تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 9306|ئىنكاس: 93

ئۇيغۇرلار تېلىۋېزىيە تىياتىرى ئىشلىيەلمەمدۇق     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
196
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
646
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 13:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر يۇرتىمىزدىكى ھەممە ئائىلىلەردە تىلىۋېزور ئاساسەن ئومۇملاشتى. تېخى مېھمانخانا ياتاقلىرىغىمۇ تىلىۋېزور ئورۇنلاشتۇرۇش نۇرمال ئىشقا ئايلاندى. تىلىۋېزور كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تىلىۋېزورنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن تىلىۋېزورغا تەلەپ قۇيۇشنىمۇ ئۆگەندى. يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنى شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىشىنى ھەم  نەق مەيداندىن تارقىتالمىغان بولسىمۇ بىرەر كۈندىن كىيىن بولسىمۇ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىپ، تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ رولىنى، قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ئارزۇ-ئۈمىتلىرى بىلەن يېزىلغان ئوچۇق خەتلەرمۇ تور دۇنياسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ.    ھەممىمىز بىلىمىز، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى جوڭگۇدىكى ئەڭ كۆپ تىلدا تارقىتىش بىرىدىغان، ئەڭ كۆپ قانال تەسىس قىلىنغان يەرلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى. ئالتە قانالدا ئۇيغۇرچە، ئالتە قانالدا خەنزۇچە، ئىككى قانالدا قازاقچە، بالىلار قانىلىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ھەم  قىرغىزچە خەۋەرلەر تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس-سان ئەھۋالىغا ئاساسەن تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى تەسىس قىلغانلىغىنى بىلىنىپ تۇرىدۇ

تىلىۋېزىيە قاناللىرىغۇ مۇشۇنداق ھەر خىل تىللاردا تارقىتىلىدىكەن. ئەمما، ئاشۇ ئۇيغۇرچە تىلىۋېزىيە قاناللىرىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك باشقا مىللەت، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ھالىتىدە بۇلۇپ،  تىلى ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن، ئەمما ئايلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ئىشلەنگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇنداق بىر سۇئال ھەممىمىزنىڭ كاللىسىغا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلىيەلمەمدۇ؟

    شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ھاياتى، تۇرمۇشى، قىممەت ئېڭى، كىشىلىك زىددىيەتلىرى، خىزمەت، كەسىپ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتلەردىكى سەرگۈزەشت-كەچۈرمىشلىرى، سۆيگۈ-مۇھەببەت ھىكايىلىرى، نىكاھ-مۇھەببەت مەسىلىلىرى، جاھاندارچىلىقتىكى كومىدىيەلىك ھەم تىراگىدىيىلىك تەغدىرى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى يۇقۇرى بەدىئى ماھارەت، ئاجايىپ ئىستىتىك زوق، چوڭقۇر مۇھاكىمە، ئىلغار ئىدىيە يىتەكچىلىگى بىلەن يېزىپ چىققان ئۇيغۇر يازغۇچى-ئەدىپلەرنىڭ ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ كۆپلەپ نەشىر قىلىۋاتىدۇ.  ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب چىقىرىدىغان-چىقىرالايدىغان  بۇ  نەشرىياتلار تىلىۋېزىيە ئىستانسىدەك تەرجىمىگە دۈم چۈشۈۋالغىنى يوق. ھەممەيلەن بىلمەي قالمايمىز، سىنارىيە بولغىدەك نى ئىسىل كىتابلار بار، سىنارىيە يازالىغىدەك نى تالانتلىق يازغۇچىلار بار. تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى كۆرىدىغان ئون مىليۇن ئۇيغۇرلار بار. ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان ھەم تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورالغان ئىچكى قۇرۇقلۇق  زىمىن-مۇھىتىدا  ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىلىق كىسىشمىسىدىكى  تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن  تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى باشقا تىل، باشقا دۆلەتلەرگە سېتىپ پۇل قىلسىمۇ بۇلىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە  تەييارغا ھەييار بۇلۇپ، خەنزۇلارنىڭ، كورىيەنىڭ، ھىندىستاننىڭ، تۈركىيەنىڭ دىگەندەك باشقا مىللەت -دۆلەتلەرنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى تىلىۋېزور ۋە تورلاردىن كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭكىنى كۆرۈشنى بىلگەن بىلەن ئەمما ئۆزلىرىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى  ئىشلىمەيۋاتىدۇ،  ئىشلەشنى بىلمەمدىكىن دىسە، نى داڭلىق ئارتىسلىرى بار، خەلقنى يىغلىتالايدىغان ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان، دۇنيانى چۆرگىلەپ ئويۇن كۆرسىتەلەيدىغان.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى  «سەنئەتخۇمار» مىللەت دەپ ئاتىۋېلىشىمىز بار.  بۈگۈنكىدەك  كىنو-تىلىۋېزور، ئىنتېرنىت تورى ئومۇملىشىشقا باشلىغان، سىنئالغۇ-سىنقويغۇلارنى ئىشلىتىش شەخىسلەرنىڭ ئائىلىرىگىچە كېڭەيگەن دەۋىردە  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى ئەلگە تۇنۇلغان ئارتىسلار خۇددى قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك   « ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق» ھەم ئەنگىلىيەلىكنىڭ    «قالايمىقانچىلىق» دىگەن دىراممىلىرىنى ئىشلەپ پالاخشىپ يۈرىشىۋاتىدۇ. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق كىنو-تىلىۋېزور، ئىنتېرنىت تورى كۆرۈش ئېكرانى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە سىڭىپ كىرگەن ئەھۋال ئاستىدا سەھنىدىن ئايرىلالمايدىغان دىرامما ئارقىلىق  قانچىلىك ئۈستۈنلۈك ياراتقىلى بۇلار؟! تارىختا  بۈگۈنكىدەك تارقىتىش تېخنىكىسى بولمىغان ئەھۋالدا  بارلىققا كەلگەن دىرامما بىلەن دەۋرىمىزدە قانچىلىك بازار ئىگەللەپ، قانچىلىك قىممەت ياراتقىلى بۇلار؟ ئەسلى مەقسىدىمىز دىرامما توغرىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرىنى ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ  زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللى-ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۇيغۇر تىلىۋېزىيە تىياتېرچىلىغىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا يول ئېچىش.

    مىنىڭچە، ئىچكىرىدىكى تىلىۋېزىيە ئىتانسىلىرى، باشقا مىللەتلەر ئىشلىگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى ھەم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشلىيەلەيدۇ. ئون مىليۇنلۇق نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تەرەققىيات ئەھۋالى، يەنى  تۇرمۇشتىكى خوشاللىق-بەخىتلىرى، سۆيگۈ-مۇھەببەتلىرى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى، كومىدىيە ھەم تىراگىدىيەلىك ھىكايەتلىرى،  ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، شەھەر-يېزىلار ئارا تۇرمۇش-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، نىكاھ-ئائىلە مەسىلىلىرى قاتارلىق تەرەپلەر تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى مەزمۇن-  كۆرۈنۈشلىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلسە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەلۋەتتە ئىجابى-پايدىلىق تەسىر-ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ. چۈنكى. ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك، تىلىۋېزور كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالدا ئومۇملۇشۇپ كەتتى. ئەمما، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئارتىسلىرى ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئىشلىگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى  تىلىۋېزوردىن ھەر كۈنى ياكى مەخسۇس بىر قانالدا  بولسىمۇ كۆرۈشنى ئويلايدۇ، ئارزۇ-ئارمان قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت -تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن ئىلغار ئىدىيەدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىدىن  ئۆزلىرىنىڭ قىممەت ئېڭى، مىجەز-خارەكتىرى، ئائىلە كۆزقارىشى، ئىقتىسات چۈشەنچىسى دىگەندەك تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرىدۇ. ياخشىلىق-يامانلىق،گۈزەللىك-رەزىللىك، ئەخلاق-ئەخلاقسىزلىق تەرەپلىرىدىن ئىستىتىك زوققا، تەربىيىۋى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ. ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتنىڭ، باشقا دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، ئەخلاقى چۈشۈنچىمىز، قىممەت ئېڭىمىز، مىجەز-خارەكتىرىمىز،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز، ئائىلە-نىكاھ قائىدە-يۇسۇنلىرىمىز، ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز، تەرەققىيات دەرىجىمىز ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ دەپ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك  كۆرۈپ قۇيۇپلا ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋالدا بولمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىغى كۈچلۈك بۇلۇپ، ئۇيغۇر بالىسى تۇغۇلۇپ ئىسمى قۇيۇلغاندا ئىمام ئۇنىڭغا ئامەت تىلەيدۇ، تويى بۇلۇپ نىكاھى ئوقۇلغاندا ئىمام ئۇنىڭغا بەخت تىلەيدۇ، قازا قىلىپ نامىزى چۈشۈرۈلگەندە ئىمام ئۇنىڭغا جەننەت تىلەيدۇ.  مۇشۇ ئامەت، بەخت، جەننەت ئارىلىقىدا تىل-مەدەنىيەت  كىشىلەرنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. مۇشۇنداق مەدەنىيەت تىلىۋىزوردىكى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەتكە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدۇ. پەقەت، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى ئەھۋالى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تۇنۇشنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى، ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى تاپالايدۇ.  ئۆزگە مەدەنىيەت ئۇيغۇرلارغا خۇددى ساياھەتتەك بىلىنسە، ئۆز مەدەنىيىتى خۇددى ئەينەكتەك كۆرىنىدۇ. ئەينەك ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ياسايمىز، ئۆزىمىزنى گۈزەللەشتۈرىمىز، ئۆزىمىزنى قىياپەتكە ھەم سالاپەتكە ئىگە قىلىمىز.  ساياھەتتە كۆرۈپ قۇيۇمىز، ھوزۇرلۇنۇپ قۇيۇمىز، ھەيران قالىمىز، ماختاپ قۇيۇمىز. بىزگە ئوخشىمىغانلىغى ئۈچۈن دورىغىمىز، ئوخشىغىمىز كەلمەيدۇ.

  قىسقىسى، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرى تەرجىمە مەركىزى بولغاندەك، تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلەش مەركىزى بولسا، مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا، مانچە تىلدا ئۇيغۇرچە تارقىتىۋاتىمىز دىگەن بىلەن، ئىشنى چالا قىلماي ئۇيغۇر مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، زامانىۋى قىممىتىنى بىلىپ يىتىپ، تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ تەشۋىقات، تەربىيىلەش، يىتەكلەش رولىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىغا نىسبەتەن   تەرجىمىگە ئادەتلەنگەن  بىرتەرەپلىمىلىكىنى تۈزۈتۈپ، يەرلىك تىلدىكى قاناللارنى يەرلىكتىكى خەلقلەرگە ھەقىقى يۈزلەندۈرۈپ ،دۆلەتنىڭ رادىيۇ-تىلىۋېزىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلان-خىزمىتىنى تولۇق ئەمىللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى  كېرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆز مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن   تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى  ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا  قويماسلىق، پىلانغا ئالماسلىق،   ھەركەتكە كەلمەسلىك ئۇيغۇرلاردىن باشقا  ھىچكىمنىڭ خاتالىغى ئەمەس. دۆلەتمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى  تەكىتلەۋاتىدۇ. مەدنىيەت ئۆزىنى تۇنۇشقا باشلىغاندا تەرەققياتقا  يۈزلىنىش كۈچۈيىدۇ، ئىقتىساتقا يۈزلىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇدۇ، ئاندىن جەمىيتنىڭ گۈللىنىشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.

قېنى دوستلار ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى تىلىۋېزورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ  مەدەنىيەت-ھاياتىدىكى  تىلىۋېزىيە تىياتېرى نىمىشقا يوقنىڭ ئورنىدا! ئەگەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تۇرمۇشىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تىلىۋېزىيە قاناللىرىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللىسە قانداق پايدىلىق تەرىپى، قانداق ئىجتىمائى قىممىتى بۇلىدۇ؟  مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ باقايلى. مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن زېھنىمىزنى ئايىمايلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-9 20:35  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2678
يازما
36
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1146
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 14:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقى بىر سادا بوپتۇ.ئۆز رىئاللىقمىزدىكى مەسىلەرنى يورىتىپ،خەلقنى يىتەكلەش تولىمۇ موھىم ئىش ئىدى.

UID
33689
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 15:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
39796
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 17:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىنىڭ دادىللىق بىلەن  كەمچىللىكنى ئوتتۇرغا قويغىمىغا مىڭ تەشەككۇر .  ھازىر بارغانسىرى ئائىللەردە تىلۋىزور قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ   نىمىشقا دىسىڭىز ھازىرقى  تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كورگىلى بولمايۋاتىدۇ  چۇنكى بەزى زاماننىڭ ئالدىدا مىڭىپ بايراقتار بۇلىۋاتقان نۇمۇسنى بىلمەيدىغانلارنىڭ كىشلەر ئىشلىگەن تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى بولغاچقا مۇشۇنداق بۇلىۋاتىدۇ . بارغانسىرى ياشلىرىمىز ئۇلارنى دوراشماقتا يات تائىبىلارنىڭ مەدىنىيىتىنى قۇبۇل قىلماقتا مىللىي ئۆرپ ئادەتتىن چەتنىمەكتە ئەگەر سىز دىگەندەكلا بولسا بەلكىم ياشلىرىمىز ئەقلىنى تىپىۋالامىكىن دەيمەن .  مىللىي ئۆرپ ئادەت تەسۋېرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ، جەمىيەت ئەخلاق قاراشلىرى ئىپادىلەپ بىرىلسە بۇ ھەقىقى بىر بايلىق سۇپىتىدە ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ئوزگەرتكۇسى.
رەخمەت تىما ئىگىسى بولسا بۇ خەتنى  شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىغا ئۇچۇق خەت قىلىپ ئەۋەتسەك بەك ياخشى بۇلاتتى.

UID
10883
يازما
139
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4701
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 17:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىدىكى « شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانزىسىغا  ئۇچۇق خەت» نامىلىق ماقالىنى كۈرۈپ بېقىشىڭىزلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇماقالىدە دەل يۇقارقى ئىشلار خوپ تىلغا ئېلىنىغان ئىدى.
تىلىۋىزور ماھيەتتىن مەدەنىيەت تارقاتقۇچى، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ تىلىۋىزىيسىدىكى فىلىملار بىزگە پەقەت يات مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرىۋاتىدۇ خالاس، كۇرىيەچە، خەنزۇچە، ھەتتا غەرىپچە مەدەنىيەت بىزنىڭ ئەسلىدىكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىكى سەۋەپمۇ شۇيەردە، ئاياللارنىڭ غەرىپچە ياكى خەنزۇچە ياسىنىش، بالىلارنىڭ كۇرىيەچە چاچ پاسۇنى ياسىتىشى... ۋاھا-كازالار.
ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ بۇسادالىرىمىز شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ( باغداش مۇنبىرىدە ش ج ت ۋ نى سۈكۈپ رەسۋايىنى چىقىرۋەتتى، ئەمما ش ج ت ۋ دىن بىرئېغىز سادايوق)

UID
21373
يازما
72
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 17:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دېمىسىمۇ ئۇيغۇرلار تېلىۋىزىيە تىياتىرى يەنى ئۇيغۇرلار تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ياخشى تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىسە بولىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
78
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2688
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 21:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇبرى يوللىغان ۋاقتى  2012-6-8 17:55
دېمىسىمۇ ئۇيغۇرلار تېلىۋىزىيە تىياتىرى يەنى ئۇيغۇرل ...

يول يوق .  تارىخقا كىممۇ چاخچاق قىلالىسۇن ؟

باھا سۆز

sardor  ئۇندامۇ دەپ كەتمەيلى ،بىزدە تۇتامغا چىققۇدەك سىنارىيەلەر چىقىۋاتامدۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 01:58:44
كۇبرى  يول بولغان بولسا ئىدى ھە قانداق ياخشى بولاتتى..........  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 19:22:08

UID
9324
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
828
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 22:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق بىردەم ئۇيەرنىڭ بىردەم  بۇ يەرنىڭ كىنو تىلىۋىزىيەلىرىنى كۆرىۋېرىپ باشقىلارنىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەر كىنو تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىشلە دىسە تۈركىيە ،كورىيە ، ھىندىستان  دىگەندەك جايلارنىمۇ نەچچە ھەسسە قاتلىۋىتەلەيمىز ، گەپ شۇ بىزنىڭ سەل قاراپ كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقىنىمىزدا ، بولمىسا بۇرۇنقى نې نى ئىسىل ھىكايە كىنولىرىمىز با بىزنىڭمۇ . (يول باشلىغۇچى ،ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى ، باغ،غېرىپ سەنەم دىگەندەك ، ھازىرچە ئىسىمگە كەلگىنى مۇشۇلار) مانا مۇشۇنىڭدىنلا بىزنىڭ كىنو جەھەتتىن يوشۇرۇن كۈچىمىز بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
327
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8348
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 23:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنيىتى مۇجەسسەملەشكەن ،تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز.ئەگەر بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشسا بەك ياخشى بۇلاتتى.

UID
23963
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 02:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىر چاغدا    زاڭزۇلارنىڭ بىر  تىلۋىزيە قانىلىنى  ئىچىپ قاپتىمەن  ،  قارىسام  بىر  تىلۋېزىيە تېياتىرنى قويغىلى تۇرۇپتۇ بۇ  فېلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى  ساپلام زاڭزۇلارنىڭ  ئازادلىق مەزگىلدىكى تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ئېشلەنگەن كەن ،فېلىم 90%  زاڭزۇ  پۇرقىغا  ئىگە ئىكەن  ،    ئشقىلىپ  ئاشۇلار  كۆرەلەپتۇ  ،  موڭغۇلارمۇ  ‹چېڭگىزخان ›  فېلمىنى كۆرەلىدى  ،  بىزگە قاچان مۇشۇنداق كۈنلەر كىلەكىن  ،  ھېچ بولمىسا  قايسى  بىر ۋاقىتتا قويغان ‹  مۇقام  بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر›  دىگەندەك  فېلىملەر  بولسىمۇ مەيلىتغۇ ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش