- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-25
- UID
- 40222
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-25
- توردا
- 2 سائەت
|
مىنىڭ بالىلىق ،ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىم يىزا سەھراسىدا ئۆتكەن ،ياز كۈنى كۈندۈزلىرى قۇياش نۇرى تىك چۈشكەن جاڭگاللاردا قوي باققان ،يۇرتىمىزدىكى چوڭ كىچىك شۇنداق ساددا ،سەمىمى بىر-بىرسىگە شۇنداق كۆيىنەتتى،كەچلىرى تەڭتۇش باللار بىلەن مۈكۈشمەك ئوينايتۇق،سەھرا كىچىسى شۇنداق جىمجىت،قىش كىچىسى دادامنىڭ ئۆز ئۆتمۈشلىرىنى ئاڭلايتۇق،شۇچاغلار شۇنچىلىك مەنىلىك ئىدى ،ئەلۋەتتە شەھەردە ئۆسۈپ يىتىلگەنلەر سەھرادىكى مەنىلىك تۈرمۇشنى ئانچە بەك چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ،چۈنكى ئۇلارغا تەييار تاماق يىيىش،ۋە ئۈگىنىشتىن باشقا ۋەزىپە يوق،ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئودا ھەرسىنىڭ قەۋەت-قەۋەت ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان كاتەك-كاتەك ئۆيلەردىن چىقىپ ئالدىراش خىزمەت ئوقۇش ۋە ئۆز تىركچىلىكى ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەپ ئۆزى ئولتۇرغان كورپۇستىكى مەھەللە كويلىرى بىلەن ئاندا-ساندا ياكى ھىيىت بايراملاردا ئۈچىرىشىپ قالىدۇ،ئىشقىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆز-ئارا ياردەم ،مىھىر-شەپقەت سۇسلاپ بارىدۇ (ئەلۋەتتە بۇ قىسمەن ئەھۋاللار) ، ياندىكى كەسىپنىڭ قەدىرى يوق دىگەندەك ،ئادەم موھىت ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ يۇقاتقىنىنى ۋە ئىرشكىنىنى ئاندىن ھىس قىلىدۇ ، بىزگە پۇتبۇل ئويناشقا شارائىت يوق دىيەرلىك ئىدى ،لىكىن مەن بىر مەستانە .بىزنىڭ پۇتبۇل ئەزىمەتلىرىمىز شارائىت ۋە ئىختىساتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قىينچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ جوڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن باشلىنىدىغانلىقىنى خەلىققە بىلىدۇردى ،ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈشكە ،يىتەرلىك شەرىت-شارائىتقا ،روھى جەھەتتىن يۆلەشكە (مۇكەممەللىشىشكە)،توسالغۇسىز ئىلگىرلەشكە مۇھتاج،بىز ھەر بىر تاماشىبىن(پۇتبۇل مەستانىلىرى)،نەخمەيداننى كۆرگۈچىلەر قولىمىزدىن كەلسە ئۇلارغا ھەر قايسى جەھەتلەردىن(ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن) ياردەم بىرەيلى ،شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى :ئۇلار ئۆزى قىلالايدىغان ،قۇربى يىتىدىغان ئىشىنى قىلىدى ،بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ خەلقىمىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرشىگە ئىشەنچىم كامىل؛خوش ئۇنداقتا مەن تەۋەرۈك ئەزالارغا تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ يۈرمەي ئاتاغلىق يازغۇچىمىز ئابدىقادىر جالالىدىن مۇئەللىمىنىڭ "ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر" ناملىق ماقالىسىدىكى بىر بۆلەكنى ئوقۇپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. 《شىشىدىكى توپا مېنى ئويغا سالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ »توزان قەسىدىسى« دېگەن شېئىرى يادىمدىن كەچتى: چەت ئەلگە چىققان بىرەيلەن بىر مۇھاجىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ، مېھمان ئۇچىسىدىكى كىيىمنى قاقماقچى بولغاندا، مۇھاجىر ساھىبخانا: »قېرىندىشىم، ئۇ چاڭدىكى توپىنى قاقمىغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇتىيا« دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ھېسسىياتنى مۇساپىرچىلىقنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ.مەن شۇنى چۈشەندىمكى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار »ۋەتىنىم بارغۇ« دېگەن ئۈمىد بىلەن يۈرىكىنى پۈتۈن قىلىدىكەن، دەل مۇشۇ ئۈمىدنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەچچە ئون يىللىق قارا ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.بەلكىم سىلەر »ۋەتەن« دېگەن زادى نېمىدۇ، دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ۋەتەن ئابستراكت مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ سىز چوڭ بولغان ئۆي، مەھەللىڭىزدىكى كاداڭ قاپاق تېرەك، سىز كېچىپ ئۆتكەن كېچىك، ياۋا گىياھلار قاپلاپ كەتكەن خارابە، سارغىيىپ كەتكەن قوليازما، سىزگە ئىسرىق سېلىپ ئوت كۆچۈرۈپ قويغان مويسىپىت موماي، سىزگە ئىسىم قويۇپ بەرگەن ئاخۇنۇم، قوي-كالىلار توپ توزۇتۇپ كېتىۋاتقان يېزا يولى، دېھقاننىڭ تېرىق زاغرىسىدەك يېرىلىپ كەتكەن تاپىنى، بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ سىماسى ۋە ئۇلار ياراتقان ئەقىل-پاراسەت... ۋەھاكازالار. سىز يىراق بىر يەرگە كېتىپ ۋەتىنىڭىزنى سېغىنغاندا، ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ بەرگەن چۆچۈرىسى ياكى ئۆزىڭىز كۆپ ماڭغان قەدىم كوچىلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولۇشى تامامەن يوللۇق. چۈنكى، ۋەتەن كونكرېت ئۇقۇم، مۇھەببەتمۇ كونكرېت ھېسسىيات، سىزنىڭ ئۆز خەلقىڭىزگە ۋە ۋەتىنىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىز ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كونكرېت ئىشلار، سىز ئۇچراتقان نۇرغۇن كونكرېت ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا، سىز ياقا يۇرتتا كۆرگەن بىر پارچە سۈرەت، ھەتتا قامۇسلاردىن ئورۇن ئالغان يۇرتىڭىزنىڭ بىرەر خىل قۇشىمۇ يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدۇ، سىز يات بىر ماكاندا يۇرتىڭىزغا دائىر كىچىككىنە ئۇچۇرنى كۆرسىڭىز پەخىرلىنىپ كېتىسىز. ئەنگلىيىدىكى ۋاقتىمدا توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوباجىن دېگەن يېرىدىن 8- ئەسىرلەردە ئۆتكەن مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇقۇمۇمدا كېڭىيىش بولغانىدى. تارىخ ئىلىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە نەقەدەر مۇھىملىقىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي پاكىتلار بىلىش ئۇپۇقىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندا، ئېچىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى بولالماي قالىدۇ. ۋەتەننىڭ پاسىلى سىزنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىڭىز، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىدۇ. نەزەر دائىرىسى تار، شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەن تولىمۇ كىچىك بولىدۇ، نادانلىق ۋە نومۇسسىزلىق ئىسكەنجىسىدە قالغانلارنىڭ تاماق قاچىسى قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ۋەتەننى تاماق قاچىسى ئارقىلىق چۈشىنىدۇ، ئۆز نەپسىگە بولغان تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان ئىنسان ۋەتەننى سۆيۈش لاياقىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، بىر جەمئىيەتتە بۇنداق قورساق بەندىلىرى كۆپىيىپ كەتسە، خەلقنى ئاپەت باسقىنى شۇ.
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە ۋەتەن توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن گېپىمنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەسىراتىمدىن باشلىدىم. بىر ئادەم سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بىر مەزگىل چەت ئەلدە يۈرۈپ، ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا، ئۇنىڭ سەپىرىنى تولۇق غەلىبىلىك بولدى دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ۋەتەن توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىشىمنىڭ سىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زۆرۈرىيىتى باردۇ؟ سىلەر ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، ھازىر ئۇچۇر ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ئاجايىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىقتىساد ۋە مائارىپ يەرشارىلىشىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىۋاتىدۇ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تەسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، »مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى« دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە »مەدەنىيەتلەر دىئالوگى«، »مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇشى« دېگەندەك شوئارلارمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر خىرىس بىلەن ئۈمىد بىللە مەۋجۇد دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەت دەل بىزنى ئوراپ تۇرماقتا. سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە ئوقۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم كېيىنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن. روشەنكى، سىز تۇغۇلغان يېرىمدە مەڭگۈ تۇرىمەن دەپ ئېيتالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە »دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىشى« دېگەن گەپ پۇرسەتنىڭمۇ يەرشارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەيەردە خەلقىمىزگە لازىم بىلىملەر بولسا، ئىمكانقەدەر شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، بىزنىڭمۇ دۇنيادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك؛ بىزنىڭمۇ دۇنيانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئورۇنلىرىدا قەد كۆتۈرگەن خادىملىرىمىز بولۇشى كېرەك، سىلەر مۇشۇنداق ئالىي مەقسەتلەرنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈپ تۇرۇپ ئوقۇشۇڭلار لازىم. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىسام، قازاقىستاننىڭ غالجات مەھەللىسىدە چوڭ بولغان، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى شۆھرەت مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقئارادا چوڭ تەسىر قوزغاپتۇ. ھە دېسىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەردىن چىقماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسابلانمايدۇ، بىر ئۆمۈر ۋەتەندە ياشاپ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەيدىغان ئىنسانلارمۇ بولىدۇ. ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىش ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى، چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ ۋەتەنگە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاپ تۇرۇپ قەلبىڭىزدە ۋەتەن بولمىسا، ۋەتەن ئالدىدا نانكور بولىسىز، ۋەتەندە بولالمىسىڭىزمۇ ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلسىڭىز، يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر بولالايسىز. رۇسىيە شائىرى شىدرىن: »ۋەتىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىنسانلار ئەڭ خەتەرلىكتۇر« دېگەنىكەن. سىز نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئانا تۇپراققا بولغان سەمىمىي رىشتىڭىزنى ئۈزمىسىڭىزلا، بۇ رىشتە سىزنى ئادەمىيلىكنىڭ سۈزۈك بۇلاقلىرىغا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىزدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى سېزىپ تۇرىسىز. كلاسسىك شائىرلىرىمىز »ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر« دېگەن ئوتلۇق مىسرانى قالدۇرغان، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ۋەتەنگە تەتبىقلىساق تازا جايىغا چۈشىدۇ. ئادەتتە پەننىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، لېكىن ئالىمنىڭ ھامان ۋەتىنى بولىدۇ. قۇش ھەر قانچە ئېگىز پەرۋاز قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقى بىلەن ئۇۋىسى زېمىندا بولىدۇ. 》
|
|