سورىدىڭ: قىلمىشلىرىڭ نېمە ئۈچۈن؟
جاۋابىم: دىيانەتلىك ئىنسان بولۇش ئۈچۈن، مۇھەببەتلىك ئەركەك بولۇش ئۈچۈن.
سورىدىڭ: بەرمىشلىرىڭ نېمە ئۈچۈن؟
جاۋابىم: باشقىلاردىن ھەسسىلەپ ئالغىنىم ئۈچۈن.
سورىدىڭ: يازمىشلىرىڭ نېمە ئۈچۈن؟
جاۋابىم: ھىدايەت ئىزدىمەك ئۈچۈن.
كۈلۈمسىرەپ قارىدىڭ.
ھە، ئەمدى بىلدىم. ئۇنداقتا مەن ياشاپتىمەن.
ياشاش كۆرەش قىلىش دېمەكتۇر. ھەر بىر ئىنسان ئۆزى ئىنتىلگەن، ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىپ – تىرمىشىدىكەن. بۇ تىرىشىشلار گاھى سىزگە كۈتكىنىڭىزدەك ھوسول بېرىپ، ئىستىقبال خۇددى رەسىدە بولغان قىزدەك قىيا بېقىپ نازلىنىپ قارايدىكەن. گاھى تۆلىگەن بەدىلىڭىزنىڭ ئەكسىچە سىزگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى بەخشەندە قىلىدىكەن. تەقدىرنىڭ كۈلۈمسىرىشىمۇ، قىسمەتنىڭ ھومىيىشىمۇ ئوخشاشلا سىزگە بەخشەندە قىلىنغان نېممەت. ئاچچىق بولسىمۇ يېيىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بەختمۇ سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىز بولغىنىغا ئوخشاشلا، كۈلپەتمۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ رىسقىڭىز. باشقىلاردىن بەختىڭىزنى قانچىلىك قىزغانغىنىڭىزغا ئوخشاشلا، پىشانىڭىزدىكى قارا داغنىمۇ شۇ كەبى باشقىلارغا دۆڭگىيەلمەيسىز، تارتماي ئىلاجىڭىز يوق.
ئەتىرىيەنىڭ نامىزىدا پەزىلەتنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ كەينىدە قول باغلاپ تۇردۇم. (تاغلىق كەنتىم يىراق بولغاچقا مېنىڭ تۇغقانلىرىم ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىدى) ئىمام ئاخۇنۇم: «سەئىدىن قىزى ئەتىرىيەنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلىشنى ئاللاغا تاپشۇردۇق. ھالبۇكى مەرھۇمە 30 يىللىق ھايات مۇساپىرىتىدە غەيۋەت – شىكايەتكە، تۆھمەت – خىيانەتكە، ئەرز - رىيازەتكە شېرىك بولۇپ قالغان ياكى شۇ مەيداندا بولۇپ قالغان، ئاڭلاپ قالغان، ۋە ياكى ئۆتنە – يېرىم قىلىپ ۋەدىسىدە تۇرالمىغان، ۋەدە – نىيەت قىلىپ لەۋزى قىلالمىغان، ھۆججەت – كىتاب قىلىپ نەقلەشتۈرمىگەن جايلىرى بولسا، مەنىۋىي جەھەتتىن جامائەت رازى بولۇشساق، ماددىي جەھەتتىن مانا كەينىمىزدە مىتلىپ ھاجى باشلىق خىش – ئەقرىبالار دەرقەمدە تۇرۇپ رازى قىلساق دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ، قېنى جامائەت رازىمۇ سىلەر؟» دەپ سورىغان ۋاقتتا مىتلىپ دادام ساقىلىنى تىترىتىپ تۇرۇپ:
ــ بەرھەق جامائەت، مەيلى سەئىدىننىڭ بولسۇن، مەيلى قىزىمىز ئەتىرىيەنىڭ بولسۇن بېرىلمەي قالغان، نېسى قالغان ھېساب – كىتابلىرىنى مانا بىز قىلۇرمىز،ــ دېدى.
ناماز ئەھلى قاتارىدا ئوڭ ۋە سول تەرىپىمگە قاراپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمىتۇللاھ» دەپ سالام بەردىم. ئاجىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىم ئوڭ ۋە سول مۈرەمدىكى پەرىشتىلەرنىڭ دەپتىرىگە بىر نېمىلەرنى شىرتىلدىتىپ يېزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايتتى. ئەتىرىيە مۇشۇ سالام بىلەن مالائىكىلەرگە تاپشۇرۇلدى. يەنە مۇشۇ سالام بىلەن ساۋاب ۋە گۇناھلىرىم پەرىشتىلەرنىڭ قولىدىكى ئۆمۈر دەپتىرىگە پۈتۈلدى.
ئەتىرىيەنى قارا تۇپراققا كۆمۈپ قويۇپ قايتىپ كەلدۇق. ئۇ يەتتە پەرىزات كەلگەن تىلسىملار دۇنياسىغا كەتتى.
تىرىكچىلىك يەنە داۋام ئەتمەكتە. تۇرمۇش ۋە خىزمەت يەنە ئۆز ھالىتىگە قايتتى. بىراق داغ چۈشكەن خرۇستالنىڭ بۇرۇنقىدەك جۇلالىنىشىغا مەلۇم مەزگىل كېتىدىكەن. ئۈچىمىز يەنە جەم بولغان بولساقمۇ، بىراق كۆڭۈل ئاسمىنىنىڭ سۈزۈلۈپ، شۈبھە تۇمانلىرىنىڭ تارقاپ كېتىشىگە سائەت ماياتنىكىنىڭ تولىمۇ ھورۇنلۇق بىلەن ئالغا سىلجىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇراتتى. بۈگۈن كەچ پەزىلەتنىڭ دوستلىرى ئۆيگە ئۇنىڭ خۇنەندىن قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ۋە ئەتىرىيەنىڭ قارىلىقى ئۈچۈن ئەھۋال سورىغىلى كەلدى. مەن پەزىلەتكە ئانچە – مۇنچە قارىشىپ بېرىپ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە ـــ كومپيۇتېر بار ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئوغلۇم بالىلار قانىلىدا بېرىۋاتقان «ئېيىق ماكانى» دېگەن كارتون فىلىمگە قىزىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ ئوقەت ماڭا قالغان ئىدى. كومپيۇتېرنى ئاچتىم. چ چ نى ئاچمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. ئېچىشىمغىلا تىرىلداپ نۇرغۇن ئۇچۇرلار كەلگىلى تۇردى. بىر نەچچە توردىشىمدىن باشقا «تىكەن قۇش» بىلەن «مەكنۇنە» مۇ سۆز قالدۇرۇپتۇ. زۇھالىيە ئەتىرىيە توغرۇلۇق يازغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئۇنى قايتا يوقلاپ بارالمىغانلىقىنى، قازا قىلغانلىقىنى تۈنۈگۈن ئاڭلىغانلىقىنى، كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىراش بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەر – خوتۇن ئىككىمىز بار يەرگە بارمايدىغىنىنى ئوبدان بىلەتتىم. دېمىگەن بىلەن بىلىپ تۇرىمەن. مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا بوران پەيدا قىلغان سۇخەنچىلەرنىڭ يەللىك گۇمپىلىرى ئۇنىمۇ بوش قويمىدى. ئۇنىڭ ھەرقانداق ۋاقتتىمۇ بۇنى ماڭا دېمەيدىغانلىقىنى، باشقىلارغا بىلىندۈرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا چ چ دىن ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. سورىساممۇ دېمەيدىغىنى ئېنىق. فەرۇزە بولسا پەيشەنبە كۈنى ئەتىرىيەنىڭ قەبرە بېشىغا بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشۇمنى تاپىلاپتۇ. يەنە ئۆگۈنلۈككە ئۇيغۇرىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى، سوۋغات بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمنى، مۇشەررەپنى ئوبدان تەربىيلىشىمنى، چوڭ بولغاندا كۈيئوغۇل قىلىۋالىدىغانلىقى دېگەندەك بىر مۇنچە مۇقامدا يوق گەپلەرنى قىلىپتۇ. سانجىلىق بۇ جۇۋان چ چ دىمۇ شەيتانلىقىنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ خېتىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن. مايكامنىڭ ياقىسى بولمىغاچقا ياقامنى چىشلىيەلمىدىم. ئوغلۇمنىڭ خەتنە تويىنى قانداق قىلارمەن دەپ بېشىمدا بىر پاتمان غەم. 20 يىلغىچە كىم بار، كىم يوق بۇ جاھاندا، ئۇ ئىككى شەيتاننىڭ كۆڭلىگە نېمە سەۋدالار چۈشىدۇ، بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق كۈنلەر راستىنلا كەلدى دېگەن تەقدىردىمۇ جان دەپ كېلىن قىلاتتىم ئۇ ئوماقنى.
ئۇلارغا جاۋاب خەت يېزىپ بولۇپ ئەتىرىيە ماڭا بەرگەن بارماق دېسكىدىكى كۈندىلىك خاتىرىنى ئوقۇپ ئولتۇردۇم. خۇشال بەختلىك كۈنلەردىن باشلىنىپ تراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ پارچە – پۇرات خاتىرىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقسام ھەسرەتلىك بىر روماننىڭ پۈتۈپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق. خاتىرىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇنىڭ يالغۇزدىن يالغۇز كېسەل ئازابى تارتقان ئاشۇ كەچمىشلىرىنى ئوقۇپ ئەرلىك جاسارىتىممۇ سۇندى. كاللام گاراڭ ھالدا خاتىرىگە تىكىلىپ بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. تۆت چاسا خەنزۇچە خەتلەر كۆزۈمگە ئىمىر – چىمىر بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئۇ ئىمىر – چىمىرلاردىن ئازاب دېگەن مەنىدىن باشقىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. كۆزۈمدە لىق ياش، كۆكرەك قەپىسىمدە تىترىگەن يۈرەك. شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇم. بىر چاغدا سىرتتىكى تاراق – تۇرۇقتىن ئېسىمگە كەلدىم. مېھمانخانىدىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئۆيگە بىر كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزى زۇھالىيەگە مەركەزلەشكەندە قۇلىقىم دىڭ بولدى:
ــ زۇھالىيە شياڭجاڭغا ئۇگال بولدى،ــ بۇ گەپنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان سەباتىيە دەۋاتاتتى،ــ ھەي، ئايال خەقنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتتا يالغۇز ئىشلىمىكى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن. تۇرمۇشىغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، خەقنىڭ گېپىگە قالغىلى ئارانلا تۇرىدىكەن. تىلنىڭ سۆڭىكى بولمىغاندېكىن ھەرنېمە دېگۈسى كەلسە دەۋېرىدىكەن. ھېلىمۇ تاس قالدى ئېرىڭنى سەندىن ئاجراشتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويغىلى.
ــ ئەپپەي سەباتىيە، نېمانداق سەت گەپ قىلىسەن،ــ دېدى ئايالىم،ــ ھېلىمۇ سىلەرنى ئۇلار ئىككىسىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويارمېكىن دەپ ئۆينى بوشىتىپ خۇنەنگە كەتتىمغۇ.
ــ پەزىلەت، ماۋۇ سېسىق گېپىڭنى ماڭا قىلما ھە، گەپ تاپقانلارغا دە بۇ گېپىڭنى. ئۆيىنى تاشلاپ بېرىپتۇمىش، ئۇنداق خىيالىڭ بار ئادەم نەسىرۇللانى نېمىشقا سانجىغا ئېۋەتىۋەتتىڭ؟ ھەممىنى قىلغان سەن.
ــ نېمە؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قاش ئېتىشسا ئىككىسى قاش ئېتىشتى. تۆت كوچىدا ئېغىناپ ياتسا ئىككىسى ياتتى. چىرمىشىپ ۋالىس ئوينىسا ئىككىسى ئوينىدى. مەن نېمە قىلدىم؟
ــ ئىشقىلىپ ئوغلۇمنىڭ خەتنە تويىدا ياخشى قىلمىدىڭ. ئېرىڭ زۇھالىيە شياڭجاڭ بىلەن ۋالىس ئويناپ قويسا نېمە بوپتۇ؟ سېنىڭ يىغلاپ چىقىپ كەتكىنىڭنى ساۋاقداشلار ھەممىمىز كۆردۇق. خەتنە توي قىلدىم دەپ خۇش بولغان كۆڭلۈمنى بىر تىيىن قىلدىڭ. نېمانچىلا قىلاتتىڭ دەيمەن؟ ئەتىسى مەن سوراپ باقتىم. دىلمۇرات نەسىرۇللانى زۇ شياڭجاڭنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ئەكەپتۇ. سەن ئويلاپ باق، نەسىرۇللا ئەر كىشى تۇرۇپ شۇ چاغدا سېنى كۈنلەيدۇ دەپ ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناشنى رەت قىلسا ياكى ئوينىماي تۇرىۋالسا باشقىلار، زۇھالىيە قانداق ئويلاپ قالار؟ زۇ شياڭجاڭمۇ ئېرىڭ بىلەن تانسا ئويناشقا شۇنچە خۇشتاردىمۇ؟ قارىغاندا بىز ئېرىڭگە قاراپ قويساقمۇ ئىش بار ئوخشايدۇ. سەن ھېلىقىنىڭدەك قىلىپ خەققە تېخىمۇ چوڭ ساپاق تېپىپ بەردىڭ. سېنىڭ شۇ ھالىتىڭگە قاراپ كىملا بولسا نەسىرۇللا بىلەن زۇھالىيەنىڭ چاتىقى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. مەن يېزىدا بولغاچقا ئۇ ئىشلارنى ئوبدان بىلىمەن. ئەتىسى ئىشخانىدا سىلەرنىڭلا گېپىڭلار، نەسىرۇللانى زۇ شياڭجاڭغا چېتىپ دېمىگىنى قالمىدى.
ــ توۋا، بىزمۇ راست ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمىز،ــ دېدى ئايالىمنىڭ يەنە بىر دوستى گۈلزارىيە،ــ يالغانمۇ يا دېسەك سەن تويدا ھېچنېمىگە قارىماي يىغلاپ چىقىپ كەتتىڭ. راستمۇ يا دېسەك كۆزىمىز بىلەن كۆرمىدۇق.
ــ ئۇغۇ بوپتۇ ئەمىسە، بوران چىققان كۈنى ئىككىسىنىڭ تۆت كوچىدا ئالمىچىنىڭ لاپىسدا كۆرۈشكىنىچۇ؟ يەنە...
سەباتىيە ئۆزى بىلەن ئىسىمداش دوستىنىڭ سۆزىنى ئالدىراپ بۆلدى:
ــ ھەي، شۇنىڭغىمۇ ئىشەندىڭلارمۇ؟ كاللاڭلار ئىشلەمدۇ سىلەرنىڭ؟ بىر يېزىغا باشلىق بولغان ئادەم بىر ئەر بىلەن تۆت كوچىدىكى لاپاسنىڭ ئىچىدە كۆرۈشەرمۇ؟ ئەقىلگە سىغامدۇ بۇ گېپىڭلار؟ يەنە تۆت كوچىدا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغانغا ساراڭ ئەمەستۇ ئۇلار؟
ــ ھەي، ئاستا گەپ قىلىڭلار، نەسىرۇللا ئاڭلاپ قالىدۇ.
بۇ گەپ بىلەن ئاياللار ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ پارىڭىنى داۋاملاشتۇردى. سەباتىيەنىڭ سۆزىگە قارىغاندا زۇھالىيەمۇ خېلى دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچرىغاندەك قىلاتتى. ئايالىم بىلەن چوڭكارىز مەكتەپتىكى دوستىنىڭ سۆزلىرىنى تازا ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم. بىراق ئىككى سەباتىيەنىڭ ئاۋازى تەبىئىيلا يۇقىرى ئاۋاز بولغاچقا ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ــ پەزىلەت، سەن چۆچەكچىلەرنىڭ دېپىغا بولۇشىغا ئۇسسۇل ئويناپ ئۇلارنى خۇش قىلدىڭ. ئۇلارمۇ ئېشەك تېرىسىدىن كەرگەن دېپىنى راسا چالدى. بار ئۇگالچىلىق زۇھالىيەگە بولدى. سەن خىيالىڭدا ئۇنى ئېرىڭنى ئازدۇرۇپ يايراپ يۈردى دەپ ئويلىدىڭ ھەقىچان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۈنى سېنىڭدىن بەتتەر بولدى. خىزمەت قىلمىسا تېخى بولمىسا. خەق بىلەن بۇ ھەقتە زاكۇنلىشاي دېسە تېخى بولمىسا. بىز يا ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمىدۇق. رەھبەر بولغان ئادەمگە شەخسىي تۇرمۇشىنى، بولۇپمۇ بۇنداق ئىشنى يۈزىگە سېلىپ، ھالىڭىز نېچۇك دەپ ھال سورىغىلى بولمايدىكەن. ساۋاقداشلىرى تېخى بۇنداق تۇرسا. ئۇنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگۈدەك كىم بار دەيسەن؟ سەغىرامۇ خۇنەنگە كەتتى. سەنمۇ كەتتىڭ. توقۇناق بالانى يالغۇز زۇھالىيەگە تاشلاپ قويۇپ نەسىرۇللامۇ سانجىغا كېتىۋالدى. بەزىدە ئۇ بىچارىنىڭ ئەتىگەندە كۆزى قىزىرىپ ئىششىغان ھالەتتە ئىشقا كەلگىنىنى كۆرسەم ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ. ئاخىرى بولماي بىر كۈنى ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، بىزنىڭ ئۇنى توغرا چۈشىنىدىغىنىمىزنى، ئىچىگە بەك ئېلىپ كەتمەسلىكنى ئېيتتىم. ئۇ نېمە دېدى دېمەمسەن؟
ــ ھە، نېمە دېدى؟ــ ئايالىمنىڭ خىزمەتدىشى سەباتىيە ئالدىراپ سورىدى.
«نەسىرۇللانىڭ ئائىلىسى مەن سەۋەبلىك مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئىلانلىققا كەلمىسەم بوپتىكەن. ئىشنىڭ بۇ دەرىجىدە يامان تەرەپكە تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئەگەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ساۋاقدىشىمنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، مەن ئۆزۈمنى كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالىمەن. مەن نەسىرۇللاغا ئوخشاشلا بەختلىك ئائىلەم بار ئادەم. بۇ يولغا كىرىپ قېلىش ھەممىمىزنىلا ۋەيران قىلىدىغان ئىش. ساۋاقدىشىم بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىشىم شۇنچىۋالا گەپ – سۆزلەرگە تۇتۇرۇق بوپتۇ. بۇمۇ خەقنىڭ بىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدۇ. خەقنىڭ بىر ئىشلارغا قاراپ ئۇنى – بۇنى دەپ باققۇسى كېلىدۇ. ئويلىغىنى مەيلى توغرا بولسۇن، بولمىسۇن ھەرخىل تەھلىل – مۇلاھىزىلەردە بولىدۇ. شۇ مۇلاھىزىلىرىنى ئازدۇر – كۆپتۈرۈپ باشقىلارغا دەپ باققۇسى كېلىدۇ. مۇلاھىزە ھەقىقەتتىن ئايرىلغاندا سەپسەتىگە ئايلىنىدۇ، تارقىتىلغان سەپسەتە شەخسنىڭ ئىززەت – ئابرويىغا تاقاشقاندا سۆز – چۆچەككە، غەيۋەت – شىكايەتكە ئايلىنىدۇ. غەيۋەت تېخىمۇ ياۋايىلاشسا تۆھمەتكە ئايلىنىدۇ. بىز شۇ تۆھمەتكە قالدۇق. كىم تۆھمەتكە ئۇچرىمىغان دەيسىز. ئادەم تۆھمەتكە قارىتا ئىممۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. بىراق بۇ خىل ئىممۇنىتىت كۈچ تۆھمەت ھوقوقدارلىرى، ئۇلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بىلەن تەڭگە تەڭ تۇرۇپ جودالىشىشنى كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت شۇلارغا تىز پۈكمەيدىغان، بوي ئەگمەيدىغان روھنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزى يەنىلا روشەن، ئەقلى سەگەك، نېمىنىڭ سەپسەتە، نېمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. سەپسەتىنىڭ بازار تېپىشى پەقەتلا ئۆتكۈنچى مەزگىللىك بولىدۇ. ھېچقانداق سەپسەتە مەڭگۈلۈك پۇت تىرەپ تۇرالىغان ئەمەس. مانا سىز مېنى توغرا چۈشىنىپسىز، بۇ يەردىكى نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم ۋە ئامما مېنى سىزگە ئوخشاشلا توغرا چۈشىنىدۇ. ماڭا شۇ كۇپايە. توغرا، مېنىڭمۇ شۇ سۆز – چۆچەكلەردىن دىلىم ئازار يېگەن جايلىرىم بار. خەقنىڭ سوغۇق نەزەردە قاراشلىرى، ماڭا قاراپ كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىسام بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتكەن يەرلىرىم بار. ئاخشاملىرى ئاجىز ئاياللىق نازۇكلۇقۇمغا ئېلىپ يىغلاپ كەتكەن يەرلىرىممۇ بار. بىراق مەن بۇ يەرگە ياش تۆككىلى ئەمەس، خىزمەت قىلغىلى كەلدىم. مەن ئىلانلىققا تۇرمۇشۇمدىن ئەمەس، خىزمىتىمدىن دوكلات بېرىشىم كېرەك. خەقنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالغان غەيۋەتلەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي خىزمەت نەتىجەم بىلەن ئىلانلىق خەلقىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك.». قاراپ باقە، بۇلار ئېرىڭنى سەندىن تارتىۋېلىشقا ئۇرىنىۋاتقان ئەر بۇلاڭچىسىنىڭ سۆزىگە ئوخشامدۇ؟
ــ سەباتىيە، زۇھالىيەنىڭ سۆزىنى يادلاپلا ئاپسەنغۇ؟ــ بۇ يەنە بىر سەباتىيەنىڭ سۆزى ئىدى.
ــ يادلىۋدلغۇدەكلا گەپلەر تۇرسا. سەنمىچۇ پەزىلەتنىڭ يېنىدا بولغاندېكىن، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ: «ئىش ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق.» دەپ قويمىدىڭ، ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ.
ــ سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن ئارىلاشقىلى بولىدىغان ئىشلارمۇ بۇ؟ بىرى دوستىمىز، يەنە بىرى يېزا باشلىقى تۇرسا. راست – يالغىنىنى بىزمۇ بىلەلمىسەك. نەسىرۇللانىڭ زۇھالىيەنى موتوسىكىلىتىغا مىندۈرۈپ كەتكىنىنى بىزمۇ كۆرگەن تۇرساق. شۇ چاغدا پەزىلەت ئالدىمىزدىلا كېتىپ قالغان ئىدى. ئۆزۈڭچۇ؟ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزۈڭنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ مېنى دەۋاتامسەن؟
ــ ھە، گەپ تاپقانلارنىڭ بىرى ئەسلى سەن ئىكەنسەن دە،ــ بۇ گۈلزارىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى،ــ «بالا ياندىن، قازا قېرىنداشتىن» دەپ. ۋۇي، نېمانچىلا قىلىسىلەر دەيمەن، زۇھالىيەغۇ مىنىۋالاي دېمەپتۇ، مەن بولساممۇ: «ھوي نەسىرۇللا، توختاڭ، مېنى ئالغاچ كېتىڭ» دەپ كەينىگە مىنىۋالغان بولاتتىم. پەزىلەت، تويلۇق موتۇغا سەندىن بۆلەك ئايال زاتى مىنسە بولمامدۇ يا؟
ــ ئەپپەي، ئەپپەي، ماۋۇ تۆھمەتخورنىڭ گېپىنى قانداق قىلاي، مەن قانداق گەپ تېپىپتىمەن؟ خۇدا قەسەم، مەن ئۇلارنىڭ ئىشىدا بىر ئېغىز سۆز قىلغان بولسام بولدى دوستۇم دېمەڭلار. «ئاغرىمىغان بېشىمغا ئالتە توخماق» دەپ ئارىلاشمىغانلا يېرىم بار.
ــ قويە، ئۇنداق قەسىمىڭنى،ــ بۇ يېزىدا ئىشلەيدىغان سەباتىيەنىڭ سۆزى ئىدى،ــ سېنىڭ قەسىمىڭگە ئېرىڭدىن باشقا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرساممۇ، بىراق ئىش ئېنىقلانغۇچە بۇلار ئىككىسى بارىدىغان يېرىگە بېرىپ بولدى. تېلېفوندا دېيىش تېخى ئەپسىز. قايتىپ كەلگەندە دەي دېسەم ئوڭشىلىشىپ، بىر ئوبدان تۈزىلىپ قايتىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ؟ سەغىرانىڭ گېپىگە ئېرىپ كەتتىڭمۇ ياكى نەسىرۇللانىڭ مۇھەببەت خېتىگە ئالدىنىپ كەتتىڭمۇ؟ پەزىلەت، ساڭا شۇنى دەپ قوياي، ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت خېتى قانچە دەبدەبىلىك بولغانسېرى شۇنچە يالغان بولىدۇ. بېشىڭدىن ئۆتۈلدى. ئەمدى ئېرىڭنى چىڭ تۇت. نازارەتنى كۈچەيت.
ــ بولدى قىلە ئېچىتقۇ، بۇلارنى يەنە جودالاشتۇراي دەمسەن؟ بىر – بىرىگە ئىشەنسىلا بولمىدىمۇ.
ــ ھەي بولدى قىلىڭلار، نېمانداق يۈزى قېلىن، ئىزا تارتمايدىغان بىر نېمە سىلەر؟ نەسىرۇللا ئاڭلاپ قالسا قانداق قىلىسىلەر؟
ــ ئوش، ئاڭلىسا ئاڭلىمامدۇ؟ــ دېدى ئايالىم قەستەن ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ــ ئۇ شۇ تاپتا توردىكى قۇشقاچلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ گېپىمىز قۇلىقىغا كىرەمدۇ؟
ــ ھەي، ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان، يەنە دەۋاتقان گېپىنى.
ــ پەزىلەت، مەن ساڭا بىر ئامال كۆرسىتەي قارا، ئۇ چ چ ئويناۋاتقان ۋاقتتا ئۇنى ئالداپ سىرتقا چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ چ چ سىدىكى ئايال دوستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ، قۇشقاچلىرىنىڭ بوينىنى تولغاپ ئۈزىۋەت.
ــ تولا يامانلىق ئۆگەتمەي، بولسا ئېرىڭنىڭكىنى شۇنداق قىلىپ باقە،ــ دېدى گۈلزارىيە يېزىدىكى سەباتىيەگە.
ــ ھە راست پەزىلەت، ساڭا خۇش خەۋەر، بىزنىڭ خالىدە شياڭجاڭ قايتىپ كەلگۈدەك. زۇ شياڭجاڭ قايتىپ كېتىدىغان بولدى.
ــ نېمە؟ كېتەمدىكەن؟ خالىدە شياڭجاڭنىڭ ئوقۇشى پۈتمىدىغۇ؟ــ سورىدى ئايالىم ھەيران بولۇپ.
مەن زۇھالىيەنىڭ كېتىغىنىنى ئاڭلاپ مېھمانخانىغا قۇلىقىمنى تېخىمۇ بەكرەك سوزدۇم.
ــ شۇنداق. ئىلانلىق يېزىمىزنى ئىلانلىق بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن. شۇڭا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانغا ئۇ كەلمىسە بولمايدىكەن. شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كېلىدىغان بولدى.
ــ خۇش خەۋەر دەپ كەتكىنىنى، مەن ئۇ كەلسىمۇ خوش بولمىغان، كەتسىمۇ خوش بولمايمەن. مېنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟
ــ يالغان ئېيتما. بىر كۈشەندەڭدىن قۇتۇلىسەن. تەبرىكلىگۈدەك ئىشقۇ بۇ.
ــ تولا ئېچىتما. ئۇ مېنىڭ كۈشەندەم ئەمەس. كاپالەت بېرىمەنكى، ئۇ داۋاملىق تۇرغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ئوخشاش دوست بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن.
ــ ۋاھ، سېنىڭ شۇ گېپىڭنى ئاڭلاي دېگەن. ياخشى، يارايسەن.
ــ سۇپارىنى قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟
ــ دادام جامائەتنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇتايلى، نەزىر قىلمايلى، نەزىر قىلىدىغان پۇلنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يېنىدىكى ساناتورىيەگە ئاپىرىپ بېرەيلى دەيدۇ.
ــ توغرا ئويلاپتۇ. ئاللاھ سىڭلىڭنىڭ ئاخىرىتىنى ئاسان قىلسۇن.
مېھمانلار تاراپ ئايالىم يېنىمغا كىردى. ئۇ خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك خۇشال كۆرۈنەتتى. ئۇ قېشىمغا كېلىپلا ئىڭىشىپ كومپيۇتېر ئېكرانىغا قارىدى:
ــ نەسىرۇللا، چ چ رىڭىزنى ئېچىڭە.
ــ نېمە قىلىسىز؟ــ ھەيران بولۇپ بولۇپ ئايالىمغا قارىدىم.
ــ تىكەن قۇشىڭىزنى ئۆيىمىزگە بىر چىللىۋالايلى. ئۇ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ــ ئايالىم قەستەن چىشىمغا تىگىۋاتاتتى.
ــ ماۋۇ گېپىڭىز قاملاشمىدى. نېمە ئۇ تىكەن قۇشىڭىز دېگەن؟ــ دېدىم ئايالىمغا ھومىيىپ قاراپ.
ــ ھە، زۇھالىيەنى، بولدىمۇ؟ ئېچىڭە تولا نازغاشماي.
ــ «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن» دېگەندەك ئۇنى ئەمدى ئۆيگە چىللايمەن دېگىنىڭىز نېمىسى؟ كېتىدىغىنىنى تەبرىكلەپ زىياپەت بېرەي دەۋاتامسىز؟
ــ كېتىدىغىنىدىن كۆڭلىڭىز يېرىم ئوخشىمامدۇ؟ نېمانداق تىكىنى بار گەپ قىلىسىز؟ «تىكەن قۇش»نىڭ تىكەنلىرىدىن ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرغان ئوخشىمامسىز؟ چاقىرسام مېنىڭ ئەمەس، سىزنىڭ يۈزىڭىز. ئۇ مېنىڭ ئەمەس، سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز.
ــ سىزنىڭ تىكىنىڭىزمۇ بوش ئەمەسكەنغۇ، ئۇ كەتسە مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ نېمە كەپتۇ؟ كەتسە كەلگەن يېرىگە كېتىدۇ شۇ.
ــ توۋا، مۇشۇ ئادەم بىلەن بوغۇشۇپ قالماي، تىپىشىپ قالماي قانداقمۇ سەككىز يىل ئۆي تۇتقاندىمەن دەيمەن. ئاۋۇ پىنگۋىنىڭىزنى بىر ئۇچۇرىڭە ئاگال.
ــ بوغۇشۇپ قالماي دەپ كەتكىنىنى، ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇققۇ، شۇلار يەتمىدىمۇ؟ ئەخمەق خوتۇن، پىنگۋىن ئۇچمايدۇ، بىلمەمسىز؟
ــ بۇنى بىلىمەن، لېكىن سىزنىڭ پىنگۋىنىڭىز ئۇچىدۇ.
مەن دېمىقىمدا كۈلۈپ چ چ نى ئاچتىم. «تىكەن قۇش» راستىنلا توردا بار ئىكەن. ئايالىم ئۇنى ئېچىشىمنى ئىشارەت قىلدى. مەن ئاچتىم.
ــ نېمە دەيمەن؟
ــ نېمە؟ دەيدىغان گېپىڭىزلەر تۈگەپ قالغانمۇ؟ مەن بار يەردە گەپلىشەلمەمسىز؟ چىقىپ تۇرىمەنمۇ يا؟ «قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىزنى سېغىندىم» دېمەمسىز.
ــ مېنى چالىمەن دېمەي، ئوچۇق گېپىڭىزنى قىلىڭە.
ــ چاخچاق قىلىپ قويدۇم، تېرىكىپ كەتكىنىنى، ئۇنى ئەتە ئاخشاملىققا ئۆيگە چىللاڭ. ساۋاقدىشىڭىزنى بىرەر قېتىم ئۆيگە چاقىرىۋالمىساق سەت تۇرار. كېچىكىپ قالغان بولساقمۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارىدىكى بەزى ئۇقۇشماسلىقلار يۇيۇلۇپ كەتسە ئەجەب ئەمەس.
ــ بايىقى خوتۇنلار بېشىڭىزنى ئايلاندۇرۇپ قويدىمۇ ياكى بېشىڭىزنى ئوڭشاپ قويدىمۇ؟
ــ مەن ئۇنىڭمۇ شۇنچىۋالا ئۇگالچىلىق تارتقىىنىنى پەقەتلا بىلمەپتىمەن. ئۇنىڭغا مەنمۇ كۆپ ئۇگال قىپتىمەن. مەن شەخسىيەتچىلىك قىلىپتىمەن. سەل ئاشۇرىۋېتىپتىمەن. ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقسام راست ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەسكەن. توغرا ئەمەسمۇ، ئۇ شۇنچىلىك شارائىتى ۋە بەختلىك ئائىلىسى بار تۇرۇپ سىزدەك سولتەك ساراڭنى مەندىن تالىشىپ نېمە قىلار؟ شۇنچە چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنى ئاڭلىماپتىمەن. ئۇنى ئۆيۈمگە چاقىرىپ چاي تۇتۇپ كۆڭۈل بېرەي دەيمەن. سىزچە بولارمۇ؟
ئايالىمنىڭ بۇ قارارغا كەلگىنىدىن خۇش بولساممۇ، لېكىن ئۇنى ئۆيگە چىللاشنى مەن ئەمەس ئايالىم دېسە ياخشى بولاتتى.
ــ نەدە چ چ دا ئۆيگە مېھمان چىللىغان يەر بار. سەمىمىيىتىڭىز بارمۇ زادى؟
ــ ئەمىسە تېلېفون قىلىڭ،ــ ئايالىم كومپيۇتېر يېنىدىكى تېلېفونۇمنى ئۇزاتتى.
ــ ئۆزىڭىز چىللاڭ. مەن چىللىسام كەلمەيدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ تېلېفونىدا قىلىڭ ھە.
ــ ئەمىسە ئۆي تېلېفونىدا قىلاي،ــ ئايالىم مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى. مەنمۇ كەينىدىن قالماي چىقتىم.
ــ ئېيتىڭە نومۇرىنى.
ــ 1899969، توختاپ تۇرۇڭ ھە، ئاخىرىنى يانفونۇمغا قاراپ دەپ بېرەي.
ــ يادلىۋالمىغانما؟ نېمە قىلغىنىڭىز ئۇ؟ ئۆزىنى كېچە – كۈندۈز ياد ئېتىسىز يۇ، تېلېفون نومۇرىنى يادقا ئالمايسىز؟
ــ كىم ئۇنى كېچە – كۈندۈز ياد ئېتىپتۇ؟ سىز ئۇنى بىر ئۆمۈر پىشانەمگە داقىماقچىمۇ؟ دېمەيمەن نومۇرىنى،ــ مەن ئايالىمنىڭ زەھەردەك چېقىشىدىن ئاچچىقلاپ يانفونۇمنى تاققىدە ئەتتىم.
ــ ھەي باتنىغاق، چىداڭ، مەن سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزغا چىدىغاندەك. ئەر كىشى تۇرۇپ گەپ كۆتۈرمەيدىكەنغۇ بۇ. ئېيتىڭە ئاخىرىنى.
ئايالىم تېلېفون قىلدى. تېلېفون ئۇلاندى. مەنمۇ ئايالىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپكىغا بېشىمنى يېقىن ئېلىپ كەلدىم. قارشى تەرەپتىن زۇھالىيەنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن تونۇش ئاۋازى كەلگەن بولسىمۇ ئايالىم گېپىنى تاپالماي قالدىمۇ ياكى جىددىيلىشىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر گەپ قىلماي تۇرىۋالدى. زۇھالىيە «ۋەي، ۋەي، گەپ قىلىڭ، كىم بولىسىز؟» دەپ سورىغاندىلا ئايالىم ئاندىن ئېغىز ئاچتى:
ــ زۇھالىيە شياڭجاڭ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن پەزىلەت. نەسىرۇللانىڭ ئايالى.
قارشى تەرەپتىكى نەچچە سىكۇنتلىق سۈكۈتتىن كېيىن زۇھالىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ ھە، پەزىلەت مۇئەللىم، ئەھۋالىم ياخشى، رەھمەت، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ئەتىرىيەنىڭ نامىزىغا بارالماي قالدىم. ئۇنىڭ سىڭلىڭىز ئىكەنلىكىنى سەباتىيەدىن ئۇقتۇم،ــ ئۇنىڭ ئاۋازىدىن زۇھالىيەنىڭمۇ ئوخشاشلا ئايالىمدەك تەمتىرەپ قالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
ــ شۇنداق شياڭجاڭ، ئۇ كۆز يۇمىدىغان چاغدا ئاندىن ئۇنىڭ سىڭلىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق،ــ كۆڭلى يۇمشاق ئايالىم يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن گەپنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.
ــ مېنى زۇھالىيە دەپلا ئاتاۋېرىڭ، شياڭجاڭ دېسىڭىز قورۇنۇپ قالىدىكەنمەن. سەۋرى قىلىڭ، ئويلىمىغانلا ئىشلار يۈز بېرىدىكەن جاھاندا.
ــ بولىدۇ، زۇھالىيە، سىزنى كېتىدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق. خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن خۇنەندىكى ئىشلار تۈپەيلى ئالدىڭىزغا ھاردۇق سوراپ بارالمىدۇق. مۇمكىن بولسا ئەتە ئۆيىمىزگە قەدەم كەلتۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز بەك خۇش بولغان بولاتتۇق.
ــ كېتىدىغان چاغدىمۇ سىزلەرنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ؟ پەزىلەت مۇئەللىم، ياخشى كۆڭلىڭىزلەر ماڭا تىگىل بولدى.
بۇ زۇھالىيەنىڭ تولىمۇ سىلىق ھالدا «بارمايمەن» دېگىنى ئىدى.
ــ ئەگەر كەلمىسىڭىز كۆڭلىمىزدە تۈگۈن قالىدۇ. ئەتە ئىشتىن چۈشۈپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا سىزنى ساقلايمەن،ــ ئايالىم شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى. مەن ئايالىمنىڭ غەلىتە قىلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالدىم.
ــ نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ مۇشۇنداقمۇ مېھمان چىللىغان بارمۇ؟ ئۇنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرامسىز ياكى چېچىنى يۇلغىلى چاقىرامسىز؟
ــ قېنى دەڭە، ئەگەر ئەتە ئىككىمىز چاچلىشىپ كەتسەك قايسىمىز تەرىپىدە تۇرىسىز؟ــ ئايالىم تېلېفوننىڭ يېنىدىلا ئولتۇرۇپ كۆزۈمگە تىكىلىپ سورىدى.
ــ مەن بىتەرەپ تۇرۇپ تاماشا كۆرىمەن شۇ. ئاياللار چاچلاشسا قانداق ئۇرىشىدىغاندۇ؟
ــ ساراڭ،ــ ئايالىم قەستەن ئۇنى تىرىكتۈرىۋاتقانلىقىمدىن ئاچچىقى كېلىپ ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە يەرگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ خۇجەخمەت كارىزدىكى كېۋەزلىرىمنى كۆرگىلى باردىم. كېۋەزلەر خېلى ئوبدانلا ئېچلىپ قالغان ئىدى. قايتاي دەپ تۇرسام ئايالىم تېلېفون قىلىپ ئۆيگە بازاردىن گۆش – پۆش، سەي – پەي، مېۋە – چېۋە ئېلىپ كىرىشىمنى تاپىلىدى. «خوپ» دەپ كەينىمگە ياندىم. ئىلانلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلسەم ئايالىم ئىشتىن چۈشۈپ دەرۋازىدىن چىقىۋېتىپتۇ. مەن توختاپ تۇرۇشۇمغا قارشى تەرەپتىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن سەباتىيە يېتىپ كەلدى.
ــ زۇھالىيە شياڭجاڭ ھازىر چىقىدۇ. بىردەم ساقلايلى،ــ دېدى سەباتىيە پەزىلەتكە قاراپ.
ــ نېمە؟ سەنمۇ كىرمەكچىمۇ؟ــ ئايالىم سەباتىيەگە قاراپ سورىدى.
ــ نېمە؟ بولماپتىما؟
ــ كاتىپلىقىڭنى ئىش ئورنۇڭدا قىلغىنىڭ يېتىپ ئاشمىدىمۇ؟ مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ ئۇنىڭغا كاتىپ بولۇپ بەرمىسەڭمۇ؟ ئاخشام سېنى مېھمان قىلىپ بولدۇمغۇ؟
ــ ھى ھى، ھېلى بىكار ئۇرۇشۇپ كەتسەڭلار ئاجىرتىدىغانغا مەن لازىم بولارمەن؟
ــ سەن باشلىقىڭغا ياخشىچاق بولۇپ مېنى ئۇرارسەن؟ ئاجىرتامىش.
ــ مەن دېگەن ئادىل رېپىر، ھېچقايسىڭلارغا بىر بولمايمەن.
يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسىدىن زۇھالىيە چىقىپ كەلدى.
ــ سەباتىيە، سەن نەسىرۇللا بىلەن بىللە بېرىپ مەن تاپىلىغان نەرسىلەرنى جايىدا ئېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ تۇر. بىز كەينىڭلاردىنلا بارىمىز. نەسىرۇللا جايىدا ئالالمايدۇ،ــ ئايالىم شۇنداق دەپ سەباتىيەگە پالانى ماركىلىق كەمپىت، پۇستانى خىلدىكى قەن – گېزەك دېگەندەك بىرمۇنچە نەرسىلەرنى تاپىلىدى. ئايالىم دېگەن ئۇ نەرسىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئالالمايدىغىنىم ئېنىق.
ــ مەن نېمە بىلەن بارىمەن؟ــ سەباتىيە پەزىلەتكە ھەييارلىق بىلەن قارىدى.
ــ نەسىرۇللانىڭ كەينىگە مىنمەمسەن؟
ــ چىدامسەن؟
ــ گەپنى ئاز قىلىپ ماڭە، بىز بېرىشتىن بۇرۇن ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ بول.
مەن سەباتىيەنى كەينىمگە مىنگەشتۈرۈپ ماڭدىم. زۇھالىيەگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بېشىمنى ئىگىپ تېنچلىق سورىشىپ ئۆتۈپ كەتتىم.
ــ نەسىرۇللا، زۇھالىيە مېنى بىللە بېرىشىپ بېرىڭ دەپ تۇرىۋالدى،ــ دېدى سەباتىيە.
ــ نېمىشقا؟
ــ ئۇ قورۇنۇپ قالىدىكەنمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە قورۇنامدۇ دەيسىز، خەقنىڭ يامان كۆزىدىن قورقمامدۇ. ئايال كىشىگە ھەقىقەتەن تەس. پەزىلەتمۇ ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەن.
ــ قانداقسىگە دەيسىز؟
ــ قاراڭ ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ، ئۆيگە بىللە پىيادە بارماقچى بولىۋاتىدۇ، يەنە مېنى سىز بىلەن بىللە بېرىپ ئۇنى – بۇنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ تۇر دەۋاتىدۇ. بۇ ئېنىقلا خەقنى، بولۇپمۇ ھېلىقى سۇخەنچىلەرنى كۆرسۇن دېگىنى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى قاراپ تۇرۇڭ ھە، ئۆتكەنكى سۆز - چۆچەكلەر بۇندىن كېيىن سۇغا چۈشكەن تاشتەك جىمىقىپلا كېتىدۇ.
ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بولدۇق.
ــ ئۆيدە گاڭ (توقسۇن شىۋىسى، ئوغۇل بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئەركىلەتمە سۆز) باردۇ؟
ــ بار. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ېرىدۇ.
سەباتىيە نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيگە چىقىپ كەتتى. زۇھالىيە گەرچە ساۋاقدىشىم بولسىمۇ، بىراق بۇ ئايال كىشىلەرنىڭ مېھماندارچىلىقى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى مېھماندارچىلىقنىڭ پېرسۇناژى بولۇشۇمنىڭ زۆرۆرىيىتى بولمىغاچقا ئۆيگە كىرمىدىم. ئۇلار كۆڭلىدىكىنى گەپلىرىنى بىر دېيىشىۋالمىسۇنمۇ.
ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئايالىم: «تىكەن قۇش ئۇچۇپ كەتتى، ئەمدى كىرسىڭىز بولىدۇ» دەپ تېلېفون قىلغاندا ئۆيگە كىردىم. ئۆيگە كىرسەم ئوغلۇم جېدەل قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئوغلۇمنى بەزلەپ سورىدىم:
ــ بالام، ساڭا نېمە بولدى؟ ئاپاڭ سېنى تىللىدىمۇ؟
ــ ھەئە، ئاپام مېنى «تىكەن قۇش» دەپ تىللىدى. مېنىڭ نەدە تىكىنىم بولىدۇ؟ مەن قۇش بولمىسام، ئۇچالمىسام يە، مەن دېگەن مۇشەررەپ.
ئوغلۇمنىڭ سۆزلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
ــ ئېشىپ – تېشىپ ئەمدى مۇشەررەپنىمۇ «تىكەن قۇش» دېگىنىڭىز نېمىسى؟ــ ئاشخانىغا كىرىپ قاچا – قۇچىلارنى يۇيىۋاتقان ئايالىمدىن سورىدىم.
ــ تېلېفوندا سىزگە «تىكەن قۇش ئۇچۇپ كەتتى» دەپ ساپتىكەنمەن، مۇشەررەپ: «ئاپا، تىكەن قۇش دەپ كىمنى دەۋاتىسىز؟» دەپ سورىغان ئىدى. «سىزنى دەۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەرسەم، «مېنى تىللاۋاتىسىز» دەپ مەن بىلەن سوقۇشىۋاتىدۇ.
ــ ھە، شۇ گەپمۇ، بالىنىڭ يېنىدا قالايماقان گەپ قىلماڭ، ھەممىگە دىققەت قىلىدىكەن، مانا كۆرگەنسىز. قانداقراق پاراڭلاشتىڭىزلار؟ سەباتىيە بىلەن ئىككىڭىزلەر بىر بولۇپ «تىكەن قۇش»نى يۇڭۇزلىۋەتمىگەنسىزلەر؟
ــ ۋاييەي، ئۆيدىن بىر تال پەي تېپىۋالسىڭىز سىز نوچى. ئۇ ساۋاقدىشىڭىز بولىدىكەن جۇمۇ. بىز خېلى كېلىشىپ قالدۇق. ئەينى ۋاقتتا ئۇنى نېمىشقىمۇ ئالمىغانسىز؟
ــ بولدى قىلىڭە، قىز بالا دېگەننى جۈمە بازىرىدىن ئالما ئالغاندەك ئالاي دەپلا ئالغىلى بولمايدىكەن. ئەمدى بۇنداق گەپلەر ئۆيدە بولۇنمىسۇن ھە. چىپ، تۈگىدى.
مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ ئوغلۇمنى بەزلەشكە باشلىدىم:
ــ ئاپاڭنى تازا تىللىۋەتتىم. نېمىشقا سېنى «تىكەن قۇش» دېگۈدەك، سەن مېنىڭ يۇمشاق، يىگىت بالام تۇرساڭ. كېلەر يىلى تويۇڭنى قىلىمەنغۇ سېنىڭ. قېنى دېگىنە ئوغلۇم، ئەنقەر ئاكاڭنىڭ تويىغا كىملەر كىرىپتۇ؟
ــ بەرنا كىرىپتۇ، ئەنقەر ئاكام ئۇنى چىللاپتۇ، ئۇنى ئالىدىغان ئوخشايدۇ.
ئوغلۇمنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھەم چۆچۈپ ھەم ھەيران بولۇپ كۈلۈپ كەتتىم. توۋا، بۇ قېرى باباقنى!
ــ ۋاي ئانىمەي، نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن بالام. تويىغا كىرگەن قىزلارنى ئالمايدۇ.
ــ ئىشقىلىپ ئەنقەر ئاكام «بەرنانى ئالىمەن» دېدى.
ــ سەنچۇ؟ سەن كىمنى ئالىسەن؟
ــ ئۇيغۇرىيەنى.
ئاشخانىدىن چىققان ئايالىم ماڭا سەت بىرنى ئالىيىۋېتىپ ئوغلۇمنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
ــ ئوغلۇم، سىڭلىسىنى ئالسا بولمايدۇ، سىڭلىڭىز تېخى تۇغۇلمىدى، تۇغۇلغاندا ئۇنى باقىسىز.
ــ ئوغلۇم، مەن ساڭا سانجىدىكى ئۇيغۇرىيەنى ئېلىپ بېرىمەن.
ــ ھەي قاپاقباش، كىچىككىنە بالىغا نېمە قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسىز؟ يەسلىدە تۇرۇپلا ئۇنى ئالىمەن، بۇنى ئالىمەن دەپ يۈرۈپتۇ مانا. ھەممە يامان گەپ ئۆيدىن چىقىدۇ. ئاغزىڭىزغا بېقىپ گەپ قىلىڭ.
سانجىنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن ئوغلۇم يەنە جېدەلنى باشلىۋەتتى.
ــ سانجىدىكىنى ئالمايمەن، ھېچكىمنى ئالمايمەن. سەن مېنى تاشلىۋېتىپ سانجىغا كەتتىڭ. ئاپاممۇ مېنى باقمىدى. سىلەرنىمۇ ئاتام قىلمايمەن، ئاپام قىلمايمەن. ئىككىڭلارلا ئەسكىكەنسىلەر. ئەسكى ئۆيۈڭلاردا تۇرمايمەن. ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن.
ئايالىم ئوغلۇمنىڭ جېدىلىگە چىدىماي ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
ــ سىزنى تاشلىمايمىز بالام، ئەمدى بىر كۈنمۇ سىزنى تاشلاپ قويمايمىز، سىز بولمىسىڭىز بىز ياشىيالمايمىز. سىزمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەڭ، بولامدۇ ئوماق قوزام؟
ئوغلۇم ئاپىسىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ۋاررىدە يىغلىۋەتتى. مېنىڭ كۆزۈمگىمۇ يىغا ئولاشقان بولسىمۇ، بىراق ئەرلىك جاسارىتىمگە ئېلىپ ياش تۆكمىدىم.
ــ يىغلىما بالام، يىگىت دېگەن يىغلىمايدۇ. بىز ئۈچىمىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز.
ــ ئاپا، سىزمۇ يىغلىماڭ، مەنمۇ يىغلىمايمەن. ھېچقايسىمىز ئۆيدىن چىقىپ كەتمەيلى،ــ ئوغلۇم يىغىدىن توختاپ ئىسەدىگىنىچە ئاپىسىنىڭ ئاق ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاپىسىنىڭ كۆزىدىكى ياشلارنى ئېرتتى.
مەن ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىپ ئوغلۇمنى، ئايالىمنى چىڭ قۇچاقلىدىم. ئۈچ يۈرەك بىر گەۋدىگە مۇجەسسەم بولغان بۇ كۈن خىرۇستال ئوردىمىزنىڭ يېڭى بىر باھارى باشلانغان كۈن ئىدى.
كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەگسىز خىياللار قاينىمىغا چۆكۈپ ئولتۇرىمەن. ئەدەبىيات كىشىنى خىيالچان قىلىۋېتىدۇ دەيتتى بىر شائىر دوستۇم. بەلكىم شۇنداقتۇ. بىراق بىز يازىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا نۇرغۇن لەزىز خىياللىرى ۋە ئازابلىق ئەسلىمىلىرى بولىدۇ. بىز شۇلارنىڭ خىياللىرىنى ھەرپ قىلىپ تىزىپ چىقىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ خىياللىرىغا تۇيۇپ – تۇيماي كىرىپ كېتىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ خىياللىرىدىن كۆرە پېرسۇناژلىرىمىزنىڭ خىياللىرىغا بەكرەك چۆكۈپ كېتىمىز. شۇڭا بىزدە خىيالنىڭ كۆپرەك بولۇشى تەبىئىي. ۋەھالەنكى ھازىرقىسى بولسا ئۆزەمگە تەۋە خىياللار ئىدى. باشقىلارنىڭ خىيالىغا باش قاتۇرۇشقا رىغبىتىم يوق. ئەتە زۇھالىيە كېتىدۇ. ئەتە ئەتىرىيەنىڭ سۇپارا نەزىرىسىنى بېرىمىز. ئەتە فەرۇزە مالىكنىڭ قىزى ئۇيغۇرىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ئەتە بىز تاغاق چىلانغا بارىمىز. يەنە مۇشۇنداق نۇرغۇن ئەتىلەر بار. گۈزەل ئەتىلەر ئۈچۈن بۈگۈننى گۈزەل قىلىش كېرەككەن.
ــ ھېكايە يازامسىز؟ــ قېشىمغا كىرگەن ئايالىم پەزىلەت سورىدى.
مەن پەزىلەتكە قارىدىم. ئاپئاق ياغلىقنىڭ تىگىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان سېرىق چاچلىرى ئارىسىدا ئانچە – مۇنچە ئاق چاچلار «مېنى كۆردۈڭمۇ؟» دېگەندەك قىلىپ ماراپ تۇراتتى. ھەئە، شۇ چاچلار مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن ئاقارغان ئىدى.
ــ ھەئە، ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسىنى يازاي دەيمەن.
پەزىلەت كەينىمگە كېلىپ مۈرەمگە ئىككى جەينىكىنى قويۇپ، ئىڭىكىنى بېشىمغا تىرىگىنىچە كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلدى. ئۇنىڭ ئىڭىشىشى بىلەن تەڭ بوينىدىكى مېدالىئون ئالدىمغىلا ساڭگىلاپ چۈشتى. مېدالىئوننىڭ يېشىل خرۇستال كۆزىدىكى «مۇھەممەد» دېگەن خەت دېرىزىدىن كىرگەن ئاي نۇرىدا ۋال – ۋال قىلىپ چاقنايتتى.
ــ تېمىسى نېمە؟
مەن باش قۇرغا يوغان قىلىپ «خرۇستالنامە» دېگەن خەتنى يازدىم.