bozqir يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 14:12 
ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدىكى فىلىم شىركەتلىرى بېلەن بىرلىشى ...
ئۇيغۇر تىلى تىلىۋېزىيە قاناللىرىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلەش ئورۇنلىرى ئىشلىگەن باشقا مىللەت-مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى قۇيۇلىۋاتىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئاشۇلارنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاچان باشلانغان بولغىيتى! خەنزۇ خەلقىنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلىگۈدەك مەدەنىيەت-تۇرمۇشى بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلىگۈدەك مەدەنىيەت -تۇرمۇشى بارغۇ! باراۋەرلىك بولغاندىكىن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كەم تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق، خەلقنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەلەپ-پىكىرلەرنى ئېيتساق بۇلىدۇ. ئىچكىرىدىكىلەر ئۆز مەدەنىيەت-تۇرمۇشىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى ئىشلىيەلەيدىكەنۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى ئىشلىمەكچى بۇلۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كېرەكمىكەن؟ مۇشۇنداق بىر تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلەش ئورنى قۇرۇلغان بولسا نۇرغۇن ئىش ئورنى بارلىققا كىلىپ، نۇرغۇن ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغۈلى بۇلاتتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسى بولماي قالمايتى.