2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3 دە ، 2012-يىللىق جۇڭگۇ B دەرىجىلىك بىرلەشمە ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئايلانما مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە زالىدا داغدۇلۇق باشلاندى .شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت ۋە ئىلھام بىرىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يىتىپ بارغان شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى بۈگۈن 60مىڭدىن ئاشقان بولۇپ،دۆلىتىمىزدە 60مىڭدىن ئاشقان تاماششىبىن پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تارىخ بولماسلىق رىكورتىنى بوزۇپ تاشلىدى. چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىكى پۇتبول مەستانىلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيتىدە كۆرسەتتى.بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ غەربى دىيار تاشئالما كوماندىسى ساھىپخان بولۇپ ، چىڭخەي سەنكې كوماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى . بۇ كەسكىن مۇسابىقىدە ، چىڭخەي كوماندىسى ئۆزىدە بار بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ 2 دە 0 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنى يېڭۋالدى ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بۇ پەسىلىك مۇسابىقىدە ئۆزمەيدانىدا تۇنجى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىدى .
ئەزىمەتلىرىمىزنى بۇنداق كىچىككىنە مەغلۇبىيەت ئالدىدىمۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن قوللاش،ئۇلارنىڭ كىيىنكى قېتىم غەلبە قازىنىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ئاتا قىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى ئەلۋەتتە. ئۇنداق بولسا مەزكۇر فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ ئەزىمەتلىرىمىزگە تېما ئاستىغا ئىنكاسلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنى قوللاشمۇ بىز دەۋاتقان ئەنە شۇ مەدەت بىرىشنىڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر!
ئەلكۈيى تورى بۇ ھەقتە ئىشلىگەن فىلىمنىڭ تولۇق تەپسىلاتى
مۇسابىقە مەيدانىغا ۋە مەزكۇر فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن رەسىملەر، بۇ فىلىمنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك نۇسخسى داۋاملىق تورغا يوللىنىۋاتىدۇ.

مەيداندا توپ كۆرۈشكە كەلگەن شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىدىن كۆرۈنۈش(بۈگۈن جۇڭگو تارىخىدا ھەر قانداق مۇسابىقىدە بۇنداق كۆپ ئادەم بولماسلىق تارىخى رىكورتىنى شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى بوزۇپ تاشلىدى)

ئەزىمەتلىرىمىز چىڭخەي كوماندىسىنىڭ ۋارتارىغا توپ ئۇرماقتا

60مىڭدىن ئوشۇق بولغان شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى ئەزىمەتلەرگە مەدەت بەردى

مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار مۇسابىقە نەق مەيدانىدا تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە

ئەزىمەتلىرىمىز ھۇجۇم قىلغان توپنى چىڭخەي كوماندىسى ۋارتارى تۇسىۋالماقتا

كەسكىن جەڭ داۋام قىلماقتا
شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە كۈچلۈك سانالغان بىيجىڭ كوماندىسىنى يېڭۋالغان ئىدى ، ھازىرچە نومۇر رېتىدە ئۈچىنجى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ . چىڭخەي كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا ھېچقانداق مۇسابىقە ئوينىمىدى ،ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ يىتەرلىك ئارام ئېلىۋېلىشىغا ئەڭ ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى ، چېڭخەي كوماندىسى ھازىرچە نومۇر رېتىدە تۆتىنجى ئورۇندا . بۇ قېتىمقى ئايلانما مۇسابىقىدە بۇ ئىككى كوماندا تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالدى .بۇ شىمالى رايۇندىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈكلەر ئۆز-ئارا ئۇچىرىشىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .گەرچە كوماندىمىز تۈنۈگۈن بىر قېتىم مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان بولسىمۇ چىڭخەي كوماندىسى يەنىلا بىزنىڭ ئارقىمىزدا تۇرىۋاتىدۇ.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ۋەزىيەت جىدىيىلىشىپ ، 20 مىنۇت بولغاندا چىڭخەي كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى . نەتىجە 1 دە 0 بولدى .ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئالغان چېڭخەي كوماندىسى مۇستەھكەم ئۇرۇنلىشىشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى كۈرۈنىشتە ئازراق ئالاقزادە بولۇپ كەتتى . 32 مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئابدۇغېنى مۇھاسىرنى بوزۇپ چقىپلا پاس بەردى ، ئەپسۇسسىنارلىقى ئوتتۇرا يولدىكى سەپدىشى يىتىشەلمىدى . 42 مىنۇت بولغاندا ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىن 9-نومۇرلۇق ئەخمەتجان ناھايتى ئىسىل بىر توپنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئەكىرىپ ۋارتاغا ئىنتايىن چىرايلىق تەپكەن بولسىمۇ ، توپ ۋارتار تۈمۈرىگە تىگىپ كىتىپ قاڭقىپ كەتتى، ئەمما توپ كىرمىدى .

ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياغلىشىپ ماھىرلار مەيداندىن چىقىۋاتىدۇ
شۇنداق قىلىپ جىددى كەيپىياتتا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە مەدەتلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ ۋاقتىنچە 0-1 نەتىجە بىلەن يېرىم مەيدان مۇسابىقى ئاياغلاشتۇردى .

كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ ۋارتارىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلاندى ، كۈرۋېلىشقا بۇلىدىكى بۇ مەيداندا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ، توختىماستىن ھۇجۇم قىلىپ ھۇجۇم كۈچىنى ئاشۇردى . 47 مىنۇت بولغاندا ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى كورنى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ، ئەمما قارشى تەرەپكە ھېقانداق تەھدىت ئەكىلەلمىدى . 52مىنۇت بولغاندا كوماندا ئەزايىمىز ئەسقەر قارشى كوماندىدىكى ليۇچىڭ تەرپىدىن يىقىتىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ليۇچىڭغا سېرىق كارىتا بېرىلدى . 56 مىنۇت بولغاندا ، چىڭخەي كوماندىسى ئۈزىدىكى نومۇر ئەۋزەلىكىگە تاينىپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى ، چىڭخەي كوماندىسى بۇ چاغدا كاللا توپ بىلەن ۋارتاغا بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى . شۇنىڭ بىلەن نەتىجە 0-2 بولدى .

شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بۇ پەسىلىك مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا تۇنجى ئىككى توپ ئارقىدا قالدى . 60 مىنۇت بولغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى تىزلەتتى ، ھۇجۇمچى ئەخمەتجان تەپكەن ئەركىن توپ ۋارتا تەرىپىدىن تۇتىۋېلىندى .
63 مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئەركىن توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ، ئەمما تەپكەن توپ سەل ئىگىز بولۇپ كېتىپ توپ كىرمىدى .

ۋاقىتنىڭ قىستاپ كىلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى . 85 مىنۇت بولغاندا ،5-نومۇرلۇق ئەزىمىتىمىز پەرھات چەكلەنگە رايۇنغا بېسىپ كېرىپ بېكلەر تەرىپىدىن قائىدىگە خىلاپ ھالدا يېقىتىۋىتىلدى ، ئەمما رېپىر بۇنى ئاڭقىرالماي قالدى . ئاخىرى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى يەنە تىزلىكتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى . شۇنداق قىلىپ ئاخىرى شىدەتلىك جەڭدە ساھىپخان شىنجاڭ كوماندىسى 0-2 نەتىجە بىلەن چىڭخەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ تۇنجى مەغلۇبيتىنى كۈتىۋالدى .

مۇسابىقە ئاياغلىشىپ بىر قانچە مىنۇتتىن كىيىن ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار ئارام ئېلىش ئۈيىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 9-نومۇرلۇق ئەزىمەت ئەخمەتجان بىلەن مۇسابىقە ھەققىدە سۆزلەشمەكتە

شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزدىن 9-نومۇرلۇق ماھىر ئەخمەتجان ۋە 27-نومۇرلۇق ماھىر ئابدۇغېنى ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سۆزلىشىپ تورداشلارغا شۇنداقلا بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىگە كۆڭۈل سۆزى قىلماقتا
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن شىركىتىمىزدىكى خادىملارنى باشلاپ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەردىن ھال سوراش ئۈچۈن مەيداندىكى ئارام ئېلىش ئۆيىگە باردىم،ئۇ يەردە بىز توپچى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ناھايتى قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتۇق،ھەممەيلەن بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيتى ئارقىلىق پۇتبول مەستانىلىرىغا يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى،ئەسلىدە ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن مەيداندىكى قوللىغۇچىلىرىغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بەرگۈسى بولسىمۇ بۇ قېتىمقى تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەمما كىلەركى نۆۋەت چوقۇم ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتبول سۈيەر شىنجاڭ خەلقىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى،ھەمدە ئەلكۈيى تورى ئىشلىگەن شىنجاڭ كوماندىسىغا ئائىت بىر قانچە قېتىملىق زىيارەت فىلىمىنى توردا كۆرۈپ، تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ ناھايتى خۇشال بولغانلىقىنى ، بارلىق تورداشلارغا ئۆزلىرىگە ۋاكالىتەن سالام يوللاپ قويىشىنى بىلدۈردى.

گەرچە شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ، مەيدان كەيپىياتى يەنىلا يۇقۇرى بولۇپ ، توپ مەستانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرىشى ياكى ئۇتۇشىنى مۇھىم دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ قەيسىرانە روھىغا مەدەت ئاپىرانە ئوقۇيدىغانلىقىنى قەتئىي ئۈمىدسىزلىنمەيدىغانلىقىنى ھەمدە كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرشەلەيدىغانلىقىغا،ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلاردىن بولۇپلا قالماي دۇنياغا يۈزلىنىدىغانلىقىغا ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرىنىرى مۇسابىقە تولۇق ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

پۇتبول مەستانىسى،تالانتلىق رىياسەتچى،شىنجاڭ سىرك ئۆمىكىنىڭ كۈلدۈرگە ئارتىسى مەمەتجان رۇزى سايىت ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرگە كۆڭۈل سۆزى قىلماقتا
شۇنداق مۇسابىقە مەيدانىدا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ناھايتى كۆپ ئىشلار گەپ - سۆزلەر بولدى،گەرچە نەچچە ئون مىڭلىغان تاماششىبىنلار بار بولسىمۇ مەيدان تەرتىپى ئىنتايىن تەرتىپلىك ئاياغلاشتى....بەلكىم بۇ تېمىدا ھەممىنى بىر بىرلەپ دەپ بۇلالماسلىقىمىز مۇمكىن،ئىھتىمال بىز ئىشلىگەن شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن چىڭخەي كوماندىسى ھەققىدىكى بۈگۈنكى فىلىم بۇنىڭغا يەنە بىر ياخشى جاۋاب بۇلالايدۇ ئەلۋەتتە....
مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق ئەزىمەتلەرگە كۆڭۈل سۆزى قىلماقتا






ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى تورى ۋە شىركىتىمىز شۇنداقلا بارلىق تورداشلار نامىدىن ئۆز ئەمەلىيتى ۋە قابىلىيتى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە ئۈمىد،ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزگە بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن سەمىمىي تىلەكلەرنى يوللاش ۋە ئۇلارغا ئامەت تىلەش بىلەن بىرگە بۇ تېمىنىڭ كىيىنكى راۋاجىنى،ئىنكاسلار بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشنى بارلىق تورداشلارغا قالدۇرىمىز.