  | 
					  نىكاھنىڭ بىر ئايال كىشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى  نىكاھلىق بولمىغان , بېشىدىن ئىسسىق- سوغاق ئۆتمىگەنلەر بىلمەيدۇ. يولدىشىڭىز شۇنداق بىر ئېزىپ قاپتۇ, ھەرگىز ئالدىراپ  تەتۈرلۈك قىلىپ ئاجىرشىمەن  دەپ تۇرۋالماڭ. 4 بالىڭىزنى ئويلاڭ , تېخى ياشكەنسىز , كېيىنلىكىڭىزنى ئويلاڭ. يەنە ئارتۇقچە  قايغۇرۇپ , ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي, يولدىشىڭزنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئۆزىڭىزنى تۈزەپ يۈرۈڭ. باشقىلارغا داتلاپ ,  يولدىشىڭىزنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى چۈشۈرمەڭ , بولمىسا يولدىشىڭىز ئاۋۇ ئايالغا تېخىمۇ بەكرەك باغلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.  تېمىڭىزدىن قارىسام , ھەممە ئىشنى يولدىشىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە قىلىدىكەنسىز ,  لېكىن بەزى مەسللەردە ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەققىل قارىشى بولىشى كېرەك , 100 %  بويسۇنىسىڭىز , يولدىشىڭىز زېرىكىپ قالىدۇ.  ئۆيىڭىزدە باللىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا يولدىشىڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى بۇرۇنقىدەك  قىلىڭ,   ئۇنى قەددەممۇ قەدەم تەسىرلەندۈرۈڭ.   ئاللاھ  ئىگەم سىزگە بۇ سىناقتىن ئۆتۈشكە نېسىپ قىلسۇن!  
  | 
					  |