khan يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 00:20 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام گۈلخان خانىم.
بۇ ئەرزىمەس ئەسىرى ...
ئۇيغۇران ئەپەندى:
سىز مۇللا تاپقاقمۇ يە؟
«ھە راست، ئەسىرىمنى سىزگە تەۋسيە قىلغان دوستىڭىزغا (ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگەن بولساممۇ) رەھمىتىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.»
ئەسىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلغان دۇستۇمنى بىلۋالدىڭىزما؟
...............................................................................................................................................................
مەنچە ھەر بىر ئادەمنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى ،رولى ئۇخشىمايدۇ. ئەرلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئەردەك پەزىلەتلىرى بىلەن (مەسئولىيەتچان، ۋىجدانلىق، تىرىشچان ، ۋاپادار،كۈيۈمچان ...) جەمىيەتكە ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسەتكۈچىلەردۇر، ئۆزگەرتكىچىلەردۇر. ئەگەر ئۇ كۆندەشلىكى كۈچلۈك ئايالى سەۋەبىدىن دىمىقىپ ، تەمتىرەپ تۇغۇشلۇق ماڭالمىسا ئۇنىڭدىن قانداقمۇ چوڭ ئىشلارنى كۈتكىلى بولىدۇ.
گەرچە ئەسەردە نەسۇرۇللانىڭ پەزىلىتى، خاسلىقى پەقەت ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىلا ئەكىس ئېتىپ قالغان بولسىمۇ ( گەرچە بۇ ئاپتورنىڭ مەزموننى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ماس تاللىغىنىدۇ) ئۇ بىر چىن ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.
ئەدبىي ئەسەر پىرسۇناژلىرى ئىنسانىيلىققا يىقىن بولىشى، غايىۋى بولماسلىقى كېرەك. ئاپتۇر پىرسۇناژلارنى قانچىكى چىن ئەكىس ئەتتۈرەلىسە ئۇقۇ غۇچى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەمدۇ ياكى ئىلھاملىنامدۇ، بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشىغا باغلىق ئىش.
ئەلۋەتتە 100% ئالتۇن بولمىغاندەك نەسۇرۇللامۇ جۈرئەتسىز ، ئەدبىياتچىغا خاس سەل رۇمانتىك، ئەرلەردەك ھېسىياتچان ، ئاياللارنىڭ نەزىرىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئىزدەيدۇ .
بىراق ، ئۇنىڭدا قىلچىمۇ غەيرى خىيال يوق. ئەگەر غەيرى خىيال بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا بەزگە شۆلگەي ئاققۇزغان مۈشۈكنى ھەممىز بىلىمىزغۇ....
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى مۇكەممەل پىرسۇناژ دېدىم.
ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلە ھەقىيقى خىرۇستال ئوردا بۇلالايدۇ!!!
ئۇيغۇران: قەلىمىڭىزدىن شۇنداق ھەقىيقى ، چىن پىرسۇناژلار سىزىلسۇن ئەدەبىيات بېغىغا.