تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3956|ئىنكاس: 19

ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلاردا قەھرىمانلىق     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
483
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
10208
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردا يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى ۋە دېڭى

-ئۇيغۇلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردا شەخسنىڭ غەلبىسى ۋە ئومۇمنىڭ تۆھپىسى

بىز ئۇيغۇرلاردا "يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس" دېگەن ماقال بار. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان "چاڭ" نى غەلىبىگە ئېرىشىش جەريانىدىكى داۋراڭ دېسەك، "داڭ"نى شۇ چاڭلىق جەريان ئېلىپ كەلگەن غەلىبە دېيىش مۇمكىن. چاڭلىق جەرياندىن داڭلىق نەتىجە يارىلامدۇ؟ داڭق چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم چاڭ چىقىرىش كېرەكمۇ؟ مەنچە داڭق چىقىرىشتىن بۇرۇن چاڭ چىقىرىشقا ئالدىراش "ھەممە ئىش نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەل" دېگەن تەلىمگە خىلاپ كېلىدۇ. ئىشنى باشلا باشلىماي چاڭ چىقىرىشنى ئويلاش غەلىبە جەريانىدىكى يالغۇزلۇققا، زېرىكىشكە چىدامسىزلىق قىلىش دېمەكتۇر. بۇنداق چاڭ- داۋراڭسىز ئىش قىلالماسلىق، يالغۇز ئاتنىڭ-  شەخسنىڭ ئاۋامغا ئوخشىمايدىغان غەلىبىسى خاھىشى، مەيلى، تۇيغۇلىرىنى جىنايەتتەك كۆرۈپ تەقىپلەش، ئىنساننىڭ ئىجادىيەت، تۆھپە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇمنىڭ پاسىبانلىقىغىلا باغلاپ قويۇش نەدىن كەلگەن؟ "خەق نېمە بولسا بىز شۇ"، " توپقا كىرىۋالساڭ شامال تەگمەيدۇ" دېگەندىكى مەنتىقە شەخسنىڭ ئەركىنى ۋە بەختىنى ئومۇم ئىچىدە بىخوتلاشتۇرۇش، ئۇخلۇتۇش، شەخسنىڭ قەدىر قىممىتىنى  دەريادىكى خەسكە، قۇملۇقتىكى قامغاققا ئوخشاش ئەرزىمەس قىلىشمۇ؟ بۇ قاراشلارنىڭ ئۇلى قانداق قويۇلغان؟
بۈگۈنكى ئۇيغۇر ماقاللىرىغاقارايدىغان بولساق ئومۇمنىڭ ئىتتىپاقلىقى، خاتىرىجەملىكى، بىرلىكنىڭ قۇدرىتى تەكىتلەنگەن ماقاللار ھەقىقەتەن جىق، ئەكسىچە شەخسنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجادچانلىقى، دەخلىسىزلىكى ئۇرغۇلانغان ماقاللار يوقنىڭ ئورنىدا. بەلكىم بىزگە كىتاپ ھالىتىدە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ماقاللىرى كوپراتسىيەلىشىش ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشەببۇس قىلىنىپ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تەقىپ قىلىنىۋاتقان زاماندا توپلانغان بولغاچقا كىشىلىك خاسلىق، شەخسنىڭ ھۆرلۈكى، شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە دائىر ماقاللار قەستەن چىقىرىپ تاشلانغان بولۇشى مۇمكىن. جوڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان دىيارىمىزدا كوللىكتىپ ئىگىلىك ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى بولغان پىلانلىق ئىگىلىك بەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتكەنچىكىمۇ، يا كوللىكتىپ ئېگىلىك يوقۇلۇپ ئۇزۇنغا بارماي مىڭىلەرنىڭ بوش يەرلىرى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئوسا قىلىنىپ كەتكەچكىمۇ  شەخسنىڭ رولى، قۇدرىتى، تۆھپىسى ئىزچىل نەزەرلەرنىڭ سىرتىدا قالدى. مەنچە جەمئىيەتتىكى ئىنساننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجاتچانلىقى ۋە غۇرۇرىنىڭ دەخلىسىزلىكى بىلەن جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە يۈز ئابرويى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى تونۇش، شەخسنىڭ غەلىبىسىدە ئومۇمنىڭ تۆھپىسىگە بولغان تونۇشتىكى ئوخشىماسلىق، ئىتتىپاقلىق بىلەن ھەمكارلىق ئۇقۇمى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ۋە بۇلارنىڭ تەركىبلىرى، تەشكىللىنىشى ھەققىدىكى پوزىتسىيە ۋە قاراشلاردىكى ھاڭلار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى ھالقىلىق چۈشەنچە پەرقىدۇر.
  قىزىق يېرى مەن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان چېغىمدا مەيلى تۈركىيەدىكى، گېرمانىيەدىكى ۋەياكى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئاغزىدىن "بىرلىك، ئىتتىپاقلىق" ھەققىدىكى شۇئار كۆپ تۆكىلەتتى. بۇنداق شۇئارنىڭ تولا توۋلىنىشى بىر ياقتىن كىشىگە  موھىم ئۇقۇملارنىڭ تەكىتلىنىشىدەك تۇيۇلسا، يەنە بىر ياقتىن ئەمەلگە ئاشماس كونا تەشۋىقاتنىڭ ئەزۋەيلىنىشىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. مۇشۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ كاساپىتىدىن بولسا كېرەك بىر ئوبدان تەنقىد ۋە پىكىرلەر "ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن زىيانلىق" دېگەن قالپاقلارغا مەھكۇم قىلىنىپ يوققا چىقىرىلاتتى. مۇشۇنداق تەنقىد ۋە پىكىرلەر بولغان ئىنتىرنىت تورىدىكى مۇنبەرلەرنى كۆرۈۋېتىپ ئۆزەمنى ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقاندەك ئەمەس، قەشقەردىكى سىياسىي ئۆگىنىشتە بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتىم. ھەق ناھەق، توغرا خاتا ھەققىدىكى ئەقلى تەپەككۇر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ قانداقتۇر مەۋھۇم ئومۇمىي مەنپەئەت ۋە قۇدرەتنىڭ سايىسى ئاسىتىدا ئىنكاسسىز غايىپ بولۇشى مېنى ئويغا سالاتتى. ئوبامانى تىللىسا بولىدىغان دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇردىن چىققان بىرەر نوپۇزلۇقنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلىرىنى جامائەتنىڭ ئالدىدا يۈزمۇ يۈز ئوتتۇرىغا قويۇلمايتتى. بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا دائىم ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى سۈلھىي سالالار مۇنازىرىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن خۇلاسىگە ئېرىشىشىنى كۆپۈككە ئايلاندۇراتتى.
ئامېرىكىدا مەيلى مەكتەپتىكى دەرس، تەجرىبە ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن ئىتتىپاقلىق تەكىتلەنمەيدۇ. جوڭگۇدا بولۇپمۇ دىيارىمىزدا تولا بەك تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقلىق دېگەنگە تەڭداش تەكىتلىنىدىغان سۆز ئامېرىكىدا ھەمكارلىقتۇر. دىيارىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقلىقتا شەخس پەقەت ئەگەشكۈچى، بويسۇنغۇچى، ئۆز خاسلىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە جامائەتنىڭ ئىتىراپىغا ۋە پاناھىغا سىغىنغۇچى. ئامېرىكىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ھەمكارلىقتا بولسا شەخسنىڭ خاسلىقى مۇئەييەنلەشتۈ رۈلىدۇ ۋە ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە تولۇق جارى قىلدۇرىلىدۇ ۋە ياكى شۇنىڭغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ. ھەمكارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى، بەھرلىنىشى ۋە شىرىكلىشىشى بەدىلىگە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ھەمكارلىقتا پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى پەقەت ئىشتىراكچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تېپىپ چىقالايدىغان ۋە ئايرىم ئەۋزەللىكلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان قابىلىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دىيارىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقتا تەشكىللىگۈچى قاتناشقۇچىلارنىڭ خىزمەت ھاياتىدا مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ. تەشكىللىگۈچى ئىشتىراكچىلارنىڭ خاھىشلىرىنى باشقىلارغا نائىنىق پەقەت ئۆزىنىڭ نەزىرىدىلا مەۋجۇد بولغان ئورتاق مەنپەئەتكە دەپىن قىلىۋېتىدۇ. تۆۋەندىكى مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ۋەقە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەشكىللىگۈچىنىڭ نوپۇزىغا بولغان قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىدىكى پەرقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇمنىڭ بىر يىلى بىر تەتقىقات پروگراممىسىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىم. پروگرامما يازلىق تەتىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا باشقا ئىشىم يوق ئېدى. يازلىق تەتىل كەلگەندە تۇيۇقسىز بالام ۋە ئايالىمنىڭ پاسپورتى چىقىپ قېشىمغا كېلىدىغان بولدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە ئائىلەمنىڭ كەلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ بارماسلىقىم تامامەن مۇمكىن ئېدى. ئايالىم ۋە بالامنى ئېلىپ باراي دېسەم دەسلەپتە گەپ ئۇنداق دېيىلمىگەن ئېدى. ناۋادا مېڭىشقا بىر قانچە كۈن قالغاندا بۇ ئىشنى تىلغا ئالسام تەشكىللىگۈچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشۇم ۋە بۇ سەۋەبلىك مۇندىن كېيىنكى پروگراممىلارغا قاتنىشالماسلىقىم مۇمكىن ئېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تەشكىللىگۈچىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن بۇ گەپنى دېمىدىم. ئامېرىكىغا كېلىپ ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغان بالام بىلەن ئايالىم باشقا بىر شىتاتتىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاچ ساياھەت قىلىپ كېلىدىغان بولدى. پروگرامما ئۈچۈن يىغىلىپ تەتقىقات باشلىنىپ بولغاندا مېنىڭ مەسىلەم ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. ئەسلى مەن بۇ گەپنى  تەشكىللىگۈچىگە دېگەن بولسام ئۇلار ئايرۇپىلان بىلەت، ياتاق ۋە باشقا شارائىتلارنى يارىتىپ تۇرمۇشۇمغا قولايلىق يارىتىپ بېرەتتىكەن. مەن جوڭگۇدا كۆنگەن خۇيۇم بويىچە بۇ تەتقىقات پروگراممىسىدا ئۆزەمنى بىر پاسسىپ ئەگەشكۈچى، ئايالىم ۋە بالامنىڭ ئىشىنى مېنىڭ خۇسۇسىي ئىشىم، بۇ ئامىللارنى خىزمەتكە ئارىلاشتۇرۇش نامۇۋاپىق دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. ئويۇمنىڭ ئەكسىچە نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن ئائىلەمنى تاشلاپ تەتقىقاتقا كېلىشىم ئامېرىكىلىق ھەمراھلىرىم ئۈچۈن تولىمۇ نامۇۋاپىق ھەتتا قوبۇل قىلغۇسىز غەلىتىلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. نېمىشقا قىيىنچىلىقىمنى يوشۇردۇم؟ نېمىشقا تەشكىللىگۈچىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۆزۈم خالىغان قارارنى چىقىرالمىدىم؟ نېمىشقا شەخسى خاھىشىمنى گۇناھنى يوشۇرغاندەك تىقىشتۇرۇپ ئاشكارە دېيەلمىدىم؟
جوڭگۇدا بولۇپمۇ دىيارىمىزدا بىر كىشى مەدھىيەلەنسە "ئائىلىسى خەتەردە قالغاندىمۇ باشقىلارنى ئالدىن ئويلىغان، خەلقنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئائىلىسىنى قۇربان قىلغان، ئۆز ئارزۇسىنى جامائەت مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ ئۈن تىنسىز خىزمەت قىلغان، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە مېھرىنى قۇربان قىلغان، مۇھەببىتىنى ئەل ۋەتەنگە بېغىشلىغان" دېگەن سۆزلەر دائىم تەكرارلىنىدۇ. بىزدىكى تەشۋىقاتتا ئاساسى ئېقىمغا ئايلانغان بۇ گەپ ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن تولىمۇ بىنورمال ئاڭلىنىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئالجىغانلىقتەك، جۆيلۈشتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى بۇ تەرغىباتتا ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ھاياتى ۋە ئارزۇسى جامائەت مەنپەئەتىگە قارشى قويۇلۇپ قەستەن يوققا چىقىرىلغان. بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك غايە، ئىستەك ۋە تەلەپلەردە بولۇشى ئۇياتلىق ئىشتەك كۆرسۈتۈلگەن. مەنچە بۇ جانسىز ئىدولوگىيە تەلەپ قىلىدىغان شەخسيەتسىز ھاياتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، جانلىق تۇرمۇش تەلەپ قىلىدىغان شەخسىي ھاياتنى، ئىنسانىي تۇيغۇنى ئىنكار قىلىشتۇر. بۇ يەردە تەكىتلەنگىنى ئىدولوگىيە يارىتىش ۋە تارقىتىشتا تەشەببۇسكار گورۇھنىڭ بۇلاردىن مەھرۇم كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن يەمچۈككە، ئولجىغا ئايلاندۇرۇشىدۇر. مۇشۇنداق تەشۋىقاتنىڭ سايىسىدە ھېلىقى گورۇھقا مەنسۇپ كىشىلەر بويسۇنغۇچىلارنىڭ قۇربانلىقلىرى بەدىلىگە خاتىرجەم شەخسىي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىشىدۇ. مەن يۇقارقىدەك شەخسنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي تەلەپلىرى گۇناھلىق قىلىقتەك يوشۇرۇلىدىغان جەمئىيەتتە ياشىغانلىقىم ۋە مارئارىپ كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئامېرىكىدىمۇ خاھىشىمنى يوشۇرۇپتىمەن. ، ئۆزەمنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىقتىكى رولۇمنى تەشكىللىگۈچىنىڭ نوپۇزى ئالدىدا ئەرزىمەس كۆرگەنلىكىم سەۋەبلىك ئىنسانغا خاس تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىمدىن ئۆزلۈگۈمدىن ۋاز كېچىپتىمەن. نەتىجىدە تاللاش ھوقۇقۇمنى تەشكىللىگۈچۈمنىڭ نوپۇزى ۋە ئەرزىمەس نەپ ئالدىدا پايخان قىلىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ غەلىتە مەخلۇققا ئاغدۇرۇلغاندەك نەزەرلىرىنىڭ  ۋەزنىدىن قەددىم ئېگىلىپ مىجىلىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئازاپلىنىپتىمەن.
ۋەتەندە تېلۋىزورلاردىن مۇنبەرلەرگە چىققان تەلەيلىك غالىپلارنىڭ"تۆھپەم خەلقىمگە مەنسۇپ، خەلقنىڭ خاتىرىجەملكى مېنىڭ خۇشاللىقىم. پارتىيە ھۆكۈمەت بولمىغان بولسا بۈگۈنكى كۈنلىرىم بولمىغان بولاتتى..." دېگەندەك سۆزلەنمىلىرىنى ئاڭلىسام مۇشۇ كىشىلەر ياراتقان تۆھپىسىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس ئۆزى مەڭگۇ بىلىپ يېتەلمەيدىغان. رۇشەن كۆز ئالدىغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان بىر گورۇھقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ  قانداقمۇ تىرىشقۇسى كەلگەندۇر، ھەر ئىشنى باشلىغاندا بىسىمىللاھ دېمەي خەلقىم دەپ تاشلىغاندىمۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئۇلاردىكى يالغانچىلىقتىن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتىدۇ. ئەجەبا ئىنساننىڭ ھۆرمەتلىنىشكە تەشنا بولۇشى، مەشھۇرلۇققا مۇشتاق بولۇشى، بايقاشقا بولغان شەيدالىقى، سېھىرلىك شەيئىلەرگە بولغان مەپتۇنلۇقى گۇناھمۇ؟ ئىنساننىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۆكرەك كىرىشى، ئۆز غۇرۇرىنى قۇغۇدىشى، ئەقىدىسگە جان پىدالىق قىلىشى قەھرىمانلىق سانالمامدىكەن؟ مەن ئوقۇغان سوتسىيالىستىك رىيالىزىمغا مەنسۇپ ئۇيغۇرچە بەزى رومانلاردا قەھرىمان خەلقنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى تونۇپ يېتىپ مەلۇم ئىلغار ئېددىيىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئاۋۋال خەلقنى قوزغۇتۇپ ئىنقىلاپ تەشكىللەيدۇ ۋە پىداكار ئاۋامنىڭ كۆرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئېنگىلىزچە رومانلاردا بولسا سۆيگۈنىدىن جۇدا بولغان، ئائىلە- بالىسىدىن مەھرۇم قالغان، خانۇ ۋەيران قىلىنغان، ۋەتىنىدىن قوغلانغان قەھرىمان يالغۇز قىساسقا ئاتلىنىدۇ. رەقىبىنىڭ زۇلمەتچى كۈچلەرنىڭ ھىمايىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتتىكى كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ دۈشمەندىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئۇيغۇرچە رومانلاردا قەھرىمان پادىچى، خەلق پادا؛ قەھرىمان ئاقارتقۇچى، خەلق قارا ساۋات، قەھرىماننىڭ ئىددىيىسى خىسلەتلىك سوپۇن، خەلقنىڭ ھالى كىرلەنگەن ماتا. شۇنىڭغا ھەيرانمەن، ئاۋامنى ھايۋان ئۆزىنىلا ئادەم سانايدىغان، خەلق قوزغالمىغىچە ئوتتۇرىغا چىقمايدىغان، خەلق مەرىپەتلىك بولمىغۇچە رەھبەرلىك قىلمايدىغان، ئۆزىنى ئەۋلىيا دانا، خەلقنى ئاڭقاۋ نادان كۆرۈپ كەمسىتىدىغان  بۇ كىشىلەر قانداقچە قەھرىمان ئاتىلىپ قالدى؟ ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەر قەھرىمان دەپ ئەۋلىيالارنى ياراتقاچقا ئوقۇرمەنلىرىمىزدە قەھرىمانلىققا تەلپۈنۈش، قەھرىماندەك بولۇش ئەمەس قەھرىمانغا چوقۇنۇش ئىددىيىسى شەكىللەندى. ئوقۇرمەنلەردە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدىغان كىشى ئۆزىدەك ئادەتتكى ئادەم ئەمەس، ئالاھىدە خىسلەتلىك كىشىلەر بولۇشى كېرەك دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىدەك ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئاۋام يولىدىكى چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، دەپ ئويلايدىغان بولدى. مەيلى تەشۋىقاتلار، جامائەت پىكرى ۋە ياكى رادىيو تېلۋىزورلاردا بولسۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، نەسەبى، تەربىيىلىنىشى قانچە غايىۋىيلەشتۈرۈلگەنچە ئاۋامغا ئۇلار شۇنچە سىرلىق، ئالاھىدە كىشىلەردەك تۇيۇلۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھاياتى ئاددىي كىشىلەر تەدبىقلىيالمايدىغان مۆجىزىلىك ھاياتقا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياراتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە سېھرى كارامەتكە، نەتىجە ياراتقۇچىلار كارامەتچى ئەۋلىيالارغا ئايلىنىدۇ.
كىچىكىمدە بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىش ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم بىرىنجى يىللىقتا بولسام كېرەك نېمە ئۈچۈنكى ماتىماتىكىنى بىلەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تەرس دەرسنى بىر ئۆگىنىپ ماتىماتىكا ئالىم بولۇش ئىستىكى تۇغۇلدى. بىر كۈنى بو ئويۇمنى ئىككىنجى ئاكامغا ئېيتتىم. ئاكام بىر ماتىماتىكا ئالىمىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يۈز ئىچىدىكى سانلارنى كۆپەيتىش ۋە بۆلۈشنى بىر قانچە مىنۇتتىلا ھېساپلاپ بولغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بەردى. ئۇ چاغدا ئۇنداق قىلىشىمغا كۆزۈم يەتمىدى. شۇندىن كېيىن مەن ماتىماتىكا بىلمەيدىكەنمەن، ماتىماتىكا ئالىمى بولالمىغۇدەكمەن دېگەن قارارغا كەلگەنىدىم ۋە خىيالىمدىن  ۋاز كەچكەنىدىم. شۇندىن كېيىن تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگىچە ماتىماتىكىدىن ساۋادىم يوق ئوقۇدۇم. شۇ چاغدا تىرىشىپ ئالىم بولغان بىر كىشىنىڭ مەن ئەگىشەلىگۈدەك بىر كەچۈرمىشى سۆزلەنگەن بولسا بەلكىم پايدىسى بولاتتى. ئالىم بولالمىساممۇ ماتىماتىكىدىن قۇرقىدىغان چالا ساۋات بولۇپ قالماستىم. ئامېرىكىدا ئوقۇغۇنۇم سەۋەبلىك تۇغقانلار ئارىسىدا مەنمۇ غالىپلار قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بىر جىيەنىم مېنىڭ تەرجىمالىمنى بىر تورغا قۇسۇرسىز قىلىپ يوللاپ قويۇپتۇ. مەن باشلانغۇچتىن باشلاپ ئۈچتە ياخشى بولۇپ ئوقۇغانمىشمەن...ۋاھاكازا. ئاڭلاپلا ئۆچۈرگۈزىۋەتتىم. ھازىر تۇغقانلارنىڭ بالىلىرى ئالدىدا تولۇقسىزنى پۈتكۈزگىچە ئالگىبىرا ۋە گىيومىتىرىيەدىن ئۆتۈپ باقمىغىنىمنى، تولۇق ئوتتۇرىدا بىر قېتىممۇ ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باقماي ئوتتۇراھال ئوقۇغۇنۇمنى دېيىشىم قارشى ئېلىنمايدۇ. بۇنداق دېسەم ئۇلارغا ئۈلگە بولالماسمىشمەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن مەنمۇ مۇكەممەل ئەۋلىيا بولۇشۇم كېرەك.
غەلىبە قازانغان كىشىلەرنىڭ خاھىشى، گۇناھى، بەندىلىكى ئىتىراپ قىلىنمايدىغان موھىتتا مۇۋەپپەقىيەتچىلەر ھەققىدىكى تەشىۋىقاتتا بىرى غالىپلارنىڭ ھاياتىنى قۇسۇرسىزلاشتۇرۇش، يەنە بىرى نەتىجىسنى  سىرلىقلاشتۇرۇش، ئۈچىنجى بىرى يۇرتى، نەسەبى ۋە تەربىيىسىنى ئالاھىدەلەشتۈرۈش مەۋجۇد. مەسىلەن، بىر ئۇتۇق قازانغان ئۆلىما مەدىھىيەلەنسە ئۇنىڭ بوۋىسىمۇ ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلغان جامائەت ئەربابى بولۇپ چىقىدۇ. يۇرتى دىنىي ئالىملارىنىڭ، ئىسلام ئاچقۇچىلارنىڭ قەدىمجايى بولۇپ چىقىدۇ. نەتجىسى ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بىر دۇنياۋىي نەتىجە بولۇپ چىقىدۇ...ۋە باشقىلار. بۇنداق سىرلىقلاشتۇرۇشتا بىرى شۇ شەخسنىڭ ۋە شۇ شەخستىن نەپ ئېلىۋاتقانلارنىڭ "تۆھپە"سى بار، يەنە بىرى ئاۋامدا "ئۇلۇغلاردا كارامەت بار" دەيدىغانلارنىڭ ئالدىنىش مايىللىقى مەۋجۇد. بۇنداق سىرلىقلاشتۇرش ۋە قۇسۇرسىزلاشتۇرۇش ئۇزاق داۋاملاشقاچقا ئاۋامدا نەتىجە ياراتقۇچىلارنىڭ نالايىق قىلىقلىرىنى "ئىبرەت ئۈچۈن قىلدى" دەپ چۈشىنىدىغان، كۆز بويامچىلىقلىرىنى "سېھرى كارامەت" دەپ بىلىدىغان، ئۇلارنىڭ نەسەبىنى، يۇرتىنى ۋە تەربىيىسىنى ئىلاھىيلاشتۇرىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. بۇنى ئۇيغۇر سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋە تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.
مەنچە ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن "ئۇيغۇرلاردىن داھى چىقسا بولاتتى، بىزدە داھى يوق..." دېگەندەك گەپلەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ قەھرىمان ئەمەس ئىلاھ ياراتقىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ داھى دەپ ئارزۇلاۋاتقىنى، كۈتىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل "خۇدا" دۇر. تەھقىقكى، مۇكەممەللىك ئاللاھقا خاس، بەندە دېگەن ئازىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدىكى ئىنسان مەنىسىدىكى يالىڭوق دېگەن سۆزنى يېڭىلگۈچى دېگەن مەنىدىمۇ قوللانغان. قەھرىماننىڭ، شەھىدنىڭ، ئالىمنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈلگىلىك كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى شەخسىيەتتىن خالى، نۇقساندىن يىراق، شەخسىي ئارزۇ، ھەۋەسلەردىن مۇستەسنا قىلىپ تەسۋىرلەش ئاۋامدىكى قەھرىمانلىقنىڭ بىخلىنىشنى بوغقانغا باراۋەر.
مەنچە شەخسنىڭ ئەركى، مۇھەببىتى، مۇستەقىللىقى، جاسارىتى، پىداكارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مەدھىيەلەش ۋەھىمىلىك دەپ قارالغان، شەخسنىڭ  تۆھپىسى، غەلىبىسى ۋە ياراتقانلىرى جامائەتنىڭ مەدىتى ، رولى ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشلىرى ئالدىدا  ئەزىمەسلەشتۈرۈلگەن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى بىلىپ بىلمەي ئاجايىپ بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاجايىپ بىر ھالەتتە، مىسلىسىز كارامەتلەرنىڭ يارىلىشىغا تەقەززا بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولىدۇ. بۇنداق كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنىڭ يارىلىشى ئۈچۈن كارامەتچى ئەۋلىيالارنى كۈتمەك ئەڭ ئاقىللىق سانىلىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت كىشىلەر شەخسنىڭ غۇرۇرىنى قوغۇداش ئۈچۈن قىلغان قەھرىمانلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇيۇ بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ۋىجدانىغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزەش ئۈچۈن جان ئاتايدىغان خىسلەتلىك ئۇلۇغلارنى تاما قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئەتراپى قەھرىمانسىزلىشىپ قورسىقى ئۈچۈن مىدىرلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىر بۇردا ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقان نىداسى پىداكارلىق ھەققىدىكى ھەرقانداق ساماۋىي چاقىرىقلارنى سۆزسىز بېسىپ كېتىدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
178
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6049
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر يۈرەك فىلىمىدە مانا مۇشۇنداق سەمىمى بىر بايان بۇلۇپ ۋاللاتسىي تۇغۇلىشىدىنلا غەيرەتلىك ، دەھشەت قەھرىمان ئەمەس بەلكى ئۆز ئايالىغا نىكاھ كۈنى ئىرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن غۇرۇرى دەپسەندە بۇلۇپ ئاندىن مەيدانغا سەكرەپ چىقىپ ئاخىرى بۇ جىدەلنىڭ ئاخىرى ئەنگىليە بىلەن سوقۇشۇپ ئاخىرىدا شوتلاندىيە مۇستەقىللىق ئۇرشىىغا ئايلىنىپ كەتكەن . مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئەندىزىسىنى بەك ياقتۇرىمەن . ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ قەدىر قىممەت مەسىلىسى تىلغا ئىلىنىدۇ . ئاندى خەلىق ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە تاقىشىدىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ  . قەھرىمانلارنى ئىلاھلاشتۇرۇش بىر خىل يەتكىلى بولمايدىغان پەللىگە ئايلىنىپ قالغاندا ئاددى ئادەملەر بىلەن قەھرىمانلارنىڭ چەك چىگىراسى بەك ئايرىلىپ كېتىپ نۆۋىتى كەلگەندە يەنە ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ قەدىر قېممىتىنى ھىس قىلىش بىلەن ئۇلارنى ھەقىقى ، چىن مەنسىى بىلەن قەدىرلەش مەسسللىرىدىمۇ ناھايىتى چوڭ يۇچۇق كىلىپ چىقىدىكەن .   

UID
9093
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2011-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
92 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلى بۇماقالىڭىزنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنىدىن سىزگە سالام ماقالىڭىزدا ئوتتۇرغا قويغان قاراشلىرىڭىزدىن سكيۈندۈم،ئەمما مۇنۇ قۇرلار مېنى خىقىل قىلدى ' «شۇ چاغدا تىرىشىپ ئالىم بولغان بىر كىشىنىڭ مەن ئەگىشەلىگۈدەك بىر كەچۈرمىشى سۆزلەنگەن بولسا بەلكىم پايدىسى بولاتتى. ئالىم بولالمىساممۇ ماتىماتىكىدىن قۇرقىدىغان چالا ساۋاتبولۇپ قالماستىم  »

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-21 13:43):
شۇنداق تەربىيەنى بېرەلمىگىنىمدىن  ئەپسۇسلۇق ھىس قىلدىم

UID
16850
يازما
178
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
628
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
117 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ پىسخىكىسىنى، خارەكتىرىنى، جەمىيەت ئېڭىنى تەھلىل -تەتقىق قىلىدىغان تېمىلارنىڭ  تورنىڭ يىتەكلەش رولىغا نىسبەتەن ئاكتىپ قىممىتى بۇلىدۇ.  باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىك ئاجىزلىقنى بىلىپ يىتىش ھەم باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى چۈشۈنۈش بىزدەك ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇشنى باشلاپ بۇلالمايۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك ئوزۇق بۇلىدۇ. شەخسنىڭ قىممىتى، مۇستەققىللىغى ھەقىقى تۇنۇپ يىتىلگەندە باشقىلارغا مۇستەبىتلىك قىلىدىغان ئىتتىپاقسىزلىق كىلىپ چىقمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلگەندە ھەمكارلىشىشنىڭ پايدىسىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ.  توغرىنى توغرا دىيىش كېرەك، خاتانى توغرىلاشقا يىتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

UID
33676
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سوتسىيالاستىك جەمىيەتتە كوللېكتىپ بىلەن شەخىسنىڭ مۇناسىۋىتى كىرسىزقا دۇچ كەلدى. كوللېكتىپ، ئاۋام، ئاممىلار كۆز بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان مەۋھۇم دۇنيا. شەخىسنىڭ پىداكارلىقى، قەھرىمانلىقى كوللېكتىپقا يەمچۈك قىلىنىدۇ. شەخىسنىڭ روھىنى سۇندۇرغان ۋە قۇمغا سىىڭگەن سۇدەك قىلىۋەتكەن ئۇ قانداق كوللېكتىپ؟ ماركىسىزىم سىنىپىي كۈرەشنى مۇتلەقلەشتۈرىۋەتتى. چوڭ ھوقوقنى دۆلەتكە تۇتقۇزۇپ قويدى. پۇقرالار مېخانىك تەپەككۈرگە ئىگە ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندى. ئەقەللىسى ئىنسانغا تەئەللۇق بولغان بايلىق، ئىمتىياز ۋە پىكىر قىلىش ھوقوقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاز سانلىق كوللېكتىپنىڭ ئىما-ئىشارىسىگە بېقىپ جان ساقلىدى. ئاۋامغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ئىبارەت پادا ئېڭى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئاددى شەخىسنى چۆكۈرۈش بەدىلىگە ئاز سانلىق ھوقوقدار كوللېكتىپ كەڭ مەنپەئەتتىن بەھرىمان بولۇپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش سېستېمىسىنى مۇستەھكەملىدى. شەخىس بىلەن كوللېكتىپنىڭ مۇناسىۋېتى كىشىلىك ھوقوق، ئەركىنلىك ۋە دېموكىراتىيىگە چېتىلىدىغان باراۋەرلىك، تەڭلىك مەسىلىسىدۇر.
    سوتسىيالىستىك دۆلەت جۇڭگودىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى لى فىڭ ۋە لى فىڭ روھىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. قەدىمىي ۋە مەدەنىي جۇڭگولۇقلار تارىختا ئەزەلدىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ باقمىغاندەك، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى پەقەت لى فىڭدىنلا ئۈگۈنىۋاتقاندەك ساختا كەيپىيات پەيدا قىلدى. لى فىڭ ۋە لى فىڭ روھى ئاۋامغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت پادا ئېڭىدىكى ساختا تىپ ۋە ساختا ئوبىراز. ئۇ ئاز ساندىكى ھوقوقدار كوللېكتىپنىڭ ئاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ۋە ھۈكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئەڭگۈشتەر قالقاندۇر. لى فىڭ ۋە لى فىڭ روھى ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ ئەخلاق-ئەنئەنىسىنى خۇنۈكلەشتۈردى. ھەتتا ئىنكار قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتە. شۇنداق قىلىپ بۇ قەدىمىي مىللەت ئۆزىنىڭ بار-يوق دەسمىيسىنى يەپ تۈگەتكىلى تۇردى.
    بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ لى فىڭ روھىغا ئەسىر بولۇشقا باشلىدۇق. ئاللاھ ۋە ئاللاھ نىڭ رەسۇلى 14 ئەسىر بۇرۇنلا مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بۇيرىدى. مۆىمىن مۇسۇلمانلار ئاز قىسىم ياخشى ئەمەللىرىنى ئاشكارا قىلسا، كوپ قىسىم ياخشى ئەمەللىرىنى رىيادىن ۋە مىننەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەخپىي قىلىدۇ. لېكىن، ئاشكارىلىنىپ قالغان ياخشى ئەمەللىرىمىز ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرەپىدىن پۇخادىن چىققۇچە تەشۋىق قىلىنىپ، خەلقى-ئالەمگە سازايى قىلىنىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىنى ھۆ دېگۈزسە، ئەمەل قىلىنغۇچىنى ئىزا-ئاھانەتكە قويىدۇ.  نومۇس قىلماي مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى لى فىڭ ۋە لى فىڭ روھىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە قىلىنغان ھاقارەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى بولماي نىمە؟؟؟
     ئىسلام پىرىنسىپلىرى شەخىس بىلەن كوللېكتىپنىڭ مۇناسىۋېتىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كوللېكتىپنىڭ ھوقوقىنى زىيادىلەشتۈرىپ، شەخىسنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمىغىنىدەك، شەخىسنىڭمۇ ھوقوقىنى زىيادىلەشتۈرۈپ، كوللېكتىپنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتىگىمۇ دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ نىڭ رىيزالىقىنى كۆزلىمىگەن شەخىسنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە خاسلىقى مۇسۇلمانلار ئۈممەسىگە ئۈلگە بولالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۈممەسى ئۇنى ئىنكار قىلىدۇكى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئاللاھ نىڭ رىيزالىقىنى كۆزلىمىگەن كوللېكتىپنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سېستىمىلىرى ۋە پىرىنسىپلىرى مۇسۇلمانلار ئۈممەسىگە ئۈلگە بولالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۈممەسى ئۇنى ئىنكار قىلىدۇكى قۇبۇل قىلالمايدۇ. بىز پەقەت پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىمىزنىلا ئادا قىلىمىز.
     گۈلەن ئەپەندىم سىز يۇمشاق-قاتتىق دېتاللاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، بارغانسىرى ئىجتىمائىي چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇپ بارىسىز. كوپرەك تەلىم بەرگەيسىز. تېمىڭىزغا تەشەككۈر.

باھا سۆز

geniablat  سىزدىن پەخىرلەندىم!!!ئەسلى بۇ ئىنكاسنى،تىما قىلىپ يوللىسىڭىز بوپتىكەن.....  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
10718
يازما
58
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1289
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقلىقتا شەخس پەقەت ئەگەشكۈچى، بويسۇنغۇچى، ئۆز خاسلىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە جامائەتنىڭ ئىتىراپىغا ۋە پاناھىغا سىغىنغۇچى.
----------

   

UID
39211
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەڭنى بىل ئۆزگىنى قوي

UID
41124
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىي مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ، ئەمما مەن بۇ ھەقتە كۆپ پىكىر قىلىشنى خالىمايمەن.

UID
42012
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكىدا ئوقۇغان ئادەم دىگەن مۇنداق يۈرەككە پايدا قىلىدىغان پىكىرلارنى ئوتتۇرىغا قويمامدۇ؟ھەي گۆلەن
ئەپەندىم رەھمەت سىزگە!

UID
41352
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش