيلىغان بۇلسىڭىز ئۇنىڭ تۇيى ئېقدىسادىڭلار يار بەرگەن ئاساستا جامائەت گەۋاخلىقىدىن ئۇتۇشى  كىرەك . يۇز -ئابرۇينى دەپ نىكاھلا ئۇقۇتۇپلا بىر ئۇيدە ئۇلتۇرۇشكا بۇلمايدۇ. يۇز -ئابرۇي ئىسلامدىن مۇيىم ئەمەس ئەلۋەتتە . چۇنكى ئىسلامدا بىر خۇتۇنلۇق بۇلۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئاجىرشىشقا كەلسەك بۇ سىزنىڭ شەخسى تۇرمىشىڭىز . ياخشىراق ئۇيلىشىڭ.يۇلدىشىڭىزنى يەنە قايىل قىلىپ بېقېڭ .بىر كۇڭۇلگە ئىككى ئادەم تەڭ سىغىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ كۇڭلىدە قايسىڭلارغا ئۇرۇن بارلىغېنى ئۇبدان بايقاڭ. بۇلمىغان ئىشنىڭ بالدۇر ئاياغلاشقىنى ياخشى.

UID
4964
يازما
91
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1201
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-18
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 11:04:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر ھەجەپ كۆڭلى-كۆكسى كەڭكەن،ئايالىمغا مۇشۇنى ئوقۇپ بەرسەمغۇ، «مېنىڭ ھازىرچە كاللاممۇ ساق، فىزولىگىيەلىك جەھەتتىمۇ تېخى نورمال....›› دەپ ماڭا مەسخىرىلىك نەزەردە قاراۋاتىدۇ

UID
45847
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 17:50:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر داشلار  نىمانچە دىيىشىمىز .بەرىبىر ھەممىمىز ئۇزىمىزنىڭ گىپىدە قالدۇق.دىنىمىز ئۇچۇن نۇر غۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز غۇ بىزلەر.2_خۇتۇن .............. . توۋا0322.سىزگە يەنە دىگۇم كىلىۋاتىدۇ.كىتاپ بۇيىچە سىزنىڭ توغرا .ھەم مەن سىزنىڭ دىنىمىز ئۇچۇن سۇزلىگنىڭىزگە رەخمەت ئىيتىمەن.لېكىن سىزگە دىگۇم كىلىۋاتىدۇ.سىز جەميەتنڭ ھەممە قاتلاملىرىنى چۇشەنسىڭىز بولغۇدەك.تۇرمۇشتا خام كەنسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش