- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 244
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 4662
- يازما
- 244
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7525
- تىزىملاتقان
- 2010-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 130 سائەت
|
مۇھەممەتجان روزى سايىت ناھايىتى ياخشى بىر جۈملە سۆزنى قىلغان: بىزگە نەتىجە كېرەك ئەمەس، بەلكى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ جاسارىتى كېرەك. شۇنداق،نەتىجە مۇھىم ئەمەس، تۆنۈگۈنكى قىزغىن كەيپىياتنى ،ھۇررا سادالىرىنى ھازىر ئويلىساممۇ باشقىچە ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن. «ۋوۋ...»دەپ بۆرە ھۇۋلىغاندەك ئاۋازنى باشتا ئاڭقىرالماپتىكەنمەن، كېيىن زەن سېلىپ ئاڭلىسام شۇ ئاۋاز...ئىشقىلىپ بەك ھەيۋەتلىك بولدى. نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرمىگەنلەر راستلا ئارماندا قالىدۇ جۇمۇ. ئادەم دولقۇنى ئاجايىپ ئېسىل بولىدىكەن.
تۆنۈگۈنكى ئادەمنىڭ كۆپلۈكى تېخى. بىز ئوتتۇرىدا چىققان ھېساپلىناتتۇق تېخى. ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ چىقىۋاتقانلارنى كۆرۈپ، قانچىلىك ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمگىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ھەممەيلەننىڭ كۆزىدە يەنە شۇ ئۈمىد ئۇچقۇنى.
تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەيلى بوي ئېگىزلىكى ، مەيلى بەدەن ساپاسى جەھەتتە بولسۇن بىزنىڭكىلەردىن خېلىلا يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۇلار بەل قويۇۋەتمەي تىرىشتى. نەچچە قېتىملىق توپ كىرىپ كىتىشكە ئاز قېلىپ كىرمىدى. بۇنى ھەممەيلەن كۆردى. مېنىڭكەينىمدە بىر بوۋاي ئولتۇرۇپتىكەن، بوۋاينىڭ قىزغىنلىقى ھەممىدىن يۇقىرى تېخى. بىزدىن بەكرەك ھۇررا توۋلىدى.
ھارماڭلار ئەزىمەتلەر، ھەم مەيۈسلەنمەڭلار، بىز مەڭگۈ سىلەرنىڭ قوللىغۇچۇڭلار، مەدەتچىڭلار.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-12 21:19):
نەتىجە مۇھىم ئەمەس دەيتتىم، خاتا بوپ قاپتۇ. |
|